-
دۆلەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە - [ئىش ۋاقتى]
2010/10/27
كادىرلار مىنىستىرلىكىنىڭ « گوۋۇيۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» نى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر چارىسى
(1995- يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى كادىرلار مىنىستىرلىكى تارقاتقان -32 [1995] نۇمۇرلۇق ھۆججەت )
1- ماددا « گوۋۇيۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن بۇچارە تۈزۈپ چىقىلدى.
2- ماددا بۇ چارە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چىگرىسى ئىچىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي كوللىكتىپ ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرگە تەدبىقلىنىدۇ.
3- ماددا خىزمەتچىلەر كۈنلىكى 8 سائەت، ھەپتىسىگە 40 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار بىرلىككە كەلگەن خىزمەت ۋاقتىنى قوللىنىدۇ، ھەر ھەپتىنىڭ ( شەنبە، يەكشەنبە) 6، 7 كۈنلىرى ھەپتىلىك ئارام ئېلىش كۈنى بولىدۇ. بۇ تۈزۈمنى يولغا قويغاندا، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىر قىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، سالامەتلىكى ۋە كۈندىلىك تۇرمىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، ھەپتىلىك ئارام ئېلىش كۈنلىرى ۋە بايرام كۈنلىرىدە خىزمەت قىلىش لازىم بولسا، خادىملارنى ياخشى تەڭشەپ ۋە نۆۋەتچىلىك تۈزىمىنى قولىنىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەنبە ،يەكشەنبىدە نورمال خىزمەت قىلىپ، خەلىق ئاممىسىغا قولايلىق يارتىشى كېرەك.
4- ماددا ئالاھىدە شارائىتتا ئەمگەك قىلىپ ۋە ئالاھىدە شارائىت بۇلۇپ، خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋافىق قىسقارتىشقا توغرا كەلسە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە باشقۇرغۇچى تارماقلار تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، كادىرلار مىنىستىرلىكىگە تەستىقلاشقا سۇنىدۇ.
5- ماددا خىزمەتنىڭ خاراكتىرى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيەت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، كۈنلىكى 8 سائەت ، ھەپتىسىگە 40 سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىنى ئىجرا قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا، گوۋۇيۇەننىڭ كەسپىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى يولغا قۇيۇش پىكىرىنى تۈزۈپ، كادىرلار مىنىستىرلىكىگە تەستىقلاتقاندىن كىيىن تۇراقسىز خىزمەت تۈزىمى ۋە ئۇنۋېرسال خىزمەت تۈزىمىنى قاتارلىق چارىلەرنى يولغا قويسا بۇلىدۇ.
خىزمە ئېھتىياجىدىن، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش خىزمەت قىلىش ۋە ئارام ئېلىش ۋاقىت تۈزىمىنى ئىجرا قىلالمايدىغان تارماق ۋە ئورۇنلار، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن نۆۋەتلىشىپ خىزمەت قىلىش تۈزىمى، ھەپتىلىك ئارام ئېلىشنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ، ھەم تەڭ دەرىجىلىك كادىرلار تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
6- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدا خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بۇلىدۇ؛
(1) ئېغىر دەرىجىدە تەبىئىي ئاپەت، ۋەقە ياكى باشقا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقى ۋە دۆلەتنىڭ مال مۈلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچىراپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە؛
(2) دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان جىددىي ۋەزىپىلەرنى ياكى يۇقىرى ئورۇنلاشتۇرغان باشقا جىددىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا توغرا كەلگەندە.
7- ماددا بۇچارىنىڭ 6- مادىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارىتقاندا، خىزمەتچىلەرگە تۇلۇقلىما ئارام بېرىشى كېرەك.
8- ماددا بۇ بەلگىلىمىنى 1995- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇشتا قىيىنچىلىق بار كەسپىي ئورۇنلار مۇۋافىق كىچىكتۈرسە بولىدۇ، بىراق ئەڭ كىچىكەندىمۇ 1996- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيىشى كېرەك. يولغا قۇيۇش كىچىكتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە يولغا قۇيۇلۋاتقان خىزمەت ۋاقتى تۈزىمىگە دائىر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
9- ماددا ھەر دەرىجىلىك كادىرلار تارماقلىرى « بەلگىلىمە» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.
10- ماددا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۈكۈمەت كادىرلار تارماقلىرى ۋە گوۋۇيۇەننىڭ كەسپىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى « بەلگىلىمىگە» ۋە بۇ چارىگە ئاساسەن، ئۆز رايۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يولغا قۇيۇش چارىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ ھەم كادىرلار مىنىستىرلىكىگە تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.
11- ماددا بۇچارە 1995- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
12- ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە كادىرلار مىنىستىرلىكى مەسئۇل بولىدۇ.
历史上的今天:
