بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • دۆلىتىمىزنىڭ ئىش ھەققى پەرقى 15 ھەسسەبۇلۇپ، دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردىكەن - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]

    2011/02/15

     

    كەسىپلەرنى چوڭ جەھەتتىن بۆلۈپ قارىغاندا، 2009- يىلى دۆلىتىمىز ئىشچى- خىزمەتچىللىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەقققىدن قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى بولغىنى پۇل مۇئامىلە كەسپى، ئەڭ تۆۋەن بولغىنى دىېھقان، ئورمان، چارۋا، بېلىقچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇلۇپ، ئوتتۇرچە پەرىق 4.7 ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن؛ ھەرقايسى كەسىپلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن تەھلىل قىلغاندا، 2008- يىلى ئىشچى- خىزمەتچىللىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققىدىن قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئاكسىيە كەسپى، ئەڭ تۆۋەن بولغىنى چارۋىچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇلۇپ، ئوتتۇرچە پەرىق 15.93 ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن. كەسىپلەر بويىچە ئىنچىكىلىك بىلەن بۆلگەندە ئەڭ يۇقىرى قىممەت بىلەن ئەڭ تۆۋەن قىممەت ئوتتۇرسىدىكى پەرىق بارغانسىرى چوڭايماقتا، چۇنكى چوڭ كەسىپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئوخشىمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىش ھەققى پەرقىمۇ چوڭ. چوڭ كەسىپلەرنى ئۆلچەم قىلغاندا، 2009- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىسىپلەر ئوتۇرسىدىكى ئىش ھەققى پەرقى 4.7 ھەسسە، ئەمما ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئادەتتە 3 ھەسسە ئەتراپىدا.

    بېيجىڭنىڭ 2-ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى تلگىراممىسى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى ئەمگەك ئىش ھەققى تەتقىقات ئورنىنىىڭ ئاشكارلىشىچە، دۆلىتىمىز كەسىپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىش ھەققى پەرقى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 ھەسسسە بۇلۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇردىكەن. شۇبويىچە ئېيىتقاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى ئەمگەك ئىش ھەققى تەتقىقات ئورنىنى، بۇ دۆلەتلىك سىتاستىكا ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلارنى ئاساس قىلىپ تەتقىلىق چىقىرىلغانلىقىنى بۈلدۈردى، چوڭ جەھەتتىن كەسىپلەرگە بۆلۈپ قارىغاندا، 2009- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىسىپلەر ئوتۇرسىدىكى ئىش ھەققى پەرقى 4.7 ھەسسە، ھەرقايسى كەسىپلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن تەھلىل قىلغاندا، 2008- يىلى ئىشچى- خىزمەتچىللىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەقققىدن قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئاكسىيە كەسپى، ئەڭ تۆۋەن بولغىنى چارۋىچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇلۇپ، ئوتتۇرچە پەرىق 15.93 ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىش ھەققى پەرقى ھەقىقەتەن چوڭ بۇلۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەسىپلەرنى ئىنچىكە بۆلگەندىكى 15 ھەسسە پەرىق بولسا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت، نۆۋەتتە بۇخىل ئەھۋال تۆۋەنلەشكە قارپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.

    تۇنۇشتۇرلۇشىچە، بۇ تەتقىقات 2010- يىلىنىڭ ئاخرىدا تاماملانغان بۇلۇپ، دۆلەتلىك سىتاستىكا ئىدارىسى تەمىنلىگەن سان- سىفىرلارغا ئاساسلانغان. چوڭ كەسىپلەر بويىچە بۆلۈپ قارىغاندا، 2009- يىلى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغىنى پۇل مۇئامىلە كەسپى بۇلۇپ، ئوتتۇرچە ئىش ھەققى 70265 يۇەن، ئەڭ تۆۋەن بولغىنى دىھقان، ئورمان، چارۋا، بېلىقچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇلۇپ 14911 يۇەن ، يۇقىرى تۆۋەن پەرىق 4.7 ھەسسە. كەسىپلەرنى ئىنچىكە بۆلۈپ قارىغاندا، 2008- يىلى ئىشچى- خىزمەتچىللىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققىدىن قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئاكسىيە كەسپى بۇلۇپ،( 172123 يۇەن)، ئەڭ تۆۋەن بولغىنى چارۋىچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇلۇپ (10803يۇەن)، ئوتتۇرچە پەرىق 15.93 ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن،

    نۆۋەتتە ئاخبارات ۋاستىللىرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ كەسىپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىش ھەققى پەرقى ئادەتتە 3 ھەسسە ئەتىراپىدا، دۆلىتىمىزنىڭ 15 ھەسسە پەرىقتىن ناھايىتى يىراق دىمەكتە.  ئەمگەك تەتقىقات ئورنىدىكى يولداش بۈلدۈرۈپ، بۇخىلدىكى كەسىپلەرنى چوڭ جەھەتتىن بۈلۈپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتە 4.7 ھەسسە بولىدۇ دېدى.  ئادەتتە كەسىپلەرنى قانچىكە ئىنچىكىك بىلەن بۆلگەندە ئەڭ يۇقىرى قىممەت بىلەن ئەڭ تۆۋەن قىممەت ئوتتۇرسىدىكى پەرىق بارغانسىرى چوڭىيىدۇ، چۈنكى چوڭ كەسىپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئوخشىمغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىش ھەققى كىرىمدە پەرىق خېلىلا مەجۈت. مەسىلەن، قاتناش تىرانسىپورت كەسپى بىلەن قۇرلۇش كەسپىي ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى چوڭ دىگىلى بولمايدۇ، ناۋادا قاتناش تىراسپورىت كەسپىدىكى ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىسى بىلەن قۇرلۇش كەسپىدىكى ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ ئىش ھەققىنى سېلىشتۇرساق پەرىق ناھايىتى زور. چوڭ كەسىپلەر نەچچە ئون كەسىپلەرگە ئايرىلىشى مۇمكىن، ھەتتا ئىنچىكىلەپ بۆلۈنسە 100 نەچچىگە يېتىشى مۇمكىن.

    ئادەم بايلىغى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىگىنىڭ ئەمگەك ئىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، رىقابەت خاراكتىرىدىكى كەسپلەر ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش سەۋىيەسى ئومۇمي جەھەتتىن ئېيتقاندا تۆۋەنرەك. 2008- يىلىدىكى  دۆلەت سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى مەملىكەت مىقياسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىن تۆۋەن بولغان كەسپلەردىن 7 سى بولۇپ ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا : دىھقانچىلق ئورمانچىلىق چارۋىچىلىق بېلىقچىلىق كەسپى(%44.33)، مېھمانساراي يېمەك ئىچمەك كەسپى(%66.65 ) ، قۇرۇلۇش كەسپى(%73.65)، سۇچىلىق مۇھىت ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش كەسپى(%75.89)،توپ تارقىتىش ۋە پارچە سېتىش كەسپى(%87.37)، ياساش كەسپى(%82.27)، ئاھالىلەر مۇلازىمەت ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسپى((%81.43) ۋە ئاساسى جەھەتتىن رىقەبەت خاراكتىرلىق كەسپلەرگە تەۋە بولغانلىرى .

     

      بۇندىن باشقا ئەمگەك سىجىللىغى زىچ بولغان كەسپلەردىكى ئىشچى-خىزمەتچلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسى نىسپەتەن تۆۋەن. 1995- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە قەدەر، ياساش كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى بارلىق كەسپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى بىلەن نىسپەتلەشتۈرگەندە %94.0تىن %85.5 گە باراۋەر دىگۈدەك چۈشۈپ كەتكەن. قۇرۇلۇش كەسپى، مېھمانساراي يېمەك ئىچمەك كەسپى ،توپ تارقىتىش ۋە پارچە سېتىش كەسپى قاتارلىق ئەمگەك سىجىللىغى زىچ، تولۇق رىقابەتچانلىققا ئىگە بولغان كەسپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، بارلىق كەسپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ %72-%78 گە باراۋەر دىگۈدەك كېلىدۇ.

     

    ئەمگەك ئىش ھەققى تەتقىقات ئورنىدىكى ئالاقىدار يولداشنىڭ كۆرسىتىشىچە،كەسپلەر ئارىسىدىكى مائاش پەرقى دۆلىتىمىزنىڭ 3-كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى نامۇۋاپىق مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.نۆۋەتتە 1- كەسپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سالمىغى بەك يۇقىرى، يۆتكىلىشكە ئېھتىياجلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى بەك زور؛ 2- كەسپتىكى ئوتتۇرھال ۋە يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپلىرىنىڭ سالمىغى كىچىك،تۆۋەن ئاشۇرۇلما قىممەتلىك كەسپلەرنىڭ سالمىغى زور، 2-كەسپكە تەقەززا قىلىنغان ئىشچە خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئۆسۈۋاتىدۇ؛ 3- كەسپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سالمىغى روشەن ھالدا كىچىكرەك بولۇپ، 2-كەسپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، 3- كەسپتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولۇۋاتىدۇ

     

    مەنبە: تېڭشۈن تورى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • رايونلار ئارىسىدىكى ئىش ھەققى تەقسىماتىمۇ زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ.
    wulkan回复بەگتاش说:
    شۇنداق ئىش ھەققى پەرقىنىڭ يۇقىرلىقىدىن باي كەمبىغەللىك پەرقى بەك چوڭىيىپ كىتىپ بارىدۇ.
    2011-02-21 10:05:16
1056551709QQ