-
ئۇيغۇرچە ئەمگەك توختامنامسى - [ئەمگەك توختام نامىسى]
2010/09/27
ئۇيغۇرچە ئەمگەك توختامنامسى
كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى كۆزە تۇتۇپ بۇ توختامنامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم ئورگان،كارخانا ۋە كەسپى ئورۇن خادىملىرى ئىشلەتسە بۇلۇدۇ.
بىراق بۇ ئەلپىدا خەت نۇسخسىدا يىزىلغان بۇلۇپ، باشقا خەت نۇسخىلىرىغا ئايلاندۇرالمىدىم، شۇنداقلا توردىن باشقا بىرىنى ئىزدەپ باقسام شۇنچىۋالا كۆپ بولغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مىنىڭ تور بېتىمدىن باشقا توردىن تاپالمىدىم، ھەيرانمەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى جەمئىيەتىتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان، شۇنداقلا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قالسىلا ئەڭ كەڭ دائىرلىك بولغان ھەم كەلگۈسىدە تېخمۇ شۇنداق بۇلىدىغان بىرخىل مۇناسىۋەت تۇرسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئۇرنىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسىي ۋە ئىسپاتى بولغان ئەمگەك توختامنامىسىنىڭ بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزدىن تېپىلماسلىقى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. نۆۋەتتە «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، كەڭ كارخانا، كەسپىي ئۇرۇن، ئورگان ۋە يەككە سودا سانائەتچىلەر ئەمگەك توختامى ئىمزالاشقا مەجبۇر. بىراق ئاز بىرقىسىملىرىمىز خەنزۇتىلىنى تۇلۇق چۈشەنگەندىن سىرىت زور كۆپچىلىكىمىز تۇلۇق بىلىپ كەتمەيمىز ،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنىڭ كىشىلەر ئۆزلىرى تۇلۇق چۈشەنمەيدىغان تىلدا يىزىلغان توختاملارغا ئىمزا قۇيۇپ خاتىرجەم يۈرەمدىغاندۇ!!!!!!!!!
مۇشۇ خەت نۇسخۇسىنى ئۆزگەرتىشنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا ئالماشتۇرۇش دىتالىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ياكى ئۆزلىرى ئالماشتۇرۇپ يوللاپ بەرسە تور بېتىمگە ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدىكى نۇسخسىنى چىقىرىپ قويساق كۆپچىلىك تەڭ پايدىلانساق دىمەكچىمەن، تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن. بۇ بىلوگنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلى تۇلۇق يوللىغىلى بولمىدى، شۇڭا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ قويدۇم.
ئەسكەرتىش : تارىم بىلوگىنىڭ ياردىمىدە ئۆلچەملىك خەت نۇسىسىغا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
(ئۇيغۇرچە) بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
收藏到:Del.icio.us

评论
مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 1056551709