• تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا - [تارىخي ئەسەرلەر]

    Jul 24, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/70302163.html

     

    تەڭرى قامچىسى- ئاتتىلا

     

    يۈسۈپجان ياسىن 

    كىرىش سۆز

     

     

        ھۇنلار بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ كەڭ زىمىنىنى ئېچىش ۋە پارلاق مەدەنيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايتى زور رول ئوينىغاندى.
        ئېلىمىز مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھۇنلار مىلادىيىدىن بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ، ھۇنلار ناھايتى قۇدىرەتلىك بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كەلگەندە، ھۇنلاردا باتۇر تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-174-يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان) ئىسىملىك بىر مەشھۇر داھى ئوتتۇرغا چىقتى. باتۇر تەڭرىقۇت قەدىمكى زامان دۇنيا تارىخىدىكى قۇدىرەتلىك دۆلەت-ئاسىيا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى قۇردى، بەزى تارىخشۇناسلار باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئوغۇزخان» بىلەن بىر كىشى دەپ قارايدۇ.
          باتۇر تەڭرىقۇتتىن 600 يىل كېيىن، ياۋروپادا ئوتتۇرغا چىققان ئاتتىلا ئۇلۇغ بوۋىسى باتۇرنىڭ روھى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاتتېلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى دانىشمەنلىكى، ھەربى ئىشلار جەھەتتىكى يۈكسەك تالانتى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنى ئەينى دەۋىر ياۋروپا دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى ئاتتىلا دەۋرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدىرەت تېپىپ، ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن دەھشەتلىك بىر سىياسى كۈچكە ئايلاندى. ھەتتا، نامى مەشھۇر رىم ئېمپىرىيىسىمۇ ھۇنلارغا داۋاملىق تۈردە باج تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاران ساقلاپ قالغان. مانا مۇشۇنداق قۇدىرەتلىك بىر سىياسى كۈچنى بارلىققا كەلتۈرگەن كىشى ئاتتىلا بولغاچقا، تارىختا ياۋروپا ھۇنلىرى «ئاتتىلا ھۇنلىرى»، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسى بولسا، «ئاتتىلا ئىمپىرىيسى» دەپ ئاتالغان. ئاتتىلا ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى غەربتە ئاتلانتىك ئوكياندىن، شەرقتە ئىران، ھەتتا ئالتايغىچە،شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە سۇزۇلغان. ئاتتىلانىڭ ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىدا پەيدا قىلغان كۈچلۈك تەسىرى تا بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرى تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، 1900-يىلى گېرمانىيە ئارمىيسى يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم ئۇلارغا مۇنداق نۇتۇق سۆزلىگەن: «بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە مۇقەددەس غەلبىلىرى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە، شېئىر-قوشاق، داستانلىرىدا تەرىپلىنىپ ۋە مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە. خۇددى شۇنىڭدەك، نېمىس مىللىتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ سىلەر ئارقىلىق بىز ئىگىلىگەن دۆلەتتە داستانغا ئايلىنىپ، نەچچە مىڭ يىللارغىچە تارقىلىپ يۈرسۇن».①مانا بۇ ھۇنلارنىڭ، شۇنداقلا ئاتتىلانىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    ــــــــــــ
    ①«جۇڭگو بۈيۈك ئىنىسىكلوپېدىيسى»، خەنزۇچە دۇنيا تارىخى قىسىمى، 2-توم، 1010


        يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاتتىلا ھەقىقەتەن ياۋروپا دۇنياسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغاچقا، ئۇنىڭ نامى، بۈگۈنگە قەدەر ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئاتتىلاغا بېغىشلانغان نۇرغۇن شېئىر، داستان، سەھنە ئەسەرلىرى، رومان، پوۋسىت ۋە ھېكايىلەر يېزىلدى.
         ئىتالىيە ئەدەبىيات تارىخىدا روكودېگلى ئارمىنىس(1583-يىلى)ۋە ئاسكانىئو لوناتى(16-ئەسىردە) نىڭ ئاتتىلانىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان داستانلىرى ئەينى ۋاقىتتا قايتا-قايتا نەشىر قىلىنغان. بېلمونت كاگنولىنىڭمۇ (1625-1628-يىللار) ئاتتىلا توغرۇلۇق بىر قانچە شېئىرلىرى بار. ماتئو نورىس «ئاتتىلا» (1672-يىلى) ناملىق بىر ئوپىرا يازغان. سەھنە ئەسەرلىرى ئىچىدە گېئوسىت ۋېردىنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ئوپىراسى ئەڭ مەشھۇر ئىدى. بۇ ئەسەر 1846-يىلى، ۋېنىتسىيە سەھنىلىرىدە ئوينالغان.
    ئىسپانىيە ئەدەبىيات تارىخىدا كىرىستوبال دى ۋىرۇئېسنىڭ «ئەقىلدىن ئازغان ئاتتىلا» (1609-يىلى)، لۇئىس دى گۇۋارانىڭ «تەڭرى قامچىسى-ئاتتىلا» ناملىق تىراگىدىيلىرى بار.
    فىرانسىيلىك يازغۇچىلاردىن پىئېر كورنىلنىڭ «ئاتتىلا» ناملىق بىر تىراگىدىيسى بار. ھېنرى بورنېر «ئاتتىلانىڭ تويى» (1880-يىلى) ناملىق درامىنى يازغان.
         ئىنگىلىزلاردىن ج. جورج ساين رانسفوردنىڭ «ئاتتىلا ۋە ھۇنلار» ناملىق رومانى 1837-يىلى ئېلان قىلىنغان.
         نېمىسلاردىن ئەڭ بۇرۇن زاكخارىئاس ۋېرنېر 1808-يىلى «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا» ناملىق رومانتىك تىراگىدىيسىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېنرىخ روستى (1853-يىلى)، جون مىخائىل سولتى(1865-يىلى)، ئالبېرت رومانن(1872-يىلى)، ئوتتو كونسېنت(1881-يىلى) ۋە ھېنرىخ ك.س.فون زىمېرمانن(1883-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ دراممىلىرى كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يوسېف مارنىل(1847-يىلى) ۋە فىلىپ دان(1884-يىلى) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلا ھەققىدىكى رومانلىرىمۇ خېلى شۆھرەت قازانغان.
         ھۇنلار (ۋىنگىرلار) ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچقا، ھۇنگىرلارنىڭ ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەر ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. مەشھۇر يازغۇچىلاردىن ئارانىي، گاردونىي، بانفىي، ۋالكاي ئاندراس ۋە گوسار ۋارىي ماتياس قاتارلىقلارنىڭ داستانلىرى ئىنتايىن مەشھۇر. 17- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر داستانچى مىكلوس يازغان «ئاتتىلا» ناملىق ئېپىگراما ناھايتى شۆھرەت قازانغان. سەھنە ئەسەرلىرىدىن بېسېنىي گېئورگىنىڭ «بۇدانىڭ تراگېدىيسى» (1773-يىلى) ۋە «ئاتتىلا ۋە بۇدانىڭ تراگېدىيسى»(1787-يىلى)، ۋاژداپېتىرنىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» كارولىينىڭ «ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى»(1890-يىلى) دوپسالاژۇسنىڭ «ئاتتىلا ۋە ئىلدىكو» ۋە خارسانىي كالماننىڭ «ئىلەك» (1924-يىلى) ناملىق تىراگېدىيىلىرى، ماركۇس لاسزلونىڭ «ئاتتىلا» (1912-يىلى) ۋە كونت بانفى مىكلوسنىڭ «ئۇلۇغ بەگ» (1912-يىلى) ناملىق درامىلىرى زور شۆھرەتكە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوپسا، ماركوس ۋە خارسانىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن. ژ ئارانىينىڭ «بۇدانىڭ ئۆلۈمى» (1864-يىلى) ناملىق داستانى، تومپا مىخائىلنىڭ «ھۇن پادىشاھى ئاتتىلا ھەققىدە» (1867-يىلى)، فۇلوپ ئاروننىڭ «ئاتتىلا»(1909-يىلى) ۋە «ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى»(ئۈچ توم، 1885-1908-يىللار)، «پادىشاھ ئاتتىلا ھەققىدە داستان» (1909-يىلى) قاتارلىق ھېكايىلىرى زور تەسىر قوزغىغان. ئاتتىلا توغرىسىدا يېزىلغان رومانلاردىن مەشھۇرلىرى بالفىي ئالبېرت يازغان «تەڭرى قىلىچى ئاتتىلا» (1859-يىلىدىن باشلاپ بەش قېتىم نەشىر قىلىنغان)، ئۇلۇغ تارىخى رومان يازغۇچىسى گاردونىي گىزا يازغان «كۆرۈلمىگەن ئىنسان» (1914-يىلى) ۋە پىكار گىيۇلانىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق رومانلىرىدىن ئىبارەت.
         تۈرك ئەدەبىياتىدا ئاتتىلاغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغانلىرى پەيامى سافانىڭ «ئاتتىلا» (1931-يىلى) ۋە ئاپتۇللاخ زىيا قازان ئوغلۇنىڭ «ئاتلىخان»(1942-يىلى) قاتارلىق رومانلىرى، ئەنۋەر بېخنان شاپوليونىڭ «ئاتتىلا» ناملىق ھېكايىسى، سەھنە ئەسەرلىرىدىن س.بەخزاتنىڭ «ئاتتىلانىڭ تويى» (1934-يىلى)، بەخچەت كەمال چاغلارنىڭ «ئاتتىلا»(1935-يىلى)، م.كەمال ئەرگىنەقۇتنىڭ «ئاتتىلا» (1935-يىلى) ۋە ناجى تانسەلنىڭ «ئاتتىلا» قاتارلىق درامىلىرى بار.
         ئاتتىلانىڭ پەۋقۇلئادە ھاياتى يەنە رەسساملارنىڭمۇ كۈچلۈك ئىلھامىنى قوزغىغان. مەسلەن، ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام رافىللو سانتى (1520-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) پاپا جۇلئۇس ∏نىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ۋاتىكاندىكى ھىلودوروس ساريىغا بېغىشلاپ «س.لېئو بىلەن ئاتتىلانىڭ ئۇچرشىشى»ناملىق داڭلىق تام رەسىمىنى سىزغان .
         نېمىسلاردىن پېتىر كورنېلئوس (1867-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)،جولىئوس سىكنور فون كارولسىفلد (1872-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قاتارلىقلارنىڭ ئاتتىلاغا بېغىشلاپ سىزغان بىردىن رەسىمى بار. نېمىس رەسسامى ۋىلھىم فون كالباك (1878-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ «ھۇن ئۇرۇشى» (كاتو ـ لونيا ئۇرۇشى) ناملىق تام رەسىمى ناھايتى داڭلىق ئاسما رەسىم ھېسابلىنىدۇ. ھۇنگر رەسساملىرىدىن چەممور (1899- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ بۇداپېشتتىكى ۋېگادو سەنئەت سارىيىغا سىزغان «ئاتتىلانىڭ زىياپىتى» ناملىق تام رەسىمى ۋە فاكزكا فېرېنك (1925-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ «ئاتتىلارنىڭ توي كېچىسى»ناملىق تام رەسىمىمۇ زور شۆھرەت قازانغانىدى.
          ھازىر ھۇنگرىيىنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئاتتىلانىڭ ئاتلىق ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى .
        يېقىندىن بېرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئاتتىلا ھەققىدە بىر قانچە فىلىم ئىشلەندى.
         ئاتتىلا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئېمپىراتور ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھۇنلار ئاتتىلا دەۋىرىدە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ، دۇنيا تارىخىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغاندى. بۇ كىتابتا، ئەنە شۇ دۇنياغا مەشھۇر ئاتتىلانىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى، ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، قوشنا ئەللەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىدىكى تەسىرى ھەمدە ياۋروپادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا، ئاتتىلا توغرۇلۇق بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك رىۋايەتلەر، شۇنداقلا ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ياۋروپا مەدەنيىتىگە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

    بىرىنچى باب

     

     

    ياۋروپا ھۇن ئېمپىرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

     

     

     

    1. ھۇنلارنىڭ ئىرقىي تىپى

     

     

     

         ھۇنلارنىڭ ئەسىلى مەنبەسى بولغان تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپرىقىدا كۆرۈلىشى تارىخنىڭ ناھايتى قاراڭغۇ چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ. تۈرك ئېتىنىك تۈركۈمى ئاپىرىدە بولغان قەدىم جاي توغرسىدا، 19-ئەسىردىن بېرى غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرسىدا تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ كەلدى. س.كىلاپروت، ھاممېر، ۋ.سىموت، ۋىيدىمان، ئا.گاستېرىن، ھ.ۋامبىرىي، ن.ئارستوف ۋە ئى.ن.ھوممېر قاتارلىق شەرقشۇناس تۈركولوگلار خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاينى تۈرك ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ ئانا يۇرتى، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، غەرب ئالىملىرى ئارىسدا تۈركى تىللىق مىللەتلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن تارىختا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان مۇڭغۇل-مانجۇ ئېتىنىك توپلىرىنى «ئالتاي مىللەتلىرى»، ئۇلارنىڭ تىلىنى «ئالتاي تىللىرى» دەپ ئاتايدىغان خاس ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئالىملارنىڭ يازما مەنبەلەر ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويغان ھۆكۈمى، كېيىن ئارخېئولوگىيلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە تولۇق ئىسپاتلاندى. رۇس ئارخېئولوگلىرىدىن س.ۋ.كىسېليېۋ ۋە س.س.چىرنىكولارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ھەركىتى نەتىجىسىدە مەلۇم بولدىكى، «براكسىفال(يۇملاق باش) جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرى تاش دەۋىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىن بېرى ئالتاي-سايان تاغلىرىنىڭ غەرىبى شىمال تەرەپلىرىنىڭ ئاساسلىق خەلقى ئىدى.①بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئافاناسيېۋا مەدەنيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2500-1700-يىللار)؛ بولۇپمۇ ئاندىرنوۋا مەدەنيىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1700-1200-يىللار)نىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە، ئەتراپتىكى دولىكوسفال موڭغۇلوئىدلاردىن، ھەتتا، دولىكوسفال «ئاق دېڭىز تىپى»دىكى ئىنسانلاردىن پەرقلىق بولغان، تۈرك نەسلىنىڭ پىروتو تىپى ھېسابلانغان «بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرىق» تۈرك نەسلىنىڭ ئاق تەنلىك كىشلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرىق ئىچىدە «ياۋروپىد» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ «تۇران» تىپىدىكى بىراكسىفال تۈركلەرنىڭ دولىكو سىفال موڭغۇلوئىدلاردىن ۋە باشقا ئىرقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئانتوروپولوگىيلىك بەلگىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەلۇم بولغىنىدەك، «تەۋرات»تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ئەنئەنىلەردىمۇ تۈرك نەسلىنىڭ ئاق ئىرقتىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن②. تۇران تىپىگە ئۆرنەك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ماۋرەئۈننەھىر ۋە يېقىن شەرق تۈركلىرى ئاق تەنلىك، تۈز يۈزلۈك(يۇمىلاققا مايىل)، قوي كۆزلۈك، قوش قاپاقلىق، قاڭشارلىق، قاۋۇل، ساقال-بۇرۇتلۇق، گۈزەل ئىسكەتلىك، ساغلام بەدەنلىك ئەر-ئاياللىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر مەنبەلىرىدە گۈزەلىككە سىموۋول قىلىنغان، ھەتتا ئىران ئەدەبىياتىدا «تۈرك» دىگەن سۆز بەزىدە «گۈزەل» مەنىسىدە ئىشىلتىلگەن.


    ـــــــــــــــــ

       ① ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنيەت تارىخى»، تۈركچە، 3-بەت
       ②ئىبىراھىم كافەس ئوغلو: «تارىختا تۈرك نامى»، «رەشىد راخمەتنى ئارات ئۈچۈن تەقدىم» تۈركچە، 1966-يىلى، 308-بەت

          ئارخېئولوگلار ئالتاينىڭ مالتا دىگەن يېرىدىن پالىئولىد دەۋىرى (كونا تاش قورال دەۋىرى)گە ئائىت لايدىن ياسالغان ئۆيلەرنىڭ خارابىسىنى تاپتى. بۇ قەدىمدە ئالتايدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كىشنىنىڭ خېلىلا دېققىتىنى قوزغىغىدەك دەرىجىدە ئولتۇراق تۇرمۇشلۇق ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ①.
          «بىراكسىفال جەڭگىۋار ئاق ئىرق» كىشىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن تەڭرىتېغى ئەتىراپلىرىغا يېيىلىپ ماكانلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى قازاقىستانغا قاراپ كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا②.
           سىبىرىيە ۋە بايقالدىن تېپىلغان نىئولىد(يېڭى تاش قورال) دەۋىرى ۋە مەدەن دەۋىرىگە ئائىت باش سۆڭەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بۇ يەردە موڭغۇلوئىد ئىنسانلارنىڭ ياشىمىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. جەنۇبى سىبىرىيىدە موڭغۇلوئىد ئىنسانلار ناھايتى كېيىنكى چاغلاردا ئوتتۇرغا چىققان. ئۇلار يىنسەي دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە پەيدا بولۇپ، قىدىرقان تاغلىرى تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەندى. موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا، بىراكسىفال- ئاق تەنلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبى سېبىرىيىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردا بىراكسىفاللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرق ساپلىقىنى قوغدىغانلىقى ئانتروپولوگىيلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولماقتا. يەنە بۇ مەزگىلدە جەنۇبى سىبىرىيەدىكى موڭغۇلوئىد ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئالتايدىن كەلگەن كىشلەر تەرىپىدىن قوغلانغانلىقى مەلۇم. بۇ مەزگىلدە، بىراكسىفال ئىككىنچى بىر ئېتىنىك توپ ئامۇ ۋە سىر دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلاردا ياشايتتى. ئۇلار پامىر ۋە ئافغانىستاندا ياشايدىغان ئىنسانلاردىن پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئالتاي ۋە قازاقىستاندىكى بىراكسىفال ئىنسانلار بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى③.

    ـــــــــــــــــــــ
    ① كىسىليېۋ: « سوۋېت ئارخېئولوگىيسىنىڭ 25 يىلى»، تۈركچە.
    ② ③ب. ئۆگەل: «تۈرك مەدەنيەت تارىخى»، تۈركچە، 4-بەت،5-،8- بەتلەر.

    ھۇنلارنىڭ ئىرقى تىپى توغرسىدا نۇرغۇن ئالىملار ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويدى. بەزىلەر ئۇلارنى مانا شۇ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەت دەپ قارىسا، يەنە بەزى ئالىملار ئۇلارنى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ قاراپ كەلدى. يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور بولماقتا①.


          بۇ توغرىسىدا داڭلىق ھۇنشۇناس لىن گەن ئۆزىنىڭ «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى نۇيان تېغىدىن تېپىلغان 25-نۇمۇرلۇق ھۇن قەبىرىستانلىقىدىن ھۇنلارغا مەنسۇپ بىر پارچە كەچتە سۈرەت تېپىلغان. سۈرەتتىكى ئادەم چېچى قويۇق، ئارقىسىغا قىلىپ تارالغان، پىشانىسى كەڭ، كۆزلىرى يوغان، قويۇق بۇرۇتلۇق، چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك قىياپەتتە بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈندۇ. موڭغۇل ئارخېئولوگى س.دورجى بۇ كەشتىدىكى سۈرەت قەبىرە ئىگىسىنىڭ بولۇپ، بۇ ھۇن كىشىسى ئىدى، دەپ قارايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ كىشىنىڭ رەسىمدە كۆز گەرچە قارا رەڭدە ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆز قارچۇغى كۆك رەڭدە ئىشلەنگەن. مانا بۇ ھۇنلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا كۈچلۈك ماددى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى».②

    ـــــــــــــــــــــ
       ① ②لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 3 -، 150-بەتلەر.
        ②لىن گەن: « ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە،150-بەت.

          «تۈركى خەلقلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق بولۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ھۇن قەبىرىسىدىن چىققان ھۇن ئادىمىنىڭ كەشتە سۈرىتى دەل كۆك كۆز، ساقال-بۇرۇتلۇق قىياپەتتە ئىشلەنگەن. يەنە بۇ كەشتە سۈرەتتىكى كىشى چىرايى كېلىشكەن، سۈرلۈك، ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشتە بولۇپ، بۇ < خەننامە > 68-جىلىد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى»دىكى: < جىن مىتىنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى سەككىز چى، ئىككى سۇڭ بولۇپ، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، ھەيۋەتلىك ئىدى > دىگەن بايانلار بىلەن تامامەن بىردەك. جىن مىتى ھۇنلاردىن بولۇپ، يەنە بىر ئىسىمى ۋىنشۇ ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ھۇن شىتۇق خاننىڭ ۋەلىئەھدى ئىدى①.


          «جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى فېڭشى قېدرىپ تەكشۈرۈش ئەتىرىتى 1955-1957-يىللاردا، شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيىسىنىڭ فېڭشى دېگەن يېرىدىن ئىككى قەبىرە قازغان. بۇ ھۇنلارنىڭ قەبىرىسى بولۇپ، ئۆلگۈچى ئېھتىمال ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى ياكى ئەلچىلەرنىڭ ھەمراھى بولسا كېرەك. چۈنكى، قەبرىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇنلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرى ئىدى. قەبردىن تېپىلغان ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىچىدىكى ئۇزۇن تۆت چاسا شەكىللىك مىس تاختاي ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. تاختاينىڭ ئوتتۇرسىغا قاڭشارلىق، ئۇزۇن چاچلىق، ئىشتىنىنىڭ ئايىغىنى تۈرۈۋالغان ئىككى كىشىنىڭ بىر-بىرىنىڭ بەل ۋە پاقالچاقلىرىدىن تۇتۇپ چېلىشىۋاتقان قىياپىتى چۈشۈرۈلگەن. قاڭشارلىق بولۇش تۈركلەرنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ ئىككى پارچە مىس تاختاينىڭ ئوتتۇرسىغا چۈشۈرۈلگەن ھۇنلارنىڭ قاڭشارلىق قىياپەتتە تەسۋىرلىنىشى، ھۇنلارنىڭ تۇران-تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ماددى پاكىتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ»②.

    ــــــــــــــ
         ① ②لىن گەن: «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، خەنزۇچە، 150-، 151-بەتلەر


            ئالتاينىڭ ئانا يۇرت مەسىلىسى يازما مەنبەلەر ئاساسىدىكى تەتقىقاتلاردا ۋە ئارخېئولوگىيلىك قېزىشلاردا تېپىلغان قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ نۇقتا يەنە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىمۇ ئىسپاتلانماقتا. نۇرغۇن مەدەنيەت بەلگىلىرىنى ئۆز قوينىدا ساقلىغان تەبئىي قورغانلارنىڭ ئالتايدا كۆپلەپ تېپىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلور تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇلار ئۆز ئېتىقادى بويىچە، ئالتاي تېغىنى ناھايتى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنى قوغدىغۇچى روھ، ھەتتا ئۆزلىرىگە تۆرەلگەن ئانا دەپ تونۇيتتى. ئالتاي تېغىنى، ھەتتا ۋەتەننىڭ سىموۋولى قىلىشقاندى. شۇڭا، شامانىزىم ئېتىقاتىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئالتاي تېغىغا چوقۇنۇپ مۇناجاتلار ئوقۇيتتى. شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار ئۆز ئىبادىتىنى ئېگىز تاغلارغا چىقىپ قىلغان. ئالتاي تاغلىرى ئۇلۇغ تاغ روھلىرىنىڭ توپلانغان يېرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. شۇڭلاشقا، ئالتاي شامانىزمدا يەر روھلىرى «يەر-سۇ» ياكى «ئالتاي» دەپ ئاتىلاتتى①. ئالتاي يەنە شامانىزمنىڭ بۆشۈكى بولغاچقا، ئالتاي مەدەنىيتى «شامان مەدەنىيىتى» دەپمۇ ئاتىلدۇ.


          «ئالتاي» دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيسىنىڭ «ئالتۇن» سۆزىگە باغلىنىدىغانلىقى مەلۇم. مەدەنچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەدەنيەت بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى نىئولىد دەۋرنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىغا يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا ئالتۇن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بورۇن تونىغان ۋە ئېرىتكەن مەدەنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى ئىچىدە مەدەن جەھەتتىن ئەڭ باي ۋە مەدەن ئېرىتىش تېخنىكىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەر ئالتاي ۋە بايقال كۆلى ئەتىراپلىرى ئىدى①. ئالتاينىڭ قەدىمكى ۋەسىقىلەردە «ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتتىن قارىغاندا، ئالتايدا ئالتۇن قېزش ۋە ئالتۇن ئېرىتىش تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.«ئالتۇن تاغ» دىگەن ئىسىممۇ بۇ يەردە ئالتۇن كۆپ چىققانلىقىغا قاراپ قۇيۇلغان. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق مەشھۇر ئەسىرىدىكى بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە: «بىر كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنى تۈرك خاقانىنىڭ قۇشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندۇ. بىر تۈرۈك ئەسكىرى زۇلقەرنەيىننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمىياننى بېلىگە ئېسىۋالغان بولۇپ، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر-بىرىدىن بۇ نېمە؟ دەپ سوراشقاندا، ئۇلار«ئالتۇن قان» دېيىشكەن. شۇڭا، مۇشۇ يەردىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتىراپىلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى②. بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان تاغنى ئالتاي تېغى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دا سۆزلەنگەن ئۇيغۇر ئېلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارىتىلغان. ئالتاي ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ شىمالى چېگىرىسىنى تەشكىل قىلغان.

    ـــــــــــــــــــ
       ①كاموران گۆرۈن: «تۈركلەر ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تارىخى»، تۈركچە، 24-بەت
        ②«تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1-توم، 123-124-بەتلەر

           «بۇ تاغنىڭ ئەتراپلىرىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتى» دېيىلىشىمۇ، تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىي پائالىيىتى بىلەن بىردەك. بۇ يەردە ئالىم ئالتاي تېغىنىڭ نامى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، مەدەن بايلىقى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى رىۋايەت شەكىلى بىلەن ئىپادە قىلىپ بەرگەن. ئالتاي تېغى «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دا: «ئالتۇن يىش» (ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان ئالتۇنتاغ مەنىسىدە) دەپ يېزىلغان. خەنزۇچە كىلاسسىك ئەسەرلەردە مۇشۇ سۆزنىڭ مەنا ۋە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «金山»، «金微山»، «按台山»، «阿勒台山» دەپ يېزىلغان. «ئالتاي» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ۋ.ۋ.بارتولد «ئىسلام ئىنىسىكلۇپىدىيسى»، (تۈركچە، 1-توم، 337-بەت)گە يازغان «ئالتاي» ماددىسىدا: «ھازىرقى نامنىڭ ئەسلى ئالتۇن مەنىسىنى ئىپادە قىلىدىغان سۆز بولسا،بۇنىڭغا مۇقابىل پەقەت موڭغۇلچىدىكى< ئالتان > ياكى < ئالتا > سۆزى نەزەر-ئېتىبارىغا ئېلىندۇ. چۈنكى، ئالتاي سۆزى موغۇللار دەۋرىدە ئوتتۇرغا چىققاندەك قىلىدۇ. بۈگۈنكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ئالتاي سۆزىنىڭ بۇ مەنىسىدىن خەۋەردار ئەمەس. ھەقىقەتەن، بىر ھېكايىدە خەلق ئېتمولوگىيىسى بۇ سۆزنى «ئالتە ئاي» دىگەن شەكىلدە ئىككى سۆزگە ئايرىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئالتاي <ئېگىز تاغ > مەنىسىدە جىنىس ئىسىم سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلدۇ» دەپ يازغان. بارتولد ئالتاي دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تۈركى تىلىدىن ئىزدىگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، ئالتايدا قارا قارىغاي بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغلار ۋە قۇيۇق ئورمانلىقلار بار. قەدىمكى ئالتايلىقلار قارا قارىغايلار بىلەن قاپلانغان قىيالىق تاغنى «تايگا» دەپ ئاتىسا، قويۇق ئورمانلىقنى «يىش» دەپ ئاتىغان. رادلوف بۇ خىل تىل پاكىتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالتاي دىگەن نام ئالتۇن ۋە تايگا دېگەن سۆزلەردىكى «ئال» ۋە «تاي» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان دەپ قارايدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئالتاينىڭ «ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دىكى «ئالتىن يىش» دېگەن شەكىلگىمۇ ماس كېلىدۇ①.غەرب مەنبەلىرىدىمۇ، ئالتايدا ئالتۇننىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى خاتىرىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.
           يۇقىردا بايان قىلىنغان يازما ۋە ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلارغا ئاساسەن، ھۇنلارنى تۇران-تۈرك ئىرقىغا تەۋە مىللەت دەپ قاراشقا ھەمدە ئالتاينى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ھاياتلىق بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

     

    ①«تۈرك دۇنياسى تارىخى ژۇرنىلى»، تۈركچە، 1988-يىل، 1-سان، 24-بەت
    ـــــــــــــــــــــ
    داۋامى بار.


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ: