بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاياللارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداشقا دائىر سۇئال جاۋابلار - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2010/08/24

    ئاياللارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداشقا دائىر سۇئال جاۋابلار

     

    «ئەمگەك قانۇن سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى »

     

    ئاياللارنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچچۇرغاندىن كىيىن قانداق يوللار ئارقىلىق قانۇننى قۇتقۇزۇشقا ئىرىشەلەيدۇ؟

    جاۋاپ: مۇنداق ئۈچ خىل يول بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئرىشەلەيدۇ: بىرىنچى، ج خ ، خەلق ئىشلار، ئەمگەك كاپالەت، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش. ئىككىنچى، قانۇن بويىچە كېسىم قىىشنى تەلەپ قىلىش. ئۈچۈنچى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش.

    نىمە ئۈچۈن جىنىسنى باھانە قلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى ئاياللارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۋېلىشقا بولمايدۇ؟

    جاۋاپ: «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 23- ماددا 1- تارمىغىدا «ھەر قايسى ئورۇنلار ئىشچى قۇبۇل قىلغاندا ، ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورنىدىن باشقلىرىدا ،جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

    پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدا ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلش تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇلۇپ، ئىناق جەمىيەتنىڭ روشەن ئالاھىدىلىگى مەنپەئەت توقۇنىشى بار تەرەپلەرنىڭ ئىناق ئۆتىشىدۇر،بۇلۇپمۇ ئەمگەك مۇناسىۋېتى ماس بۇلۇشى لازىم، ناۋادا كەمسىتىش بولسا جەمىيەت باراۋەر بولالمايدۇ، باراۋەر بولمىغان جەمىيەت ئىناق بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ جىنىسنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىشى ياكى ئاياللارنى قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىۋېلىش ھەركىتى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسى كەمسىتىش بۇلۇپ، ئۇ «ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ بۇلۇپلا قالماي، ئېلىمىز قانۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگىمۇ خىلاپ.

    ئورۇنلار ئايال خىزمەتچىلەرنى قۇبۇل قىلغاندا، جەزمەن ئۇنىڭ بىلەن ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالىشى لازىممۇ ؟

    جاۋاپ: (1) بازار ئىگىلگى شارائىتىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك مۇناسىۋېتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بۇلۇپ، خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش، ئىشلىتىش ھوقوقى بولىدۇ. ئەمگەكچى ئەركىن ئىشقا ئورۇنلىشىش سوبىكتى بۇلۇپ، تەرەپلەر ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشمى تۈزگەندن كىيىن، ئاندىن ئەمگەك قانۇن مۇناسىۋېتى شەكىللىنىپ، ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھوقوقى ئاندىن ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئىرىشەلەيدۇ.

    (2) ئېلىمىز ئەمگەك قانۇنىنىڭ 16- ماددىسىدا «ئەمگەك توختامى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋېتىنى بىكىتىپ، تەرەپلەرنىڭ ھوقوق ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان توجتام. ئەمگەك مۇناسىۋېىتى ئورناتقاندا ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگلەنگەن.

    يۇقىردىكىلەرگە ئاساسەن، ئايال ئىشچىلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن ئەمگەك (تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشمى تۈزىشى لازىم.

    قانداق ئەھۋال ئاستىدا ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋېتىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلشقا بولمايدۇ؟

    جاۋاپ: (1) ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالائىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار؛ (2) ئايال ئىشچى خىزمەتچى كەسپى كىسەل بۇلۇپ قالغان ياكى ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان دەپ بىكىتىلگەن بولسا؛ (3) ئايال ئىشچى خىزمەتچى كەسپى كىسەل بۇلۇپ قالغان ياكى  زەخمىلەنگەن بۇلۇپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولسا؛ (4) قانۇن نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار؛

     

    ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقوق مەنپەئەتى قانۇننىڭ قانداق قوغدىلىشىغا ئىرىشىدۇ؟

    جاۋاپ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقىلىرىدا، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى قۇبۇل قىلش شەرتىنى ئۆستۈرۋېلىشىغا بولمايدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قۇبۇل قىلغاندا قانۇن بىلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئايال ئىشچى خىزمەتچى بىلەن  ئەمگەك توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىشى، ھەمدە تۈزگەن توختام ياكى كېلىشىمدە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىش، تۇغۇشىنى چەكلەشكە دائىر مەزمۇن بولماسلىغى لازىم. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پىسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا ، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

    ئېلىمىزنىڭ قايسى قانۇن نىزاملىرىدا ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار؟

    جاۋاپ: ئېلىمىزنىڭ «ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «نىكاھ قانۇنى»، «نىكاھلىنىشنى تىزىملاش نىزامى»، «ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى»، «ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى بەلگىلىمىسى » ، « ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدىغان ئەمگەك دائىرسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق مەخسۇس قانۇن، نىزاملىرىدا بۇنىڭغا نىسبەتەن كونكىرىت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەشكىلى قانۇنى»، « سايلام قانۇنى»، «كارخانا قانۇنى»، «مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»، «ئەمگەك قانۇنى»، «ۋارىسلىق قانۇنى»، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومىي قائىدىسى»، «تۈرمە قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن نىزاملاردىمۇ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەر بار.

    ئېلىمىزنىڭ «ئاساسى قانۇنى» دا ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقوق مەنپەئەىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتلەردە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

    جاۋاپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» نىڭ 48- ماددىسىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاياللار سىياسى، ئىقىسادى، مەدەنىيەت، جەمىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ، دۆلەت ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، ئەر- ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئايال كادىرلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن. 49- ماددىسىدا: « نىكاھ، ئائىلە، ئانا ۋە بالا دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئەر ئايال ئىككى تەرەپنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئاتا- ئانىنىڭ قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولۇدۇ، قورامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. نىكاھ ئەركىنلىگىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ياشانغانلارنى، ئاياللار ۋە بالىلارنى خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.

    « ئەمگەك قانۇنى » دا ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھېيىز مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە بەھرىمان بولىدىغان ئالاھىدە قوغدۇلۇش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

    جاۋاپ: «ئەمگەك قانۇنى» نىڭ 58- ماددىسىدا: ” دۆلەت ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە قورامىغا  يەتمىگەن ئىشچىلارغا قارىتا ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى يولغا قويۇدۇ.“ دەپ بەلگىلەنگەن. 60- 61- 62- 63- 70- ماددىلىرىدا: ” ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھېيىز مەزگىلىدە يۇقۇرى ئىگىزلىك، تۆۋەن تىمپىراتۇرا، سوغۇق سۇدا مەشغۇلات قىلىشقا ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن 3- دەرىجىدىكى جىسمانى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئېمىدىغان بالىسى بىر ياشقا توشمىغان مەزگىلدە دۆلەت بەلگىلىگەن 3- دەرىجىدىكى جىسمانى ئەمگەككە ۋە ھامىلدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە شۇغۇللۇنۇش چەكلەنگەن ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشۇرماسلىق. ھامىلدار بولغىنىغا 7 ئايدىن ئاشقان ئايال ئىشچى خىزمەچىلەر ۋە بوۋىقى بىر ياشقا توشمىغان ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاختىنى ئۇزارتىشقا ۋە كېچىلىك سېمىنىدا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى 90كۈندىن كەم بولماسلىق، ئەمگەكچىلەر يەڭگىسە، قانۇن بويىچە ئىجتىمائى سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇدۇ.“ دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئاياللارنى ياللاپ ئىشلىتىشتە، ئۇلارنىڭ قوغدۇلۇشىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

    جاۋاپ: "ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى " نىڭ 27- ماددىسىدا " ھەرقانداق ئورۇننىڭ توي قىلىش ، ھامىلدار بولۇش ، تۇغۇت دەم ئېلىشى ، بالا ئېمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختىمى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ . لېكىن ئايال ئىشچى- خىزمەتچى ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختىمى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى ئۆزى تەلەپ قىلغان ئەھۋال بۇنىڭ سىرتىدا . ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پېنسىيە تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشتا جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ." دەپ بەلگىلەنگەن .

    تۇغۇت قۇتقۇزۇش ياردىمى دىگەن نىمە؟

    جاۋاپ: يەرلىك ھۆكۈمەت تۇغۇت قۇتقۇزۇش ياردىمى قۇرۇپ، تۇغۇت ئىستىراخۇانىيىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بولمىغان نامرات ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش راسخوتىنى تۆلەشكە چىقىم قىلىدىغان بىر خىل ئىجتىمائى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدۇر.

    ئەر ئاياللار ئوخشاش ئىشلەپ ئوخشاش ھەق ئېلىش دىگەن نېمە؟

    جاۋاپ: ئوخشاش بىر كەسىپ، ئوخشاش بىر ئىش تۈردە تېخنىكا ماھارەت جەھەتتىن پىشىش دەرىجىسى ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا، جىنىس ئايرىماستىن، باراۋەر بولغان ئەمگەك ئىش ھەققىگە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ.

    نېمە ئۈچۈن 16ياشقا توشمىغان قورامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؟

    جاۋاپ: 16ياشقا توشمىغان قورامىغا يەمىگەنلەر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، مەجبۇرى مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتكە قاناشسا بولمايدۇ. قىز بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا، جىسمانى ساغلاملىق ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، ” مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى“ نى يولغا قويۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قانۇن تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىدۇ.

    分享到:

1056551709QQ