رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك27-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك27-باب

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 1375 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر         
كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
1- خاتىرە 1-بۈلەك27– باپ  يالغانچىلىق
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغىنىمدىن :" ئەجەبا ئاخىرىدا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالماشتۇرىۋىتىلگەن ؟!" دەپ سورىدىم .
بوتۇلكا ماڭا قاراپ باش لىڭىشتىپ تۇرۇپ :" ئەمىليەتتە بۇ مۇشاۋۇرنىڭ مەقسىتى لۇشاڭ بىگىنىڭ كۇچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قىرىماسلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ....." دەپ جاۋاپ بەردى .
مەن ئۇلاپلا :" بۇ ئىشلارنى سەن قانداق بىلىسەن ؟ خۇددى ئۆز بىشىڭدىن ئۆتكۇزگەندەكلا  ؟!" دەپ سورىدىم .      " مەن بىشىمدىن ئۆتكۇزۇپ باقىمغان !" دىدى بوتۇلكا بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ :" مەن نەچچە يىل ئىلگىرى سۇڭ دەۋرىدىكى قەۋرىدىن ئنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان يىپەك كىتاپنى قولغا چۈشۇرگەن ، يىپەك كىتاپ دەل مۇشۇ مۇشاۋۇرنىڭ تەزكىرسى بولۇپ ئۇ لۇشاڭ بىگىگە ياردەملىشپ ھەممە ئىشلارنى پىلانلاپ بولغاندىن كىيىن  بىر كىچىسى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بارلىق ئۇرۇق –تۇققان ،بالا– چاقىلىرىنى كۆيدۇرۇپ كوچىدىن تىپىۋالغان قەلەندەرنىڭ جەسىتىنى ئوت ئىچىگە تاشلاپ ئۆزى قەلەندەرنىڭ سىياقىىدا ياسىنىپ لۇشاڭ بىگىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن  قۇتۇپ قالغان ، لۇشاڭ بىگى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلىمدىن  گۇمانلانغان بولسىمۇ بىراق ئاخىرەتلىك ئىشلىرغا ئالدىراپ كارى بولمىغان . ئاخىرىدا لۇشاڭ بىگى دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن مۇشاۋۇر ئوغىرلىقچە ئۇنىڭ قەۋرىسگە كىرىپ قىلچىمۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان لۇشاڭ بىگىنى قاشتېشى قورچاقتىن چىقىرۋىتىپ ئۆزى كىرىۋالغان ، لۇشاڭ بىگى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەجىرىدىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيىتتى !!" دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى .     مەن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ:" ئۇنداقتا لۇشاڭ بىگىنىڭ جەسىتىمۇ قاشتېشى ساۋۇتتىن چىقىرىپ تاشلانغان بولسا بۇ يەردە بىر جۈپ قانلىق مۇردا بار ئىكەندە ؟!" دەپ سورىدىم .
     بوتۇلكا ئارقىدىنلا :" بۇ توغۇرلۇق ئۇنىڭ تەزكىرسىدە بىر نەرسە يىزىلماپتۇ ، بەلكىم لۇشاڭ بىگى قاشتېىشى قورچاقتا ياتقان ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا قانلىق مۇردىغا ئۆزگەرمىگەن بولسا كىرەك " دىدى . ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتا چىراي ئىپادىسىدىن  ھەم كۆز نۇردىن ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
     مەن بوتۇلكىغا قاراپ ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ كەنجى تاغامغا  نەزەر سالدىم ، كەنجى تاغامنىڭ كۆزىدىنمۇ ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى ھىس قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . بىراق باشقىلار دىيىشنى خالىماي يالغاننىمۇ توقۇپ بولغان يەردە سىز ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئوچۇق دىىيىشىڭزنىڭ ياكى ئۇنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يىيشىڭزنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق . بوتۇلكا بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كىيىن يەنە بۇرۇنقى ھىچقانداق چىراي ئىپادىسىز ‹‹ ماشىنا ئادەم ›› ھالىتىگە قايتتى –دە سوغۇقلا قىلىپ :" تاڭ يوراي دەپ قالدى ، بۇ يەردىن تىزراق  چىقىپ كىتەيلى !!" دىدى .
     سىمىز ئالدىراپلا :" ياق ، ئالۋاستى مۆھىرىنى تىخى تاپمىدۇق ؟ بۇ يەردە ئىسىل جانىۋارلار كۆپكەن ، شۇنداقلا  چىقىپ كەتسەك بىكارغا جاپا تارتقان بولمامدۇق ؟؟" دىيىشىگە بوتۇلكا ئۇنىڭغا خۇددى دۇشمىنىگە قارىغاندەك بىر خىل سوغۇق نەزەردە قارىۋىدى ؛ سىمىز ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى سەزدى بولغاي :" بولىدۇ ....بولىدۇ ، بىراق ئاۋۇ قاشتېشى قورچاق ساۋۇتنى بولسىمۇ ئەپچىقىپ كىتەيلى ، مەنچە بۇ ئالەمدە مۇشۇ بىر قۇرلا قالغان بولىشى مۇمكىن ، بىز تاشلاپ قويۇپ كەتسەك دۆلەت ھەم خەلىقىنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويغان بولمايمىزمۇ ؟ ...." دەپ  چالۋاقىدى .
    " بۇ ياخشى گەپ بولدى !" دىدى كەنجى تاغام سىمىزنىڭ مۇرىسگە شاپاللاپ تۇرۇپ :" ئۇنداقتا نىمىگە سۆرەلمىلىك قىلىسەن ؟ تىز قول سىلىپ تىز ھەل قىلىپ بۇ نەس باسقۇر جايىدىن تىزەك كەتمەمدۇق ؟!" .     بۇ ۋاقىتتا توساتتىن بۇ ئىشلارغا بولغان قىززىقىشىم قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ ئۇلارغا ياردىم قىلشنىمۇ خالىماي بىر ياققا ئۆتۈپ كۆزۇمنى يۇمۇپ نىرۋامنى ئارام ئالدۇرماقچى بولدۇم . دەل شۇ پەيتتە يۈزۈمگە بىر نەچچە تامچە سۇيۇقلۇق ئۇرۇلدى–دە يامغۇر ياققان ئوخشايدۇ دەپ بىشمىنى كۆتۇرۇپ قارىسام بايا بوتۇلكا كۆتۇرۇپ كەلگەن قانلىق مۇردىنىڭ بىشى قاچانلاردا قاشتېشى كارۋاتنىڭ يىنىغا كىلىۋالدىن تاڭ ؟ غەلىتە يۇزىنى ماڭا قارىتىپ  كۆز قارچۇقى يوق بىر جۇپ كۆزىدە ماڭا تىكىلپ ، ئىغىزدىن ئادىمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرىدىغان سۇيۇقلىق چاچىرتىۋاتاتتى .
    مەن قورىققىنىمدىن ئىختىيارسزلا  ئارقىمغا داجىدىم . ھىلىقى مۇردا بىشى كارۋات ئۈستىدە ئىچىگە بىر نەرسە كىرىۋالغاندەك ئۆزلىكىدىن مىدىرلاپ بىر نەچچىنى دومىلاپلا يەرگە چۈشۈپ كەتتى . سىمىز مۇردا بىشنى ئۇرماقچى بولىشىغا بوتۇلكا دەرھال توسىۋىلىپ :" چىقىلما ، كۆرۇپ باقايلى !"دىدى .
    سىمىز بىشىنى لىڭىشتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرىشگە بىر دانە كىچىك قىزىل  رەڭلىك  جەسەت بۇرگىسى قانلىق مۇردا بىشىنىڭ نەق چوقىسىدىن تىشىپ چىقتى . ئاكۈي بۇنى كۆرۇپ تىللاپ :" ئاناڭنى ، كىچىككىنە چۈپرەندە،  ئاكۈي بوۋاڭنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىدەك بولدۇڭمۇ ؟!" دەپلا قولىدىكى لوم تۆمۇرنى كۆتۇرۇپ جەسەت بۇرگىسىنى ئۇرماقچى بولىشغا كەنجى تاغام دەرھال ئۇنى توسۇپ :" كالۋا ، كۆرمىدڭمۇ ؟! بۇ دىگەن بۇرگە شاھى ، ئۇنى ئۆلتۇرىۋەتسەڭ بالانىڭ چوڭى تىرىلىدۇ ؟!" دىدى .
    ئاكۈي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ :" مۇشۇ كىچىكىنە نەرسە بۇرگە شاھى ؟ ئۇنداقتا ھىلىقى بىز كۆرگەن چوڭلىرى بۇرگىلەرنىڭ شاھىنشاھى ئوخشىمامدۇ ؟!" دەپ سورىدى .
     بۇ ۋاقىتتا ئەزەلدىن ئىغىر بىسىق بوتۇلكىمۇ  جىددىيلىشىپ مۈرەمدىن تارتىپ تۇرۇپ :" تىز بۇ يەردىن كىتەيلى ، بۇرگە شاھى بار يەردە باشقا بۇرگىلەر قىنىمدىن قورىقمايدۇ ، ئەھۋال چاتاق !!" دىدى .
     دەل شۇ ۋاقىتتا كىچىك جەسەت بۈرگۈسى ‹‹ چىر – چىر ›› قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ قانىتىنى ئىچىپ بىزگە قاراپ ئۇچۇپ كىلىشىگە بوتۇلكا  :"زەھىرى بار ! ئادەمگە تىگىپ كەتسلا ئۆلىدۇ ! تىزدىن ئۆزۈڭلارنى دالدىغا ئىلىڭلار ! " دەاپ ۋارقىرىدى .
   بوتۇلكىنىڭ گىپى تۈگىمەيلا كەنجى تاغام  بىرلا دومىلاپ بىز تەرەپكە كىلىۋالدى . بىراق كەنجى تاغامنىڭ ئارقىسىدىكى ئاكۈينىڭ ئىنكاسى ئەزەلدىن ئاستا بولغاچقا ئۆزىنى چەتكە ئىلىشقا ئۈلگۈرمەي ئىتىلىپ كەلگەن جەسەت بۈرگۈسى شاھىنى تۇتىۋالدى – دە ئارقىدىنلا ئىچىنىشلىق چىرقىرىۋەتتى . ئۇنىڭ بۈرگە شاھىنى تۇتقان قولى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىپقىزىل قان رەڭگىگە كىرىپ ، قىزىللىق قول بىغىشىدىن يۇقرىغا قاراپ تاراشقا باشلىدى .
   سىمىز بۇنى كۆرۈپ : " ۋاي  چاتاق ، ئۇ زەھەرلەندى ، تىزدىن ئۇنىڭ قولىنى كىسىۋىتەيلى ! " دەپ ۋارقىراپ بوتۇلكىنىڭ قولىدىكى خەنجەرگە قاراپ ئىتىلدى . بوتۇلكا ئەسلىدىنلا قانسىراپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ سىمىزنىڭ سوقىشدىن  قولىدىكى خەنجەر ئاجراپ چۈشۈپ كەتتى ، سىمىز چاققانلىق بىلەن بىرلا دومىلاپ خەنجەر يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن تۇتىۋالدى ؛ تۇتىۋالدىيۇ ، : " ۋاي ... " دەپ بىرلا چىرقىراپ خەنجەرنى تاشلىۋەتتى . ئارقىدىنلا : " ئاناڭنى ، ئەجەپ ئىغىركىنا! " دىدى –دە خەنجەرنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ نەچچە رەت كۈچىگەن بولسىمۇ بىراق كۆتىرەلمىدى. بۇ ۋاقتتا بىز ئاكۈينى قۇتقۇزۇشقا  ئاللىقاچان كىچىككەندۇق . ئۇ  ئاغرىق ئازابىدىن يەردە دومىلاۋاتقان بولۇپ قولىدىكى غەلىتە قىزىللىق پۇتكۇل بەدىنىگە تاراپ  خۇددى ئاكۈينىڭ تىرىسى ئىرىپ كىتىۋاتقاندەك قىلاتتى . ئاكۈي ئاغرىق ئازابىدىن چىقىرىماقچى بولاتتىيۇ بىراق ئاۋازى چىقمايتتى ، مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىچىنىشلىق كۆرىنىشكە چىداپ تۇرالماي ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكچى بولشىمغا بوتۇلكا چاپىنىمنى تارتىپ تۇرۇپ :" ئۇنىڭغا چىقىلشقا بولمايدۇ ، تىگىپ كەتسەڭ سەنمۇ ئۆلىسەن !" دىدى .  
       دەل شۇ پەيىتتە ئاكۈي دومىلاۋاتقان يىرىدىن قوپۇپلا ماڭا قاراپ ئغىزىنى ئىچىىپ : " مىنى قۇتقۇزىۋال !" دىگەندەك تاۋۇش چىقىرىپ ئىتىلپ كەلدى . مەن قورقۇپ پۇت – قولۇم كالامپايلىشىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرسام كەنجى تاغامنىڭ قولۇمدىن تارتىشى بىلەن ئوڭ تەرەپكە يىقىلىپ چۈشتۇم –دە ماڭا قاراپ ئىتىلىپ كەلگەن ئاكۈي مىنى قۇچاقلىيالماي ئۆرۇلۇپلا يەنە بىر تەرەپتە قاراپ تۇرغان پەنزېگە قاراپ ساراڭلارچە ئىتىلدى .
    پەنزىنىڭ ھالى ھەممىمىزدىن بەكرەك خاراپ بولغاچقا ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۇرمەي دەرھال قولىدىكى قورالىنى بەتلەپ " ياق " دەپ ۋاقىرىشىمغا قارىماي ئوق ئۈزدى . " پاڭ " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوق ئاكۈينىڭ مىڭىسىدىن تۇتۇن چىقىرۋەتتى . ئۇ بىر نەچچىنى دەلدەڭشىپلا " گۇپپىدە " قىلىپ يىقىلدى .
    ئوق ئاۋازى بىلە تەڭلا  كاللام غۇڭىلداپ كۆزۇم قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ كۆز ئالدىمدا نەچچە مىنىۇتنىڭ ئىچىدە  يۇز بەرگەن ئىشنىڭ راسلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . بايا ساپساق ئادەم كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى .......كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز  يىپى ئۈزۇلگەن مارجاندەك تۆكۇلۇشكە باشلىدى ،
   بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كىچىك جەسەت بۇرگىسى ئاكۈينىڭ ئالقىنىدىن چىقىپ قانات قىقىپ ئۇچۇشقا تەمشىلىشىگە سىمىز ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ  بوتۇلكنىڭ " ياق " دەپ ۋاقىرشىغىمۇ پسەنىت قىلماي قىزغۇچ قاشتېشى قۇتا بىلەن بۇرگە شاھىنى بىرلا قويۇپ يەنجىۋەتتى . بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز دىگۇدەك كۈتۇلمىگەن بىر ئشنىڭ يۇز بىرىشىدىن ئەنسىرەپ ئاۋاز چىقىرىشقا جۇرئەت قىلالمىدۇق . ئەتىراپ جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ بوتۇلكا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ يەرگە ئىڭىشىپ تاش توپىسىنى بەدىنىگە چىچىپ تۇرۇپ ۋاقىردى :" تىز ماڭايلى ، بولمسا ئۇلگىرەلمەيمىز !!
    سىمىز تۆت ئەتىراپنىڭ جىمجىتلىقىنى  بىرەر ئىشنىڭ يۇز بەرمىگەنلىكىنى كۆرۇپ :" نىمىشقا قاچىمىز ؟....." دەپ سورىدى .
    سىمىزنىڭ سۇئالى ئەمدىلا سورىلىشغا تۆت ئەتىراپتىن گۇپىرلىگەن  ئاۋاز كىلىش بىلەن تەڭ ھاشارەتلەرنىڭ قۇلاقىنى يارغۇدەك  چىرىلداشقان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئارقىدىنلا كۆز ئالدىمىزدىكى تىك ھاڭنىڭ چوڭ –كىچىك توشۇكچىلىرىدىن بىر دانە ، ئىككى دانە، ئون دانە، يۇز دانە ..................سانسىزلىغان جەسەت بۇرگىلىرى خۇددى كەلكۇن سۇيىدەك ئىتىلىپ چىقىشقا باشلىدى . كۆز ئالدىمدىكى سانسزلىغان جەسەت بۇرگلىرىنىڭ ئىتىلىپ كىلىشىدىن ھاسل بولغان كۆرۇنىشنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرشكە ئاجىزلىق قىلىمەن .  ئۇلار دولقۇندەك بىرنىڭ ئۈستىگە بىر دەسسەپ بىزنى بۇ ئۆڭكۇرگە قوشۇپ يۇتىۋىتىدىغاندەك تىز سۇرئەت ئىچىدە كىلىۋاتاتتى .  
  مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۇنۇشتىن ‹‹ ھۇزۇر ئىلىۋاتسام ›› كەنجى تاغام ئۇستىبىشىمغا تاش توپىسىنى چىچىپ :" ئاناڭنى ، جەسەت بۇرگلىرىگە يەم بولغىىڭ بولمىسا تىز قاچ !!" دەپ ۋاقىرىدى .  
    ھەمممىز گىگانىت دەرەخكە يامىششقا باشلىدۇق . دەرەخنىڭ شىخى كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆگىشىپ ئۆسكەن پىلەك غوللۇق ئۆسۇملۇكلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا يامىشىش تەسكە توختىمايتتى ، مەندەك ئىغزىمغا چىش چىقىپ ئككى مىتر ئىگىزلىكە يامىشپ باقمىغان ئادەممۇ بىر دەمدىلا ئون نەچچە مىتر ياماشتىم . بۇ ۋاقىتتا جەسەت بۇرگىلىرىنىڭ ھەممىسى دەرەخ ئاستىغا توپلانغان بولۇپ پەسكە قاراپ قورىققىنىمدىن چۈشۇپ كىتىشكە تاسلا قالدىم . ئاناڭنى  ، دەرخنىڭ ئاستى پۇتۇنلەي يىشىل رەگگە كىرگەن بولۇپ ناۋادا چۈشۇپ كەتسەم ئۇستىخان سۆڭىكىممۇ ئاشمايىدىغان چىراي .... ئاناڭنى  بۇ بۇرگلەرگە  پىلانلىق تۇغۇت يوقمىكنا؟   
    جەسەت بۇرگىلرى دەرەخ ئاستىغا توپلانغاندىن كىين تەشكىللىك ھالدا سەكرەپ دەرەخكە يامىشىشقا باشلىدى . ئۇلارنى بىزگە سىلىشتۇرغاندا دەرەخكە يامىشىشنىڭ كەسىپ ئەھلى دىسە بولاتتى ، بىر –بىرگە دەسسەپ ، بىر –بىرنى شوتا قىلىپ بىردەمدىلا پۇتىمىز ئاستىغا يامىشىپ چىقتى .
    سمىز مىنىڭ ئالدىمدا يامىشىۋاتقان بولۇپ :" سەن بۇ ئاكاشنىڭ قىنىنى پاشا قوغلاش ئەتتىرىدىنمۇ بەك ئۇنۇملۇك دەۋاتمامتىڭ ؟ كارغا كەلمەيدىغۇ ؟" دەپ سورىدى .     بۇ ۋاقىتتا پۇتكۇل ئەس– يادىمنى  ئاكۈينىڭ بايامقى ئىچىنىشلىق قىياپتى چىرمىۋالغان بولغاچقا سىمىزگە جاۋاپ بىرشكە رايىم يوق ئىدى . توساتتىن سول پۇتۇم ئىچىشقاندەك بولدى – ەە قارىسام يوغان بىر جەسەت بۇرگىسى پاقالچىقىمنى چىشلىۋالغان ئىكەن . مەن دەرھال پۇتۇمىنى سىلكىپ ئۇنى چۈشۇرۋەتتىم –دە پەسكە قارپ  تىلىمنى چشلەپ سالدىم . سانسزلىغان جەسەت بۇرگىلىرى خۇددى قايناۋاتقان قازاندەك ئۈستىگە ئۆرلەۋاتاتتى . دەل شۇ دەقىقىدە كەنجى تاغام :" پارتىلاتقۇچ ، قاشتىېشى كارۋاتنىڭ يىنىدىكى سومكىدا پارتىلاتقۇچ بار !"دەپ ۋاقىرىدى . "
   مەن ئۇلاپلا :" قايسى تەرىپدە ؟" دەپ سورىدىم .
   كەنجى تاغام تىللاپ : "ئاناڭنى. سەن ئولتۇرغان سومكا شۇ ، سول تەرىپىدە! " دەپ جاۋاپ قايتۇردى .
    پەسكە قارسام تۆۋەن تەرپ جەسەت بۇرگىسى دىڭىزغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ بۇرگىدىن باشقا ھىچنىمنى  كۆرلمەي نىمە قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇرسام بوتۇلكا يانچۇقىدىن بىر نەچچە تال يورۇتقۇچى سەرەڭگە تىلىنى چىقىرىپ ياندۇرۇپلا تۆۋەنگە قارىتىپ تاشلىدى . جەسەت بۇرگىلىرى بوتۇلكنىڭ قىنىدىن قورىقمىغان بىلەن ئوتتىن قورقاتتى .شۇڭا سەرەڭگە چۈشكەن جايدىكى بۇرگىلەر ھەر تەرەپكە قىچىپ كارۋات ئۇستىدىكى سومكا ئىچىلىپ قالدى .  
   سىمىزنىڭ كاسىسىغا ئۈچ–تۆت دانە بۇرگە يامىشۋالغان بولۇپ :" ئاناڭنى، پوجاڭزىنى تىزرەك ئاتايلى ، مەن چىدىيالمىدىم..... !!" دەپ ۋاقىرىدى .
    ئارقىدىنلا پەنزېنىڭ ئۈستىدىن :" ئاناڭنى، بولمىغۇدەك ، سومكىدىكى پارتىلاتقۇچنىڭ كۈچ زور ، پارتىلىسا بىزمۇ  قوشۇلۇپ ئادەم گۆشى كاۋىپى بولىمىز !!" دەپ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن نۇرغۇنلىغان بۇرگلەرنىڭ يامىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ:" كارمىز نىمە ....كاۋاپ بولۇش  بۇ ئىپلاس بۇرگىلەرگە يەم بولغاندىن ياخشى ..." دەپ ۋاقىراپلا سوكىغا قارىتىپ ئوق ئۈزدۇم .
   دەقىقىدىن كىيىن قۇلاقىنى يارغۇدەك پارتىلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ  پۇتكۇل بەدىنىم ئاۋال  ئىسسق ھاۋا ئىقىمىنى ھىس قىلدى ، ئارقىدىنلا پارتىلاشتىن ھاسل بولغان ھاۋا ئىقىمنىڭ تەسىرىدە بىشىم بىر نەرسگە ئۇرۇلۇپ كۆزۇمدىن ئوت چاقناپ، گىلىم تاتلىق بولۇپ ئىزىمدىن ئىسىسق قان ئىتىلىپ چىقتى–دە قۇلىقىم ھىقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمدى.
     بىردىمدىن كىيىن كاللامىنى سىلكىۋىتىپ  قارىسام پارتىلاش تۆۋەندىكى نۇرغۇن جەسەت بۇرگىسىنى كۆيدۇرۇپ تاشلاپتۇ .ئەتىراپمدە باشقىلار كۆرۇنمەيتتى ، شۇڭا باشقىلار قانداق بولغاندۇ دەپ ئويلاۋاتسام تۆندىن بىر مۇنچە جەسەت بۇرگىلىرنىڭ چىرىلداشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بەدىمنىڭ ئاغرىشىغىمۇ قارىماي جىنىمنىڭ بارىچە يەنە  يۇقىرغا قاراپ ياماشتم .
    ئۈستىدىكى يىرىققا ئازلا قالغاندا مۈرەمنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى سىزپ ئۆرۇلۇپلا مۈرەمدىكى بۇرگىنى سىلكىپ چۈشۈرۋىتىشىمگە يەنە بىرسى سەكرەپلا يوتامنى چىشلىۋلدى. مەن ئاغرىق ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ بوينىمغا ئىسىۋالغان مىلتىق بىلەن ئۇرۇپ مىجىقىنى چىقىرىشمغا يەنە بىرسى سەكرەپ چىقتى .    يىرىققا ئاز قالغان بولغاچقا كۆڭلۇلۇمدە :" چىشلىشە ، غاجىشە ، ئىشقىلىپ بۇ بىر نەچچىڭ مىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چشلەپ ئۆلتۇرەلمەيسەن ! ئۇستىگە چىققاندا كۆرىدىغىنىڭ بار سەن ئىپلاسلارنىڭ ..." دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام دەرەخ شىخىنى تۇتقان قولۇمىڭ قاتتىق ئىچىشىقانلىقىنى ھىس قىلىپ قارىسام ھەممە يىرى قانغا بويالغان تىرىسى يوق ئادەم يۇزىنىڭ ھازىرلا چاچىراپ چىقىدىغاندەك پولتىيپ چىققان بىر جۇپ كۆزى بىلەن ماڭا تىكىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى