-
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 5 - [تارىخي ئەسەرلەر]
Jul 26, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/70535982.html
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى
كاتانوف
ئابلېز ئورخۇن نەشرگە تەييارلىغان.لۈكچۈننىڭ مازارلىرى
( نايخان، 1892-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۇرپان لوگۇچەن)لۈكچۈنگە تەئەللۇق مازارلار شۇ تۇرۇر: پىچاندا تۆرت مازار بار. شۆگەدە ئۆگەز قارنەين خوجام بار. چۇبان قىرادا يەتتى يىگىت بىر تاغدا، يەتتى قىز بىر تاغدا مازار بار، ئارىسىدا سۇ يول بار. ئۇلار ھەممىسى ئادەمگە ئوخشاش تاشتۇر. بۇلار پىچاننىڭ لۈكچۈننىڭ ئارىسىدادۇر. سىركىپتە بىر مەزلىم كىشىنىڭ مازارى بار. لۈكچۈن شەرىدە يوققارقى خوجام، تۆبەدىكى خوجام دەپ ئىككى مازار بار. لۈكچۈندە يەنە ئاق گۈمبەز دەپ مازار بار؛ تېرەك مازار بار، شۇنىڭغا تىش، قۇلاق ئاغرىغان كىشى بارادو؛ يەنە جاي خوجام دېگەن قاشقاردىكى ھەزرەت ئاپپاق خوجامنىڭ تۈشكەن جايى دەپ مازار بار. يالغۇز خېنىم دەپ قىز ئەرگە تەگمەي ئەللىك ياشقا يەتكەن كىشىنىڭ مازارى بار؛ شۇ يەرگە بالا تىلەيدۇغان مەزلىملەر بارادو. دىغاردا بىر مازار بار. تۇيۇقتا ئىككى مازار بار، بىرسى ئەسھابۇلكەپ، بىرسى مەشەت خوجام. ياڭخىيدا بىر مازار بار. ياڭخى كارىزدا تاللىق خوجام دەپ مازار بار. قاراخوجادا ئات باغلاغۇچ دېگەن مازار بار، شۇندا ھەزرىتى ئەلپەتتا خوجامنىڭ ئېتىنىڭ ئوقۇرى بار. مۇرتۇقتا بىر مازار بار، مۇرتۇق خوجامغا موللا بولغىلى خىيال قىلغان كىشى بارادو. مۇرتۇق خوجامنىڭ ئېتى تاشقا باسقان ، مۆھۈرگە ئوخشايدۇرغان ئىزى بار. ئۆزىنىڭما بىر ئىزى بار. يەنە ئاندا تاش بولۇپ قالغان قوغۇن بار. بىر تىلىم ئاپ يەپ كېسىلگىنى قېلىپ تاش بولۇپ قېلىپتۇ. قاراخوجادا ئەلپەتتا خوجامنىڭ سىنچىلىغى بار، شۇ مازار ئەسكى قاراخوجا شەرىنىڭ ئىچىدە، شۇنى سىنچىلاق خوجام دەيدو. ئاستانەدە ئەلپەتتا خوجامنىڭ ئۆزىنىڭ مازارى بار، ئەلپەتتا خوجام ئون ئىككى ياشتا خىتاي بىرلەن تاڭ خاننىڭ زامانىدا سوقۇشۇپ قاراخوجا شەرىنى ئون سەككىز ياشتا ئېلىپ قاراخوجادا سىنچىلىغى قېلىپ ئۆزى ئاستەنەدە گۇپات بولدى. ئاستەنەدە يەنە تۆرت مازار بار، بىرى مەزلىم كىشىنىڭ، ئۈچى ئەر كىشىنىكى. شۇلارغا كۈزدە بۇغداي ئورغاندا بارادو.
قومۇلنىڭ بۇزۇرگالىرى
( ئابدۇللاكا، 1892-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، قومۇل)قومۇلنىڭ تېشىدا بار: قىزبانى ئېزىزىم بۇزۇرگاسى؛ قومۇلنىڭ ئىچىدە بار: تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇزۇرگاسى، غوجا ئەيىپ بۇزۇرگاسى، ئايلى بۇزۇرگاسى، غوجا مېچىت بۇزۇرگاسى. قومۇلنىڭ چۆرىسىدىكى بۇزۇرگالار شۇدۇر: سۇمقارغا بۇزۇرگا، ئاستەنەدە سۇلتان سوپى دانىشمەن بۇزۇرگاسى، توغىچىدا قارايىغاچلىق بۇزۇرگا؛ كۆچەتلىك بۇزۇرگا ھەم توغىچىدا؛ جىگدەدە قارغا بۇزۇرگا، لاپچۇقتا يەنە قارايىغاچلىق بۇزۇرگا؛ بوستان بۇزۇرگا ھەم لاپچۇقتا؛ يەنە لاپچۇقتا تۇرپان يولى بۇزۇرگا؛ قارا تۆبەدە يەنە بوستان بۇزۇرگا، غوجا كارسان بۇزۇرگا، غوجا بىغەم بۇزۇرگا، تاللىق بۇزۇرگا، ئەللىكتە ئەللىك بۇزۇرگا.
ھەرقايسى بۇزۇرگاغا بارسا، زەدەر كىشى ئوندۇن نان، كىز بىسات، ئات، ئۇي، قوي، رەخ ماتا، كۈمۈش، بۇ قاتارلىق نېمەرسەلەر ئاپپىرىپ زىيارەت قىلىپ مەقبىرەت تىللەيدو. ئاپپارغان ماللارنى بۇزۇرگانىڭ شەيخلىرى ئالادو. تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇزۇرگانىڭ شەيخى سۇلايمانشا، سىزنىڭ پاراڭچى ئەھمەتاخۇننىڭ ئاتىسى تۇرۇر. خوتۇنتامدا يالغۇز بۇزۇرگا، ئولانبۇلاق دېگەن تاغدا توراق بۇزۇرگاسى، ئەنشىگە بارادۇغان چوڭ ئارابا يولىدا شىنشىنشا بۇزۇرگا بار، قومۇلدۇن ئالتىنچى مەنزىلدە غارنىڭ ئىچىدە. شۇ گاختا چوڭ ئارابا يولى يەڭدۇڭدۇن ئۆتۈپ ئەنشىگە بارادو. بۇرۇنغۇ يول ئوتۇن ئوزا ئۆرتەڭدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئەنشىگە بارادو. ھەلى شۇ يول بىرلەن ئارابا يۈرىمىيدو، تۆگە يۈرۈيدو.
نامازغا يىغقىنىنىڭ بايانى
( ئابدۇللاكا، 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، قومۇل)ھەر مېچىتتە، ئەرتە بولسا، ناماز بامداتتا، نامازغا چىقماغان ئەدەملەرنى يوقلاپ ئۆيىگە مەزىندىن ئېيتتۇرادو:<< ئانداغ قىلماغاي، نامازغا چىققاي!>> دەپ. ئەرتىلىگى يەنە چىقماسا، يەنە مەزىندىن ئېيتتۇرادو:<< بىزدىن يامانلاماغاي! بىز ئۆزۈمۈز تۇتۇپ ئاپچىقىپ مېچىتتە دۈرە مىنەن، شەرئىدا كەلگەن بايانى مىنەن سوقادىبىز!>> دەپ.
ئۈچۈنجى كۈنى نامازغا چىقماسا، ئاپچىقىپ ئەڭنىنى چۇچۇلۇپ يالانغاش قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ نامازنى ئۆتەمەگەنلەرنىڭ بېيتلىرىنى ئېيتىپ بېشىغا قىش گاختىدا، ياز گاختىدا بولساما، سوق سۇنى ئۈچ مەرتەبە قۇيادو. سۇمۇ قۇيۇپ ئوتتۇز توققۇز دۆرە سوقادو. سوقۇپ سورايدۇ:<< نامازغا چىقامسەن ئەمدى؟>> دەپ. ئۇ كىشى <<چىقامەن>> دېسە ياندۇرادۇ؛ << چىقمايمەن !>> دېسە، يە ئۈنلەمەسە، ئۆيىدىن كۆچۈرۈپ قويادو. كۆشكىلى ئۇناماسا، ئۆينۈڭ ئېشىگىنى پالچىق مىنەن چاپلايدو. چاپلاتقىلى ئۇناماسا، كىرىپ چوڭ ئاخۇنغا ئاڭلاتادو. چوڭ ئاخۇن شۇ كىشىنى ئاپكىرىپ ئىمان ئۆرگۈتۈپ توقسان توققۇز دۆرە سوقادو.
شۇ مەلىنىڭ ئىمام مەزىنىگە چوڭ ئاخۇن ئېيتادۇ:<< نېزىرىگە كىرمەڭلەر! ئۆلسە، گۆرگە قويماڭلار!>>( نايخان ، 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، تۇرپان لوگۇچەن)
بىماماز ئادەمنى ئاپچىقىپ مېچىتتە قىرىق دەرە بىرلەن ئۇرادو. قىش بولسا، بېشىغا سوق سۇ قۇيادو. مەلە خەلقى ھەممىسى يىغىلىپ بىنامازنىكىدە چاي ئىچەدو. ئىككىنچىسىدە ناماز ئۆتەمەسە، گاڭ ئوردىسىغا ئاپكىرىپ تاياق بىرلەن يىگىرمە بەشنى ئۇرۇپ، ئىككى ئۈچ ئايلىق زىندانغا سولاۋاتادو. مەلىسى تىلەسە قويەۋىرىدو. ئۈچۈنجسىدە بولسا، يامان سوقۇپ ئوغرى قاتارى بىرلەن سۇرايدو. سوققاندا بىنامازلارنىڭ بېيتىنى ئوقۇماي قۇرئاندىن ئايەت ئوقۇيدو.
قومۇلنىڭ قەدىمدىن قالغان رەسمىسى
( ھاجى تاھىر بەك، 1892-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، قومۇل)بىر موللىنى ئوردايلىغا ئاپكەپ چىڭگاڭ غوجام يارلىق تۆگۈزەدۇ:<< مەن ساڭا مۆتىسىپلىك مەنسەپ بەردىم. زەپتەمەكتەپچىلىك مەنسەپ بەردىم. تۆرت نايىپ ئالاسەن، يەتتى پاتمان دۈبۈرە قىلاسەن، ئىچىگە قۇم سالاسەن، نايىپلىرىڭ بىرلەن ھەر ئەرتەدە بىر مەچىتنى ئەرگىيسەن، ناماز ئۆتەمەيدۇغان بىناماز بولسا، تۇتۇپ ئاپچىقىپ ئۆلگۈچە ئۇراسەن! ئۆلسە، سۇرامايدىمەن. بىنامازنىڭ بېيتلىرىنى ئېيتىپ تۇرۇپ ئۇراسەن! سېنىڭ مەڭسىبىڭگە تاياق يىگەن كىشى ئىككى شىڭ بۇغداي بېرەدو. زەپتەمەكتەپچىلىك مەڭسىبىڭگە بىر بالا بىر شىڭدىن بۇغداي بېرەدو. قومۇل بەش شەرنى چۆرۈلۈپ ھەر مەكتەپتىكى باللارنى تىڭشاپ، قايسى بالا نەتكىچىلىك ئوقۇپتۇ، بىرنى بىر خەتلەپ ماڭا كۆرسەتەسەن. ناۋادا مىچىتلەرنى كۈندە ئەرگىمەسەڭ، مەكتەپلەرنى يىلدا ئەرگىمەسەڭ، ئوردايلىغا ئاپكەپ ئېغىر بەنلەپ مەڭسىبىڭنى ئېلىپ ئالتى ئايلىق بىرلەن نومغا پارلايدىمەن !>> دىيدو.
شۇ يارلىقلارنى تۆگۈزۈپ ئەزىنە مىچىتنىڭ ئايلىغا ئاپپىرىپ بىر كۆك، سۈزۈك مۇنچاق، كۆزىگە ئوتاغات تاقاغان بۆك ئەزىنە كۈنى<< ئوردىدىن يارلىق قىلدى، پالانىنى مۆتىسىپ قىلدى؛ ناماز ئۆتەمەيدۇغانلار، بالىسىنى مەكتەپكە بەرگەنلەر چىڭگاڭ غوجامنىڭ يارلىغىنى ئومدان ئاڭلاڭلار!>> دەپ يۇرتقا جارلايدو.
مۆتىسىپ دۈبۈرىسىنى كۆتۈرۈپ تۆرت نايىبىنى ئەرگەشتۈرۈپ بىر مىچىتكە بارادو. ئۇزاقتىن نامازغا چىقماغان كىشى بولسا، ئاپچىقىپ بۇ بېيتنى ئوقۇپ ئۇرغىلى باشلايدو:
روزى مەشەر كۈنىدە
ئەگگەل سۇۋار بەش ناماز!
<< چاق >> دەپ سېنى مەن ئۇرسام،
تۆبە قىلغىل بىناماز!جاگاپ بەرمەك قاتتىقتۇر،
كىشى بولسا بىناماز!
ھەق تالا ئەمرىنى
سەن قىلماغان، بىناماز!پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتىنى
سەن قىلماغان، بىناماز!
كىشى بولسا، بىناماز،
ھەق بۇيرۇغى: بەش ناماز!بىنامازدىن ئىت ياخشى،
ئارتۇق تۈمەن پىت ياخشى!
ناماز گاختى بىلمەسەڭ،
ياخشى ئىت سەن ، بىناماز!كۆڭنۈڭ بىرلەن بىر ناماز
سەن قىلماغان، بىناماز!
بىنامازغا بارماڭلار!
ئاغرىغىنى سۇرماڭلار!شاپائەتتە بەندەم دەپ
ھەرگىز ئالماس بىناماز!
بۇ ئالەمگە ئىشەنمە!
قالماس ساڭا ، بىناماز!ئۆلسە، ناماز قىلماڭلار!
ئىتلەر يېسۈن بىناماز!
بىنامازدىن جان ئالۇر،
تۆمۈر چەڭگەلنى سالۇر.
قىيىن بىرلەن جان ئالۇر،
ئەي قورقماغان بىناماز!
ناماز قىلماق مۈشكۈل ئەمەس،
ھارماس كىشى، بىناماز!
قارا قوڭۇز سەن بولدۇڭ!
ناماز قويغان بىناماز!بىنامازغا يول بەرمە!
<< ئۆتنە!>> دېسە، پۇل بەرمە!
<< گۆلى!>> دېسە، قول بەرمە!
كاپىر تۇرۇر بىناماز!بىنامازدۇر ئول كىمەرسە
ئۇچۇپ قۇشتەك يۈرۈپ بارسا
ماراپ ئاتماق لازىمدۇر
ھەر يەردە ئېنى ئادەم كۆرسەبىنامازنىڭ داقىلى،
ساقىلى ھەم ماقىلى
ئوتنى ئېلىپ ياقىلى
كۆيۈپ ئۆلسۇن بىنامازناماز قىلماي دۈبۈرە يەپ
رەسگا بولغان بىناماز!
ئىشەك بولۇپ ئۆلۈشۈر
قارا ئۈزلۈك بىناماز!كاپىر تۇرۇر بىناماز!
مەلئۇن تۇرۇر بىناماز!
ئېرىنىپ تۇرۇپ ئۆتەمەسە،
مەقپۇل تۇرۇر بىناماز!نېسىيەتنى تولا قىلدىم
ئاڭلىمىدىڭ بىناماز،
تاپساڭ گاخنى كۆپ ئۆتە!
دۈرە يېمە ، بىناماز!قىيامەتكە بارغاندا
بامدات تۇرۇر يولدىشى!
ئىككىسى بىر بولسا،
پېشىن تۇرۇر قولدىشى!ئۈچۆلەنغۇ بىر بولسا،
قولدار ئېنى ناماز شام!
ھەممىسىنى ئادا قىلساڭ،
ئۆتەر گۇناڭ بىتامام!بەشۆلەنغۇ بىر بولسا،
خۇپتان ئاڭا يار بولۇر!
ناماز ئۆتەمەگەن كىشى ئىككى دۇنيادا خار بولۇر!سەپەر ئايدا بەختىنى تىلىگىنى
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى)سەپەر ئايدا بۇ تۇرپان خەلقى بەختىنى تىلەسە، سەپەر ئاينىڭ يەتتىسى، ئون يەتتىسى، يىگىرمە يەتتىسى، بۇ ئۈچ يەتتىدە خايى ئەر، خايى خوتۇن بولسا، بەختىنى تىلەر. بۇ يەتتى كەلگەن كېچىسى << باخلار ئېشى قىلامىز!>> دەپ ئون يەتتى قىسما يەيتۇرغان غىزا قىلۇرلەر. بۇ قىلغان غىزالارنى بىر ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئابدان راستلاپ ھەممە بىساتلار سېلىپ بۇ ئۆيگە ئاپكىرىپ قويار.بۇ ئۆينىن ھەر تەرەپىسىگە شام يېقىپ قويۇر. بىر موللا كىرىپ شۇ ياساپ قويغان ئۆيدە ئىككى سائەتكىچىلىك باخنامە ئوقۇرلەر. ئاندىن ئىككى سائەت بولغاندا بۇ باخنامە ئوقۇپ تامام بولۇر. باخنامە ئوقۇپ كەتكەندىن كېيىن كۈن كەچ بولغاندا، باخلار ئېشى قىلغان ئادەملەر غۇسلۇ تەرەت قىلىپ بۇ كېچىسى تولا ياخشى تەلەپلەر قىلىپ تۆبەلەردە يۈرۈپ بەختىنى تىلەرلەر.ئاندىن بۇ كېچە تاڭ ئاتقاندا بۇ باخلارنىڭ كەلگىنىنى بىر كىشى كۆرمەسە، قويغان ئېشىنىڭ ئۈستۈنىدە قوشۇقنى بۇ ئادەملەر( ئۆينىڭ ئىگىسى)ئوڭ قويۇپ قويۇر. بۇ باخلار كەلگەن بولسا، قوشۇقنى توتۈرە قويۇر. ئاندىن بۇ خەقلەر ئاشنى كۆرۈپ كۆڭۈللىرى خوش بولۇپ، << بۈگۈن كېچە باخلار كېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئۆتۈپتۇ. ئەمدى بۇ غىزالارنى مېچىتلىك بىرلەن ئولتۇرۇپ دۇگا قىلىپ يەينى!>> دەپ مېچىتلىگىنىڭ ئۇرۇققۇ ياشىنى قىشقىرىپكېلىپ<< تەبەرۈك!>> دەپ يېيىشۈرلەر. بۇ ئۈچ يەتتىدە شۇ قايدادا ئاش قىلىپ بەختىنى تىلەرلەر. ناۋادا بۇ ئۈچ يەتتىنىڭ ئىچىدە خايى ئەر كىشى، خايى مەزلىم كىشى، خايى كىچىك بالا، خايى چوڭ بالا ئاش قىلغان ئۆينىڭ چۆرىسىدە ئۇچۇراسا، بۇ باخلار ئۇچۇراپ قالغان ئادەمنى كۆرۈپ بىر بىرسىنى قىشقىرىشۇر. بۇ باخلارنىڭ ھەر قاسىنىڭ ئېتى << بەختى، دۆلەت، ئىززەت، ئابرو>> دەو ئاتلىرى شۇنداق تۇرلار. بۇ باخلار ئۇچۇراسا، بۇ ئادەمنى ئوترىسىغا ئېلىپ چۆرەلەپ تۇرسا، شۇ ئادەم باخلارنىڭ چوڭى ئېيتقىنىنى ئىشىتۇر:<< ئەييا باخ، مۇنى كۆر! ئىززەت، مۇنى كۆر! ئابرو ، مۇنى كۆر! دۆلەت، مۇنى كۆر! تالەي ، مۇنى كۆر! ھۈرمەت، مۇنى كۆر!>> دېسە، بۇ قىشقىرغان باخلار كېلىپ ئۇچۇراغان ئادەمنىڭ ھەر بىرسى بېشىنى سىلاپ قويۇر. بۇ باخلار كويقاپتىن چىقۇر.بۇ باخلار ئۇچۇراغان ئادەمگە شۇ يوسۇندا ئۇچۇرار. بۇ ئادەم كۈندىن كۈڭگە ياخشى كۈن كۆرۈپ غېنى بولۇپ ئۆتەرلەر. ناۋادا بۇ ئۈچ يەتتىدە بىر كىشىگە ئۇچۇراماسا، شۇ يوسۇندا باخلارنى بىردە بىر ئادەم شۇنىڭدەك كۆرسە، باخنى كۆرگـەن ئادەم بالادىن بالاغا غېنى بولۇپ ئۆتەرلەر. ناۋادا بۇ باخلار ئېشى قىلغان خەقلەرنىڭ تۈشى ھەم كۆرمەسە، كۆزى ھەم كۆرمەسە، كەلگىنىنى بىلىندۈرۈپ قويسا، بۇ ئۆي ئىگىلىرى تېخى غېنى ئۆتەرلەر. بۇ باخلار ئېشى قىلغان خەقلەر ھەر يىلدا ئازدو، تولادو كۈچى يەتكۈنچە قىلىپ تۇرماسا، بۇ خەقلەر كۈندىن كۈڭگە قۇرۇپ كېتەرلەر. بۇ باخلار ئېشىنى سەپەر ئاينىڭ ئۈچ يەتتىسىدە قىلۇرلەر، باشقا ئايلاردا قىلماسلەر. بۇ قايدىنى << باختانا،باختانا!>> دەرلەر. قارغىش سۆز
( ئابدۇللاكا، 1892-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، قومۇل)بىرو بىرو مىنەن ئۇرۇشقاندا بىروسى زور چىققاندا كۈچى يەتمەگەن ئەدەم ئېنى قارغايدۇ:<< پاخلان قوينۇڭ يېشىنى بەرگىي ساڭا خۇدايىم! كېچىدىن ئەرتەگە تىن تارتماي قال! ھەرگىز ياخشىلىق ئۈزى كۆرمە! يەتتىنجى دوزاخنى ساڭا بەرگىي خۇدايىم! سەن زور بولدۇم دەمسەن؟سېنىڭ زورلۇغۇڭغا كۈچ بەرگىي خۇدايىم! ھەر قىلغان ياخشىلىغىڭ بولسا، خۇدايىم ئېنى ماڭا بەرگىي! سېنىڭدەك دۆيۈز تېشى پۇرپۇر، ئىچى غۇرغۇر! ھېچ بارادۇغان يېرىڭگە يېتالماي قال! يەتكەن يېرىڭدىن كېلالماي قال! تامدىن يىقىلىپ ئۆل! تۆۋىدىن يىقىلىپ ئۆل! تالدىن يىقىلىپ پۇتۇڭ سىنىپ ئۆل! ھاساردىن يىقىلىپ قولۇڭ سىنىپ ئۆل! ئارابا چەيلەپ بېلىڭ سىنىپ ئۆل! ئات تېپىپ ئۈچۆگەڭ ئۈزۈلۈپ ئۆل! ئۈچ يۈز ئاتمىش ئۈچ سۆڭەكلىرىڭ قۇرۇپ ئۆل! تەڭنە بوپ ئۆل! قارو بوپ ئۆل! چولاق بوپ ئۆل! مونجا بولۇپ ئۆل! ناسارى بولۇپ ئۆل! تىللىرىڭ قۇرۇپ ئۆل! تاماقلىرىڭ تۇتۇلۇپ ئۆل! باللىرىڭدىن جاپا كۆرۈپ ئۆل! ئاتتىن يىقىلىپ ئۆل! ئېشەكتىن يىقىلىپ ئۆل! ئاتلۇغۇشتۇن ئاتلاپ ئۆل! جىنازىدىن يىقىلىپ ئۆل! سەپەرگە كېتىپ بېرىپ ئۆل! قارا سايدا قېنىڭ چېچىلىپ ئۆل! سۇ تېپىپ ئىچالماي ئاڭقاپ ئۆل! سوقتا توڭلاپ ئۆل! ئاش تېپىپ يىيالماي ئاشقا ئۆل! مالبارىڭدىن جاپا كۆرۈپ ئۆل! ئات ئۇلىغىڭدىن جاپا كۆرۈپ ئۆل! توڭۇزنۇڭ قېنىدەك چېچىلىپ ئۆل! ئىتتەك غىڭشىپ ئۆل! مۈشۈكتەك مىياڭلاپ ئۆل! قۇشقاشتەك ساراپ ئۆل! قويدەك مەرەپ ئۆل! ئۆشكىدەك تېپچەكلەپ ئۆل! ئۇيدەك سۈزۈشۈپ ئۆل!>> دىيدو.
يەرلىكنىڭ قارغىشى
( نايخان، 1892-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، لوگۇچەن)خۇدا جازاڭنى بەرسۇن! ئىلگىرى كەلمە! چاپىنىڭ تىزىڭدىن ئاشماسۇن! بالالىرىڭنى كۆزۈڭ كۆرسۇن، قولۇڭ تۇتماسۇن! كېچە-كۈندۈز بالاغا گىرىپتار قىلسۇن! مۇرادىڭغا يەتمە! ھەممە ئىشلىرىڭنى خۇدا بەستە قىلسۇن! كۆزۈڭ كور بولسۇن! تىلىڭ گاچا بولسۇن! زىراتىڭنى مەلەك يېسۇن! ئۆيۈڭگە ئوت كەتسۇن! پۇت-قولۇڭنى خۇدا پالەش قىلسۇن! قۇرۇپ كەت! زۇلياتىڭ بىرلەن قۇرۇپ كەت! ھېچ ئىشىڭ مۇرادىڭدەك بولماسۇن! قان قۇسۇپ ئۆل! زابانىڭ تۇتۇلۇپ كەسسۇن! يارا بېسىپ قولۇڭ ھېچ يەرگە يەتمەسۇن! ئۈزۈڭ قارا بولسۇن! ھەرگىز راگاچ تاپما! توپادەك سورۇلۇپ كەت! قىرىلىپ كەت! ئالەم خەلقىنىڭ ئارىسىدا خار بول! دۇنياغا، ئاشناڭغا، بارچە نېمىگە زار بول! تامام ئەللەرنىڭ كۆزىگە ئوبدان كۆرۈنمە! ئۆمرۈڭدە ئوبدان ئىش بىرلە ئۆتمىگىن! ئىلگىرى باسساڭ، پۇتۇڭ كېيىن كەتسۇن! سۇدا غەرق بول! چۆلدە يول تاپالماي ئۇسساپ ئۆل! توڭگۇز سۈرىتىدە قوپ! قولۇڭ ئىشكە بارماسۇن! ئارزۇ-ھارمانىڭغا قانما! قەرزدىن ئۆرە كەلمە! ئىككىلە ئالەم راگاچ تاپماي خارىزار بولۇپ ئېشىكما ئېشىك تەلمۈرۈپ ئۆلگىن! جالابقا تەڭ بولۇپ ئۆز گۆشۈڭنى ئۆزۈڭ يەپ ساراڭ بولۇپ غالغۇراپ ئۆل! كىمگە ياخشىلىق قىلساڭ، ساڭا ياماللىق قىلسۇن! ھېچ كىمدىن ياخشىلىق ئۈزى كۆرمە! ئاتا-ئانا، بالا-بارقالاردىن ياخشىلىق كۆرمە! ھېچ ئىشتە ياخشىلىق ئۈزىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەت! بىرما خوش بولماي پۇت-قولۇڭ قۇرۇپ كەسسۇن!
يەرلىكنىڭ ئالقىشى
( خەلق ئاغزىدىن)خۇدايىم ئەجرە ئەزىم بەرسۇن! دۆلەت ئابروي بەرسۇن! خۇدايىم بىرنى بەرسە، ئوننى بەرسۇن! كۈندىن كۈنگە بارچا ئىشلەرنى ئابات قىلسۇن! ئۆمرىلىرىنى ئۇزۇن، دۆلەتلىرىنى زىيادە قىلغاي! بالا-بارقالىرى بىرلە خۇدايىم بارچە بالا-قازالاردىن ساقلاپ ھەممە مۇرات مەقسۇدۇڭغا خۇدايىم ئولاتلىرى بىرلە بالا خوتۇن، ئاتا ئانالىرىنى جېمى ئاپەتلەردىن، قەرزدارلىقتىن، قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆمەتتىن، زالىمنىڭ زۇلمىدىن، كۆرۈنۈر كۆرۈنمەس بالا قازادىن، شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلاسۇن! قولۇڭ كەينىڭگە باغلانماسۇن! پادىشالارنىڭ غەزىبىدىن، سۇخەنچىلەرنىڭ سۆزىدىن خۇدايتالا ساقلاپ خوشال-خورام قىلسۇن، بەرەكەت بەرسۇن! ھېچ ئىشىڭنى خەقنىڭ ئىشىدىن كېيىن قويماي ھەممىدىن ئىلگىرى قىلسۇن! يولۇڭنى ئاق يوللۇق قىلغاي؛ مۈزتەرلىككە قويماي بالا خوتۇن، پۇل-مال، يەر-سۈيۈڭگە خۇدايىم بەرەكەت بەرسۇن! ھېچ نېمىنى خۇدايىم كەم قىلماسۇن! كۈنگە ئوخشار خوشاللىقنى ئاتا قىلغاي! خۇدايىم ئوغۇل بالا بەرسۇن! ھېچ كىشىگە بەرمەگەن دۆلەتنى ساڭا بەرسۇن!
ماللىرىڭنى تولىدىن تولا قىلىپ بارچا ئىشلاردىن خۇدايىم كۆڭنۈڭدە خىيال قىلغاندەك قىلسۇن! ھەر قايداق كارى بارىڭنى قاملاشتۇرۇپ بەرسۇن! ھەر يەرگە قەدەم قويساڭ، خۇدايىم ئوڭ قىلىپ رەھمەت قىلسۇن!تۇرپان خەلقىنىڭ قارغاغىنى
( مېجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، تۇرپان)تۇرپان خەلقى باللىرىنى قارغاسا، ئىلاھىم ياخشىلىق ئۈزى كۆرمىگىن! ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمىگىن! ئۇرۇق-قۇياشىڭغا، بالا-بارقاڭغا قاتماسۇن! دەپ، يەپ ئاغزىڭ تىنماسۇن! چىچىپ قوڭۇڭ تىنماسۇن! دەپ، ئوچاقنىڭ كۈلىنى سورۇپ ئولتۇرۇپ شۇ كۈلدەك سورۇلۇپ كەتكىن ! دەپ قارغايدو. تۇرپان خەلقىنىڭ ئالقىغىنى
بىرسى بىرسىگە ياخشى گەپ قىلار بولسا، << ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىن! بەختى دۆلەتمەللىك، ئىززەت ئابرويلۇق بولغىن! سائادەتمەللىك بولغىن! رىزقى نېسىبىلىك بولغىن! ئۇچاڭ تۆر كۆرسۇن، ئايلىڭ ئۇچا كۆرسۇن! بالا چاقاڭ بىرلەن، قومۇ قېرىنداشلىرىڭ بىرلەن قېتىپ قوشۇپ ئۆتكۈلۈكنى خۇدا ساڭا نېسىپ قىلسۇن! >> دەپ ئالقاپ دۇگا قىلۇرلەر.
شەرت ئىچكىنى
( مېجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۇرپان)ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ شەرىيەتكە بارسا بۇلارنىڭ بىرسىگە قەسەم كېلىپ قالسا، ئەلەم ئاخۇننىڭ قازىسى بۇ قەسەم بەرگۈچىدىن بىر سەر قەسەمنامى دەپ ئالادو. ئاندىن بۇ قەسەم قىلادۇرغان كىشىنى ، قەسەم بەرگۈچىنى، بۇ ئىككىسىنى قازى يۇرتنىڭ تېشىغا ئاپچىقىپ كىشى يوق ھەم داراخ يوق قۇرۇق يەرگە ئاپچىقىپ بۇ ئىككىسىنى بىر بىرسىنىڭ بېلىنى تۇتتۇرۇپ ئاندىن قەسەم قىلۇرلەر. بۇ قەسەمنى يە يۇرتنىڭ ئىچىدە، يە بىر داراخنىڭ تۈبىدە قەسەم قىلسا، شۇ قەسەم قىلغان جايدا، ھەر نەرسە بولسا، قۇرۇپ كېتەر. ئاندىن ئىككىنچى قەسەم دەرلەر.
بۇ ئىككىنچى قەسەم: بىر ئادەمگە قەسەم بېرەدۇرغان بولسا، بۇ قەسەم ئىچەدۇرغان ئادەم قەسەم بەرگەن ئادەمگە قۇران تۇتۇپ بېرەدۇر. ناۋادا ئۈچ كۈنگىچىلىك ناھەق بولسا، ئۈچ كۈڭگەچە ئۆلەر. ناۋادا راست بولسا، قەسەم بەرگەن كىشى ئۆلەر. ئۈچۈنچى قەسەم دەرلەر: بىرى بىرلەن ئۇرۇشۇپ ئالادۇرغانى بولسا، بىرسى يوق دېسە، بىرسى بار دېسە، بۇلارنى مېچىتلىك سورار. بۇلارغا قەسەم كېلىپ قالسا، قەسەم قىلغۇچى قەسەم بەرگۈچىگە<< مەن سېنىڭ ھەققىڭنى بەرگەن! مەن سېنىكى ھەققىڭنى بەرمەگەن بولسام، قىيامەتتە پەيغەمبىرىم قۇلۇم دېمەسۇن! مۇسۇلمان بالىسى بولماي قالاي! خۇدا قازى بولغاندا ئاق ئۈزۈم قارا بولسۇن! >> دەپ قەسەم قىلۇر. ئۈچۈنچى قەسەم ئۇشبۇ يوسۇندا ئۆتەرلەر.لوپلۇقنىڭ شەرت ئىچكىنى
ئىككى ئادەم بىر بىرسى بىرلەن قەسەم قىلماق بولسا، تىرمىغىنى يالاپ بېرۈرلەر. ئىككىنچى قەسىمى: مىلتىقنىڭ ئاغزىنى يالاپ بېرۈرلەر. ئۈچۈنچى قەسىمى: يەتتى يەرگە ئوت قالاپ بىردىن بىردىن ئاتلاپ بېرۈرلەر. لوپلۇق ئۇشۇ يوسۇندا قەسەم قىلۇرلەر.
مايمۇننىڭ ئەسلى
( مېجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۇرپان)مايمۇننىڭ ئەسلى ئادەم ئىدى. مايمۇن بوياقچى ئىدى. خوشنىسى ئۈچۈن گالىق ( گۇۋالىق) ئۆتكۈزەرمەن دەپ گالىغى يالغان چىقىپ بۇ بوياقچى نەپىزى كەتكەن. ئېنىڭ ئۈچۈن مايمۇن بولۇپ قالغان.
( گاسىل ئىبن مەمەتغازى، 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۇرپان)
توڭگۇز ئىلگەركى زاماندا بىر قاسساپ بولغان. يابا توڭگۇزنۇڭ ئاغزىدىن چىققان ئىككى پىچىقى بار، قاسساپچىلىقنىڭ بەلگىسى شۇدۇر. جىڭنى ئېغىر تۇتۇپ سۈرىتى بۆلەك ياڭزا بوپكەتكەن بىر بىر پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىدا.
( نايخان، تۇرپان لوگۇچەن، 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى)
كۈيۆ دېگەن نەرسە بىر باي ئىدى. دىگانە قەلەندەر كەلدى، ئۆزى يۇڭنۇڭ ئاستىنىغا كىرىبېلىپ داخانلىرىغا << مېنى يوق دەڭلار!>> دەپ يوشۇنۇبالدى. دىگانە: << سەن يۇڭنۇڭ ئارىسىدىن چىقمايسەن!يۇڭ بوپقال!>> دەپ دۇئا قىلىبىدى، ئۇ باي خۇداينىڭ قۇدرىتى بىرلەن كۈيۆ بوپقالدى، ھېمىشە يۇڭ يەيدو.
مېتە دېگەن قۇرۇت بۇغداي تېرىيدۇغان ئادەم ئىكەن. بىر بالىسى تولا بولغان كىشى ئۇ ئادەمدىن بۇغداي سوراپ كەلدى. بۇغداينىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ يوشۇنغىنىنى نامرات كۆرۈپ قالدى. ئۇ كىشى:<< ئەي نامرات، دادام ئۆيدە يوق!>> دەپ ئوغلىغا ئېيتتۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇ نامرات دۇئا قىلغاندا بايىقى كىشى خۇداينىڭ قۇدرىتى بىرلەن مېتە بوپقالدى.
ئاق قۇشقاچ ئۆزى ئادەم ئىدى. << مۇسا پەيغەمبەرگە ئوت قويامەن!>> دەپ قوناق يىغىچىنى ئاپ كەلدى. شۇنۇڭ ئۈچۈن خۇداي سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلدى.
چاشقان ئادەم ئىدى. يالغان گالىق بەردى. خۇداي تائالا << يەرنىڭ ئاستىنىدىن چىقماسۇن>> دەپ سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلدى.
بۆرە ھەم ئادەم ئىدى. بۆرە ئۆزى قاسساپ ئىدى. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان قوينى خەققە سېتىپ شۇ گۇنادىن سۈرەتى مۇبەددەل بولدى.
تۈلكى ئادەم ئىدى. ئانىسىنىڭ قوڭىنى كولىدى. شۇڭا بولا خۇدا سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلدى.
پاختەك ھەم ئادەم ئىدى. بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىنى ئىدى. ئۆز ئاتىسىنىكىدە بارغۇچە يولدا يامان ئىش قىلدى. شۇڭا بولا پاختەك سۈرىتىنى ئالدى.
پىلما تازا ئادەم ئىدى. نانۋاي ئىدى. ناننى كىچىك قىلىپ خەققە ساتادۇغان ئىدى. بۇرنىدىكى خارتۇمى نان ياقادۇغان پەلىيىدۇر.
مايمۇن خوتۇن ئادەم ئىدى. ھەيز قېنىنى پاكىزە تۇتمايدۇغان ئىدى. شۇنۇڭ ئۈچۈن ئاللا تائاللا سۈرىتىنى يۆرتكەپ قويدى.
توڭڭۇز ھەم ئادەم ئىدى. قۇربان ھېيتتا << قۇرباللىق قىلاي!>> دەپ ئۆزى ئۆلگەن قوينىڭ گۆشىنى خەققە تولا يۆدۈردى. شۇ شۇملۇق ئۈچۈن سۈرىتى بۆلەك بوپكەتتى.
مۈشۈكما ئادەم ئىدى، يىكچى ئىدى. تاغنىڭ يىغىچىنى ئالماي يامان يىغاچلاردىن قىلغان يىكنى خەققە سېتىپ يالغان ئېيتقان ئۈچۈن سۈرىتى مۇبەددەل بولدى.
قارلۇغاچ ھەم ئادەم ئىدى، بىر قاسساپنىڭ كېلىنى ئىدى. قوي بوغۇزلاپ كەپ قان قولى بىرلەن ئىڭىكىنىڭ ئاستىنىنى تۇتۇبىدى؛ قېيىن ئاتىسى سۆيگىلى خىيال قىلغاندا قارلۇغاچ خۇدادىن سۇراپ قۇشقاچ سۈرىتىدە بولۇپ ئۇچۇپ كەتتى. قارلۇغاچنىڭ ئىڭىكىنىڭ ئاستىنىدا ھېلىما قىزىل ئىزى قالدى.
ئېيىق ئادەم ئىدى، بوياقچى ئىدى. بوياقنى يامان قىلىپ ياخشى بوياقنىڭ ئورنىغا ياماننى بېرىپ خەققە ھېمىشە يالغان ئېيتقان ئۈچۈن سۈرىتى مۇبەددەل بولدى.
قارغا ئۆزى ئادەم ئىكەن. قارغا << قاق>> دەپ بىر قىچىرسا، شۇ يامان بەلگى؛ جۈپ قىچىرسا، شۇ ئابداندۇر، ياخشى خەبەرلەر ئاپ كەلەدو.قارغا قايداق قىچىرسالا، شۇنۇڭغا:
<< ياخشىلىق ماڭا بولسۇن!
يامانلىق ساڭا بولسۇن!
كەسسۇن ئاللا تالا
بېشىڭنى ئەي قارغا!>>
نايخان:
<< ياخشىلىق ماڭا بولسۇن!
يامانلىق ساڭا بولسۇن!
ئاللا تالا بېشىڭنى،
ئەي قارغا ، ساڭا كەسسۇن!>>
ـــــــــــــ--مىراس ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
تۈگىدى.
历史上的今天:
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــ 4 Jul 26, 2010كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ـــــ 3 Jul 26, 2010كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 2 Jul 26, 2010
收藏到:Del.icio.us
评论