-
ئاپتونوم رايونىمىزدا 2010-يىلى تەڭشەلگەندىن كىيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]
2010/07/30
ئاپتونوم رايونىمىزدا 2010-يىلى تەڭشەلگەندىن كىيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى
1. تەڭشەلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى
1) ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى
ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى مۇنداق 2 خىل بولىدۇ: بىرى، ئەمگەكچى شەخسى تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ( تۆۋەندە «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» دېيىلىدۇ ) ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، 5 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ئېيىغا 800 يۈەن، 660 يۈەن، 570 يۈەن، 530 يۈەن، 500 يۈەن بولىدۇ. يەنە بىرى، «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇمۇ 5 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ئېيىغا 960 يۈەن، 800 يۈەن، 720 يۈەن، 680 يۈەن، 640 يۈەن بولىدۇ (قوشۇمچە جەدۋەل -- 1 گە قاراڭ).
2) سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى توغرىسىدا
سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى 5 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ھەر سائىتىگە 8.8 يۈەن، 7.7 يۈەن، 7.2 يۈەن، 6.6 يۈەن ۋە 6 يۈەن بولىدۇ (جايلارنىڭ ئۆلچىمى قوشۇمچە جەدۋەل -- 2 دە كۆرسىتىلدى).
2. تەدبىقلاش دائىرىسى
1) تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەدبىقلىنىدۇ؛
2) تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئەمگەكچىلەرگە تەدبىقلىنىدۇ؛
3) تەڭشەلگەندىن كېيىنكى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جايلار بېكىتكەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ئۆلچىمى، ئەڭ تۆۋەن كۈتۈنۈش كاپالىتى سوممىسى، ئىشتا يارىلانغان ۋە مېيىپ بولغانلار ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ياردەم پۇل قاتارلىق ئالاقىدار تەمىناتلارغا تەدبىقلىنىدۇ.
3. پۈتۈن كۈنلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچى نورمال ئەمگەك قىلغان شارائىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە شۇ جاينىڭ «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە مائاش بېرىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرىدۇ، ئەمگەكچىنىڭ ئەمەلىي ئالىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.
4. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى2010 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
5. باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ <ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بەلگىلىمىسى> نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ئە ئى [2004] 11 - نومۇرلۇق) ئى بويىچە بولىدۇ.قوشۇمچىسى:
1. تەڭشەلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جەدۋىلى
2. تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى جەدۋىلىقوشۇمچە جەدۋەل 1:
تەڭشەلگەن ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جەدۋىلى
بىرلىكى: ئايدا/ يۈەن
رايون نامى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىقاراماي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى 800 960
ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، شىخەنزە شەھىرى ، ۋۇجياچۈ شەھىرى. 660 800
تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، پەيزاۋات ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى ، تۇمۇشۇق شەھىرى. 570 720 ،
توقسۇن ناھىيىسى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى،كۈنەس ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى ، ئاتۇش شەھىرى، ئاقچى ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيىسى ، ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چىڭگىل ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى،بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى، ئونسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى ، ئاۋات ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى،كەلپىن ناھىيىسى ، نىيە ناھىيىسى، ئارال شەھىرى. 530 680
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى ، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى. 500 640
قوشۇمچە جەدۋەل 2:
تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى
بىرلىكى: سائىتىگە/ يۈەن
رايون نامى سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىقاراماي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى. 8.8
ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، شىخەنزە شەھىرى ، ۋۇجياچۈ شەھىرى. 7.7
تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، پەيزاۋات ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، تۇمۇشۇق شەھىرى. 7.2
توقسۇن ناھىيىسى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى،كۈنەس ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى ، ئاتۇش شەھىرى، ئاقچى ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيىسى، ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چىڭگىل ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى،بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى، ئونسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى ، ئاۋات ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى،كەلپىن ناھىيىسى ، نىيە ناھىيىسى، ئارال شەھىرى. 6.6
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى ، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى. 6
ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010-يىلى 54- نۇمۇرلۇق ھۆجىتىگە ئاساسەن ئېلىندى.

评论