بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى كۆزە تۇتۇپ بۇ توختامنامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم ئورگان،كارخانا ۋە كەسپى ئورۇن خادىملىرى ئىشلەتسە  بۇلۇدۇ.

    بىراق بۇ ئەلپىدا خەت نۇسخسىدا يىزىلغان بۇلۇپ، باشقا خەت نۇسخىلىرىغا ئايلاندۇرالمىدىم، شۇنداقلا توردىن باشقا بىرىنى  ئىزدەپ باقسام  شۇنچىۋالا كۆپ بولغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مىنىڭ تور بېتىمدىن باشقا توردىن تاپالمىدىم، ھەيرانمەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى جەمئىيەتىتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان، شۇنداقلا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قالسىلا ئەڭ كەڭ دائىرلىك بولغان ھەم كەلگۈسىدە تېخمۇ شۇنداق بۇلىدىغان بىرخىل مۇناسىۋەت تۇرسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئۇرنىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسىي ۋە ئىسپاتى بولغان ئەمگەك توختامنامىسىنىڭ بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزدىن تېپىلماسلىقى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.  نۆۋەتتە «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، كەڭ كارخانا، كەسپىي ئۇرۇن، ئورگان ۋە يەككە سودا سانائەتچىلەر ئەمگەك توختامى ئىمزالاشقا مەجبۇر.  بىراق ئاز بىرقىسىملىرىمىز خەنزۇتىلىنى تۇلۇق چۈشەنگەندىن سىرىت  زور كۆپچىلىكىمىز تۇلۇق بىلىپ كەتمەيمىز ،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزنىڭ كىشىلەر ئۆزلىرى تۇلۇق چۈشەنمەيدىغان تىلدا يىزىلغان توختاملارغا ئىمزا قۇيۇپ خاتىرجەم يۈرەمدىغاندۇ!!!!!!!!!