-
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى تۇلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدىكەن - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2011/02/03
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم ئىشخانىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ « ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەشكىلات بۈلىمى قاتارلىق بەش ئورۇننىڭ ئىشخانىسى ” ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرنى شىنجاڭغا ياردەم بېردىغان ئۆلكە شەھەرلەرگە ئاپىرىپ تەربىيلەش پىلانى “ توغرىسىدىكى پىكىرى » نى تارقاتقانلىق ئۇقتۇرشى
1. ئەھمىيىتى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
2. تەربىيلەش پىلانىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە نىشانى
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا رايۇنلار بويىچە ياردەم بىرىش مۇناسىۋىتى بويىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ بايلىقى ۋە شارائىتىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودىنىتلارنىڭ ئۆز ئىىيارلىقى ئاساسىدا، ئورۇنغا ئاساسەن خادىملارنى بىكىتىپ، ئىلغارلىرىنى تاللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئۇقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردە تەربىيلەپ، سىياسى نەزىريىۋى سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل يىزىق ۋە ئورۇننىڭ كەسپىي بىلىم ئېھتىياجى، كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيلىنىدۇ. تەربىيلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىمتىھان ئېلىپ لاياقەتلىك بولغانلارنى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يېزا- بازار ( كوچا) كەسپىي ئورۇن ۋە دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
تەربىيلەش نىشانى ئالدى بىلەن 2002- يىلىدىن بۇيان ئۇدا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن پۈتۈن كۈلۈك تۈزۈمدىكى تۇلۇق كۇرۇس ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى ھەل قىلىنىدۇ، قىسمەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار 80% دىن كام بولمايدۇ، قىزلار 60% دىن كام بولمايدۇ. ئورۇنلاشتۇلىدىغان پىلان 25 مىڭ بۇلۇپ، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قۇيۇلىدۇ، ھەر بىر تۈركۈمنىڭ ۋاقتى 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ يىل تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىلىدىغانلار 12مىڭ نەپەر، كىلەر يىلى 10 مىڭ نەپەر ئادەم ئەۋەتىلىدۇ.
3. تەربىيلەش پىلانىنىڭ يولغا قۇيۇش تەشكىلى
تەربىيلەش پىلانى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، ناھىيە، شەھەرنى بىرلىك قىلىپ ئەمىلىلەشتۈرۈلىدۇ. ئاۋال نۇقتىدا سىناق قىلىپ ، قەدەملەر بويىچە كېڭەيتىش ئۇسۇلى قوللىنىپ، بىر تۈركۈمنى يىتىلدۈرۈپ يەنە بىر تۈركۈم ئەۋەتىلىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماكرولۇق يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋىلايەت ئوبلاسىتلارنى ئۇمۇمىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، ناھىيە شەھەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەر بىلەن بىرلىكتە تەشكىلى يولغا قۇيۇلىدى. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھارزىرقى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بولىدۇ، ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بويىچە ئەمىنلەشتۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغاندا، ۋىلايەت دائىرسىدە تەڭشەپ ھەل قىلىنىدۇ.
4. كاپالەت چارىللىرى
(1) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوروننى ئەمەلىلەشتۈرۈش. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجى ۋە تەربىيلەشكە قاتنىشىدىغان ئادەم سانىغا ئاساسەن، يېزا- بازار ( كوچا) لاردىكى كەسپىي ئورۇنلاردا ئىش ئورنى ئېچىپ، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەت كارخانىللىرنىڭ قوللىشىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئىش ئورنى ئېچىپ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تەربىيلەش پىلانىغا قاتنىشىدۇ.
(2) خادىملار شىتاتىنى ئەمىلىلەشتۇرۇش. يېزا- بازار ( كوچا) لاردىكى كەسپىي ئورۇنلاردا بوش شىتات بولسا، بوش شىتاتىنى ئىشلىتىدۇ، بوش شىتات بولمىسا، تۇرۇشلۇق ناھىيە، شەھەرلەردىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بوش شىتات دائىرسىدە تەڭشەپ ھەل قىلىنىدۇ، ناھىيە، شەھەرلەردىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ شىتاتى تۇشۇپ كىتىپ تەڭشەشكە ئامال بولمىسا، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ۋىلايەت، ئوبلاسىت تەڭشەپ ھەل قىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاسىتىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ شىتاتى تۇشۇپ كىتىپ تەڭشەشكە ئامال بولمىسا، ئاپتۇنۇم رايۇن تەڭشەپ ھەل قىلىدۇ.
(3) خىزمەت خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. تەربىيلەش پىلانىغا كېتىدىغان خىراجەتنى ئاپتۇنۇم رايۇن، شىنجاڭغا ياردەم بېردىغان ئۆلكە،شەھەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشىدىغان ناھىيە، شەھەر ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچدە: تەربىيلىنىدىغان خادىملارنىڭ جىسمانىي خىيىم- خەتەر سۇغۇرتىسى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، بېرىش كىلىش قاتناش ھەققى، باشقۇرۇش ئاپاراتلىرىنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى ئاپتۇنۇم رايۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، تەربىيلەش ھەققى، ياتاق خىراجىتى، تاماق خىراجىتىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەر ئۈستىگە ئالىدۇ؛ باشلاپ ئاپىردىغان خادىملارنىڭ باشقۇرۇش خىراجىتى، ھەربى مەشىق خىراجىتىنى ناھىيە،شەھەرلەر ئۈستىگە ئالىدۇ( جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستىنڭكىنى ئاپتۇنۇم رايۇن ئۈستىگە ئالىدۇ) .
(4) ئالاھىدە كاپالەت چارىللىرى .
1› ناھىيە، شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىپ غوللۇق خادىملارنى ئاجىر تىپ، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ناھىيە، شەھەرلەردىن خىزمەت گوروپپىسى قۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش مەزگىلىدىكى كۈندۈلۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ.
2› تەربىيلەش مەزگىلى توشقاندىن كىيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قايتا سىناق مەزگىلى يولغا قۇيۇلمايدۇ . 3› تەربىيلەش مەزگىلىدە تۇرمۇش پۇلى بېرىلىدۇ. 4› تەربىيلەشكە قاتناشقان خادىملارنى بىر تۇتاش جىسمانى خىيىم خەتەر سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. 5› تەربىيلەش مەزگىلى توشقاندىن كىيىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا ۋە ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەر قوللايدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ.
5. تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش
(1) خىزمەت ئاپاراتى تەسىسى قىلىنىدۇ. تەربىيلەش پىلاننى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ماكرولۇق باش قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتۇنۇم رايۇن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردە تەربىيلەش رەھبەرلىك خىزمەت گورپپىسى قۇرۇپ. رەھبەرلىك گوروپىسى ئىشخانىسى تەسس قىلىدۇ، ئىشخانا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشكىلات بۆلىمىدە تەسىسى قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خادىملار مۇناسىۋەتلىك نازارەت ئىدارىلەردىن تاللىنىدۇ. ياردەم بېرىلىدىغان 12 ۋىلايەت ئوبلاسىىت ۋە ھەر قايسى ئشىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ قوماندانلىق مەركەزلىرىدىكى پارتىيە –ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ گوروپ باشلىقلىرىدىن تەركىپ تاپقان مۇناسسىپ ئاپارات قۇرۇلۇپ، ئۇمۇمىي ماسلاشتۇرۇشقا مەسئول بۇلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردە ئايرىم پاراتلار تەسىسى قىلىنمايدۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىك خىزمەت گوروپپىسى تەشكىللەپ يولغا قۇيۇشقا مەسئول بولىدۇ.
(2) تۈزۈملەر مۇكەممەلەشتۈرلۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئەمىلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردە تەربىيلەشنى يولغا قۇيۇش لايھەسىنى بىر تۇتاش تۈزىدۇ، ۋىلايەت ئوبلاسىتلار مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ناھىيە شەھەرلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسى ۋە مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى ئەمىللىلەشتۈرىدۇ، ھەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى بىلەن تەربىيلەش كىلىشىمى ئىمزالايدۇ. تەربيلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئاپتۇنۇم رايۇن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ سىنايدۇ، لاياقاتلىك بولغانلار ئالدىن بېكىتىلگەن ئورۇنلارغا ئاساسەن ئىشقا چۈشىدۇ.
(3) ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردە تەربىيلەش بولسا بىر تۈرلۈك چوڭ مۇرەككەپ قۇرلۇش بۇلۇپ، سىياسەتچىللىقى كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرسى كەڭ، يولغا قۇيۇش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ. ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاسىت، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار خىزمەتتە ماسلاستۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، يېقىدىن ھەمكارلىشىپ، تەقسىمات بويىچە ماسلىشىپ ئىشلىشى لازىم. بۇلۇپمۇ بالدۇر پىلان تۈزۈپ، ئۈزۈل كىسىل تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كونكىرىت يولغا قۇيۇش لايھەلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ قوللىشىنى ئاكىتىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
(4) تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ۋە ئەل رايى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، ئاپتۇم رايۇنلۇق پارتىكوم ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھەرخىل ئېتىبار سىياسەت ۋە چارىللىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تەربىيلەش پىلاننى يولغا قۇيۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، يېزىلارغا ھەسسە قۇشۇپ، چېنىقىپ ئىختىساسلىق بۇلۇپ چىققانلىقتەك تىپىك مىساللارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزيىتىنى توغرا ئىگلىشىگە ياردەم قىلىپ، توغرا بولغان كەسىپ تاللاش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆز قارشى يىتىلدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلۈنۈش، كارنىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىش لازىم. ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۈلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش كۈچلۈك بولغان ھالەت بەرپا قىلىش لازىم.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەت
2011 - يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى
قارىسام ناھايىتى ياخشى سىياسەت ئىكەن، بىراق ئۇيغۇرچىسىنى تاپالمىدىم، شۇڭا كۆپچىلىكىنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، سەۋيەم چەكلىك بولغانلىقتىن شۇنچىلىك تەرجىمە قىلالىدىم ، خاتالىق بولسا ئەسلىي ھۆججەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۈزتۈپ پايدىلىنارسىلەر.
ئەسلىي ماقالە ئادىرسى:
http://www.hami.gov.cn/10037/10037/00009/2011/89567.htm
收藏到:Del.icio.us
