بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە قوساقتىكى ھامىلە شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولامدۇ؟ قاتناشسا رەسمىيىتى قانداق بېجىرىلدۇ؟

    جاۋاب: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە قوساقتىكى ھامىلە شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئومۇمەن شەھەر- بازار ئىشچىى- خىزمەتچىلىرى، ئاھالىلەر ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان تۇغۇتتىكى ئاياللار  ھامىلە بولۇپ 28ھەپتىگە توشقاندىن تارتىپ تۇغۇتقا بىر  ئاي قالغۇچە، دىئاگونىز ئىسپاتى، ئەر-ئايالنىڭ  بىرگە چۈشكەن رەسىمىنى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ قورساقتىكى بالىغا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش  رەسمىيىتىنى بىجىرسە بولىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن داۋالىنىشقا تۇغرا كەلسە، سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 4 ئاي ئىچىدەبالىنىڭ نۇپۇسى ۋە رەسىمىنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورگىنىدا سالاھىتىنى بېكىتىش رەسمىيىتىنى بېقىرىش كېرەك، ۋاقتىدا بىجىرمىسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.