بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا - [ئەمگەك كىسىم]

    2011/03/09

     
    ئىشلەمچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقى ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى بېرىشكە تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىگە چېتىلىدۇ.
    ئەمگەك مۇناسىۋىتى دەپ، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان، يەنە بىر تەرەپ ئىش ھەققى بىلەن بېرىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئىش ھەققى بېرىدىغان تەرەپ ياللىغۇچى، ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تەرەپ ياللانغۇچى بولىدۇ. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەتتە ئەمگەك توختامىدا بېكىتىلىدۇ. ئەمگەك توختامى ياللاپ ئىشلىتىش توختامى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى. ئەمگەك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەبىئىي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەك قانۇنىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ياللاپ ئىشلىتىش توختامى مۇلازىمەت توختامى ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بالا باققۇچى بىلەن ئۆي ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۆي ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمدە ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى كۆپلەپ ئىشچى ياللاپ ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى، شەھەر قۇرۇلۇشى بازىرىدىكى خەلق ئىشچىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى. ئىككىنچى. ئەمگەك قانۇنىنىڭ 2-ماددىسىدا:« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى كارخانىلار، خۇسۇسىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىشلەمچىلەر بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىشلەمچىلەرگە مەزكۇر قانۇن تەتبىقلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بۇ ماددىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ئەمگەك پائالىيىتى ئادەتتە بىر تۈرلۈك ئەمگەك قانۇنى مۇناسىۋىتىلا شەكىللەندۈردىغانلىقى، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئەمگەك قانۇنى مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، لېكىن بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يۈزىسىدىن قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش بىر خىل مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى. بىر قىسىم ئىشلەمچىلەر ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، باشقا ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە بىر ئەمگەك قانۇنىي مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئاساسلىقى بىرىنچى، كارخانىلاردىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۆز خىزمىتىنى ئورۇنداش ۋە ئۆز ئىدارىسىنىڭ تېخنىكا مەنپەئەتىنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، باشقا ئورۇنلاردا ئىشتىن سرتقى قوشۇمچە ۋەزىپىنى ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى-تەكلىپ قىلىنىش ئەمگەك توختامى ھىسابلىنىدۇ.
    ئىككىنىچى، پېنسىيىگە چىققان خادىملار باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن تۈزۈشكەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىمۇ ئەمگەك توختامى ھىسابلىنىدۇ.
    ئۈچىنچى، ئۇزاق مەزگىل باشقا ئورۇنلار تەرىپىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلگەن خادىملار، مائاشلىق ئوقۇۋاتقانلار ھەمدە داۋاملىق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەنلەردىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغانلار ئەمگەك بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
    تۆتىنچى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشتىن سرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئىش تىپىپ ئىشلىگەن بولسا، ئىشقا ئورۇنلاشقان ھېسابلانمايدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئەمگەك مۇلازىمىتى ھېسابلىنىدۇ.
      بەشنچى،ئەمگەك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك توختامىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى كارخانىلار، خۇسۇسىي تەشكىلاتلار بىلەن چەكلىنىدۇ. شۇڭا ئىشلەمچىلەر ئەمگەك قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە، مەسىلەن: ئىشچى ئىشلىتىش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇنلار چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسىي گەۋدىسى لاياقەتسىز بولۇش سەۋەبىدىن، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان توختام ئەمگەك توختامىنىڭ تەڭشەش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
      ئەمگەك قانۇنىنىڭ تەڭشەش ئوبيېكتى بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىشلەمچى بىلەن ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلانغۇچى(ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن)ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك جەريانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپ ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغان، يەنە بىر تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەك توختامىدا بېكىتىلىدۇ. ئەمگەك توختامى بولسا، ئىشلەمچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيىتى ئېنىق بولغان كېلىشىمدىن ئىبارەت. ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمگەك مۇلازىمىتى مەلۇم باغلىنىشچانلىققا ۋە پەرققە ئىگە، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى: بىرىنچى، تەڭشەيدىغان قانۇن ئوخشىمايدۇ. ئەمگەك توختامى ئەمگەك قانۇنى تەرىپىدىن تەڭشىلدۇ، ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامى بولسا ھەق تەلەپ قانۇنى تەرىپىدىن تەڭشىلىدۇ. ئىككىنچى، توختامنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئاساسىي گەۋدىنىڭ قانۇنىي ئورنى ئوخشىمايدۇ. ئەمگەك توختامىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ بىر تەرىپى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، يەنە بىر تەرەپ بولسا كارخانا، خۇسۇسىي تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەشكىلىي رەھبەرلىك مۇناسىۋىتى، باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامىنى ئادەم ياللىغۇچى ۋە ياللانغۇچى ئىمزالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنىي ئورنى باراۋەر بولۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۈچىنچى، توختام مەزمۇنى دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ، ئەمگەك توختامىدىكى بەزى ماددىلارغا قارىتا دۆلەت دائىم مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە چىقىرىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامىدىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختام مەزمۇنى جەھەتتە بىر قەدەر زور بولغان ئەركىن كېڭىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. تۆتىنچى، ئەمگەك توختامى ئەمگەك قانۇنى تەرىپىدىن تەڭشىلىدۇ. ئەمگەك ئىش ھەققى ئېلىمىزدە ئاساسلىقى ئەمگەك مۇلازىمىتىنى تەقسىملاش پىرىنسىپى بويىچە تارقىتىلىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامىدىكى ياللانغۇچىنىڭ ئىش ھەققى دەرىجە باھا پەرقى پىرىنسىپىغا ئاساسەن كېڭىشىپ بېكىتىلىدۇ. بەشىنچى، ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىدىكى ئىشلەمچى 16ياشقا توشقان بولۇشى(ئالاھىدە بېكىتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) كېرەك. چۈنكى 16ياشقا توشقان پۇقرالار ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا ۋە ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئەمگەك قانۇنىنىڭ 58-ماددىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچى 16 ياشقا توشۇپ 18 ياشقا توشمىغان ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك توختامىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ياللانغۇچى 10ياشقا تولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسا بولىۋېرىدۇ.چۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىدا «10ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر بولۇپ، يېشى، ئەقلىي كۈچى، روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئالتىنچى، ماجرانى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئوخشاشمايدۇ. ئەمگەك توختامىدا بولسا ئەمگەك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدۇ. كېسىم چىقىرىش بولسا، ئەمگەك تالاش-تارتىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇقەررەر تەرتىپ ھىسابلىنىدۇ. ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامىدىكى دەۋالاشقۇچىلار سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ بىۋاستە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
    ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىگە قارىتا ئېيتىلغان بۇلۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشلەمچى ئوتتۇرسىدىكى ئەمگەك توختامى بولمىغان، ئەمما ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان بىر خىل ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەر ئېنىق بولىدۇ، بىراق ئەمگەك قانۇنى مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك قانۇن پاكىتلىرى ( ئۈنۈملۈك ئىسپات ) بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەمگەك توختامى تۈزۈشمەسلىك، ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولماسلىق قاتارلىقلار. ئەمگەك توختامىدىن سىرت، باشقا ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەرتلىرى ئاساسى جەھەتتىن ھازىرلانغان بولىدۇ. مەسىلەن: ئىشلەمچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ باشقۇرۇشنى قۇبۇل قىلىش (ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەمچىگە قارىتا باشقۇرۇش ھۇقۇقىنى يۈرگۈزۈش، ئىشلەمچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئەمگەك - ئىش ئورنى ۋەزىپىسى، ئەمگەك ئىش ھەققى قاتارلىقلار ھازىرلانغان بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلەمچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا ھەقىقەتەن ھازىرلانغان بولسا، توختام تۈزۈشمىگەن ئەھۋالدىمۇ شەكىللەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك. بىرىنچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشلەمچى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالانغان بولسا. ئىككىنچى، دەۋالاشقۇچى كۈچكە ئىگە بولمىغان ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئەمگەك مۇناسىتى ئەمەلىيەتتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسا، ئەمگەك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئىشچى ئىشىلتىش ئاساسىي سالاھىتىگە ئىگە بولمىغان بولىدۇ. بىراق ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ دەۋاغا قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنڭ بار –يوقلىقىنى توختام تۈزۈشمىگەن ئەھۋالدا شەكىللەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: ئىشلەمچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئوروننى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىدۇ. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون بەرگەن ئىش ھەققىگە ۋە مۇھاپىزىتىگە ئېرىشكەن بولسا، بۇنى توختام تۈزۈشمىگەن ئەھۋالدا شەكىللەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتى توشقاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى داۋاملىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ياكى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلمىغان بولسا ، توختام تۈزۈشمىگەن ئەھۋالدا شەكىللەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان بولىدۇ. تۆتىنچى، ئىشسىزلىق ھالىتىدىن شەكىللەنگەن يوشۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى، يەنى ئەمگەك تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەريانىدا بىر قىسىم ئىشچى –خىزمەتچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ساختا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ساقلانغان بولىدۇ. مەسىلەن: ئىش ئورنىدىن قېلىش، ئىش كۈتۈپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمەلىي ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش.
    ئەمگەك توختامىغا ئائىت قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمىئىيەتتە ياخشى بولغان ئەمگەك قانۇنى ئېڭىنى تىكلەش كېرەك.
    ئەمگەك توختامى-ئىشلەمچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ھۇقۇق-مەجبۇرىيىتى ئورنىتىشتىكى ئاساسى مىزان بۇلۇپ، ئىككى تەرەپ توختامغا ئەمەل قىلغاندىلا، ئەمگەك تالاش -تارتىشلىرى ئازىيىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى راۋانلىشىدۇ، شوڭا ئەمگەك توختامىغا ئائىت قانۇن-تۈزۈملەر ئەمگەك قانۇنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى بۇلۇپ، ئەگەر مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش ئەندىزىسى بولمىغاندا ، ئەمگەك قانۇنىغا تەپسىلى بەلگىلىمىلەرنى كىرگۈزۈپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ئەمگەك توختامى ماجرا دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى ئىشلەمچىلەر سوتنى چەتتىن ئاڭلىسا بولىدۇ. كوللېكتىپ ئەمگەك ماجرالىرى دېلولىرىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىگە بېرىپ سوت ئېچىپ، سوت خىزمىتىنىڭ ئاشكارالىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون بىلەن ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، يەنە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئەمگەك توختامىنى ئورنىتىش، ئىجرا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك ھالقىلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ ئەمگەك توختامى ماجراسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قانۇن ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ماجرانى قانداق ھەل قىلغانلىق قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۇقىرىغا ھال ئېيتىپ بېرىش، ئىش تاشلاش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك كېسىم ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا يېتەكلەپ ،ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپتىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە ئادەم ئىشىلىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئەمگەك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قانۇن ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمگەك ماجىرالىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئىناق ۋە مۇقىم يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم.
     
     ( ئاپتور : ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەريەم ئەمەت )
    جوڭگۇ رادىئۇ تورى

     


    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ