بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • كىم ئۇيغۇرنى مەدىنيەتسىز دەيدۇ - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2011/02/18

    بىزنىڭ مەدىنيىتىمىز ئارقىدا قالغان، ئۇلار دىگەن مەدىنيەتلىك مىللەت، ئۇلارغا ئۆزىمزىنى تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ دىگەن سۆزلەرنى سىزمۇ قىلامسىز؟

     مۇشۇنداق گەپ سۆزلەرنى ھەر ئاڭلىغىنىمدا قۇيۇق چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كىتىدۇ.

    ئۇنداقتا بىز باشقىلار ۋە ئۆزىمىز ئېيىتقاندەك مەدىنيەتسىزلەردىنمۇ؟؟؟؟

    ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەدىنيەتنىڭ نىمىلىكنى، نىمىگە قارتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىشىمىز زۈرۈر.

    ئۇنداقتا مەدىنيەت دىگەن نىمە؟

    مەدىنيەت دىگىنىمىز: ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان ماددى بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىقىنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ، بەزىدە ئىجتىمائىي ھالەتتىكى ئاڭ بىلەن مۇناسسىپ تۈزۈم تەشكىلى قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. مەدىنيەت ئىجتىمائىي ھادىسە بۇلۇپ، ئوبىكتىپ ماددىنى ئاساس قىلىدۇ، ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەدىنيىتى بولىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتى بولۇپ، شەخسىنىڭ خائىشى بويىچە ئالمىشىپ كەتمەيدۇ.   مەدىنيەت تارىخى داۋاملىشىچانلىققا ئىگە بولۇپ، ماددى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىدۇ، يېڭى مەدىنيەت كونا مەدىنيەتتىن ئايرىلالمايدىغان بۇلۇپ، ئاڭ ھالىتىدىكى مەدىنيەت ھالىتىدە ساقلىنىدۇ، مەلۈم جەمئىيەتنىڭ سىياسى- ئىقدىسادىدا ئەكىس ئېتىدۇ، ئۇ ئەكسىچە مەلۈم جەمىئيەتنىڭ سىياسى- ئىقدىسادىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    مىللەتنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەدىنيەت مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى . مىللىي تىل- يىزىق، مىللى خاراكتىر، مىللى ئەنئەنە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار مىللى مەدىنيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان خاسلىقى بولىدۇ.

    مەدىنيەت بىلەن مەرىپەت ئىككىسى پەرىقلىنىدىغان ئۇقۇم بۇلۇپ خەنزۇتىلىدا مەدىنيەتنى 文化 مەرىپەتنى 文明 دەپ ئېلىنىدۇ. مەرىپەت بىرتوپ كىشىلرىنىڭ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشۈنۈش، ئىگلەش ۋە ئۇنىڭىدىن پايدىلىنىشغا قارتا ئېيتىلغان بۇلۇپ، بەزىدە شەھەرلىشى دەپمۇ تەبىر بېرىلىدۇ. مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مەرىپەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بو توغرىسىدا توختالمايمەن.

    ئۇنداقتا مەدىنيەتسىز مەدىنيەتلىك دەپ ئېيتشتا بىرلىككە كەلگەن مەدىنيەت ئۆلچىمى بارمۇ؟

     بۇنداق ئۆلچەمنى تېخى ھىچكىم ئېجاد قىلغىنى يوق، ھەم بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولغان ئىكەن مەدىنيەتسىز دىگەن سۆزنى ئىشلەتكۈچىلەر مەدىنيەتنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدىغان، شەخسىيەتچى، ھاكاۋۇر كىشىلەردۇ.

    غەرىپنىڭ مەدىنيىتىگە سېلىشتۇرۇپ بىزگە باھا بېرىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق، چۈنكى غەرىپنىڭ پەلسەپىسى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ كۆز قارشىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى بىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق، ئۇلارنىڭ قىممەت قارشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە بىزگە باھا بېرىپ بىزنى مەدىنيەتسىز دىسە، ئوخشاشلا بىزمۇ ئۆز مەدىيىتىمىزنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇلارنى مەدىنيەتسىز دىسەك بولىۋېرىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تارختىكى نۇرغۇنلىغان ئۆرۈپ ئادەتلىرمىز ئۇلارنىڭ ھېلى ھەم ياختۇرۇپ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەممىنى پۇل ئۈستىگە قۇرۇۋالغان، ھەممىنى ئىقدىسادى قىممەت، پايدا- نەپ بىلەن ئۆلچەيدىغان، كىشلك مىھرى – مۇھاببەتنىڭ ئەتىۋارى بولمايدىغان، ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ ئەتىۋارى يوق، جىنسى ئەركىنلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان، ھايۋانلار بىلەن پەرىقلەنمەيدىغان ئۇنداق مەدىنيەتنى بىزمۇ ئەڭ قالاق دەپ قاراساق نىمىشكە بولمىغۇدەك!

    باشقلارنىڭ مائارىپ تەلىم تەربىيە، پەن تېخنىكا، ئىقدىساد سەۋيىسى ئۈستۈن، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ مەدىنيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، پەقەت مەرىپەتلىك دىسەك توغرا بولغان بولىدۇ، شۇنداق كىسىپ ئېيتالايمەنكى بىزدە ئېسىل ئەخلاقى –پەزىلەت، مىللى ئۆرۈپ ئادەت، كىشلىك ئىززەت، غۇرۇر قەدىرقىممەت ھېچكىمدە يوق.

    ئاخرسى داۋاملىق يېزىلىدۇ.

    باشقا توربەتلەرگە كۈچۈرۈشكە بولمايدۇ، بۇ ماقالە ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىغا مەنسۇپ.  


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سىسىز بۇ يەردە مەرىپەت دەپ ئېلىپسىز ،بەزىلەر ھەزارات دەپ ئالغان بۇ سۆزنى بىلمىدىم قايسىسى توغرا . لىكىن ماقالىنىڭ ئاخىرىغا تەشنامەن .
    wulkan回复baydadam说:
    مەرىپەت دىگىنىمىز ئەڭ ياخشى، ھەزارەت دىيىلگىنى مەدىنيەتكە قارىتىلغان( ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ) نى كۆۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئاخرىسىنى ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ چىقىمەن،
    2011-02-22 16:09:54
1056551709QQ