بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاپتونوم رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى مەملىكەت بويىچە يۆتكەشنى 45 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ - [ئۇچۇرلار]

    2011/03/07

        2–مارت مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ئىگىلىدى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى ‹‹ فوند ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشى سىستېمىسى ›› ئېلېكتىرونلۇق شەكىل ۋە ئەنئەنىۋى قەغەزچە شەكىل ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە توسالغۇسىز يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن . ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەشكە توغرا كېلىدىغانلارنىڭ ، يۆتكىلىپ بارىدىغان جايدا يېڭى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ، يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلسا ، رەسمىيىتى 45 خىزمەت كۈنى ئىچىدىلا بېجىرىپ بېرىلىدىكەن .
       2010–يىل 1–يانۋاردىن باشلاپ ، دۆلەت ‹‹شەھەر–بازارلاردىكى كارخانا ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي كاپالەت مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى ›› نى يولغا قويۇشقا باشلىدى . ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى رايونلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا ، ئەگەر ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئۆلكە ، شەھەرلەر ئارىسىدا ئۆزى مېڭىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالەت سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە ، ئۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ . شۇڭا ‹‹ ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى ›› دا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان كىشىلەر ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جايدىن ئايرىلىدىغان بولسا ، ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جايدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت مۇناسىۋىتىنى بېجىرىش ئاپپاراتى بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش پۇلى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ ؛ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان جايغا بېرىپ ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ، مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسىلا ، بارلىق رەسمىيەتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىككى جايدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى بېجىرىش ئاپپاراتى بېجىرىپ بېرىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن .
     
       ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى : دۆلەتنىڭ سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونمۇ دەرھال بىر تۇتاش بەلگىلىمە بويىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش كەسپىنى بېجىرىشنى قوبۇل قىلدى . لېكىن مۇناسىۋەتنى ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلىش ، يۆتكەش ، كىرگۈزۈش ۋە ئەنگە ئېلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ ، ئۇچۇرلارنى يۆتكەش مۇناسىۋەتنى يۆتكەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلىدۇ .
       دەسلەپتە ، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسى دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ فوند ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشى بىلەن تورلاشتۇرۇلمىغان بولۇپ ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى بېجىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار فاكىس ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ، شۇنداقلا رەسمىي ئالاقە ، جەدۋەل قاتارلىق ماتېرىياللار خەت–ئالاقە ئارقىلىق پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن .
        ئۆتكەن يىل ئاپتونوم رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇنى 15–دېكابىر دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ فوند ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشى بويىچە ‹‹ باشقا جايدىكى كەسپىي سىستېما ›› بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى رەسمىي ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەشنى ‹‹ ئېلېكتىرونلۇق تېز يوللانما ›› ئىزىغا سالدى . سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ، ھازىر ئومۇمەن ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ فوند ئىجتىمائىي كاپالەت قۇرۇلۇشى بىلەن تورلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرغان ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايوندىكى ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلسا ، ئىككى تەرەپتىكى ئىجتىمائىي كاپالەت مۇناسىۋىتىنى بېجىرگۈچى ئاپپارات يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى دەرھال ئېلېكترونلۇق شەكىل ئارقىلىق بېجىرىپ بېرىدۇ . بۇ خىل شەكىل نۇرغۇن سۈنئىي مەشغۇلات خاتالىقىدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق .
       ئاپتونوم رايون ھازىرغا قەدەر ، ئېلېكتىرونلۇق شەكىل ئارقىلىق 296 ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىردى . ئېلېكتىرونلۇق شەكىل ئارقىلىق بېجىرىشنى ۋاقتىنچە تېخى ئىشقا ئاشۇرمىغان ئۆلكە ، شەھەرلەر ئارىسىدىكى كەسپىي مۇناسىۋەتنى يۆتكەشنى بېجىرىشتە ، ئاپتونوم رايون يەنىلا قەغەزچە شەكىلنى قوللىنىۋاتىدۇ .
       مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇناسىۋىتىنى توسالغۇسىز يۆتكەش ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆلكىلەردە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان چاغدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ھوقۇق–مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ ، ئەمگەكچىلەرنى سۇغۇرتىغا خاتىرجەم قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ . ئەمگەكچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا بالدۇر قاتنىشىشى ۋە ئۇزاققىچە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئوتتۇرلىقتا توختاپ قېلىشىنى ئازايتىپ ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ، پېنسىيەگە چىقىش يېشى توشقان ھەربىر كىشىنىڭ  ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى بىرجايدا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ .
       ئۇقۇشىمىزچە ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشى ئەڭ ئاخىرىدا نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسا ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا تەمىناتىنى ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن ؛ ئەگەر نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشمىسا ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى ئون يىلغا توشقان بولسا ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئەڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىن ئالىدىكەن ؛ ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى ئون يىلغا توشمىسا ، رېتى بويىچە ئالدىغا سۈرۈپ ئون يىلغا توشقان جايدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىكەن ؛ ھەر قايسى جايلاردا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى ئون يىلغا توشمىغان بولسا ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئېلىش رەسمىيىتىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرىدىكەن .

    ( مۇھەررىر : نىجات )
    تەڭرى تاغ تورىدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
1056551709QQ