-
ئەمگەك تالاش- تارتىشىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك - [ئەمگەك كىسىم]
2011/03/09
ئەمگەك تالاش- تارتىشىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئارا ئەمگەك تالاش- تارتىشى يۈز بەرسە،دەۋالاشقۇچى ياراشتۇرۇش،كېسىم چىقىرىشقا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا،ئەرز قىلسا بولىدۇ،كېڭىشىپ ھەل قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ئۆز ئورنىدىكى ئەمگەك تالاش- تارتىشى مۇرەسسەسىي ھەيئىتىگەياراشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ياراشتۇرغىلى بولماي،دەۋالاشقۇچى تەرەپ كېسىم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئەمگەك تالاش- تارتىشى ئۈستىن كېسىم چىقىرىش كومىتېتىغا كېسىم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئەمگەك تالاش- تارتىشى ئۈستىدىن كېسىم قىلىش كومىتېتىغا كېسىم چىقىرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. كېسىمگە قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەزر قىلسا بولىدۇ. ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارا ئەمگەك تالاش- تارتىشى يۈز بەرسە: (1) كېڭىشىش؛(2) ياراشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش؛(3) كېسىم چىقىرىش؛(4) ئەرز قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
