-
بۇغراخانلار تەزكىرىسى - [تارىخي ئەسەرلەر]
Jul 24, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/70300951.html
بۇغراخانلار تەزكىرىسى
موللا ھاجى
نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن
كىتاپ موللا ھاجىنىڭ « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » ( تەزكىرەتۇل بۇغراخان ) ناملىق قوليازمىسى ( تۆۋەندە موللا ھاجى قوليازمىسى دەپ ئاتىلىدۇ ) ئاساس قىلىنىپ ، قادىر ئاخۇن كاتىپ ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ھەققىدىكى قوليازمىلىرىدىن قوشۇمچە پايدىلىنىپ نەشىرگە تەييارلاندى .
موللا ھاجى ⅩⅨ ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن ئەدىب . ئۇنىڭ بۇ كىتابتىن باشقا يەنە تارىخچى ئالىم شەيخ ھەرىرى بىلەن بىرلىكتە يازغان « جەڭنامەئى ھەزرىتى رەسۇل ئەلەيھىسالام » ناملىق يىرىك تارىخى ئەسىرى بار .
موللا ھاجى قوليازمىسى 30×18 س م چوڭلۇقتىكى قېلىن قاتلانغان خوتەن قەغىزىگە قومۇش قەلەم بىلەن قارا سىيادا يېزىپ تۈپلەنگەن . ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى جەمئىي 102 بەت . ھەر بىر بېتىدىكى خەتلەرنىڭ قۇر سانى ئوخشاش ئەمەس . بۇ قوليازما ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئاسراش – باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلانماقتا .
موللا ھاجى نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بەت يۇقىرى قىسمىغا « بىۋىلايەتى كاشغەر تابە خانئېرىق قىزىل يۇلغۇن تۇردى ئونبېشىلەر ئەلئان ساھىبى كىتاب ئۇلارنىڭ بولدى ، تارىخقا بىر مىڭ ئۈچيۈز ئەللىك بىر ، ماھى شەئىبان » دەپ يېزىلغان . بۇ خەتلەرنى يازغان قەلەمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ، ئىشلەتكەن سىيانىڭ رەڭگى قاتارلىقلار كىتاب تېكىستى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئۇ قوليازما تۇردى ئونبېشى تەرىپىدىن ھىجىرىيە 1351 – يىلى ( مىلادى 1932- 1933 يىللىرى ) 5 – ئايدا مەلۇم بىر كاتىبقا ئەسلى قوليازمىدىن كۆچۈرگۈزۈلگەن ياكى سېتىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن .
موللا ھاجى نۇسخىسىنى ھازىرقى شارائىتتا ، خۇددى ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك ، بۇغراخانلار تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب ، تەزكىرىلەردىن پايدىلىنىپ بىر قەدەر تەپسىلى يېزىلغان ئەسەر دېيشكە بولىدۇ .
بۇ قوليازما جەمئىي تۆت قىسىمدىن تەركىپ تاپقان . بىرىنچى قىسىمدا ( بىز « مۇقەددىمە » - دەپ ئالدۇق ) سامانىلار خانلىقى ( 870 – 1000 – يىللار ) نىڭ شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ كەسپى ، ئەخلاق – پەزىلىتى ، ئىلىم – مەرتىۋىسى تونۇشتۇرۇلغان . شۇنداقلا ئۇنىڭ قاراخانلار پايتەختى قەشقەر ( ئوردۇ كەنت ) گە كېلىپ سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى ئىزدەپ تاپقانلىقى ۋە ئۇنى مۇسۇلمان قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان . ئىككىنچى قىسىم ( بىرىنچى باب ) دا خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دالالىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقىتىكى ھەرخىل پائالىيەتلىرى ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ، كېڭەيتىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھېكايە قىلىنغان . ئۈچىنچى قىسىم ( ئىككىنچى باب ) دا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرىدىن ھەسەن بۇغراخان ، ھۈسەيىن بۇغراخان ، سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ، يۈسۈپ قادىرخانلارنىڭ بۇددىستلارنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش يولىدا ئېلىپ بارغان غازاتلىرى بايان قىلىنغان . تۆتىنچى قىسىم ( خاتىمە ) يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بۇددىستلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ماداينغا بېرىپ ئىمام نەسىرىددىن ، ئىمام مۇئىددىن ، ئىمام زوھۇرىددىن ، ئىمام قەۋمىدىن قاتارلىق تۆت ئىمامنى باشلاپ كەلگەنلىكى ، تۆت ئىمامنىڭ ياردىمىدە بۇددىستلارنى ئىسلامغا تەلتۆكۈس كىرگۈزگەنلىكىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك بايان قىلىنغان .
ئاپتور ئۆز كىتابىنى نېمە ئۈچۈن تۆت قىسىمغا بۆلگەنلىكىنى « ئادەم ۋۇجۇدى تۆت ئاناسىردىن تەركىپ تاپقاندەك ، بۇ مەجمۇئەنىمۇ تۆت جۇزئى بىلەن يەنى بىر مۇقەددىمە ، ئىككى مۇتالىئە ۋە بىر خاتىمەدىن تامام قىلدىم . » دەپ ئىزاھلىغان . دېمەك ، بۇ كىتاب تۆت ئاناسىرغا تەقلىد قىلىنغان كومپوزىتىسىيە شەكلىدە تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئاپتور ئۆز ئەسىرىنى ئورگانىك بىرلىككە ئىگە ، تەرتىپلىك ، سېستىمىلىق مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشقان .
ئاپتور بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا ، بۇ ئەسەرگە نېمە ئۈچۈن « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » دەپ ئات قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ : « بۇ تارىخقا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشقا يەنە ھەزرىتى ھەسەن بۇغراخان غازى ، ھەزرىتى سەيىد ئەلى ئارسلانخان غازى ۋە ھەزرىتى يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھنىڭ ئىسىم – شىرىپلىرىنى كىرگۈزۈشنى كۆزلەپ < بۇغراخانلار تەزكىرىسى > دەپ ئات قويدۇم » دەيدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئەسەردىكى مەزمۇنلار يالغۇز سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ پائالىيىتىنى بايان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، ئۇنىڭدا يەنە كېيىنكى باشقا بۇغراخانلارنىڭمۇ پائالىيىتى بايان قىلىنغان . شۇڭا ئاپتور كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابىدا سۆز قىستۇرۇپ ، « بۇنى مەن پەقىر ، كەم سالاھىيەت ، ئاجىز موللا ھاجىدىن تەلەپ قىلدى . مەن بۇ مۇلتەمەسىنى ( ئىلتىماسنى ) ئۈستۈن بىلىپ ۋە ماقۇل كۆرۈپ ، ھەزرىتى بۇغراخانلار تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن ، ئۆزگە كىتابلار ۋە تەزكرىلەردىنمۇ راست رىۋايەتلەرنى جەمئىي قىلدىم » دەيدۇ .
كىتابنى يېزىپ چىقىشقا تەشەببۇس قىلغان شەخسنىڭ نامى مەلۇم ئەمەس . ئاپتورنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ياكى كۆچۈرگۈچىنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ، ئەيتاۋۇر كىتابقا يېزىلماي قالغان . بىراق ، ئەسلى قوليازمىنىڭ ھىجىرىيە 1245 – يىلى ( مىلادى 1829 – 1830 – يىللىرى ) يېزىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتقا ئاساسەن ، « بۇ شەخس زوھۇرىدىن ھېكىم بەگ بولۇشى مۇمكىن » دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . چۈنكى 19 – ئەسىرنىڭ 30 - ، 40 – يىللىرىدا قەشقەرگە ھاكىم بولغان روھۇرىدىن ھېكىم بەگ ( تاجى ھېكىم بەگ ) مەرىپەتنى ياقلايدىغان ، ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، ئۇقۇمۇشلۇق زات بولغاچقا ، ئۇ ئەينى دەۋردە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قوللىغان ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە مەدەت بەرگەن . شۇ زاماندا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان . ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئالتۇن دەۋرى ئېچىلغان .
ئاپتور – موللا ھاجى ئۆزىگە يۈكلەنگەن بۇ ۋەزىپىنىڭ ئەھدىسىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن بۇغراخانلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاپلارنى كۆرگەن . باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئەتراپلىق ئىزدەنگەن . توپلىغان ماتىرىيال رىۋايەتلەرنى ئايەت ، ھەدىس ۋە ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشقان . شۇنداق قىلىپ بۇغراخانلار ھەققىدىكى باشقا تەزكىرىلەردىن مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، سىستېمىلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » نى بارلىققا كەلتۈرگەن .
بۇ قوليازمىنى بۇغراخانلارغا ئائىت تەزكىرىلەر ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل ئەسەر دېگىلى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى يەنىلا بۇغراخانلار ھەققىدىكى بىردىنبىر تولۇق تەزكىرە دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ . چۈنكى بۇغراخانلارغا ئائىت يەنە بىر قسىىم تەزكىرىلەر تېخى ئاشكارىلانغىنى يوق . بۇنىڭدىن باشقا يەنە موللا ھاجى بىلەن زامانداش ئۆتكەن ياكى كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان بەزى ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە موللا ھاجىنىڭ كىتابىدا زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارالغان بەزى ۋەقەلەرنى ، نەزمىلەرنى قوشۇپ ، تولۇقلاپ يازغان تەزكىرىلەرمۇ بار . مەسىلەن ، يەكەن كاچۇڭلۇق رەھمەت باينىڭ ئوغلى مۇھەممەت يار تەرىپىدىن كاتىپ قادىر ئاخۇن بىلەن ھۇسەيىن خەلپەتكە پۈتكۈزگەن « تەزكىرەئى بۇغراخان » ، تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم ( مەخمۇت قەشقەرى مازىرىنىڭ 19 – ئەسىردىكى شەيخلىرىدىن بىرى ) يازغان « بۇغراخان تەزكىرىسى » دېگەن كىتابلار بار . بۇ قېتىم « بۇغراخانلار تەزكىرىسى » نى نەشىرگە تەييارلاشتا ، بۇغراخانلار ھەققىدە ئىمكانقەدەر تولۇقراق مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلپ ، بۇ ئىككى تەزكىرىدىنمۇ پايدىلىنىلدى . موللا ھاجى نۇسخىسىنىڭ ئىككىنچى بابى بىلەن تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەكى كەم بولغان خاتىمە بابى يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى قوليازمىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلاندى . سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن سەيد ئەلى ئارىسلانخانغا بېغىشلانغان ئىككى مەرسىيە كاتىپ قادىر ئاخۇننىڭ قوليازمىسىدىن ئەينەن ئېلىندى .
بۇ تەزكىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا قانداق تارقالغانلىقىنى ، بۇ دىننى تارقىتىش ، مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىسلام تەرەپدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئىنتايىن زور قانلىق جەڭ – كۈرەشلەرنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا ئائىت بايانلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن .
تەزكىرىلەرگە ۋە باشقا تارىخى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئەبۇ ناسىر سامانى ھىجىرىيە 270 – يىلى ( مىلادى 883 – 884 – يىللىرى ) مەدىنىدە ئەمەس ، خۇراساندا ، سامانىي شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا دىنىي تەربىيىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ ، ئىلمى باتىن ( مەخپى ئىلىم ) ۋە ئىلمى زاھىر ( ئاشكارا ئىلىم ) نى ئىگىلەپ پىركامىللىققا يېتىپ ، تەدبىرلىكى ، ئالاقە مۇناسىۋەتتىكى چىۋەرلىكى بىلەن تونۇلغان . ئۇنىڭ يىگىتلىك دەۋرى سامانىلار سۇلالىسىدا ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان زامانغا توغرا كېلىدۇ . شۇ زاماندا ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خاقانلىرىدىن بارۇن بۇغراخان ( بەزى تەزكىرىلەردە " ھارۇن بۇغراخان » ، « مۇسا بۇغراخان » ، « بارخان » ، دۇرۇم بۇغراخان » ،« خاقان بارىز » دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ قاراخانلار سۇلالىسى دەۋرىدە مىلادى 880 – 915 – يىللاردا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان . تەزكىرىلەردە ئۇنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسى دېيىلگەن ) . قادىرخان ئوغۇلچاق ( بەزى كىشىلەر قېدىرخان ئوغۇلچاق دەپمۇ ئاتايدۇ ) لار ئوتتۇرىسىدا قاراخانىلارنىڭ دەسلەپكى پايتەختلىرىنىڭ بىرى بولغان تالاس ( قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى پايتەختى بىلاد ساغۇن . ئىككىنچى پايتەختى تالاس ئىدى ) نى تالىشىش جېڭى تازا ئەۋق ئالماقتا ئىدى .
ھىجىرىيە 280 – يىلى ( مىلادى 893 – 894 – يىللىرى ) ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت قادىرخان ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن تالاسنى تارتىۋالغان ۋە ئۇنىڭ 15 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنى ، ھەتتا خوتۇنىنىمۇ ئەسىرگە ئالغان . بۇ چاغدا قادىرخان ئوغۇلچاق پايتەختنى قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ( قەشقەرنى ئىككىنچى پايتەخت قىلىپ ) بىر مەزگىل كۈچ توپلىغاندىن كېيىن ، سامانىلار ئىچكى قىسمىدا ھەرخىل زىددىيەتلەر راسا ئەۋج ئالغان بىر پۇرسەتتە ، ھىجىرىيە 191 – يىلى ( مىلادى903 – 904 – يىلى ) 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تالاسقا ھۇجۇم قىلغان . لېكىن بۇ ئۇرۇشتىن دەرھال نەتىجە چىقمىغان ( بۇ ئۇرۇش ھىجىرىيە 813 – يىلى يەنى مىلادى 930 – يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان تەختكە چىقىپ ، سامانىلار قولىدىن تالاسنى تارتىۋېلىپ قەشقەرنى قاراخانىلارنىڭ بىرىنچى پايتەختى قىلغۇچە داۋاملاشقان ) .
شۇ زاماندا بۇددا دىنى ئېتىقادىدىكى قاراخانىلار ئىسلام ئېتىقادىدىكى سامانىلارغا ھەر ۋاقىت كۈچلۈك تەھدىت بولۇپ تۇرغان. سامانىلار ئۆز تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، مەملىكەت ئىچىدىكى كۈندىن كۈنگە ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتقان فېئودال ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى بىلەن دېھقانلار ، قول ھۈنەرۋەنلار ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ئانچە ئېتىبار قىلمىغانلىقتىن ، غەزنە ، گۈرجىستان ، خارەزىم ، ئىسپىجاپ قاتارلىق جايلاردا ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتكە قارشى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك بۆلۈنمە ھاكىمىيەت شەكىللىنىپ قالغان . ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت بىلەن ئوغلى ئەخمەت ئىبنى ئىسمايىل ۋە ئىنىسى ئىسھاق ئىبنى ئەخمەت ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىمۇ سامانىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان تۈركلەرنىڭ باشباشتاقلىق قىلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىپ ،بۇنىڭ بىلەن سامانىلارغا بولغا تەھدىت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن . سامانىلار خانلىقى سىرتقا ئەسكىرىي كۈچ ئىشلىتىش يولى بىلەن بۇ تەھدىتتىن قۇتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ، ئۇلار قاراخانىلار خانلىقىنى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاش يولىنى تۇتۇپ ، ھىجىرىيە 304 – يىلى ( مىلادى 916 – 917 – يىللىرى ) سامانىلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنى سودىگەر قىياپىتىدە ياساپ 70 كىشىلىك سودا كارۋىنى بىلەن قەشقەرگە يولغا سالغان .
قاراخانىلار دەۋرىدە مىڭ يول ( ھازىر دىيىلىۋاتقان « يىپەك يولى » ) تۈگۈنىگە جايلاشقان قەدىمكى شەھەر – قەشقەر ناھايىتى ئاۋات سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا خوجا ئەبۇ ناسىر سامانى سودا باھانىسى بىلەن كارۋان باشلاپ ھېچبىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىماستىن قەشقەرگە ئاسانلا بېرىپ ، ئاتۇشنىڭ « باقۇ » دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقان سۇلتان ساتۇقنى ئىزلەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي ئۇچراشقان . شۇنىڭدىن كېيىن ، خوجا ئەبۇ ناسىر سامانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى ئىسلامغا كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىغا ياردەملىشىپ ، ئاخىرى ھىجىرىيە 341 – يىلى ( مىلادى 952 – 953 يىللىرى ) دا كۆز يۇمغان ، ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشنىڭ مەشھەتكە دەپنە قىلىنغان .
بارۇن بۇغراخان ئوغلى سۇلتان ساتۇقنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن ، ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان . بىراق ئانىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئارىلىشىشى بىلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ سامانىلارنىڭ تەسىرى يىراق بولغان قەشقەرنىڭ ئاتۇشقا سۈرگۈن قىلىنغان ....... بارۇن بۇغراخان سۇلتان ساتۇقنى ئىز باسارلىقتىن مەھرۇم قىلىپ ، ئورنىغا قادىرخان ئوغۇلچاقنى خانلىق تەخـتىگە چىقارغان . سۇلتان ساتۇق نەزەربەنتتە تۇرۇۋاتقاندا ، ئۆز ئەتراپىدىكى ئسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن يېقىندىن باردى – كەلدى قىلىپ ، مەخپى ھالدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىدىغان بىر تەشكىلات قۇرغان ، كېيىنچە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئادەم سانى بىرقانچە مىڭ كىشىگە يەتكەن ( تەزكىرىلەردە 12 مىڭ دېيىلىدۇ ) ... ھىجىرىيە 318 – يىلى ( مىلادى 930 – يىلى ) سۇلتان ساتۇق تەشكىلات ئەزالىرىدىن 600 يىگىتنى تاللىۋېلىپ ، بىر كېچىدە قادىرخان ئوغۇلچاقنىڭ ئوردىسىغا مەخپى باستۇرۇپ كىرىپ ، 400 دىن ئارتۇق جەڭ ئېتى ، يېتەرلىك قورال – ياراق ، ئوزۇق – تۈلۈك ئولجا ئېلىپ ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن تۆگە تاغى دېگەن جايغا كېلىپ يوشۇرۇنغان . ئەتىسى قادىرخان ئوغۇلچاق 40 مىڭ لەشكەر بىلەن تۆگە تاغنى قورشاپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن جەڭدە يېڭى ئەقىدە تەرەپدارلىرى – ئىسلام لەشكەرلىرىنىڭ جان تىكىپ جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان . قادىرخان ئوغۇلچاق ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئاخىر سۇلتان ساتۇق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ..... سۇلتان ساتۇق شۇ يىلى قەشقەردە قاراخانىلارنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىپ ،ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا « ئۇلۇغ ، سەلتەنەتلىك ، قۇدرەتلىك » دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان « قاراخان » دېگەن نامنى ، « باتۇر ، قەھرىمان، جەسۇر ، شىجائەتلىك » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان « بۇغرا » ئۇنۋانىنى قوشۇپ ، ئۆزىنى « سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان » دەپ ئاتىغان . ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن قەشقەرنى بىرىنچى پايتەخت قىلغان .
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ، ھىجىرىيە 330 – يىلى ( مىلادى 941 – 942 – يىللىرى ) غىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، خوتەننى « غازات » ئارقىلىق ئىسلامغا ئىتائەت قىلدۇرغان . ھىجىرىيە 330 – يىلىدىن كېيىن بىلاد ساغۇن ، بارسغان ، يەتتە سۇ ، سۇياب قاتارلىق جايلارغا ، شۇنداقلا ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىدىكى باشقا جايلارغىمۇ يۈرۈش قىلىپ ئىسلامنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە تالاسنى سامانىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان . سامانىلار خانلىقىمۇ قاراخانىلار زىمىنىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىگە تەھدىت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قۇدرەتلىك بۇددىزىم كۈچىنى يوقىتىپ ، ئۇ دىياردا ياشىغۇچى ئاھالىلەرنى ئىسلامغا بەيئەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئاتا – بوۋىلىرى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلالمىغان مۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا ياردەم بېرىش پوزىتسىيەسىنى قوللانغان . ئۆز تەۋەسىدىكى كەشمىر ، ماۋرە ئۈننەھىر ، خۇراسان قاتارلىق جايلاردىن سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئەۋەتكەن . بۇ ئۆلىمالار سۇلتان ساتۇققا ئەرەپچە « ئابدۇلكەرىم » دەپ ئات قويغان . سۇلتان ساتۇقمۇ بۇ ئىسىمنى قوبۇل قىلغان . ( قاراخان ساتۇق ئابدۇلكەرىم دەپ ئاتالغان ) .
سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان مىلادى 948 – يىلىدىن كېيىن ئاساسىي كۈچىنى كۇچار ۋە تۇرپاندىكى بۇددا دىنىنىڭ جاھىل قورغانلىرىنى بويسۇندۇرۇشقا قاراتقان . بىرقانچە يىللىق قاتتىق جەڭ ئارقىلىق كۇچار بىلەن تۇرپان ھۆكۈمرانلىرى قورال كۈچى ئالدىدا بويسۇنغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىنى تامامەن قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن . بۇنداق ئەھۋالدا ، سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ھىجىرىيە 341 – يىلى ( مىلادى 952 – 953 – يىللىرى ) قۇمۇل ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىسلام ئېچىشقا تەييارلىق قىلغان . دەل شۇ چاغدا ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەنلىكتىن ، ئۇ دەرھال يۈرۇشنى توختىتىپ قەشقەرگە قايتقان . ئۇستازىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ، ياندۇرقى يىلى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇلپەتتاھ بىلەن ئەسلىدىكى پىلاىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلانغان . بۇ جايلاردىكى بۇددا ئېتىقادىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلەر قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن جەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان . ھىجىرىيە 343 – يىلى ( مىلادى 954 – 955 – يىللىرى ) سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان كېسەل سەۋەبى بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋە بىر يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ جەسىتى ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئاتۇشنىڭ مەشھەتكە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ، ئۇستازى خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يېنىغا قويۇلغان . دېمەك ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ، خۇددى تەزكىرىلەردە بايان قىلىنغىنىدەك ، توقسەن ئالتە ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئالتاي تاغلىرىدىن ئۇمۇد دەرياسى ۋادىلىرىغىچە ، شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى قارا قۇرۇم ئېتەكلىرىدىن كۆك مەنزىل ( كۆكنۇر كۆلى ) رايونلىرىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە قىلىچ بىلەن ئىسلام ئېچىپ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن .
سۇلتان ساتۇق ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، قۇجۇ ( تۇرپان ) خانلىقى بىلەن خوتەن خانلىقىدا ئىسلامغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ ئىسلامدىن بۇددا دىنىغا قايتىش باشلانغان . بۇ چاغدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ سۇلتان ساتۇقنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملۇشتۇرىۋاتقان مۇسا ، سۇلايمان ، ئوسمان ، ھۈسەيىن ، نەسىپ تۈركان خېنىم ، نۇر ئالانۇر خېنىم ، بى بى مەريەم خېنىم قاتارلىق يەتتە ئوغۇل قىزنىڭ ئىچىدە ، چوڭ ئوغۇل مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم قاراخان ( بايتاش – تەزكىرىدە « ھەسەن بۇغراخان » دەپ تىلغان ئېلىنغان كىشى ) ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئەبۇلپەتتاھ بىلەن بىرلىكتە قوجۇ خانلىقىغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان . ئۇلار كىنگىت ( قاراشەھەر ) نى قوجۇ خانلىقىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۇنى مەركىزىي بازا قىلغان ھالدا ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ، بىر بۆلىكى قوجۇ خانلىقىنىڭ قىشلىق ئاستانىسى ( پايتەختىگە ) ھۇجۇم قوزغىغان ، ئەبۇلپەتتاھ باشچىلىقىدىكى يەنە بىر بۆلىكى قۇجۇنى شىمال تەرەپتىن قورشاش ئۈچۈن ، ئىلى تەرەپكە يۈرۈش قىلغان . ئۇلار قوجۇ خانلىقىغا تەۋە بولغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ ، بۇددىسىت ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ، ئورنىغا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، قوجۇ خانلىقىنىڭ بۇددىست ھۆكۈمرانلىرى ئاستانىنى تاشلاپ ، ئۆزىنىڭ يازلىق پايتەخـتى بەشبالىق ( جمىسار ) قا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان . ئاستانىنى ئىشغان قىلغان قاراخانىلار قوشۇنى قۇجۇ بۇددىستلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بەشبالىققا ھۇجۇم قىلغاندا ، شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئەبۇلپەتتاھقا ئوق تېگىپ ھىجىرىيە 347 – يىلى ( مىلادى 958 – 959 – يىللىرى ۋاپات بولغان . بۇ ئىسلام غازاتچىسىنىڭ جەسىتى ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ، كىشىلەر ھازىر « ئەلپەتتاھ خوجام » ياكى « توپ ئاتار خوجام » دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بوغدا تېغى ئۈستىدىكى مازارغا قويۇلغان .
ئىسلام تارىخچىسى ئىبنى ئاشىرنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم قاراخان مۇشۇ قېتىمقى يۈرۈشتە گەرچە 200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك قەۋمىنى ئىسلام دىنىغا ئىتائەت قىلدۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەبۇلپەتتاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنى ئاجىزلىشىپ ، بەشبالىقتا بولغان جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئبنى ئابدۇلكەرىم قەشقەرگە قايتىپ بېرىپ ، ھىجىرىيە 365 – يىلى ( مىلادى 975 – 976 – يىللىرى ) غىچە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش ۋە قوشۇن توپلاش بىلەن مەشغۇل بولغان . ھىجىرىيە 365 – يىلىدىن باشلاپ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن خوتەن خانلىقىغا يۈرۈش قىلغان . ئەمما خوتەندىكى بۇددىستلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان . مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم ۋە ئىنىسى ھۈسەيىن بۇغراخان ھىجىرىيە 369 – يىلى ( مىلادى 979 – 980 - يىللىرى ) شۇ جەڭدە ئۆلگەن . ئۇلارنىڭ جەسىتى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ غەربىدىن تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىشىلەر ھازىر « چۈجە پاششىم مازىرى » دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان مازارغا دەپىن قىلىنغان . بۇ يەردىكى « ئاققىر سۇ ئامبىرى ( تەزكىرىدە « دەشتە كۆل » دېيىلگەن ) ئەتراپىدا يەنە بى بى مەريەم خېنىم باشلىق يەتتە مەرد قىزنىڭ مازىرى ( ھازىر « قىز – ئاياللىرىم مازىرى » دەپ ئاتىلىدۇ ) مۇ بار .
مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىمدىن كېيىن قاراخانىلارنىڭ خانلىق تەختىگە سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ئولتۇرغان . ( سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىر ھەر خىل كۆزقاراشلار مەۋجۈت . بەزىلەر ئۇنى مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىمنىڭ ئوغلى ، ئىسمى ئوبۇلھەسەن ئەلى دېسە ، يەنە بەزىلەر نۇر ئالانۇر خېنىمنىڭ ھەزرىتى ئەلىنى چۈشىدە كۆرۈپ ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى تۇغقان بالىسى ، بىر ئىسمى شاھى مەردان ، يەنە بىر ئىسىمى ھەيران ئەلى ئارىسلانخان دەيدۇ .) ئۇ خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن خوتەن خانلىقىدىكى بۇددىستلارنىڭ قەشقەر ئەتراپىغا باستۇرۇپ كەلگەن ئەسكەرلىرىنى قاغىلىقنىڭ كۆكيارغىچە چېكىندۈرگەن . بىراق ، بۇ جەڭدە تاغىسى ئوسمان بۇغراخانغا ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكتىن ، جەڭنى توخـتىتىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن .
سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ( ئوبۇلھەسەن ئېلى ئىبنى مۇسا ) قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ، سامانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى راسا ئەۋجىگە چىقىپ جەمئىيەت ئىنتايىن قالايمىقانلاشقان . بۇنداق شارائىتتا سامانىلار تەۋەسىدىكى خەلقلەرنىڭ بىر قىسمى سەيىد ئەلى ئارىسلانخانغا ۋەكىل ئەۋەتىپ ( تەزكىرىدە « مۇساغا ئەۋەتتى » دەپ يېزىلغان ۋە سەيىد ئەلى ئارىسلانخانمۇ ئاتىسى مۇسادىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان قىلىپ قويۇلغان . پىرىستاك ، گېڭشىمىن ، ۋې لياڭتاۋ ، تۇرغۇن ئالماس ، قاسىم ئارىش ، ھاجى نۇرھاجىلارنىڭ كۆز قارىشىچە ، مۇسا 980 – يىلى ، ئارىسلانخان 998 – يىلى ۋاپات بولغان . ۋەقە يۈز بەرگەن دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا تەزكىرىدە يېزىلغان ئىسىملىك ۋە ۋاقىت توغرا ئەمەس . ) ياردەم تەلەپ قىلغان . سەيىد ئەلى ئارىسلانخان بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ يۈسۈپ قادىرخاننى بىلاد ساغۇنغا يولغا سالغان . يۈسۈپ قادىرخان بىلادساغۇنغا بارغاندىن كېيىن ، سامانىلارنىڭ ھۆكۈمرانى نوھ ئىبنى مەنسۇردىن نارازى بولغان ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ، ھەربى سەركەردە فايىق تېكىن ، خەلىپە باسىت ، ئىپىجاپنىڭ ئەمىرى ئەبۇ مەنسۇرلارنىڭ ياردىمى ۋە يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دېھقانلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، ئىسپىجاپنى سامانىلارنىڭ قولىدىن قايتۇرىۋالغان . ئاندىن ماۋرە ئۈننەھرە ، تاشكەنت ، سەمەرقەنت ، بۇخارانى ئىگىلىگەن . نوھ ئىبنى مەنسۇر سالجۇقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈمۇد دەرياسىدىن ئۆتۈپ بۇخاراغا قايتا بېسىپ كىرگەن بولسىمۇ ، ئەمما سەيىد ئەلى ئارىسلانخان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ بۇخارانى قايتۇرىۋالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن سەيىد ئەلى ئارىسلانخان خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ھىجىرىيە 389 – يىلى ( مىلادى 998- 999 – يىللىرى ) مۇھەررەم ( 1 – ئاي ) نىڭ 13 – كۈنى يوپۇرغا ، يېڭىسار دائىرىسىدىكى « سەسقۇم » ( يەرلىك تارىخىي ماتىرىياللاردا قۇمى شەھىدان ، قارا ئۆتەڭ ، قارا تىكەن دېگەن ناملاردا ئاتىلىدۇ ) دا شېھىت بولغان . سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننىڭ بېشى دەپنە قىلىنغان ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى « دۆلەتبەغ » دىكى مازار « ئارىسلانخان مازىرى » دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ تېنى « قۇم شەھىدان » غا دەپنە قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ « ئوردا خان » ياكى « ئوردام مازىرى » دەپ ئاتىلىدۇ .
يۈسۈپ قادىرخان سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننى چوڭ ئوغلى تەخت ۋارىسى چوڭ ئوغلى ئەھمەت توغانخان بىلەن بىرلىكتە تىبەتلىكلەر ۋە قوجۇلۇقلاردىن ئۈزلۈكسىز ياردەم ئېلىپ تۇرۇۋاتقان خوتەن بۇددىستلىرىغا قارشى ئون يىل ئۇرۇشقان . ئاخىر ھىجىرىيە 398 – يىلى ( مىلادى 1007 – 1008 – يىللىرى ) خوتەن بۇددىستلىرىنى ئىسلامغا بەيئەت قىلدۇرغان . بۇ يىللاردا يەنە ئەھمەت توغانخان ، ئارىسلانخان ئىلىك ناسىرلار غەزنەۋىلەر بىلەن ئىككى قېتىم ، قارا قىتانلار بىلەن بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىپ قاراخانىلار زىمىنىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغان .
يۈسۈپ قادىرخان مىلادى 1008 – يىلىدىن 1025 – يىلىغىچە « تابغاچ خان » دېگەن نام بىلەن خوتەننىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ، ئۇ 1025 – يىلى سەيىد ئەلى ئارىسلانخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى مەنسۇر ئارىسلانخان ( مىلادى 1018-1025 ) نىڭ قولىدىن قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ پايتەخت قەشقەردا ئولتۇرغان . ئۇ يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ھىجىرىيە 423 – يىلى ( مىلادى 1032- يىلى ) سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ جەسىتى يەكەندە چارەك يېزىسىنىڭ ئاچچىق دېگەن يېرىدىكى بىر تاغ ئارىسىغا قويۇلغان ، كېيىن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە قەشقەرگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئالتۇنلۇققا دەپنە قىلىنغان .
موللا ھاجى قاتارلىق ئەدىبلەر يازغان تەزكىرىلەردىكى تارىخى ۋەقەلىكلەرنىڭ قىسقىچە جەريانى ئەنە شۇنداق . بۇ تەزكىرىلەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر تارىخ نۇقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى نوقۇل دىنىي نۇقتىدىن بايان قىلىنغاچقا ، تەزكىرىلەرگە باشتىن ئاياغ ئىنتايىن قويۇق دىنىي تۈس سىڭدۈرۈلگەن . تارىخىي شەخسلەرنى بايان قىلىشتا چېكىدىن ئاشقان مۇبالىغىلەرگە يول قويۇلۇپ ، تارىخىي چىنلىق ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان .
ئەھمىيەت بېرىشكە تېىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى ، شىنجاڭغا ئىسلام دىنىنىڭ قايسى دەۋردىن باشلاپ تارقىلىپ كىرگەنلىكى تېخى ئۈزۈل – كېسىل يەكۈن چىقىرىلمىغان چوڭ مەسىلە ، تەزكىرىلەردە ئېيتىلىشىچە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشلىنىدۇ . لېكىن بۇنىڭدىن باشقا تارىخىي كىتابلاردا بۇنىڭغا ئوخشاشمايدىغان بايانلارمۇ بار : مەسىلەن ، 10 – ئەسىردە ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى ئىمام جېلىل تەبەرى ( مىلادى 838 – 923 – يىللار ) نىڭ « تارىخى تەبەرى » ناملىق كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە ، ئەرەب ئىسلام خەلىپىلىكىدىن ۋەلىد ئىبنى ئابدۈلمۈلۈك مەرۋاننىڭ خۇراسانغا قويغان ۋالىيسى ھەججاجنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەيىنلىگەن نائىبى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ھىجىرىيە 96 – يىلى ( مىلادى 714- 715 – يىللىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قول ئاستىدىكى كاسان ، شاش ( تاشكەنت ) لارغا ھۇجۇم قىلغاندا قەشقەرگىمۇ كەلگەن . ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھۇجۇمى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك شاھزادىسى كولتىگىننىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا تارمار قىلىنىپ ئەسلى تۇرۇشلۇق جايى پەرغانىگە چېكىندۈرۈلگەن . ۋاھالەنكى ، قۇتەيبە قەدىمى يەتكەنلىكى جايدا ئىسلام تارقاتقان . ئۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 150 يىل ئۆتكەندە يەنە ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قويغان يەرلىك ئەمەلدارى سامانى ئىبنى ناسىر ئىبنى ئەخمەت ( مىلادى 865 – 892 – يىللار ) ھىجىرىيە 256 – يىلى ( مىلادى 869 – 870 – يىللار ) مۇستەقىللىق جاكارلىغان ۋە ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇخارا ، شاشلارغا ھۇجۇم قىلغاندا قەشقەرگىمۇ كەلگەن . بۇ قېتىمدىمۇ قەشقەردە ئالدىنقى قېتىمدىكىگە ئوخشاش ئىسلام تارقىتىلغان . قەشقەردىلا ئەمەس ، سامانىلارنىڭ چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىلادساغۇندىمۇ خېلى كۆپ كىشىلەر ئىسلامغا ئىتائەت قىلىدىغان بولغان. ئەگەر بۇ بايانلار ئاساس قىلىنسا ، شىنجاڭغا ئىسلام دىنى سۇلتان ساتۇقتىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلا يېتىپ كەلگەن بولىدۇ . قىسقىسى ، بىز بۇ تەزكىرىلەرگە تارىخىي ماتىرىيالىزىم نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇنىڭدىكى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان تارىخىي ۋەقە ، تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي جۇغراپىيە ماتىرىيالىرىدىنلا پايدىلىنىشىمىز كېرەك لازىم ، ئەلۋەتتە .
ئاخىرىدا ، بۇ تەزكىرىنى نەشىرگە تەييارلاشتا يول قويۇلغان خاتالىقلار بولسا كىتابخانلارنىڭ تەنقىد بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن .
مۇقەددىمە
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەنبىلىڭلار ۋە ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇنىڭدا خۇدايىتائاللا لوتفىنىڭ نۇرى زاھىر بولغان، ئۇ قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلغان، پادىشاھلىق سەلتەنىتىنى راۋا كۆرگەن، خۇدانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ شەرىئىتىنى راۋاجلاندۇرغان.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەزىز پەزىلەتتە،ھەلىم ھايادا، ئەدەپتە، ئىلمىي زاھىر ۋە ئىلمىي باتىندا كامالەتكە يەتكەن. ئۇ، بۇ ئالەمگە كەلگەندىن بۇيان شەرىئەتكە خىلاپ ئىش قىلمىغان. ئاۋالقى ھاللىرىدا يەنى ئەۋلىيا ئەمەس چاغلىرىدا خۇدانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننەتلىرىنى قۇبۇل قىلاي دەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، باشقا سودىگەرلەردەك ئۆز نەپىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇل تېپىپ، خۇدانىڭ يىتىم –مىسكىن ۋە ئاجىز مۇسۇلمان بەندىلىرىگە زاكات بېرەي، زاكاتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالماي دەپ سودىگەرچىلىك قىلغان.
- ئەي بۇزۇرۇكۋارىم، شۇنچىۋالا پۇل – دۇنيالىرى بار تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن يەنە جاپا چېكىپ، ئاۋارە بولۇپ سودىگەرچىلىك قىلىلا؟- دەپ سورىدى بىر كۈنى مۇرىدلىرىدىن بىر كىشى.
- ئەي يارەنلىرىم، - دېدى بۇ ئەزىز، - مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بۇيان مۇھەممەت ئەلەيھىسلامنىڭ سۇننەتلىرىنى تەرك قىلمىدىم. سودىگەرچىلىك قىلىش ئان ھەزرەت سۇننەتلىرىدىندۇر. ئۇنى تەرك قىلىشنى خالىمايمەن. مەيلى قەيەردە بولاي، مەيلى ۋەتەندە تۇراي ياكى سەپەر ئۈستىدە بولاي،ھەر قاچان مۇسۇلمانلارغا زاكات بېرىپ مەنپەئەت يەتكۈزىمەن. ئەگەر بۇ ئىشنى تەرك قىلسام زاكاتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىمەن.ئەي يارەنلىرىم، سىلەر مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانمىدىڭلار؟....... بىر كۈنى رەسۇلۇللا مەسسچىتتە ئولتۇرغاندا، ئۇ يەرگە بىر نەچچە نامرات ساھابىلەر كىرىپ كەپتۇ، ئۇلار:
- يا رەسۇلىللا، ئالتۇندار باي ساھابىلەر زاكات بېرىپ، زاكاتنىڭ ساۋابىنى تاپلايدىكەن، پۇل سەرپ قىلىپ جەننەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىرىگە ۋە مەڭگۈلۈك نازۇ- نېممەتلەرگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇلار بىزگە ئوخشاش.ناماز ئوقۇپ، بىزگە ئوخشاش روزى تۇتسىمۇ، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇقچىلىقى بولغاچقا، پۇل خەجلەپ ھەج قىلالايدىكەن.بىزلەر نامرات، زاكات بەرگـىلى پۇلىمىز يوق، زاكاتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز. بىزگە زاكاتنىڭ ساۋابىدەك ساۋاپ تاپقىلى بولىدىغان بىرەر ئەمەلنى ئۆگىتىپ قويسىلا ئىكەن،- دەپ ئەرىز قىلىشپتۇ. نامرات ساھابىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مۇھەممەت ئەلەيھىسالام، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئەمىر قىلىپتۇ:
-ئەي يارەنلىرىم، ئەي نامرات ساھابىلىرىم، ئۇنداق بولسا مەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەي، ئەگەر ئۇنى ئورۇنلىساڭلار پۇل خەجلەپ جەننەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىرىگە ئېرىشكەن بايلارنىڭ دەرىجىلىرىگە يېتىسىلەر، سىلەردىن كېيىنكى ئادەملەرنىڭ (مۇشۇ ئەمەلنى قىلمىغانلارنىڭ) ھىچقايسىسى سىلەرنىڭ دەرىجەڭلارغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇرۇنقى ۋە كېينكى ئادەملەر ئارىسىدا سىلەر ئەڭ ئەۋزەل ئادەملەردىن بولۇپ قالىسىلەر.بايلاردىن پەقەت مۇشۇ ئەمەلنى قىلغان كىشىلەرلا سىلەرگە يېتەلەيدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھەر ۋاق نامازدىن كېيىن «سۇبھانەللا » (ئاللانى پاكلىق بىلەن ياد ئېتىمەن) «ئەلھەمدۇلىللا» (ئاللاغا ھەمدۇ سانا ئوقۇيمەن)، «ئاللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ ئۇلۇغدۇر) دىگەن ئۈچ كەلىمىنىڭ ھەر بىرىنى 33 قېتمدىن، كەلىمە تەۋھىدنى ئون قېتىم دېسەڭلار زاكات بەرگەننىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر.
نامرات ساھابىلەر خوشال بولۇشۇپ قايتىپتۇ ۋە ھەر ۋاخ نامازدىن كېيىن شۇنداق قىلىشىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ خەۋەر كىشىلەرگە ئاڭلىنىپتۇ، باي ساھابىلەرمۇ ھەر ۋاخ نامازدىن كېيىن نامرات ساھابىلەر قىلغان ئەمەلنى قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن نامرات ساھابىلەر يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.
- يا رەسۇلەللا،- دەپتۇ ئۇلار، بولۇۋاتقان ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ،- باي ساھابىلەر زاكات بېرىپ زاكاتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ، ئەمدى يەنە سىز بىزگە ئۆگىتىپ قويغان ئەمەلنى قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابىنىمۇ تېپىۋاتىدۇ.
- خۇدايىتائاللا زاكاتنىڭ ساۋابىنى ئۆزى خالىغان بەندىسىگە نىسىپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ، - دەپ،- جاۋاپ بېرىپتۇ ئان ھەزرەت سەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم...
بەس، بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى زاكاتتا ناھايىتى كاتتا ساۋاپ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سودىگەرچىلىكنى تەرك قىلمىدىم.
مەلۇم بولسۇنكى، خوجا ئەبۇنەسىر سامانى ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا، تولا رىيازەت تارتىپ،مۇشەققەت چېكىپ قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيىتتى.خالايىقلارغا ھەمىشە ئاش نان بېرىپ ساخاۋەت قىلىپ تۇراتتى.ھەر كېچىسى كالام شېرىپنى بىر قېتىم تامام قىلاتتى. بەش مەرتىۋە تەرەت ئېلىپ، ھەر رەكئەتتە سۈرە ياسىننى قىرائەت قىلىپ،32 رەكئەت ناماز ئۆتەيىتتى.ھەر كېچىسى قىلىدىغان ئىبادەتلىرى مۇشۇنداق بولاتتى.
بىر كۈنى خوجا ئەبۇ نەسىرسامانى سەپەرگە چىقىشنى ئويلاپ، ئاخشىمى ئادىتى بويىچە ناماز ئوقۇپ،تىلەكلىرىنى خۇداغا دۇئا بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېتىپ ئۇخلىدى.ئۇ بىر چۈش كۆردى.چۈشىدە مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا:«ئەي خوجا ئەبۇنەسىر سامانى،بۇ نۆۋەت سەپەرگە چىقماي تۇرۇڭ،سەپەرگە چىقىدىغان مەزگىل بولغاندا مەن سىزگە خەۋەر قىلىمەن...»دېدى.خوجا ئەبۇنەسىر سامانى بىجانىدىل قۇبۇل قىلىپ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئاللا تائاللاغا كۆپ شۈكۈر سانا ئېيىتتى.ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامگە نۇرغۇن دۇرۇت ئوقۇپ ھەدىيە قىلدى.ئۇ، جانابى سەرۋىرى ئالەم مەۋلانە مۇھەممەت ئەلەيھسالامنىڭ ئەمرى بىلەن سەپەرگە چىقماي ئۆزىنى زىيارەت بوتىسىغا سېلىپ تاۋلاپ، ئىبادەت قىلىپ قەلبىنى تازلاپ تۇردى.كۈنلۈكى مۇھەممەت ئەلەيھسالام بىلەن ئۇچرىشىپ،ھەق ھەبىبىنىڭ تەۋەججۇسى بىلەن روھى جەھەتتە تەربىيلىنىپ قۇۋەت تېپىپ،پەيزى پۇتىھاتتىن تېرىسىگە سىغماي قالدى.
شۇنداق ھەقىقىي ئاشىقلارغا خاس ئىبادەت ھوزۇرى بىلەن ھوزۇرلىنىپ ئالتە يىل ئۆتتى.بىر كېچىسى چۈشىدە يەنە ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھسالامنى كۆردى. سالام بەرمەكچى بولىۋىدى،ھەبىبى خۇدا ھەزرىتى رەسۇلۇللا ئاۋال سالام بېرىپ مۇنداق دېدى:
- ئەي خۇجا ئەبۇ نەسىر سامانى، ئەمدى سەپەرگە بارىدىغان ۋاقىت بولدى، تۈركىستان تەرەپكە قاراپ سەپەر قىلىڭ. ئۇ يەردە ئۇلۇغ قۇدرەتلىك رەببىل ئالەمنىڭ بىر سائادەتمەن بەندىسى بار، ئىسىم- شېرىپلىرى- سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى دەپ ئاتىلىدۇ. مەن ئۇنى مىھراج كېچىىسى ئەرىشنىڭ تۆپىسىدە،تەخت ئۈستىدە بىر نۇر ھالىتىدە كۆرگەن ئىدىم،ئۇ نۇر شۇ ئۈممىتىم روھىنىڭ نۇرى ئىكەن. قارىسام سىز ئۆزىڭىز شۇ ئۈممۈتۈمنىڭ روھىغا ئىمان ئۆگىتىپ تۇرۇپسىز. مەن بۇ ئىشتىن ئەجەپلىنىپ بۇرادىرىم ھەزرىتى جەبرائىلدىن سورىدىم:
- بۇ روھلارنىڭ ئەسرارى نېمە؟
بۇرادىرىم جەبرائىل ماڭا:
- ئۇ قۇرئان ئۆگىتىپ تۇرغان كىشى بۇ روھنى مۇسۇلمان قىلىدۇ،ئاندىن كېيىن بۇ روھ تۈركسىتان دىيارىدىكىلەرنى مۇسۇلمان قىلىپ ئۇلۇغ دىنىڭىزغا مۇشەررەپ قىلىدۇ،- دەپ جاۋاپ بەردى.
ئەي ئەبۇ نەسىر سامانى،شۇ ئۈممىتىمنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى سىزنىڭ بېرىشىڭىزغا مۇھتاج،قوپۇڭ.ئۇ لاچىندەك ئېگىز پەرۋاز قىلغۇچىنى ئىزدەپ تېپىڭ. ھەرگىز ھايال بولماڭ...
خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ بىشارەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيقۇدىن ئويغاندى ۋە خۇدايىتائاللاغا كۆپ شۈكۈر-سانا ئېيىتتى.ۋە ئۆز ئوغلى خوجا ئەبۇل پەتتاھىنى ھەمرا قىلىپ تۈركىستان تەرەپكە قاراپ سەپەرگە راۋا بولدى. شەھەرمۇ شەھەر يول يۈرۈپ،ئەندىجانغا يېتىپ كەلدى.ئۇ يەردە بىر كىشى:
- قەشقەر تۆرىسىنىڭ سۇلتان ساتۇق دىگەن بىر ئوغلى بار،ئەمما ئۇ تېخى كىچىك سىزنىڭ سۆزىڭىزگە جاۋاپ بەرگۈچىلىكى يوق،- دەپ ئېيىتتى.ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا:
- چوڭ كىچىكلىكى بىلەن ئىشىم يوق، ئۆزىگە ئىنتىزاردۇرمەن، -دەپ ئېيتىپ، قەشقەر تەرەپكە راۋان بولدى، نەچچە كۈندىن كېيىن قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. ھەزرىتى سۇلتان ساتۇقنى تېپىپ، ئېيتىدىغان پەندى نەسىھەتلىرىنى ئېيتىپ، قىلىدىغان سۆزىنى قىلىپ ئىمانغا مۇشەررىپ قىلدى.
ئەلقىسسە، ھەرقانداق بىر كىشى ئاللا دەرگاھىغا مۇشەررىپ قىلغاندىن ئۇلۇغ تائەت-ئىبادەت يوق. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى قەددەسەللاھۇ سىررەھۇھۇ نەچچە يىل ئىبادەت قىلىپ، ئاخىر مۇرادىغا يەتتى. يەنى خۇدايىتائاللا زالالەتتىكى خەلقنى ئىمانغا مۇشەررىپ قىلىشنى ئۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلدى.
ئۇ ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازىغا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئون ئىككى يىل تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، سۇلتان ساتۇقنى كامالىغا يەتكۈزدى. كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ناماز ئۆتەش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى. يەنە مىڭ كىشىنى مۇسۇلمان قىلدى. يەتمىش كىشنى تەربىيەت قىلىپ كامالغا يەتكۈزدى، ئەللىك كىشىنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلدى.
مەلۇم بولسۇنكى، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى سەكسەن يىل ئۆمۈر كۆردى. ھەممە ئۆمرىنى خۇدايىتائالانىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدە ئۆتكۈزدى. ئۆزلىرى تەىقەت ئىمامى،شەپقەت قىلغۇچى شەيخ، دىنسىزلارنى قەتىل قىلغۇچى ئەمرىل مۇئىمىنىن ئەبۇبەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ روھلىرىدىن تەربىيەت ئېلىپ، ھەزرىتى ياقۇپ نەبىيۇللانىڭ ياشلىرىنى ياشاپ، يىغا-زار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ رېقبەئى ئۈۋەيىسلىككە يەتتى.
ئەي دەرۋىش، ئاگاھ بولغىنكى، ھەرگىز ئۆزىڭنى چوڭ تۇتما. تۆۋەن تۇت، ھاكاۋۇرلۇق قىلساڭ، قىلغان تەكەببۇرلىقىڭ پەردە بولۇپ ئاللانىڭ جامالىدىن مەھرۇم قالىسەن. خۇدانىڭ ئەسرارلىرىدىن خەۋەر تاپالمايسەن. شۇڭا ئىجتىھات قىلىپ، بۇ پەردىدىن قۇتۇلۇپ ئىلاھنىڭ جامالىغا مۇشەررەپ بولغىن. شۇنداق دەپ نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇكى، خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ روھلىرى مەدىنىدە ئىدى. رەسۇلى خۇدا- ھەزرىتى مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ روھلىرىدىن روخسەت بولۇپ، قەشقەر تەرەپكە سەپەر قىلدى. ئۇ روھلار ئالىمىدە ئۇۋەيس بولۇپ، ئۇلۇغلارنىڭ روھلىرىنى باشلاپ كەلدى، ھېچقايسىسى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانىغا قول بەرمىگەن بولسىمۇ، يوشۇرۇن ھالدا يەتمىش ئۇۋەيس بۇزرۇك ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى.شۇنىڭداىن كېيىن ئۇلار تەرىقەتكە لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بۇ يەتمىش كىشىنىڭ ئىچىدىن شەيخ نەجمىدىن كۆپرەك تەربىيەت تاپقان ئىدى.خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ يەتمىش كىشى بىلەن بىللە قەشقەرگە كېلىپ ھەزرىتى سۇلتاننى تېپىپ، ئۇنى ئىسلامغا مۇشەررىپ قىلىپ مۇرادىغا يەتتى.
ئاگاھ بولغىن ئەي دەرۋىش، كۆڭلىڭنى توختىتىپ كۆڭلىڭنى توختىتىپ، رىيازەت تارتىپ، خۇدايىتائاللانىڭ بەندىچىلىكىنى قۇبۇل قىلساڭ مۇردىڭغا يېتىسەن، ئەلۋەتتە.
شۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم بولسۇنكى، بىر كۈنى خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى چۈشىدە رەسۇللانى كۆردى.رەسۇل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا:
- خۇدا ساڭا ئىككى ئالەمنىڭ دۆلىتىنى مۇيەسسەر قىلىدى.قۇتبىلىك مەرتىۋىسىنى بەردى،- دەپ خەۋەر قىلدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ،ئىنتايىن كۆپ يىغلىدى:
- ئى بارا خۇدايا، مەندەك گۇناھكار بەندەڭ قۇتبىلىك كىيمىنى كىيىشكە لايىق ئەمەس ئىدى، مېنىڭ تېنىم يۈزمىڭ گۇناھ بىلەن بۇلغانغان،- دەپ پەرىشان بولغاندا،شۇ زامان قۇلاقلىرىغا غايىبتىن:
- ئەي خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى، خۇدانىڭ رەھمەت دەرياسىدىن تامغان بىر قەترە سۇ، ھەر قانچە گۇناھتا بۇلغانغان تەنگە تامسا، ئۇنى پاك قىلىدۇ. ئۇ تەن ھەر دائىم خۇدايىتائالانىڭ ئىبادىتىدە بولسا، نېمە ئۈچۈن قۇتبىلىك كىيمىنى كىيگۈزگىلى بولمىسۇن؟- دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆپ شادىمان بولدى.ئورنىدىن تۇرۇپ غۇسىل تەرەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئۆتەپ،قىبلىگە قاراپ ئولتۇردى. نەچچىلىگەن ئۇلۇغلار ھازىر بولۇپ،پاتىھە ئوقۇپ، ئۇنىڭغا قۇتبىلىك كىيمىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ غايىب بولدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى ئۆيىدىن تاشقىرىغا چىققان ئىدى. شەيىخ نەجمىدىن ئەتتار ئۇچراپ، ئۇنىڭغا:
- ئەي بۇزرۇكۋار، قۇتبى بولغانلىقلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!- دېدى. خوجا ئەبۇ نەسىر سامانى كەرەمەللاھۇ:
- ئەي نەجمىدىن ئەتتار، ماڭ قۇتبىلىك مۇيەسسەر بولغاننى نەدىن بىلدىڭىز؟- دەپ سورىغان ئىدى، شەيخ نەجمىدىن ئەتتار:
ــــــــــــــــ
داۋامى بار.历史上的今天:
تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا ـــــــ داۋامى Jul 24, 2010تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا Jul 24, 2010تارىخى جاھانكۇشاي ــــ داۋامى Jul 24, 2010
收藏到:Del.icio.us
评论
بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!