بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىشلەمچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقى ئەمگەك مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى بېرىشكە تېگىشلىك ياكى ئەمەسلىكىگە چېتىلىدۇ

  •   دۆلەت ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ۋە خىزمەت جەريانىدا فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن يولۇقىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقلىرىنى ئازايتىپ ۋە ھەل قىلىپ، ساغلاملىقىنى مۇھاپىزەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دائىر بىر قانچە بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ 1990-يىلى ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن ئەمگەك دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ:

  • كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى كۆزە تۇتۇپ بۇ توختامنامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم ئورگان،كارخانا ۋە كەسپى ئورۇن خادىملىرى ئىشلەتسە  بۇلۇدۇ.

    بىراق بۇ ئەلپىدا خەت نۇسخسىدا يىزىلغان بۇلۇپ، باشقا خەت نۇسخىلىرىغا ئايلاندۇرالمىدىم، شۇنداقلا توردىن باشقا بىرىنى  ئىزدەپ باقسام  شۇنچىۋالا كۆپ بولغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مىنىڭ تور بېتىمدىن باشقا توردىن تاپالمىدىم، ھەيرانمەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى جەمئىيەتىتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان، شۇنداقلا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قالسىلا ئەڭ كەڭ دائىرلىك بولغان ھەم كەلگۈسىدە تېخمۇ شۇنداق بۇلىدىغان بىرخىل مۇناسىۋەت تۇرسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئۇرنىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسىي ۋە ئىسپاتى بولغان ئەمگەك توختامنامىسىنىڭ بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزدىن تېپىلماسلىقى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.  نۆۋەتتە «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، كەڭ كارخانا، كەسپىي ئۇرۇن، ئورگان ۋە يەككە سودا سانائەتچىلەر ئەمگەك توختامى ئىمزالاشقا مەجبۇر.  بىراق ئاز بىرقىسىملىرىمىز خەنزۇتىلىنى تۇلۇق چۈشەنگەندىن سىرىت  زور كۆپچىلىكىمىز تۇلۇق بىلىپ كەتمەيمىز ،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنىڭ كىشىلەر ئۆزلىرى تۇلۇق چۈشەنمەيدىغان تىلدا يىزىلغان توختاملارغا ئىمزا قۇيۇپ خاتىرجەم يۈرەمدىغاندۇ!!!!!!!!!