• شىپايى دۇئا، ئايەتلەر ھەققىدە پەتىۋا - [ئىسلامىي ئەسەرلەر]

    Apr 29, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62784078.html

    پالانى ئايەتنى مانچە قېتىم ئوقۇسا مانداق بولىدۇ دېگەن گەپ راستمۇ؟

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم...مەن توردا تارقاتقان دىنىمىنى ئۇگنىمەن3ـ قىسىم دۇئا كىتابى\\" دىگەن دىگەن ياش ــ ئوسمۇرلەر ئۇچۇن ھىكايلىك رەسىملىك كىتابىنى چۇشۇرۇپ كۇرگەن ئىدىم.بەلكىم سىزمۇ كۇرگەنسىز...كىتابىنىڭ ئوتتۇردىراق بىر يىرىدە مۇنداق مەزمۇن بار ئىكەن.پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دىگەن: كىمىكى ئەتىگەن ئورنىدىن تورغاندا 3 قىتىم \\"ئەئۇزۇبىللاھىسسەمىئىل ئالىمى ـ مىنەششەيتانىررەجىم \\"دىگەندىن كىيىن ھەشىر سۇرىسىنىڭ ئاخىردىكى 3 ئايەتىنى ئوقىسا ،ئاللاھ ئۇ كىشىگە 70 مىڭ پەرىشتىنى خىزمەتكە تەيىنلەيدۇ. بۇ پەرىشتىلەر ئاخشامغا قەدەر ئۇ كىشىگە رەھمەت تىلەيدۇ. بۇ كىشى ئەشۇ كۇنى ئولسە،شەھىت سۇپىتىدە ئولىدۇ.بۇ ئايەتىنى ئاخشام ئوقىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ....\\" دەپ يىزىلىپتۇ. لىكىن بۇنىڭ ھەدىس ياكى ئەمەسلكىنى بىلەمىدىم،ھەدىسى بولسا سەھىمۇ؟ كىم رىۋايەت قىلغان؟ قايسى كىتاپتا؟ قەدىرلىك ئۇستاز ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن مۇشۇ ھەكتە ئىزدىنىپ باقسىڭىز......
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

    قېرىندىشىم! «پالانى ئايەتنى ئوقۇسا، ئۇنداق بولىدۇ؛ پۇستانى ئايەتنى ئوقۇسا مۇنداق بولىدۇ» دېگەن شەكىلدىكى رىۋايەتلەر يا زەئىپتۇر ياكى ئويدۇرمىدۇر. دىنىمىزدا ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ئاساستۇر. ئايەتنىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ ساۋاپ تاپىمەن دەپ ئولتۇرۇش، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلماي، ھەر كۈن رېتسېپنى بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ قويۇپ ساقىيىمەن دەپ ئولتۇرۇرۇش بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر.

    ئەپسۇس! ئۇنداق يالغان ـ ياۋىداق رىۋايەتلەر قۇرئان كەرىمدىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا راۋاج تاپماقتا. ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۇنداق رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى تەييارلاش ۋە نەشىر قىلىش، ئۇلارغا زەھەرنى شاكىلات بىلەن قاپلاپ بەرگەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. كىتابنىڭ بېشىدىكى بىسمىللاھ…، ئىچىدىكى توغرا سۆزلەر شاكىلاتتۇر، ئۇنداق رىۋايەتلەر زەھەردۇر.

    بۇ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان ھىيلە ـ مىكىرلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر.

    يىغىپ ئېيتقاندا ئۇنداق رىۋايەتلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن يا زەئىپتۇر ياكى ئويدۇرمىدۇر. مەنا ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقان مۇناسىۋىتى يوقتۇر.

     

    قېرىندىشىم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان رۇقيە كېسەل زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا شۇ كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ئوقۇغان مەخسۇس دۇئادۇر. ئۇنىڭ «سۈپكۆچ» لەش بىلەن ياكى «ئايىشىفە» بىلەن بىر ئالاقىسى يوق. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

    1 ـ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ بىرىنى (كېسىلىنى) يوقلاپ بارغاندا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، پەقەت سېنىڭ بەرگەن شىپايىڭلا ئۈنۈملۈك بولىدۇ. شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

    2 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ سابىتقا: «رەسۇلۇللاھ ئوقۇپ قويغان دۇئانى قويايمۇ؟»، دېدى. سابىت: «بولىدۇ، ئوقۇغىن»، دېۋىدى، ئۇ تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇدى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئوقۇبەتنى كەتكۈزگۈچى! شىپالىق بەرگىنكى، سەنلا شىپالىق بېرىسەن، سەندىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، ھېچقانداق كېسەللىك قالمىغاي» – بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

    2 ـ سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كېلىپ: «ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەئدكە شىپالىق بەرگىن»، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

    3 ـ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبن ئەبىلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەدىنىدىكى ئاغرىقتىن شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى بەدىنىڭدىكى ئاغرىۋاتقان جايغا قويۇپ ئۈچ قېتىم ‹بىسمىللاھ›، دېگىن، ئاندىن ‹ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ۋە قۇدرىتى بىلەن ئۆزۈم سېزىپ، ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ تۇرغان كېسەلنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن›، دېگىن»، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

    4 ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەجىلى توشمىغان بىر كېسەلنى يوقلىغان چاغدا، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يەتتە قېتىم ‹ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھ تائالادىن ساڭا شىپالىق بېرىشنى سورايمەن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇشۇ كېسەلدىن خالاس قىلىدۇ» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

    5 ـ ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەئرابىنى يوقلاپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەرسىنى يوقلاپ كىرسە: «كېرەك يوق، ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ كېسەللىك گۇناھلاردىن پاكلىغۇچىدۇر»، دەيتتى. – بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
    مەنبە: مۇسۇلمانلار

    http://www.musulmanlar.com/?page_id=14


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ماڭا ياردەم قىلىپ مىنىڭ بىلوگ نىمۇ ياخشىراق ياساپ بەرگەن بولسىڭىز چ چ 610433502