-
قانداق ئەھۋالدا خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا تۆلەم تۆلەيدۇ - [كارخانلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش]
2010/09/26
قانداق ئەھۋالدا خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا تۆلەم تۆلەيدۇ
«ئەمگەك قانۇنى»، «ئەمگەك توختام قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا، ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
1- بۇ ئورۇننىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر بەلگىلىمىللىرىنى بىلىدىغان، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولغان ھەم بۇ ئورۇن بىلەن كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلاش كىلشىمى ياكى كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش پۈتۈمى ئىمزالىغان خادىملار، يۇقارقى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ بۇ ئورۇن بىلەن كەسىپ رىقابىتى بار بولغان باشقا ئورۇنغا بۇ ئۇرۇننىڭ قوغداۋاتقان، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق مەخپىيىتىنى ئاشكارلاپ قويغانلار، ھەم قانۇنسىز ھالدا توختامنى بىكار قىلىپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كىلىشى ياكى كەسىپ رىقابىتىگە چەك قويۇش پۈتۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئىلگىرى ئىشلىگەن ئورۇننىڭ سودا، تېخنىكا، ئۇچۇرقاتارلقى مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى ئىشلىگەن ئورۇن بىلەن رىقابەتلىشىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، شۇ ئورۇنغا كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ ئاقىۋىتى بويىچە شۇ ئورۇنغا ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەيدۇ.
«ئەمگەك قانۇنى» 102 -ماددا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» 90 –ماددا.
2- ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى بىلەن ئەمگەك توختام مۇناسىۋىتنىنى تېخى بىكار قىلمىغان ئەمگەكچىلەر باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئەمگەكچى كىيىنكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بىرگە قانۇن بويىچە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
«ئەمگەك قانۇنى» 99 –ماددا، «ئەمگەك توختام قانۇنى» 91- ماددا.
3- ئىشچى- خىزمەتچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تەربىيلەش كىلىشىمى ئىمزالىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئىشچى –خىزمەتچىگە قارتا تەربىيلەش ئېلىپ بارغان ھەم تەربىيلەش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەن بولسا، ئىشچى- خىزمەتچى تەربىيلەش كىلىشىمىنىڭ مۇددىتى بويىچە ئىشلىشى كېرەك، ئەگەر تەربىيلەش كىلىشىمىدە پۈتۈشكەن توشماي تۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچى ئەمگەك توختامىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا، تەربىيلەش ھەققىنى كىلىشىمدە پۈتۈشكەن مۇددەتكە بۈلۈپ، ئېشىپ قالغان قىسىمىغا قارتا تۆلەم تۆلەيدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى» 22- ماددا.
