بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • كەڭ ئىشچى –خىزمەتچىلەرگە خوش –خەۋەر - [ئۇچۇرلار]

    2010/10/19

    كەڭ ئىشچى –خىزمەتچىلەرگە خوش –خەۋەر

     

    نۆۋەتتە جەمئىيەت ئىقدىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئىقدىسادىي ئېڭىمىزمۇ شۇنداقلا ئىقدىسادىمىزمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نۈرغۇنلىغان كىشىلىمىرنىڭ ئېڭىدا ئىلگىرىكى داشقازانغا بولغان تەلپۈنۈشى بارا-بارا ئاجىزلاپ، ئىدىيىسى ئويغۇنۇپ، قانداقلا يەردە خىزمەت قىلسا تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزسىلا بولمىدىمۇ دىگەن ئىدىيە رۆشەنلىشىپ، شىركەت- كارخانلاردا بىزنىڭمۇ مەلۈم دەرىجىدە ئىشچىلار قۇشۇنى بارلىققا كەلدى، بۇبىر ياخشى باشلىنىش. دۇنيا مىيقىياسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەڭ كەڭ ۋە ئاساسلىق مۇناسىۋەت بولغىنىدەك، بىزدىمۇ شۇنداق بولغۇسى. بىراق تولىمۇ ئەپسۇسكى مۇشۇ ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغداشقا دائىر ئۇيغۇر تىلىدىكى قانۇن نىزام ماتىرياللىرىنىڭ كەمچىل بۇلىشى بىزدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىيىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتىگە بولغان تۇنۇشىنىڭ يتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ قانۇنغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاجىزلاستۇرۇپ ۋە خاتا تۇنۇشقا كەلتۈرۈپ قۇيۇپ، كىشىللىرىمىزنىڭ مەنپىئەتى ئورۇنسىز زىيانغا ئۇچىراۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ تارىتقان زىيانلىرىنى ئۆزلىرىمىز تۇلۇق ھىس قىلالماي ۋاتىمىز. مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ ئارا ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ  مەخسۇس ئەمگەك كاپالەت قانۇن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.

    بۇ بىلۇگنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى:

    نۆۋەتتە بۇبىلوگقا ئەمگەك كاپالەت قانۇن سىياسەتلىرىگە ئائىت، خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلىشكە تىگىشلىك بولغان بىلىملەردىن؛« ئەمگەك قانۇنى»،« ئەمگەك توختام قانۇنى» ، ئىجىتىمائىي سۇغۇرتا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغداش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، خىزمەت ئۇچۇرلىرى، ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرگە بولغان ئىتىبا سىياسەتلەر، ئايال ئىشچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغداش، پىنسىيىگە چىقىش قاتارلىق بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن مەلۈم دەرىجىدە  توپلاندى ۋە داۋاملىق توپلىنىۋاتىدۇ.

    بۇنىڭىدىن كىيىنكى نىشان:

    داۋاملىق تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچى- خىزمەچىلەرگە دائىر قانۇن- نىزام، سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تەرجىمە قىلىپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغداش جەھەتتە مول بولغان قانۇنى ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە مەخسۇس مەسلىھەت سەھىپىسى قۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىققا ئۇچۇرىغانلارغا ۋە ئادۇكاتلارنىڭ ئەمگەك كاپالەت ماجىرالىرىنى بىرتەرىپ قىلىشغا مول بولغان سىياسەت ۋە مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەڭ ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان دوسىتلارغا قارتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇۋافىق بولغان خىزمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي ئىقتىدار تەربىلىنىش ئىتىبار سىياسەتلىرى، ئىگىلىك تىكلەشكە يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، كەڭ كارخانچىلارغا قارتا ئادەم ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي مەنپىئەتىنى ئورۇنسىز زىياندىن قوغداش، كارخانا باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن سىياسەت بىلىملىرى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا تېخىمۇ كېڭەيتىپ دۆلەتنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىش، مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنى باشقۇرۇش، ئىشچىلارنىڭ ئۇنۋان، مائاش قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇئارقىلىق  بۇ بىلوگنى كەڭ خىزمەتچىلەر ۋە كارخانچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. 

    بۇبىلوگدىكى قىيىنچىلىق:

    مەن گەرچە خىزمەتتىن سىرىت بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ مۇشۇ ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان بولساممۇ، خىزمەتنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلى بىر ئادەم يىتىشىپ بولالمايدىكەنمەن، شۇسەۋەبتىن ماقالىنىڭ يېڭىلىنىشى ئاستا ۋە يىتەرلىك ئەمەس، قاپلىنىش دائىرسى تار، تورتېخنىكامنىڭ تۆۋەن بۇلىشى تۈپەيلى توربەت قالايمىقان ، نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھۇقۇقى ئاپتۇنۇم رايۇندا بولغانلىقتىن خالىغانچە تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ،ئەگەر خاتا سۆز ئىشلىتلىپ قالسا مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلگەنلىكتىن، بەزى سىياسەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا قىيىنچىلىق كۆپ.

    كەڭ دوسىتلاردىن كۈتىدىغىنىم:

    بۇنداق چوڭ بىر ئىشنى قىلىپ چىقىشقا مەن يالغۇز بولغانلىقتىن قىيىنچىلىق ئاز ئەمەس، ئەجداتلىرىمىز دىگەندەك « يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس»، بولسا مەن بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار خالىسانە ياردەملىرىنى ئايىمىسا يەنى تورتېخنىكا جەھەتتە يېقىدىن قوللاپ قۇۋەتلىسە، قوللىرىدا بار بولغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىياسەتلەرنى ئەۋەتىپ بەرسە ياكى ئۆزلىرى باشقۇرغۇچى بۇلۇپ ئۆزلىرى بۇبىلوگدا ئېلان قىلسا، شۇ ئارقىلىق بۇ بلوگنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى بىلىملەر بىلەن تولدۇرپ، مۇشۇ ساھەدىكى ھەرقانداق بىر قانۇن سىياسەت ئاساسىنى تاپالايدىغان مۇكەممەل بىر تور بەتكە ئايلاندۇرۇپ،  كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا  ئاز بولسىمۇ ئاسانچىلىق ياراتساق، بۇ ئەلۋەتتە تور بەتلەردە بىر- بىرىمىزنى سۈكۈپ، قۇرۇق پاراڭ سېلىپ يۈرگەندىن كۆپ ياخشى، كەڭ توربەت قۇرغۇچىلار يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىگە قۇشۇۋېلىپ، ئىزدىگۈچىلەرگە ئاسانچىلىق يارتىپ بەرسە دىگەن ئۈمۈدتىمەن ، چۈنكى بۇ بىر شەخسىي بىلوگ ئەمەس بەلكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ تورى، بۇنداق قىلىش يالغۇز بىر قانچە ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئىشى.

    خالايدىنغانلارنىڭ يېقىدىن ھەمكارلىشىشىنى سورايمەن.

    ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى

    ئادىرسى: /

    تۇغ ئادىرسى: http://filer.blogbus.com/4745450/4745450_12870428288.gif

     

    چ چ : 1056551709

    分享到:

    خەتكۈچ:

    评论

  • مېنى قوشۇۋالغان بولسىڭىز
    چ چ :123567931
    wulkan回复ئالىم说:
    سىزنى بۇرۇنلا قۇشۇپ قويغان ئىدىم.
    2011-01-10 17:32:19
1056551709QQ