بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • تەربىيلەش نىشانى ئالدى بىلەن 2002- يىلىدىن بۇيان ئۇدا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن پۈتۈن كۈلۈك تۈزۈمدىكى تۇلۇق كۇرۇس ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى ھەل قىلىنىدۇ،  قىسمەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت  ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار 80% دىن كام بولمايدۇ، قىزلار 60% دىن كام بولمايدۇ. ئورۇنلاشتۇلىدىغان پىلان 25 مىڭ بۇلۇپ، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قۇيۇلىدۇ، ھەر بىر تۈركۈمنىڭ ۋاقتى 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ يىل تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىلىدىغانلار 12مىڭ نەپەر، كىلەر يىلى 10 مىڭ نەپەر ئادەم ئەۋەتىلىدۇ.

     

  • ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقوق مەنپەئەتى قانۇننىڭ قانداق قوغدىلىشىغا ئىرىشىدۇ؟

    جاۋاپ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقىلىرىدا، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى قۇبۇل قىلش شەرتىنى ئۆستۈرۋېلىشىغا بولمايدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قۇبۇل قىلغاندا قانۇن بىلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئايال ئىشچى خىزمەتچى بىلەن  ئەمگەك توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىشى، ھەمدە تۈزگەن توختام ياكى كېلىشىمدە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىش، تۇغۇشىنى چەكلەشكە دائىر مەزمۇن بولماسلىغى لازىم. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پىسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا ، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.