بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايلاردا داۋالىنىش چارىسىنى ئېلان قىلدى - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]

    2011/02/21

     

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايلاردا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمەت خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە باشقا جايلارغا ماكانلاشقان پېنسىيەگە چىققانلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ باشقا جايلاردىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، باشقا جايلاردا داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

      سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار قىسقا مۇددەتلىك كاماندىروپكا، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ياكى ساياھەت قىلىش مەزگىلىدە، باشقا جايدا كېسەل بولۇپ قېلىپ جىددىي داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، سەرپ قىلغان داۋالىنىش خىراجىتىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي ئۆز جايىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ.

      سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي تەكشۈرۈپ دەلىللەش ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. شارائىتى بار رايونلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، داۋالانغان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ئارقىلىق دەللىللەپ راسچوت قىلىدۇ.

      پېنسىيەگە چىقىپ باشقا جايلاردا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇراقلاشقانلار ۋە باشقا جايلاردا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىدىغانلار ئولتۇراقلاشقان جاي ياكى خىزمەت قىلغان جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بېكىتكەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى دائىرىسىگە تەۋە ئۈچتىن – بەشكىچە داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ داۋالانسا بولىدۇ، ئۇلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جاينىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

      سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتى ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئالاقىدار خىراجەتماتېرىيالىنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش، تور بانكىسى ئارقىلىق تۆلەش، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلارداۋاكالىتەن بېجىرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، داۋالانغان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ، ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

      دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، نوپۇس تەۋەلىكىگە قاراپ باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش راسچوت ئۇسۇلىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي ئورۇنلاشتۇرغان جاي بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىپ،مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. (جاڭ شىنيۈ خەۋىرى)

      مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ