بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]

    2010/10/27

     

    ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

     

    1. سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش
      دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى،كارخانا قۇرۇشنى تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى،دۆلەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى تارقاتقان تەشكىلىي ئاپپاراتلار بىر تۇتاش كود كىنىشكىسى،شۇنىڭدەك ئۆز ئورنىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى  توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلىپ،شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ،كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش توغرىسىدا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى؛ «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تىزىملاش كىنىشكىسى» ئالغاندىن كېيىن،كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك..
      ئەركىن كەسىپتىكىلەر ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەردىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدىغانلىرى يەككە سودا - سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى،ئۆزىنىڭ كىملىكى  ۋە يازما ئىلتىماسىنى ئېلىپ،شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ،كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچى شەخسلەرنى رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم.
    2. ھەق تاپشۇرۇش
      ئورۇنلار ۋە شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن،تۆۋەندىكى چارە بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا بولىدۇ:
     (1) دۆلەت،كوللېكتىپ ئىلكىدىكى،جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي يەرلىك كارخانىلار كارخانا مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ،شەخسلەر ئۆز مائاشىنىڭ %6ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛
      (2) شەھەر - بازارلاردىكى يەككە ئەمگەكچىلەر ۋە ئەركىن كەسىپتىكىلەر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 -- %300 ئىنى ئاساس سان قىلغان ھالدا،%17لىك نىسبەت بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛
      (3) شەھەر - بازاردا قۇرۇلغان يېزا - بازار كارخانىلىرى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %9 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ،شەخسلەر مائاش %6 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛
    4> ئورگان،كەسپىي ئورۇنلاردىكى توختاملىق ئىشچىلارغا شۇ ئورۇن توختاملىق ئىشچىلار  ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %15 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ. شەخسلەر مائاشنىڭ %3 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ؛  كىرىم - چىقىمغا ئۆزى ئىگە كەسپىي ئورۇنلار ئورۇن ھېسابىدا خىزمەتتىكى خادىملار مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %18 ئى ۋە دەم ئېلىش،پېنسىيە پۇلىنىڭ %42 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ،شەخسلەر مائاشىنىڭ %3 ئى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ.
    3. شەخسىي سچوت
      شەخسىي سچوت سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر شەخسىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى ۋە كارخانىغا تاپشۇرىدىغان ھەقتىن ئاغدۇرۇلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى خاتىرىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھېسابلاش نىسبىتى شەخسلەر تاپشۇرغان ھەق ئاساس سانىنىڭ %11 ئى بويىچە بولىدۇ،شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ( يۇقىرى بولغاندا %8 بولىدۇ)،ئىدارىنىڭ ئاغدۇرۇپ بېرىدىغان قىسمى مۇناسىپ تۆۋەنلەيدۇ.
    شەخسىي سچوتنىڭ تەركىبىي قىسمى: (1) شۇ يىلى تاپشۇرغان ھەقنىڭ دىرى؛ (2) شۇ يىلى دىرىدىن بولغان ئۆسۈم؛ (3) ئىلگىرى تاپشۇرۇپ كەلگەن ئامانەت سوممىسى ۋە ئۇنىڭدىن بولغان ئۆسۈم.
    4. پېنسىيە
      سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە (خىزمەتتىن چېكىنىش) يېشىغا يېتىپ،تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە چۈشكەنلىرى پېنسىيە رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ.
      (1) يېشى 60 قا توشقان ئەرلەر،50 كە توشقان ئاياللار،55 كە توشقان ئايال كادىرلاردىن ھەق تاپشۇرغان يىلى (جۈملىدىن ھەق تاپشۇرىدىغان يىل سانىسىغا باراۋەر دەپ قارالغانلار،تۆۋەندىمۇ شۇنداق) 15 يىلغا توشقانلىرى (ئورگان،كەسپىي ئورۇنلارنىڭ 10 يىل بولىدۇ،تۆۋەندىمۇ شۇنداق).
      (2) قۇدۇق ئاستى،ئېگىز بوشلۇق،يۇقىرى ھارارەت شارائىتىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر  جىسمانىي ئەمگەك ياكى سالامەتلىككە زىيانلىق باشقا خىزمەت بىلەن شوغۇللىندىغان،يېشى 55 كە توشقان ئەرلەر،45 كە توشقان ئاياللاردىن ھەق تاپشۇرغان يىل سانى 15 يىلغا توشقانلىرى.
      (3) يېشى 50 كە توشقان ئەرلەر،45 كە  توشقان ئاياللار ئىچىدىكى ھەق تاپشۇرغان يىلى 15 يىلغا توشقانلاردىن،دوختۇرخانا ئىسپات بەرگەنلىرى ھەمدە ئەمگەك باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرى.
      (4) ئىش ئۈستىدە مېيىپ بولۇپ،دوختۇرخانا ئىسپات بەرگەن ھەمدە ئەمگەك باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرى (ھازىرچە ئورگان،كەسپىي ئورۇنلارغىلا تەتبىقلىنىدۇ).
       سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەخسلەردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن  پېنسىيە يېشىغا،ھەق تاپشۇرغان يىلى 15 يىلغا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقانلىرى «دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىقىدىغانلارنى تەسىتقلاش جەدۋىلى»،ئۆزىنىڭ ئارخىپى ۋە كىملىكى،ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسىي سچوت ھېساب سېلىشتۇرۇش تالونى قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئەمگەك - كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ،پېنسىيە رەسمىيىتى ئۆتىسە بولىدۇ.
      5. كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىنى چىقىم قىلىش
      1) كارخانىدىن پېنسىيە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى
      (1) ئاساس سۇغۇرتا پۇلى = ئۆزى پېنسىيىگە چىققان يىلىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە سۇغۇرتا پۇلى × %20؛
      (2) شەخسىي سچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى = شەخسىي سچوتقا قويۇلغان جەمئىي ئامانەت پۇل سوممىسى ÷ %120 ؛
      1995- يىل  31- دېكابردىن  بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقانلاردىن پېنسىيە يېشىغا يەتكەنلىرى ئاساس كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي سچوت كۈتۈنۈش پۇلىنى ئايمۇئاي ئالغاندىن باشقا،ئۇلارغا يەنە ئۆتكۈنچى كۈتۈنۈش پۇلى ۋە ئۆتكۈنچى تەڭشەش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
     (1) ئۆتكۈنچى كۈتۈنۈش پۇلى = ئۆزىنىڭ ئىندېكىسلاشقان ئايلىق ئوتتۇرىچە تاپشۇرغان ھەققى × ھەق تاپشۇرغانغا باراۋەر دەپ قارالغان يىل سانى × %4.1؛
    (2) ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك تەڭشەش پۇلى = ئۆزىنىڭ ئىندېكىسلاشقان ئايلىق ئوتتۇرىچە تاپشۇرغان ھەققى × ھەق تاپشۇرغانغا باراۋەر دەپ قارالغان يىل سانى ÷35 × %21 (1996 - يىلى %21،ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى %1 تىن كېمىيىپ بارغان).
    2) ئورگان،كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاش تارقىتىش چارىسى
    (1) ش ھ [1986] 61 - نومۇرلۇق ھۆججەت ۋە [1994] 48 - نومۇرلۇق ھۆججەتكە ئاساسەن،ئورگان،كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقىشتا،خىزمەت ستاژىغا قاراپ،ۋەزىپە (تېخنىكا) مائاشى،قوشۇمچە پۇل،جاپالىق رايون،چېگرا رايون ياردەم پۇلى،لەيلىمە دەرىجە ۋە  مۇقىم دەرىجىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ،زىيالىيلار ياردەم پۇلى،گېزىت - ژۇرنال پۇلى ئۆزگەرمەيدۇ. خادىملار ئەسلىدە بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھۆكۈمەت ئالاھىدە قوشۇمچە پۇلى،ئوقۇتقۇچىلىق ستاژ قوشۇمچە پۇلى دەم ئېلىشقا ۋە  سىستېرالىق ستاژلىق قوشۇمچە پۇلى،پېنسىيىگە چىققاندە %100 بېرىلىدۇ؛
    (2) توختاملىق ئىشچىلار پېنسىيىگە چىقىشتا ۋە خىزمەتتىن چېكىنىشتە،تەمىنات ھېسابلاپ بېرىش چارىسى ش ك س[1997] 25 - نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە بولىدۇ،تەمىناتىنى ھېسابلاپ بېرىشتە سۇغۇرتىغا ئەمەلىي قاتنىشىپ،ھەق تاپشۇرغان يىلى ئاساس قىلىنىدۇ،ئومۇمىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 10 يىلغا يەتمىگەنلەرگە بىرلا قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
    (3) يۆتكىلىپ يۈرگۈچىلەر ئورگان،كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي غەملىمىسىگە قاتنىشىپ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن  بېرىلىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى ش ك [1998] 4 - نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە بولىدۇ،شۇ رايوندىكى كەسپىي ئورۇن خادىملىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاساس سان قىلىنىدۇ،ھېسابلاپ تارقىتىش نىسبىتى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ھەق تاپشۇرغان يىلى 10 يىلغا توشمىغانلارغا بىرلا قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
    يۇقىرىقى خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بانكا،پوچتا ئىدارىسى ئارقىلىق بېرىدۇ ياكى ئۆز ئورنى ئايمۇئاي بېرىدۇ.
      مەسئۇل ئورۇن: ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى
      ئىشخانا ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي تىنچلىق يولى 203 - نومۇر
      مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:    2815649 - 0991

     

                                                     مەنبە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمەت تورى

     

     

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ