-
ھامىلدار ئاياللار شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن ئەمگەك دائىرىلىرى - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2010/10/13
ھامىلدار ئاياللار شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن ئەمگەك دائىرىلىرى
قالمان شاكىر
دۆلەت ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ۋە خىزمەت جەريانىدا فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن يولۇقىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقلىرىنى ئازايتىپ ۋە ھەل قىلىپ، ساغلاملىقىنى مۇھاپىزەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دائىر بىر قانچە بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ 1990-يىلى ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن ئەمگەك دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ھامىلىدار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ:
1. مەشغۇلات سورۇنىنىڭ ھاۋاسىدىكى قوغۇشۇن ۋە ئۇنىڭ بىرىكمە ماددىلىرى؛ سىماب ۋە ئۇنىڭ بىرىكمە ماددىلىرى؛ بېنزول، كادمىي، بېرىللىي، ئارسىن، سىئاندلار، ئازوت-ئوكسىگېنلىق بىرىكمىلەر، كاربون چالا ئوكسىدى، كاربون (4) سۇلفىد، خلور، ئېتىل ئېفىر، خلورۇبۇتادئېن، ۋىنىل، ئىپوكسىدى سىلان، فېنىلئامىن، فورمالدېگىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى دۆلەتنىڭ سەھىيە ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن مەشغۇلاتلار؛
2. دورا ياساش ساھەسىدە راكقا قارشى دورىلار ۋە ئېتىلېن ئارقىلىق ئانىلىق گامېتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەشغۇلات:
3. مەشغۇلات سورۇنىدىكى رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار‹‹ رادىئوئاكتىپلىق مۇھاپىزىتى بەلگىلىمىسى››د بېكىتىلگەن مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن مەشغۇلات؛
4. ئادەم كۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان توپا-تاش ق ۇرۇلۇشى؛
5. «سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەكنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈش» ئۆلچىمىدىكى 3-دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەككە تەۋە مەشغۇلات؛
6. پۈتۈن بەدەننى كۈچلۈك تىترىتىش خاراكتېرىگە ئىگە مەشغۇلاتلار، مەسىلەن، گازلىق ئۈشكە، چىڭداش ماشىنىسى، بازغانلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ۋە تىراكتور ھەيدەش قاتارلىقلار؛
7. خىزمەت جەريانىدا ئېگىلىش، (يۇقىرىغا يامىشىش، ئولتۇرۇپ-قوپۇشقا توغرا كېلىدىغان مەشغۇلات؛
8. «يۇقىرى بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلاتنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈشى» ئۆلچىمىدە بېكىتىلگەن يۇقىرى بوشلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلاتلار.
مەنبە شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى
收藏到:Del.icio.us
