-
مەملىكەتنىڭ 2008–يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەھۋالى ئېلان قىلىندى - [ئۇچۇرلار]
2009/06/18
مەملىكەتنىڭ 2008–يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەھۋالى ئېلان قىلىندى2009– يىل6– ئاينىڭ15– كۈنى 12:41 شىنجاڭ گېزىتىشىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى 11 – ئىيۇن مەملىكەتنىڭ 2008 – يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر، بازارلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ئايرىم – ئايرىم 218 مىليون 910 مىڭ، 318 مىليون 220 مىڭ، 124 مىليون، 137 مىليون 870 مىڭ ۋە 92 مىليون 540 مىڭ كىشىگە يېتىپ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم 17 مىليون 540 مىڭ، 95 مىليون 110 مىڭ، 7 مىليون 550 مىڭ، 16 مىليون 140 مىڭ ۋە 14 مىليون 790 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش مۇلازىمىتى جەھەتتە 2008 – يىلى مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردا نېسى قالغان 28 مىليارد 900 مىليون يۈەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى يىغىۋېلىندى. بەش تۈردىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 58 مىليون 40 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈپ، 30 مىڭ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ نامىدا 69 مىليون 700 مىڭ يۈەن سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋالغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، 65 مىليون 470 مىڭ يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى. 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا، پېنىسىيىگە چىققان 34 مىليون 610 مىڭ كىشى مەھەللىلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇلار كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا، پېنىسىيىگە چىققانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %73.2ىنى ئىگىلىدى، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 3 مىليون 250 مىڭ كىشى كۆپەيدى.
( مۇھەررىر : لالە )
