بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • كارخانلارنىڭ ئىناقلىق دەرىجىسى تەكشۈرۈپ باھالىنىۋاتىدۇ - [كارخانلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش]

    2010/10/11

    كارخانلارنىڭ ئىناقلىق دەرىجىسى تەكشۈرۈپ باھالىنىۋاتىدۇ

     

    ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەلىۋى ۋە« ئەمگەك قانۇننى»،« ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى كارخانلارغا قارتا، كارخانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئەھۋالى، ئەمگەك توختامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بەلگىلىملىرىنى ئىجراقىلىش ۋە سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئەھۋالى، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىجراقىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈپ، كارخانلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە قارتا كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش، ئىش ئورنى پاراۋانلىق ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، سېمىنا ئىش ھەققىنى بېرىش، ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەلالىرىنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ باھالاپ چىقىش ئارقىلىق، كارخانلارنىڭ ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى باھالاپ، ھۆكۈمەت يۆلەشنىڭ ئاساسى قىلىپ، كارخانلارنىڭ تىجارەت دائىرسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىپ،  ياخشى ناچارلىرىنى تاللاپ چىقىپ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىللىرىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق،كارخانلارنىڭ ئەمگەك قانۇن- سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشغا ھەيدەكچىلىك قىلماقچى .

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • دوست بولمامدۇق ؟
    مەن ئۇلىنىشقا قېتىپ قۇيدۇم .
    wulkan回复baydadam说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەنمۇ قېتىپ قۇياي
    2010-10-13 16:33:11
1056551709QQ