بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2009/06/25

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش

           ئالىي مەكتەپ بولسا، بىلىم ئالىدىغان، قوينى كەڭرى   ئاجايىپ بىر رەڭگا رەڭ دۇنيا. ئالىي مەكتەپ، پەقەت   ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلا ئەمەس، شۇنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ باقمىغانلارنىڭمۇ تەلپۈنىدىغان، شۇ يەردە ئوقۇشنى ئازۇ  قىلىدىغان، ئۆزىگە ئىنتىلدۇرىدىغان بىر دۇنيا...خىزمەت بولسا، ھەر بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى جان بېقىشنى ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئويلايدىغان ئىشى، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرەر ئىش تېپىلىشىنى، خىزمەت تېپىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئاتا ئانىلار شۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت تېپىپ ئىشلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا شۇنىڭ ئۈچۈن غەم قىلىدۇ، يول ماڭىدۇ، پۇل سەرپ قىلىدۇ، ئىشقىلىپ، خىزمەت، ئىش تېپىش، بۇ ھازىرقى جەميىتىمىزدە، ھەر بىر ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ياكى ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ ئەڭ ئاۋال  ئويلايدىغان، بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى. مەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى  ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك  ئوقۇيالماي باشقا ئىش قىلماقچى بولغانلار بولسۇن، ياكى سەنشىخاڭزىدىكى مەدىكارلار بولسۇن، ۋە ياكى مايلامچىلار بولسۇن، ھەممىسى بىر ئىش بۇلۇشىنى، ئىش تېپىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. مەيلى ئوقۇغانلار بولسۇن، ياكى ئوقۇمىغانلار بولسۇن، جان بېقىش كويىدا بىرەر ئىش تېپىپ، تۇرمۇشىنى قامداشنى ئويلىمايدىغان بىرمۇ شەخس بولمىسا كېرەك، ھايۋانلار جېنىدىمۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن توختىماستىن مىدىراپ تۇرىدۇ.
           خوش، خىزمەت شۇنداق مۇھىم ئىكەن، ئىش تېپىش مۇھىم ئىكەن، ئۇنداقتا،  بىز ئىشنى زادى نەدىن، قانداق تاپىمىز؟ بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىمىز بىلەن خىزمەت تېپىش، ئىش تېپىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بۇلۇشى كېرەك؟  مەكتەپتە ئوقۇش، بىلىم ئىگەللەش پەقەت ئىش تېپىش، پەقەت  خىزمەت تېپىش ئۈچۈنلىمۇ؟
            مەن بۇ يەردە  « بىز ئىشنى زادى نەدىن، قانداق تاپىمىز » توغرىسىدا ئارتۇق توختالمايمەن، مېنىڭ توختىلىدىغىنىم كېيىنكى مەسىلىلەر.
            بىز ئاۋال « مەكتەپتە ئوقۇش، بىلىم ئىگەللەش پەقەت ئىش تېپىش، خىزمەت تېپىش ئۈچۈنلىمۇ؟»  دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ باقايلى.
           ھازىر كۆرىدىغان بولساق، نۇرغۇن سىتودېنتلارنىڭ كاللىسىدا شۇ نەرسە ھۈكۈمران ئۇرۇندا تۇرىدىكى، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى، بىلىم ئېلىشى، خىزمەت تېپىش ئۈچۈندۇر. شۇنداقلا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەتتا شۇنداق ئويلايدىكى « جوڭگودا ئادەم جىق، خىزمەت تېپىش تەس، ئوقۇش پۈتتۈرسەممۇ بەرىبىر خىزمەت يوق، ئىش تېپىش تەس، شۇنداق بولغاندىكىن ئالىي مەكتەپتە بىرسى مىنى باشقۇرمىغاندىكىن، ئاتا ئانام يىراقتا بولغاندىكىن،  تازا ئويناپ ياشىۋالاي، مىنى كىم كۈرەتتى،  ئىمتىھانلاردىن ئەپلەپ سەپلەپ ئۈتۈۋالسام بولدى » دەيدىغان....
            دەرھەقىقەت، دۆلىتىمىزدە ھەقىقەتەن ئادەم جىق، شۇنچىۋالا جىق ئادەمنىڭ قۇسىغىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا، ھازىر نۇرغۇن ئىشلار ماشىنا ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان، رىقابەت كەسكىن بۇلۇۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە، بۇرۇن 10 ياكى 20 ئادەم قىلىدىغان ئىشلارنى، ھازىر بىر ئادەم بىر كەمپۈتەر (كومپىيۇتۇر)  ياكى بىر ماشىنا قۇرالى ئارقىلىق قىلىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئىش تېپىش بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇنداق ئاسان ئەمەس بۇلۇپ كەتتى. لېكىن، ھەر كىمنىڭ رىسقى ئۆز قولىدا. چۈمۈلە جېنىدا رىسقى ئۈچۈن، توختىماستىن ھەركەت قىلىدۇ، بىز تىرىشساق، تىرماشساق، ئىككى قولىمىز، پۇتىمىز بىلەن ئەمگەك قىلساق، ئەجىر قىلساق، بىزگىمۇ رىزىق يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دىسەك ، ئۈجمە مەڭگۈ ئاغزىمىزغا چۈشمەيدۇ.
            ئاددى قىلىپ ئېيتساق، كەتمەن، گۈرجەك بىلەن قىلىدىغان ئىشلارنى، فورمۇلا، تېئورىما كەتمەيدىغان ئېلىپ سېتىش ئىشلىرىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش  بارلىق يۇقۇرى ئەقىل، يۇقۇرى  بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان ئىشلارنى ھەر قانداق ئادەم قىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن. ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق شەخس ئوقۇماي تۇرۇپمۇ، ئىككى قولىغا تايىنىپ، قارا ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق جېنىنى جان ئىتەلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ھىچقانداق بىلىم كەتمەيدۇ، ھىچقانداق دىپلوم كەتمەيدۇ،ھىچقانداق سەۋىيە كەتمەيدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىق تارىخى كەتمەيدۇ.
            بىزدە  «بىلىم ئال، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە؛ بىلىم ئال، تۇغۇلغاندىن تاكى لەھەتكىچە؛ كىتاپ بىلىم بۇلىقى؛ بىلىملىك مىڭنى  يېڭەر، بىلىمسىز بىرنى يېڭەر؛  بىلىم ئال، ھەتتا  بىلىم  ئۇ يىراقتىكى بىر دۆلەتتە بولسىمۇ » دىگەندەك ھېكمەتلەر بار بۇلۇپ، بۇ ھېكمەتلەردىن بىزنىڭ ئاتا بوۋىمىز، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇرۇندىنلا بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتكەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز.  ئەجداتلىرىمىز نىمە ئۈچۈن بىلىمگە شۇنچىۋالا ئېتىۋار بىرىدۇ ؟ بىلىم بىز ئۈچۈن، زادى نىمە بىرىدۇ؟
    نەزەر سالساق، مەيلى مائارىپى تەرەققى قىلغان غەرب ئەللىرىدە بولسۇن، ياكى ئەرەب ئەللىرى بولسۇن، ياكى كورىيە، پاكىستان، ھىندىستان،سىنگاپور...قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسۇن، ئاياللار مەيلى ئۇ قانچىلىق ئالىي مەلۇماتلىق بولسۇن، دوكتۇر بولسۇن، ئاسپىرانت بولسۇن، توي قىلغاندىن كېيىن، كېچىككەندە، بالىلىق بولغاندىن كېيىن خىزمەت قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.  ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن، بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئاۋال ئويلايدىغىنى پەرزەنتلىرىنى ياراملىق تەربىلەش. ھازىرمۇ بۇنداق قىز-چوكانلار ئاز ئەمەس،مەسىلەن:  ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئا بولسا، ئەسلى ئۆيى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر  بۇلۇپ،جوڭگۇ مەركىزى مالىيە-ئىختىساد ئۇنۋېرستتىتىنى پۈتتۈرگەن ( مەركىزى مالىيە- ئىختىساد ئۇنۋېرسىتىتى، ئورنى بېيجىڭدا، جوڭگودىكى داڭلىق مەكتەپ بۇلۇپ، نۇمۇرى ئالاھىدە يۇقۇرى بولمىسا، بۇ ئۇنۋېرستتقا ئاسان قۇبۇل قىلىنمايدۇ، ئەينى چاغدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا، نۇمۇرى ئالاھىدە يۇقۇرى بۇلۇپ، نۆلىنجى تۈركۈمدە،  تەييارلىق سىنىپلىرىغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، شىنجاڭدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇيتتى، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئىككى يىللىق نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىككى يىللىق نەتىجىسى  ئەڭ ياخشىلىرىنى، يەنى   بىرىنچى ياكى ئىككىنچى بولغانلارنى شۇ مەكتەپكە ئەۋەتەتتى، قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ مەكتەپنى تاللاش سالاھىيىتى يوق ئىدى)، كېىين، توي قىلىپ، يولدىشى بىلەن ئاۋال قىرغىزىستاندا، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، گەرچە داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ،  ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولسىمۇ، ئۇنۋېرستتىنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، كەسپىگە پىششىق بولسىمۇ، خىزمەت قىلمىغان، ئائىلىسى، پەزەنتلىرىنى تەربىلەش ئۈچۈن، ئائىلە ئايالى بولغان، ئامېرىكا شارائىتىدا، ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلى مۇھىتىدا، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن، تېلىۋىزۇرنىمۇ ئاچماي، مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ۋە باشقا كىتاپلارنى ئەكەلدۈرۈپ،ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرچە ۋ س د پىلاستىنكىسى ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدا چىقارغان، شۇنداقلا، ئامېرىكىدىكى شۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، ئائىلىسىدە ئۇيغۇرچە ئېىلپبەنى، سۆزلىشىشىنى ، ئويۇنلارنى ئويناشنى  ئۈگەتكەن. ئەسلى، ئىشلەيمەن دىسە، شۇ ئا ئىشلىسە بولاتتى، بىراق، ئۇ يۇقۇرى مەلۇماتلىق تۇرۇپ، بىلىمى شۇنچە يۇقۇرى تۇرۇپ خىزمەت قىلمىغان، پەقەت، بارلىق زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان.  دىققەت، يەنە بىر دىققەت، مەن بۇ يەردە قىزلارنى ئىشلىمىسۇن دىمەكچى ئەمەسمەن، ئاياللارنىڭ بىر قولىدا بۈشۈك تەۋرىسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ، ئاياللارمۇ خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇناسىپ، بىز ھەرگىزمۇ جەميەتتە ئورنى يوق، سالاھىيىتى يوق قۇرۇق سۆلەتلەردىن بۇلۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مەن پەقەت، بۇ  يەردە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان ئايرىۋېلىشنى، مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى سەمىڭلارغا سالماقچى. چۈنكى، ھەممە ئادەم ئورگاندا ئىشلەپ بولالمايدۇ، ھەممە ئادەم، دۆلەت مەمۇرى بولالمايدۇ، چۈنكى، ھازىرقى دەۋردە بىز خىزمەت تېپىش جەھەتتىن، تارىختا كۈرۈلۈپ باقمىغان كەسكىن تاللاشقا دۈچ كەلدۇق، بۇلۇپمۇ،قىزلىرىمىزغا رىقابەت،شاللاش بەك ئېغىر. شۇنداق ئىكەن، قىزلارنى خىزمىتى يوق ئىكەن دەپ، ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان، ئۆزىنى ئەركەك سانىغانلارنىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج قىز-چوكان،ئايال  قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنداق بۇنداق دىيىشكە بىزنىڭ ھىچقانداق ھەققىمىز يوق، ھالال ئەمگەك قىلىپ،ئىشلىسىلا، شۇ قىزلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارنى ئاسرىشىمىز، قوغدىشىمىز كېرەك. پۇلنى مانچىلىك تاپتىڭ، خىزمەت ئورنۇڭنىڭ تايىنى يوق دەپ، ئۇلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىشنىڭ ئۆزى، ئۇلارنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىك، نامەرتلىك قىلغانلىق، بۇنداق قىلىش، يىگىتلىككە، ئەركەكلىككە خاس ئەمەس.  
          قايسى بىر يىلى، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى كۈڭۈلدىكى سۆز پىروگىراممىسىدا، بىر  تاماشىبىن ئانىنىڭ شۇنداق دىگەنلىكى يادىمدا: «بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىشىمىز، پەقەت خىزمەت ئۈچۈنلا دەپ ئوقۇتساق توغرا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپ دىگەن بىلىم ئالىدىغان جاي، ھەرگىزمۇ خىزمەت تاپىدىغان جاي ئەمەس، مەيلى خىزمەت تېپىش، ئىش تېپىش تەس بولسۇن، چۇقۇم پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇپ، ياراملىق تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. خىزمەت تېپىش تەس، پۇل كېتىدۇ دەپلا، بالىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتمىساق ، توغرا بولمايدۇ » شۇ چاغدا، مەن بۇ ئانىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەقىقەن ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم.  
          بىزدىكى «بىلىم ئال، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى لەھەتكىچە، بىلىم ئال يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە» دىگەن ماقالىلارنى توغرا تۇنۇشىمىز، ئۇنىڭدىكى ھەقىقى ماھىيەتنى تۇنۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، لەھەتكە يول ئالغان ئادەمگە ، 70ياشلىق بىر بوۋاي-مومايغا، بىلىم ئېلىش نىمە ئۈچۈن زۈرۈر بۇلۇپ قالدى؟ كىتاپ كۈرۈش نىمىگە ھاجەت بولدى؟ رادىيو ئاڭلاش، تېلىۋىزور كۈرۈش، خەۋەر ئاڭلاش نىمىگە زۈرۈرىيىتى تۇغۇلدى؟ ئانىنىڭ  قۇسىغىدىكى ھامىلىگە دادا بولغۇچى  گەپ قىلىپ بېرىش، مۇزىكا قۇيۇپ بېرىش، ھىكايە ئوقۇپ بېرىش،  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا، كىتاپ ئوقۇپ بېرىش، ئەللەي ناخشىسى ئوقۇش، مۇزىكا ئارقىلىق تەربىيىلەش، بۇلار نىمىگە زۈرۈر بولدى؟  
         مەكتەپتە ئوقۇشتىكى ئەڭ ئالدىنقى مەخسەت، ئىلىم ئىگەللەش، ئۆزىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللاندۇرۇش، كاللىمىزنى، قەلبىمىزنى ئىلىم بىلەن سۇغۇرۇش، بىلىم بىلەن تولدۇرۇش، قەلبىمىزنى نۇرلاندۇرۇش،  ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىلمىگەننى بىلىش، ساپانى ئۆستۈرۈش، كۆزى ئۇچۇق كۆر بولماسلىق. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تەبىئەت دەرسلىكى ئارقىلىق تەبىئەتتىكى نۇرغۇن ھادىسىىلەرنىڭ سەۋەبى ۋە ماھىيىتىنى گۆدەك، سەبى قەلبىمىز چۈشىنىپ بىلىۋالالايمىز، بوتانىكا دەرسلىكى ئارقىلىق ئۈسۈملۈك دۇنياسىنى چۈشىنەلەيمىز، زوئولوگىيە ئارقىلىق ئەڭ كىچىك ھايۋانلاردىن تارتىپ، پىل،كىتتەك چوڭ ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىكى ۋە ماھىيىتىنى بىلىۋالايمىز، فىزولوگىيەلىك گېگىنا ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى بىلەن تۇنۇشىۋالالايمىز، ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە  قارىتا چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلىشىدۇ، گىئومىتېرىيە ئارقىلىق، پىرامىدا، سىلىندىر، كۇۋادىرات...قاتارلىق ھەر خىل قۇرۇلۇش، ئىمارەت، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان، يۇلۇقىدىغان شەكىللىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ۋە باشقا شەكىللىك نەرسىلەرنىڭ ھەجمىنى، يۈزىنى ئۇلارنىڭ سىرلىق قائىدە، فورمۇلا، تېئورېمىلار ئارقىلىق ھىساپلاشنى بىلىۋالالايمىز، ماتىماتىكا ئارقىلىق، تەپەككۈرىمىز ئاشىدۇ، ئەدەبىيات ئارقىلىق بىز بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ، ھەر خىل ئېقىمدىكى مەدەنىيەت بىلەن ئەسەرلەر ئارقىلىق تۇنۇشىمىز. شۇ ئەسەرلەرنىڭ دەۋر ئارقا كۈرۈنىشى ئارقىلىق، تارىخ ئارقىلىق تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ھەم ئىگە بولىمىز، فىزىكا بولسا، شۇنداق قىزىقارلىق بىر دەرس، خىمىيەمۇ شۇنداق، شۇ پەنلەرنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق، بىزنىڭ كاللىمىزدىكى نۇرغۇن ئايدىڭ بولمىغان، بىلمىگەن نەرسىلەر ئايدىڭلىشىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ قەلبى نۇرلىنىپ قالغاندەك، كۆزىمىز ئېچىلىپ قالغاندەك تۇنۇشقا كېلىمىز، بۇنداق تۇنۇش ھەرگىزمۇ تاساددىپى ھالدا مەيدانغا كەلمەيدۇ، ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇش، ھەر خىل پەنلەرنى ئوقۇش، بىلىش ئارقىلىق ھازىرلىنىدۇ. شۇڭا، بالىلىرىنى ئوقۇتماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسقان ئاتا-ئانىلار، مەكتەپتە، ھۇشىنى تاپالمىغان ، توغرا كۆز قاراشتا بولماي، ئوقۇش پۈتتۈرسەكمۇ ،خىزمەت يوققۇ دەپ، ئۈمۈتسىزلىك پاتقىغىغا، توغرىسى،ھۇرۇنلۇق، قاشاڭلىق، ماڭقۇرتلۇق، بەڭۋاشلىق قىلىۋاتقانلار، دەرھال ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تۇنۇۋېلىشى كېرەك، ئالتۇندەك ياشلىقى،ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتمەسلىك كېرەك، ئۈتۈپ كەتكەن ۋاقىت قايتا كەلمەيدۇ، بالدۇر ئېچىلغان گۈل، بالدۇر توزۇيدۇ، بىلىمگە ئىنتىلمەسلىك، بىلىم ئېلىشقا تىرىشماسلىق، ياكى ئۆزى خالىغان پايدىلىق بىلىمنى ئىگەللىمەستىن ئويۇنغا بىرىلىش، شەھۋەتكە،ھەددىدىن زىيادە ئەركىنلىككە ئىنتىلىش، ھامان بىر كۈنى خاراپلىققا،خار بۇلۇشقا، نامراتلىققا، زەبۇنلۇققا مۇپتىلا قىلىدۇ....قىسقىسى كەسكىن رىقابەتتە سىزنىڭ ئورنىڭىز بولمايدۇ، قۇرۇق سۆلەت ھىچكىمگە ئەسقاتمايدۇ.  
         قىسقىسى بىلىم ئېلىش، ئادەمنىڭ ئادەم بۇلۇش جەريانىدۇر، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدۇر، بىلمىگەننى بىلىش جەريانىدۇر، قەلبنى نۇرلاندۇرۇش جەريانىدۇر، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە ماھىيىتىنى بىلىش جەريانىدۇر. ئەلۋەتتە، بىلىم ئىگەللەش،  مەكتەپتە ئوقۇش، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىزمەت قىلىش بىلەن باغلىنىشلىق نەرسە بولسىمۇ، ئىش ئورنى ئۈچۈن  لازىملىق نەرسە بولسىمۇ،  بىراق، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ بۇ بولمىسا،چۇقۇم ئۇمۇ بولمايدۇ، ياكى، بۇ بولسا، ئۇمۇ بولىدۇ دىگەن مۇناسىۋەت ئەمەس، ئالدىنقىسى- بىلىش، ئۆزىنى تېپىش،تۇنۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بولسا، كېيىنكىسى- جاننى بېقىش، ئاچ قالماسلىق ئۈچۈندۇر. ئىككىسى ئايرىم ئايرىم ئىككى ئوقۇم.
          ئەلۋەتتە، بىلىم ئارقىلىق،  بىلىش ئۆزىنى تېپىش، تۇنۇش، ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش،  مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشى ۋە شەرتى.    
        
    مەنبە : ئۆزەم
    يوللىغۇچى: بودەك بارماقلىرىم.
    مەنبە شەبنەم مۇنبىرى
    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ