بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانداق ئەھۋال ئاستىدا خىزمەتچىللرىگە تۆلەم تۆلەيدۇ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2010/07/29

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانداق ئەھۋال ئاستىدا خىزمەتچىللرىگە تۆلەم تۆلەيدۇ

     

    ئادەم  كۈچى  بايلىقى  ۋە  ئىجتىمائىي  كاپالەت  مىنىستىرلىكى  ئېلان  قىلغان  «ئەمگەك  توختامىغا  خىلاپلىق  قىلغان  ۋە  ئۇنى  بىكار  قىلغاندا  ئىقتىسادىي  تۆلەم  بېرىش  چارىسى»  دىكى  بەلگىلىمىلەرگە  ئاساسلانغاندا،  ئادەم  ئىشلەتكۈچى  ئورۇن  تۆۋەندىكى  ئەھۋاللاردا  ئەمگەك  توختامىنى  بىكار  قىلسا،  ئەمگەكچىگە  ئىقتىسادىي  تۆلەم  تۆلەيدۇ:
        1.  ئادەم  ئىشلەتكۈچى  ئورۇن  ئەمگەكچىنىڭ  ئىش  ھەققىنى  تۇتۇپ  قالغان  ياكى  سەۋەبسىز  كېچىكتۈرگەن،  ئەمگەكچىنىڭ  ئۇزارتىلغان  ئىش  ۋاقتى  ئۈچۈن  تېگىشلىك  ھەق  بەرمىگەن  بولسا،  ئەمگەكچىنىڭ  ئىش  ھەققىنى  بەلگىلەنگەن  ۋاقىتتا  تولۇقلاپ  بەرگەندىن  باشقا،  ئىش  ھەققىنىڭ  %25  ى  بويىچە  ئىقتىسادىي  تۆلەم  تۆلەيدۇ.
        2.  ئادەم  ئىشلەتكۈچى  ئورۇننىڭ  ئەمگەكچىگە  بەرگەن  ئىش  ھەققى  شۇ  يەرنىڭ  ئەڭ  تۆۋەن  ئىش  ھەققى  ئۆلچىمىدىن  تۆۋەن  بولسا،  ئۆلچەمدىن  تۆۋەن  بولغان  قىسمىنى  تولۇقلاپ  بەرگەندىن  سىرت،  ئۆلچەمدىن  تۆۋەن  بولغان  قىسمىنىڭ  %25  ى  بويىچە  تۆلەم  تۆلەيدۇ.
        3.  ئەمگەك  توختامىغا  ئالاقىدار  تەرەپلەر  ئۆزئارا  كېڭىشىپ  بىرلىككە  كېلىپ،  ئادەم  ئىشلەتكۈچى  ئورۇن  ئەمگەك  توختامىنى  بىكار  قىلغان  بولسا،  ئادەم  ئىشلەتكۈچى  ئورۇن  ئەمگەكچىنىڭ  شۇ  ئورۇندا  ئىشلىگەن  ۋاقتىغا  ئاساسەن،  ھەر  بىر  يىلىغا  بىر  ئايلىق  ئىش  ھەققى  بويىچە  ھېسابلاپ  تۆلەم  بېرىدۇ،  ئەڭ  كۆپ  بولغاندا  12  ئايدىن  ئېشىپ  كەتمەيدۇ،

    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ