-
مىللى كارخانچىلارنىڭ چىقىش يولى نەدە - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2011/03/07
بىزنىڭ مىللى كارخانلىرىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ كۈنسىرى روناق تېپىۋاتىدۇ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۇپىتى يۇقىر كۆتۈرلۈپ، تۈرى كۈنسرى كۆپىيىپ دىيارىمىز كىشىللىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداۋاتىدۇ، بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئەھۋال، شۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈنسىرى روناق تېپىپ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمىز.
بىراق بىزنىڭ سودىگەرلىرىمىز بولسۇن ياكى كارخانا قۇرغۇچىلار بولسۇن باشقلارنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزىنى ياكى باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىزنىڭ تۇرمىشىمىزغا لايىقلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىۋاتىدۇ. كۆپ قىسملىرى بولسا باشقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئېلىپ كىلىپ بىزلەرگە سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتىدۇ. لىكىن سىز ئويلىنىپ كۆرۈڭ، سودىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى باشقىلارنىڭ نەرسىللىرىنى ئېلىش ئەمەس بەلكى ئۆز بايلىقىنى باشىقىلارغا سېتىش ئارقىلىق بايلىقنى ئىقدىسادقا ئايلاندۇرۇش. كارخانچىلىرىمىزنىڭ ئىقدىساسى مۇشۇنداق ئايلانغاندا، بىز پايدا ئېلىشتىن ئىلگىرى باشقىلار بىزدىن ئاللابۇرۇن پايدا ئېلىپ بولغان بولىدۇ، ئاخىرىسىدا بولسا بىزنىڭ ئىقدىسادىمىز تەتۈر ئايلىنىش سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا سىز بىزگە ساتماقچى بولغان شۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ رايۇنىمىزدىكى بازار ئېھتىياجى قانچىلىك؟ ھەم شۇ ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ سىز بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلارچۇ؟. رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنى تەخمىينەن 10 مىليون دىسەك سىزنىڭ شۇخىل مەھسۇلاتقا ئېھتىياجىلقلار بەلكىم 500 مىڭ بۇلىشى مۇمكىن، سىز بىلەن ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرۋاتقانلارمۇ مۇشۇ 500 مىڭ ئادەمنى تالىشىۋاتقان بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزدىن خېلىلا يىراق، بۇلارنى ئويلانغىنىڭىزدا ئۆز بازىرىمىزنىڭ تولىمۇ كىچىكلىكىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ، مۇشۇنچىلىك كىچىك بازارنى قانچىلىك ئادەم تالىشىۋاتقاندۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك، مىنڭىچە بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، يەنى ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ تېخنىكىسى، ئىختىساسلىق خادىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالغاندا بەلكىم ئۈنىمى كۆزلىگىنىمىزدىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىن، مىسال ئالساق دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نۇپۇسىنى تەشكىل قىلغۇچىلار خەنزۇلار بۇ ھەممىگە ئايان، نۇپۇس سانى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئاشىدۇ، بىز بۇ بازارغا كىرىشنى ئويلىنىپ باقساق ھەرگىز زىيان تارىتمايمىز، مۇشۇ بازاردا 10مىڭدىن بىر نىسبەت بويىچە ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشىپ قالساق نەتىنجە قازانغىنىمىز شۇ، ھەم شۇنداقلا ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى باشقىلارغا سېتىش جەريانىدا ئۆز رايۇنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قۇشۇلايمىز، شۇ سەۋەب بىلەن بىزنىڭ دېھقان –چارۋىچىللىرىمىز، ئەمگەكچان باغۋەنلىرىمىزنىڭ ئىقدىسادىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇكسىلىدۇ، سىز ۋە دېھقان –چارۋىچىللىرمىز يۈكسەلسە بىزنىڭ ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان خادىملىرىغا تەبىئىي ھالدا ئىش ئورنى كۆپىيىپ ،ئىشسىزلىق ئازلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭ ئۈچۈن تېخنىكىڭىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭلاپ بېرىشقا مۇھتاج بولىسىز، ھەم شۇنداقلا بىر مەزگىلگىچە باشقىلارنىڭ رەت قىلىشغا ئۇچۇرشىڭىز مۇمكىن، بىراق جاپالىق تىرىشسىڭىزلا ھەممىسى ياخشى بۇلۇپ كىتىشىگە ئىشەنچىم كامىل.
بىزدىكى ئەجەللىك خاتالىق ئازىراق پايدىنى كۆرۈپلا كۆرەڭلەپ كىتىمىز، مۇلازىمەت سۇپىتىنى تېخمىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشماستىن سەن بولىمىغانغا مەن ئۆلۈپ قالامتىم دىگەن پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز، ئاخىرسىدا بارا-بارا خېرىدارلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا خاتالىقىمىزنى ھېس قىلساقمۇ كىچىككەن بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سۇپەتنى ئەڭ ياخشى قىلالمىسىڭىز مۇلازىمەتنى ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ.
سەمىمىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ شۇندىلا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، زەربە ئوبىكتى بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنالىشىڭىز مۇمكىن، پۇل تاپقانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنيەت سەۋيسى ئۇنچە يۇقىرى بولمىغان بىلەن ساپاسى يۇقىرى كىشىلەردۇر ھەم ناھايىتى ئېھتىياتچان بولغان بولىدۇ، خىيىم -خەتەر بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، ئۇلار ئۆز بايلىقىنىڭ ۋەيران بۇلۇش خەۋىپىنى سەزگەن ھامان ھەر قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن يانمايدۇ، شۇڭلاشقا باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا سەمىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ، بولمىغاندا يامان ئاقىۋەتكە قالىسىز.
ئاخرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
