بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2010/10/20

    «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن

    زور كۆپچىلىكىمىز« تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنى كۆردۇق، بىراق بىزگە بەرگەن تەسىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، مىنڭچە بۇفىلىمدە ئەڭ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بىرتەرىپى شۇكى،  قېرىنداشلىق مىھرى، قەيسەر روھ، يۈكسەك ئۆزىگە تاينىش ئىقتىدارىدۇر، چۈنكى مايكولدىن ئىبارەت بۇ شەخىس ئۆزى بىلەن بىر قورساقتىن بولمىغان قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىدۇ ۋە بۇجەرياندا ۋەقەلىك تەرەققى قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئۇڭۇشسىزلارغا ئۇچىرايدۇ لىكىن قانچىلىك جاپا مۇشاقەت بولسىمۇ ئاخرى يېڭىپ چىقىدۇ. بۇبىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

     ئەجىبا ئۆزىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساقچۇ !!!!!!!! ئازىراق مىراسنى دەپ بۇغۇشۇپ كىتىپ بارغان، بىر- بىرىگە ئورا كولاۋاتقان، ئازىراق مال مۈلۈكنى دەپ ھايا نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ بىر- بىرىنى رەسۋا قىلىۋاتقان بىرقورساق قېرىنداشلار، تۇغقانلىرىغا ياردەم قىلىشتىن كەيىپ ساپانى ئەۋزەل كۈرىدىغان ئاكا- ئۇكىلار. ئازىراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىسىلا بوشىشىپ  بەل قويىۋىتىغانلار ، ئاتا- ئانىسىنى بىر ئۆمۈر يۆلەك ھىسابلايدىغان نان قېپىلارنى رۆشەن سېلىش تۇرۇش مۇمكىن .

    ئەجەبا بىز ئۆزىمىزنى ئەدەپ ئەخلاق جەھەتتە ناھايىتى مۇكەممەل، ئىنسان پەرۋەرلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىسلام دىننىڭ مۇرىتلىرى ھىسابلايمىز، شۇنداق بولغان ئىكەن بىز چۇقۇم بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك.

    分享到:

    خەتكۈچ:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىلوگۇمنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويامسىز...
    http://siraj.blogbus.com/
    http://filer.blogbus.com/5009156/resource_5009156_1288062490u.gif
    wulkan回复شەمسى说:
    ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
    2010-10-27 10:35:25
  • بارىكالـــــــــــــــلا.............!!!!!!!!!!!1
    wulkan回复شەخىس说:
    رەخمەت، كىلىپ تۇرارسىز.
    2010-10-25 10:20:16
  • سىزنىڭ بۇ فىلىمدىن ئالغان تەسىراتىڭىز ھەقىيقەتەن چوڭقۇر ئىكەن. راسىتلا مايكول بروۋىسنىڭ ئۆز ئاكىسى ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ مېھرى-مۇھەببىتى سۇسلىشىپ قالمايدۇ. ھەقىيقەتەنمۇ تەسىرلىك.
    wulkan回复چەۋەندازلار说:
    مەن شۇنداق ئويلۇدۇم، چۇنكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ مەلۈم بىر مەقسدى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار .
    2010-10-25 10:20:46
1056551709QQ