بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى( ئاخىرى) - [قانۇن نىزاملار]

    2009/06/19


    6 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

    62 - مادداقۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى توختىتىش، تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ:
    (1) كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش مەلۇماتىنى تاپشۇرمىغانلار ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش مەلۇماتىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىغانلار؛
    (2) قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    (3) كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر بولغان قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى لايىھىسىنى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىگە ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتكۈزمەي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلغانلار؛
    (4) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي ياكى ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋەرگەنلەر.
    63 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
    (1)خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى ئارخىپقا سالمىغان، مەلۇم قىلمىغان، ئېلان قىلمىغانلار؛
    (2) بۇ قانۇننىڭ 19 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلار؛
    (3) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قائىدە - تۈزۈمى، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    (4) ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيىلەشكە تەشكىللەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئەسىدە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك تەدبىرى قوللانمىغانلار؛
    (5) كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان خىمىيىلىك ماتېرىيالنى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى ئىشلىتىش ياكى تۇنجى ئىمپورت قىلىشتا، تەركىبىدىكى زەھەرنى باھالىتىش ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلار رويخەتكە ئالغان ياكى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆججەتنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
    64 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:
    (1) كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان تۈرنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا، ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلار؛
    (2) مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۈندىلىك كۆزەتمىگەن ياكى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلمىغانلار؛
    (3) ئەمگەك توختامىنى تۈزگەن ياكى ئۆزگەرتكەندە، ئەمگەكچىگە كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئەينەن ئېيتمىغانلار؛
    (4) كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش، كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەمگەكچىگە ئەينەن ئېيتمىغانلار.
    65 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ:
    (1)خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ياكى زىچلىقىنى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛
    (2) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخىسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بەرمىگەن ياكى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بەرگەن بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتمىگەنلەر؛
    (3) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى نورمال ئىشلەش ھالىتىنى ساقلىيالمىغانلار؛
    (4) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    (5) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپ ئامىلىنى تۈزەش ئارقىلىقمۇ دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتكۈزەلمىگەندە، كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بار ئىشنى توختاتمىغانلار؛
    (6)كەسپىي كېسەللەر ۋە گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى دىئاگنوز قويۇپ داۋالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    (7) جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھامان جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلار ياكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛
    (8) ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى يېزىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    )9( سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار.
    66 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە، ماتېرىيال بەرگەنلەردىن جۇڭگو يېزىقىدىكى چۈشەندۈرمىسىنى بېرىش ياكى ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    67 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن كەسپىي كېسەل، گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ساختىپەزلىك قىلغانلىرىغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرسە بولىدۇ.
    68 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزەشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ:
    (1) تېخنىكا، ھۆنەر، ماتېرىيالنى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر؛
    (2)ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى يوشۇرغانلار؛
    (3)جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي زىيان - زەخمەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق خىزمەت سورۇنى، رادىئوئاكتىپلىق خىزمەت سورۇنىدا ياكى رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلارنى توشۇش، ساقلاشتا بۇ قانۇننىڭ 23 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    (4)دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەر؛
    (5) كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شارائىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسكە يۆتكەپ بەرگەنلەر ياكى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شارائىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسلەردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى قوبۇل قىلغانلار؛
    (6) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە چۇۋۇۋەتكەنلەر ۋە ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانلار؛
    (7) كەسپىي سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمىگەن ئەمگەكچى، كەسپىي پەرھىزى بار ئەمگەكچى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى ھامىلىدار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بار ئىش ياكى پەرھىزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار؛
    (8) ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئىشقا قائىدىگە خىلاپ بۇيرىغان ۋە مەجبۇرلىغانلار.
    69 - ماددادۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلىگەن، ساتقان ياكى ئىمپورت قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
    70 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
    71 - ماددائادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
    72 - مادداكەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ساپا ئىسپاتى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغان ياكى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرگەن، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويغانلارنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.
    73 - مادداكەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي سالامەتلىكنى تەكشۈرىدىغان، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مۇناسىپ سالاھىيىتىنى ئەسلىي ئىسپات بەرگەن ياكى تەستىقلىغان ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
    (1) كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشتا ياكى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا ساپا ئىسپات دائىرىسى ياكى تەستىقلانغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر؛
    (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
    (3) ساختا ئىسپات ھۆججىتى بەرگەنلەر.
    74 - مادداكەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىدىن كەسپىي كېسەل دىئاگنوزى ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلىۋاتقانلاردىن پۇل - مال ياكى باشقا نەپ ئېلىۋالغانلىرى ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. ئالغان پۇل - مېلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قۇرغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ئىسمى ئۆچۈرۈلىدۇ.
    75 - مادداسەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىدىن كەسپىي كېسەلنى ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان ھادىسىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىدلەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ كۆز بويامچىلىق قىلغان، يوشۇرغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرىدۇ.
    76 - مادداسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلىرىدىن بۇ قانۇننىڭ 60 - ماددىسىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن ئورۇننىڭ مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا جاۋابكارلارغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.

    7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    77 - ماددابۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
    كەسپىي كېسە, ل خەۋپى: كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلەرنى كۆرسىتىدۇ. كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى كەسپىي پائالىيەتتە مەۋجۇت بولغان زىيانلىق خىمىيىلىك، فىزىكىلىق، بىئولوگىيىلىك ئامىللار، شۇنىڭدەك ئىشتا پەيدا بولىدىغان باشقا كەسپىي زىيانلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    كەسىپ پەرھىزى: ئەمگەكچىنىڭ مۇئەييەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ياكى مۇئەييەن كەسپىي , كېسەل خەۋپى ئامىلى بىلەن ئۇچراشقاندا ئادەتتىكى كەسىپكارلارغا قارىغاندا ئاسانلا كەسپىي كېسەل خەۋىپىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە كەسپىي كېسەل بولىدىغانلىقىنى ياكى ئەسلىي كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مۇمكىنلىكىنى ياكى ئىشتا باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەلنىڭ شۇ كىشىدىكى ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ياكى پاتولوگىيىلىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    78 - ماددابۇ قانۇننىڭ 2 - ماددىسىدا بەلگىلەنمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا بولغانلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا بۇ قانۇندىن پايدىلانسا بولىدۇ.
    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تۈزىدۇ.
    79 - ماددابۇ قانۇن 2002 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ