-
ئاياللارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداشقا دائىر سۇئال جاۋابلار - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2010/08/24
ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقوق مەنپەئەتى قانۇننىڭ قانداق قوغدىلىشىغا ئىرىشىدۇ؟
جاۋاپ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقىلىرىدا، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى قۇبۇل قىلش شەرتىنى ئۆستۈرۋېلىشىغا بولمايدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قۇبۇل قىلغاندا قانۇن بىلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئايال ئىشچى خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىشى، ھەمدە تۈزگەن توختام ياكى كېلىشىمدە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىش، تۇغۇشىنى چەكلەشكە دائىر مەزمۇن بولماسلىغى لازىم. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پىسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا ، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.