-
دىيارىمغا سەپەر - [ئىجادىي ئەسەرلەر]
Aug 1, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/71330544.html
دىيارىمغا سەپەر
ئايرىلغىلى يېرىم يىلدىن ئاشقان دىيارىمغا قاراپ ئاتلانغىلۋاتىمەن. ئانا يۇرتتىكى تونۇش ھېس، تونۇش پۇراق، تونۇش سېزىملاردىن قايتا بەھىرلەنگىلۋاتىمەن. بىزنى تۇغۇپ تەربىيلىگەن دىيار، ئۆزىنىڭ كەڭرى قۇچىقىغا ئېلىپ بىزنى بۈيۈتكەن ئوچاق. بىز ئۈچۈن تاۋاپگاھ بولغان دىيار، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىزنىڭ ئۇنىڭ قوينىغا مۆكۈنگەن. بىز ئۇنىڭغا چەكسىزلىكتە تەلپۈنىمىز. چوڭقۇر ھۆرمەت سېغىنىشتا ئىنتىلىمىز ئۆزىمىزنى، ئۆزلۈكىمىزنى تېپىپ ئېلىش ئۈچۈن. يەنە بىر قېتىم سەرسانلىقتا قالغان روھىمنى دىيارىمنىڭ ئوت كەبى ئىسسىق تەپتىدە پاكلاپ، ئۆز ئوربېتىسىغا كىرگۈزمەك بولۇپ، ئانا دىيارىمغا ئاتلانماقچىمەن. بىلىمەن سەپەر قانچىلىك ئۇزۇن، قانچلىك زېرىكىشلىك، قانچىلىك مۇشەققەتكە تولغان بولسا ھەم ۋەتەن ئىشقى، ۋەتەن سېغىنچى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغان. چوقۇم قايتىش كېرەك دېگەن ئوينىڭ تۈرتكىسىدە ئانا دىيارىمغا يۈرۈپ كەتمەكچىمەن، خۇددى ئۇچۇرما بولغان قارلىغاچمۇ ئاخىرى بېرىپ ئۆز ئۇۋىسىغا چۈشكەن پەدىدە مەن ئۇچۇرما بولمىغان بولساممۇ، دىيارىمنىڭ ئىللىق ھىدىدىن بەھىرلەنسەم، ئۆزۈمنى تولىمۇ شاد سېزىمەن مۇشۇ پەيتلەردە. دەھشەت ئىسسىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆز ھارارىتى بىلەن مېنى كۆيدۈرسىمۇ ئۆز ۋەتىنىم سالقىن شامال ئېسىپ تۇرغان بۇ يات شەھەردىن مىڭ ياخشى. ئىسسىق بولسا ھەم ئۆز يۇرتنىڭ ئۆزگە،-دە. مەن ۋەتىنىمنى كۆرىمەن. ئۇ يەردە قالغان دوستۇ-بۇرادەر، قان-قېرىنداشلىرىم بىلەن جەم بولۇپ، گۆدەكلىكىمدىكى تاتلىق ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان شۇ شېرىن دەملەر قوينىغا غەرق بولىمەن. ئۇيغۇردىن ئۇزاقلىشىۋاتقىنىغا قارىماي ھەممە يېرىدىن ئۇيغۇر دەپ توۋلاۋاتقان شەھەر كوچىلىرى بىلەن، ئۆي-ئىمارەتلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەندە قالغان ئۆز قەۋمىم بىلەن دىدارلىشىمەن. يېشىللىققا پۈركەنگەن، بەك ئىسسىپ كەتسە يامغۇر ياغدۇرۇپ ئىللىتىپ قويىدىغان بۇ شەھەردە نېمىلەر يوقاتقان بولسام، يەنە شۇنىڭدەك نېمىلەرگىدۇ ئېرىشتىم. ئەلۋەتتە پۇشايمان يوق. بىراق بەزىلەر تەرىپىدىن «ئوت ماكانى، دوزاخ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان، ئۆز ئېكولوگىيەسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىدىن بارغانسېرى مەھرۇم قېلىۋاتقان شۇ ئانا ماكان ماڭا يەنىلا جەننەت مىسالى، سۈنئىيلىكتىن ئۇزاق، تەبىئىيلىك ئىچىدە ياشناۋاتقان ھاياتى بىلەن قەدىرلىك. خەير بۇ جايدىكى گۈزەللىكلەر گۈزەلچە قېلىڭلار، ۋەتىنىمگە بەرمىگەن سالىمىڭلارنى ئېلىپ بارىمەن، خاتىرجەم بولۇڭلار. ئەي ئانا دىيار، نېمىلەرنى ساقلاپ قويغانسەن پەرزەنتىڭگە «سالاملىق» دەپ؟؟؟؟؟؟؟
收藏到:Del.icio.us