-
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى%80 كە يەتكۈزۈش كېرەك - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2009/06/18
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى%80 كە يەتكۈزۈش كېرەك2009– يىل6– ئاينىڭ15– كۈنى 12:36 شىنجاڭ گېزىتىشىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ 11 – ئىيۇن ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى 6 –،7 –، 8 – ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى% 80كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىشنى تەلەپ قىلغان.
ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: كىيىنكى يېرىم يىلدا سىياسەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل خىزمەت ئاپپاراتى ۋە خادىملارنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، نىشان – مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئايلىق خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سىياسەت – تەدبىرلەرنى باغلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى ئۇل خىزمەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۈگىمىدى، بۇ كرىزىسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، تەسىرنىڭ دەۋرىيلىكى تېخىمۇ ئۇزاق، داۋالغۇش تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر خىزمەتلەردە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن، مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىلەن ئۇسۇلىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا.
( مۇھەررىر : لالە )
