بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • 9 ئورۇن بىرلىكتە قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ - [ئۇچۇرلار]

    2010/06/30

    9 ئورۇن بىرلىكتە قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ

     

    كارخانلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك چىلەرنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ 9 ئورۇننىڭ «قانۇسىز ئادەم ئىشلىتىشنى تەرتىپكە سېلىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەركەتنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرش» نىڭ روھىغا ئاساسەن، يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازاراتى، ج خ نازارىتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى،خەلىق ئىشلار نازارىتى، دۆلەت زىمىن بايلىق نازارىتى، سەھىيە نازارىتى، سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى ئەمگەك سىجىللقى زىچ بولغان كارخانلار، يېزا- شەھەر بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە يېزا كەنىت كارخانلىرى، بۇلۇپمۇ كىچىك تىپتىكى خىش زاۋۇتلىرى، كۈمۈر كانلار، تاغلىق كانلار، ھۈنەر ۋەنچىلىك دۇكىنى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ، قانۇن بويىچە تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش، باج تىزىملىتىش، كان قېزىش رەسمىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئېجازىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېجازىتى ئېلىش ئەھۋالى. ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي ئەھۋالىي: ئىشلەتكەن خادىملارنىڭ سانى، كىلىش مەنبەسى، تەكلىپ قىلىش يوللىرى. ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت قانۇن نىزاملىرىنى ئىجراقىلىش ئەھۋالىي: ئەمگەك توختامى ئىمزالاش، ئىش ھەققىنى بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، خىزمەت ۋاقتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەسپىي تازلىق، ئايال ئىشچىلار ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللار. قانۇنسىز جىنايى ئەھۋاللار؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئالداش، بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، يۇقارقى قىلمىشى بولغان ئورۇنلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ئادەم ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەرتپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۋاتىدۇ.

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ