-
كىلەر يىلىدىن باشلاپ ئىشچى- دېھقانلاردىن مەمۇرىلىققا قۇبۇل قىلىنىدىكەن - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2010/10/13
كىلەر يىلىدىن باشلاپ ئىشچى- دېھقانلاردىن مەمۇرىلىققا قۇبۇل قىلىنىدىكەن
«پۇقرالار كەچلىك گېزىتى » نىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، يىلدا بىرقېتىملىق مەركىزى ئورگانلار ۋە بىۋاستە قاراشلىق ئاپاراتلارغا دۆلەت مەمۇرىيلارنى قۇبۇل قىلىش پات يېقىندا باشلىنىدىكەن، دۆلەتلىك مەمۇرىيلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا 2011-يىللىق دۆلەت مەمۇرىيلارنى قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىسىدىكى يېڭى نىشان ۋە تەدبىرلەرنى ئاشكارلىدى.
دۆلەتلىك مەمۇرىيلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، 2011-يىللىق دۆلەت مەمۇرىيلارنى قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىسىدىكى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك تەدبىرنى ئاشكارلىدى.
1.ئاساسىي قاتلامغا يۈزلۈنۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، 2011- يىللىق مەركىزى ئورگانلار ۋە بىۋاستە قاراشلىق ئاپاراتلارغا دۆلەت مەمۇرىيلارنى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى پىلانىدا، بىر قىسىم ئالاھىدە شىتاتلاردىن باشقىللىرىغا ئاساسىي قاتلامدا 2 يىلدىن يۇقىرى خىزمەت سىتاژى بولغانلارنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 2010- يىلدىكى 70% دىن 85% كە يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، شارائىتى باربولغان ئورگانلار، ھەممە خادىملارنى ئاساسىي قاتلامدا 2 يىلدىن يۇقىرى خىزمەت سىتاژى بولغانلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ قۇبۇل قىلسا بولىدۇ.
2. پىلانلىق ھالدا مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان « كەنىت كادىرى» بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىملاردىن نۇقتۇلۇق قۇبۇل قىلسا بۇلىدۇ، « كەنىت كادىرى» بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىش تۈرىدىكى خادىملار، نۇقتىلىق قۇبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلارغا ۋە باشقا ئورۇنلارغا تىزىملاتسا بۇلىدۇ، نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش ئىتىبار تۈزىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
3. كەنىت ( ئاھالە كومتىتى) كادىرلىرى، مۇنەۋۋەر ئىشچىلار، دېھقانلارنىڭ ئىچىدىن دۆلەت مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىسىغا قۇبۇل قىلىش چارىسى توغرىسىدا ئاكتىپ ئىزدىنىپ، بىرقىسىم مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئاپاراتلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا سىناق قىلىمىز.
ئاشكارلىنىشىچە بۇيىلدىن باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ، ئىمتىھانىدا قائىدە تۈزۈمگە خىلاپ قىلمىشلار ئۇچۇر ئامبىرى تۇرغۇزۇپ، مەمىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ، ئىمتىماندا قائىدىسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەمۇرىيلار قۇشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىشنى قەتئىي تۈگىتىدىكەن.
ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى

评论