-
مەڭگۈلۈك ئۇدۇم --- دوپپا - [ئىلمىي ماقالىلەر]
Mar 28, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61232617.html
مەڭگۈلۈك ئۇدۇم --- دوپپا
---- دوپپىدىكى ھېكمەت ۋە خىسلەت
ئابدۇشۈكۈر كېرىم كۆك (رەسسام)
بۇ دۇنيا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن گۈزەلدۇر. ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ پسىھىك خاراكتېرىگە خاس مەدەنىيەت يارىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ خاس مەدەنىيىتى شۇ مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەر مىللەتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى دۇنيانىڭ يارىشىقى ھەم دۇنيا مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ خۇشپۇراق بىر گۈلىدۇر. بۇ گۈلنىڭ پۇراقلىق ياكى پۇراقسىز بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، قەدىرلىشى ۋە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۆيگۈسىز دۇنيا، سۆيگۈسىز گۈللىنىش ۋە سۆيگۈسىز مىللەتمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنى سۆيمىسە، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە، ئۇ مىللەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۆزىنى تونۇش، ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە قوغداش شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، رەڭدار دۇنيا مەدەنىيەت باغچىسىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. شۇڭا ھەر بىر پۇقرا ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى دەپ بىلىشى لازىمدۇر.
زامانىۋىلىشىش يولىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دۇنيادا ئېرىشىش بىلەن يوقىتىش تەڭ نىسبەتتە مەۋجۇتتۇر. بۇ تەتۈر تاناسىپلىق ئىلگىرىلەش مەلۇم مەنىدە خاسلىق ۋە خاس مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرلەپ يوقىلىشىغا سەۋەب بولماقتا ۋە تەدرىجىي ھالدا مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر خىللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. دۇنيا مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ رەڭگا رەڭلىكىنى ساقلاشتا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن خاس مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى بىر رېلىسقا چۈشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن تارىخى دەۋرلەردىن بۇيان ئۆز مىللىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي تاپقۇزۇش يولىدا ئۆزىگە خاس شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بەرپا قىلغان ھەم ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن جۇلالىق مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇزۇن تارىخ ۋە ئەينى زاماندىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتتىكى سەلتەنەتلىك ئورنىنى دەلىللىگۈچى پاكىتتۇر. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئېتىقاد، ئالەم، تەبىئەت، گۈزەللىك ۋە ئادەم توغرىسىدىكى ئۇقۇملارنىڭ ئىلمىي، مەنتىقىيلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىدا جۇلالىنىپ تۇرغان كىيىم-كېچەك سەنئىتى ئەنە شۇنداق ئىلمىي گۈزەللىك قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بىباھا سەمەرىدۇر.
ئەجدادلىرىمىز خاس تىل ۋە يېزىق ئىجات قىلىشتىن باشقا مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۆزگىچە كىيىم-كېچەك سەنئىتىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك سەنئىتى شامانىزم، بۇددىزم، ئىسلامىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىسلاھات دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىسلاھ قىلىنغانچە گۈزەللىشىپ، تاكامۇللىشىپ بارغان.ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك سەنئىتىدە زۆر ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، شامانىزم ۋە بۇددىزم دەۋرىدىكى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك سەنئىتىدىكى ئېتىقاد، ھاياتلىق ۋە گۈزەللىككە داىر بىر قىسىم ئۇقۇم ۋە ھۆكۈم ساقلىنىپ قالغان. ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك سەنئىتى ئىچىدە باش كىيىمنى قانداق تىكىش، گۈل-نۇسخا، نەقىش، رەڭ-سىزىقلار ئارقىلىق نېمىلەرنى ئىپادە قىلىش، قانداق كىيىش دېگەن مەسىلىلەردە ئۆزىگە خاس قاراش-چۈشەنچىلەرنى ئىپادە قىلىپ كەلگەن.
كىيىم-كېچەك سەنئىتى مەلۇم كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئۇنداق ئاددىي نەرسە ئەمەس. ھەم ئۇ قانداقتۇر بىرەر كىشىنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭغ خەلقىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئالەم، تەبىئەت، ئادەم، گۈزەللىك چۈشەنچىلىرى مۇجەسسەملەنگەن.بىزدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا سىڭگەن قاراش-چۈشەنچىلەرنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان تارىخىي يازما ماتېرىياللار كەم بولغاچقا، كىيىم-كېچەك سەنئىتىگە جۇغلانغان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى ھەققىدە ئېنىق شەرھ-جاۋابقا ئېرىشىشتە سەل قىينىلىمىز. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كەشتىچىلىك، گىلەمچىلىك، كىگىزچىلىك، قىياتاش ئويما رەسىملىرى ۋە تاشكېمىرلەردىكى رەسىملەر قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە مۇراجىەت قىلىشقا مەجبۇرمىز. بىز ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەك،ماقال-تەمسىل ۋە بەيىتلەرنى ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنىتى ۋە تاشكەمىرلەرنىڭ تام رەسىملىرىدىكى كىيىنىش ئادەتلىرى، تۇرمۇشىمىزدىكى گۈل-نۇسخا، ئەندىزە، رەڭ، بەلگە چۈشەنچىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىيىم-كېچەكلەرگە سىڭدۈرگەن ئېستېتىك مەدەنىيەت قارىشىنى يورۇتۇشتا بىر قەدەر ئىلمىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمىز.
ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر تۈرگە مول مەزمۇن، چۈشەنچە-قاراش، سىڭگەن. مەلۇم باش كىيىملەردە تەڭرىگە سېغىنىش ئىپادە قىلىنغان بولسا، مەلۇم باش كىيىملەردە يارىلىش ۋە يارالمىش ھەم تەقدىر توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەتىقات، تەقدىر توغرىسىدىكى بۇ ھىل بايان-ھۆكۈملىرى بىزنى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخ، خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك قارىشىنىڭ يېتىلىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭغا سىڭگەن مەدەنىيەت چۈشەنچىسى، ئېستېتىك قاراشلارنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئۇ خالىغانچە كىيسە، تىكسە، تاشلىسا، خالىغانچە مۇئامىلە قىلسا بولۇۋېرىدىغان نەرسىمۇ ياكى ھەر بىر سىزىق، قىر، رەڭ، نەقىش، گۈل نۇسخىلىرىدا ئۆزىگە خاس بىلىم، تارىخ، چۈشەنچە-قاراش سىڭدۈرگەن، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ مۇجەسسىمى سۈپىتىدىكى، مەلۇم مەنىدە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئىپادە قىلىپ بېرىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسىمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ باقايلى.
باش كىيىمنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئىنسانلار دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىش-ھەرىكىتى ۋە تىلغا قوماندانلىق قىلغۇچى باشنىڭ مۇھىملىق رولىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى قانداق قوغداش، قانداق ئىشقا سېلىش مەسىلىسىنى ئويلاشقان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز مىللىتىگە خاس باش كىيىم ئىجات قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ باش شەكلى بىلەن تونۇشقان. باشنىڭ چوڭ تەرەپتىن تۆت قىرلىق ئىكەنلىكى ھەم تۆت قىرنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ تۆت تەرىپى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت تۆت تەرەپ قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكرار نۇقتا ۋە تەكرار سىزىقلارنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. نەتىجىدە باشقا ماس تۆت قىرلىق باش كىيىملەرنى ئىجات قىلغان ھەم ئادەمگە ئەنە شۇنداق مۇھىم ئورگاننى تەقدىم قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. باش كىيىمگە تەڭرى سۈرەتلىرىنى چۈشۈرۈپ تەڭرىگە بولغان سېغىنىش ۋە ئېتىقادىنى بىلدۈرگەن ھەم تەڭرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ ياماندىن ساقلىنىپ، بەخت-ساادەتكە يەتمەكچى بولۇشقان. شۇڭا: 1. باش كىيىمگە كۆك تەڭرى ۋە كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ھۆرمەت، ساداقەتنىڭ ئىپادىسى؛ 2. باش كىيىم باشنى خەتەردىن ساقلايدۇ؛ 3. باش كىيىم باشنى پاكىزە تۇتىدۇ؛ 4. باش كىيىم كىيمەي يۈرۈش-تەڭرىگە، ئۇلۇغلارغا ۋە چوڭلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك؛ 5. قان تومۇرلار ئىسسىقتا كېڭىيىپ، سوغۇقتا تارىيىدۇ. باش كىيىم باشنى ئىسسىق سوغۇقتىن ساقلاپ، قان تومۇرلارنىڭ راۋان، ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛ 6. باش كىيىمگە شۇ مىللەتنىڭ گۈزەللىك قارىشى، مەدەنىيەت چۈشەنچىسى سىڭگەن. ئۇ مەلۇم مەنىدە مىللىي كىملىكنىڭ ئىپادىسى. دېمەككى، باش كىيىم ئۆزىگە يۇقىرىقىدەك ھىكمەت-قىممەتلەرنى جۇغلىغان ئاساستا مەيدانغا كەلگەن. شۇ سەۋەبلىك خەلقىمىز تەرىپىدىن چوقۇم ئىلمىي، توغرا، ئىزچىل كىيىلىشى كېرەك بولغان كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
دوپپا ئەستىرىنىڭ رەڭگى
ھەرقانداق دوپپىنىڭ ئەستىرى چوقۇمكى قىزىل رەڭدە، قىزىل رەختتىن بولىدۇ. بۇ بىزنى ئويلىنىشقا , بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
جەمئىيەتتە«دوپپىنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن قىزىل رەڭدە بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. بېزىلەر: قىزىل رەڭنىڭ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن پايدىسى بار، دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ پىكىرنىڭ ئاساسى بار. چۈنكى قىزىل رەڭنىڭ قوزغىتىش ۋە روھلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. شۇڭا دوپپا كەيگەندە ھەر قېتىم قىزىل رەڭ كۆزگە چېلىقىپ ئادەمنى روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
يەنە بېزىلەر:قىزىل رەڭنىڭ باش بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەيدۇ. بۇ پىكىر ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق رەڭ قاراڭغۇلۇققا كىرگەندە ئۆز رەڭگىنى يوقىتىدۇ. بۇ پىكىرنى قوللاشقا ئامالسىزمىز.
يەنە بېزىلەر ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەن، دوپپا ئەستىرىدىكى قىزىل رەڭ قاننىڭ سىمۋولى دېيىشىدۇ. بۇ پىكىرنى ئويلىشىشقا، چوڭقۇر ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دوپپا ئەستىرىنىڭ قىزىل رەڭگى راست ئەجدادلىرىمىزنىڭ قېنىنىڭ سىمۋولىمىدۇ؟ مەنچە بۇ پىكىر رېاللىققا ئۇيغۇندەك قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ئاسان ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، ئۆزىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بەرپا قىلىشى نۇرغۇن قان تۆكۈش ۋە ئىجتىمائىي كۈرەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ قان بەدىلى تۆلىمەي مىللەت ئاتالغان مىللەت يوق. ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئورۇن، تەسىر، ھوقۇق، مەدەنىيەت، ھۆرلۈك ئۈچۈن قان-ياشلىق كۈرەش قىلغان. مەدەنىيەت ۋە مىللىي سالاھىيەت ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېرىشكەن شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەتنى ساقلاش، قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە دوپپىنىڭ ئەستەر رەڭگىنى قىزىل قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇشى ئەمەلىيەت ۋە تەسەۋۋۇرغا ئۇيغۇن. ئۇيغۇر باش كىيىملىرىدىكى ئېتىقاد، ئالەم، تەبىئەت، ئادەم ۋە گۈزەللىك توغرىسىدىكى ئىپادە-چۈشەنچىلەر بۇ قاراشنىڭ راستلىقىنى دەلىللەيدۇ.
ئۇيغۇر باش كىيىملىرىدىكى سۈپەتلەر
ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، گىلەم دوپپا، كۆكمەت تۇماق، تەلپەك، قاما تۇماق، ئېگىز تۇماق ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەر خىل باش كىيىم بولۇپ 200 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ بەزىلىرىگە كۆك تەڭرى سۈپەتلىرى، بەزىلىرىگە كۈن تەڭرى سۈپەتلىرى، يەنە بەزىلىرىگە يارىلىش ۋە يارالمىش تەقدىر توغرىسىدىكى تەسۋىرلەر چۈشۈرۈلگەن. يەنە بىر قىسىم باش كىيىمگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى سىڭدۈرۈلگەن.
مىسالەن: ئەرەنچە، ئايالچە ئاق، سارغۇچ، كۆكۈچ، قىزغۇچ، يېشىل قاتارلىق رەڭلەردىن تەركىب تاپقان گۈل قوندۇرۇلغان دوپپىلارنىڭ تېگى رەڭگى قارا، قارا كۆك، قارا يېشىل، قارامتۇل قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ، تەگ رەڭلەر كۆك تەڭرىگە سىمۋول قىلىنغان.
كۆپىنچە كىشىلەر دوپپا نېمىشقا تۆت قىرلىق؟ دوپپىنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن مۇنداق رەڭلەردە بولىدۇ؟ بۇ دوپپىدا نېمە بار؟ نېمە ئىپادە قىلىنغان؟ دېگەنلەرنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمەيدۇ، بەلكى دوپپىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ياراشقان-ياراشمىغانلىقىنى بەكرەك نەزەرگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە دوپپا تۈرلىرىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك، كۆك ئاسماندا پارلاۋاتقان قۇياشنىڭ كۆرۈنۈشى، قارا رەڭلىك ئاسمان يەنى تەڭرىنىڭ قۇچىقىدا پارلاۋاتقان قۇياشنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە قۇياشنىڭ ھەر خىل ۋاقىتتىكى رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مانا بۇ باش كىيىملەردىكى تەڭرى ئۇقۇمىنى ئۇيغۇر گىلەمچىلىك سەنئىتىدىكى قۇياش نۇسخىلىق گىلەم، قۇياش ۋە يەتتە پلانېتا چۈشۈرۈلگەن گىلەم؛ كېرىيە ئاياللىرىنىڭ كۆك تەڭرى ۋە يەتتە قات ئاسمانغا سىمۋول قىلىنغان چوڭ چاپىنى قاتارلىقلار قەدىمىي ئۇيغۇرلاردا كارامەت سەلتەنەتلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ ۋە يۇقىرىقى كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم دەلىللەيدۇ.
بادام دوپپا
بادام دوپپا دېسە نۇرغۇن ئادەم دەماللىققا گۈل نۇسخىسى بادام شەكلىدىرەك كۆرۈنىدىغان دوپپىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن بۇ دوپپا گۈلى باداممۇ ياكى باشقا نەرسىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ بىز دەۋاتقان دوپپا ئاشۇمۇ ياكى باشقا دوپپىمۇ؟ بادام شەكلى شۇنداقمۇ؟ دېگەن نەرسە ئېسىگە كىرىپمۇ چىقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بادام دوپپىغا چۈشۈرۈلگەن گۈل نۇسخىسى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يارىلىش-يارالمىش ۋە دەقدىر توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئىدى. بۇ ھۆكۈم دوپپىدا ئىپادە قىلىنغان؛ بۇ دوپپىنىڭ تەگ رەڭگى قارا بولىدۇ، بۇ قارا رەڭ كۆك تەڭرىگە سىمۋول. دوپپىنىڭ ئۈستىدە ياي شەكىللىك بادامغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر شەكىل بار. بۇ شەكىلنىڭ قورساق قىسمىدا بوغۇرساقتەك نەرسە بار. ئويلاپ كۆرەيلى، بادامدا شۇنداق شەكىل بارمۇ؟ مېنىڭچە، يوق دېگىلى بولماس، لېكىن بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا دوپپىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى گۈل نۇسخىسىنى بادام ئۆرنىكى دېيىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ نېمە؟ مېنىڭچە، ئۇ بالا كۆتۈرۈپ تۇرغان ئانىنىگ سۈرىتى. بۇنى ئاددىي نەزەر ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. غۇۋالاشتۇرۇپ كۆرسەك بالا قۇچاقلىۋالغان ئانىنىگ بەدىىي سۈرىتىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.
(بادام دوپپىنىڭ كېزەك تەرىپىدە كۆۋرۈك شەكىللىك گۈل نۇسخىسى بار. بۇ نېمە؟ (داۋامى بار历史上的今天:
سادا (ھېكايە)-2 Mar 28, 2010(سادا (ھېكايە Mar 28, 2010ج .كلاۋسۇن:ئۇيغۇر نامى ھەققىدە(2) Mar 28, 2010ج .كلاۋسۇن:ئۇيغۇر نامى ھەققىدە Mar 28, 2010(2)مەڭگۈلۈك ئۇدۇم --- دوپپا Mar 28, 2010
收藏到:Del.icio.us