-
ئۈچ تارماق ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىغا بېرىلىدىغان ئۆسۈم ياردىمى نىسبىتىنى قېلىپلاشتۇردى - [ئىگلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتل]
2009/06/18
ئۈچ تارماق ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىغا بېرىلىدىغان ئۆسۈم ياردىمى نىسبىتىنى قېلىپلاشتۇردى2009– يىل6– ئاينىڭ11– كۈنى 10:31 شىنجاڭ گېزىتىشىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. 9 – ئىيۇن مۇخبىرىمىزنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىكى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلارغا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئاز پايدىلىق تۈرلىرىگە بېرىلىدىغان ئۆسۈم ياردىمى نىسبىتىنى تولۇق سوممىلىق ئۆسۈم ياردىمىگە تەڭشىدى.
ئۈچ تارماق ئېلان قىلغان ‹‹ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئاز پايدىلىق تۈرىگە بېرىلىدىغان ئۆسۈم ياردىمى نىسبىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، 2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى بەرگۈچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرگە يېڭىدىن بېرىدىغان ئاز پايدىلىق تۈر ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىدا مەركەز مالىيىسىدىن تولۇق ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ (شەرقتىكى يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، سۈرۈك مۇددىتىدە ئۆسۈم ياردىمى بېرىلمەيدۇ. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرى تارقىتىلغان، تېخى قايتۇرۇپ بولۇنمىغان قەرز پۇللىرىنىڭ ئۆسۈم بوغۇلغان قىسمى تەڭشەلمەيدۇ.
مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىكى مەقسەت ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئاز پايدىلىق قەرز تۈرىنىڭ ئۆسۈم ياردىمى نىسبىتىنى بىر تۇتاش تولۇق ئۆسۈم ياردىمى بېرىشكە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. بۇ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كرىزىسى شارائىتىدا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يەنە بىر تەدبىرى ئىكەن.
( مۇھەررىر : لالە )
