• ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى - [ئىلمىي ماقالىلەر]

    Apr 26, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62682860.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

       دۇنيادا پامىلىسىز ياشاۋاتقانلاردىن ئافرىقا قىت`ئېسىدە ئاز ساندا قەبىلە - مىللەتلەر بار. مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر فامىلە ئىشلەتمەي ياشاۋاتقان يالغۇزلا ئۇيغۇرلار قالدى.
       ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن فامىلىڭىز نېمە دەپ سورىسىڭىز، دادىسىنىڭ ئىسمىنى دەيدۇ. ھەر بىر پەرزەنت دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە سۈپىتىدە قوللانغانچقا  فامىلە، ئۇ ئادەم بىلەن بىللە گۆرگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇنى قوللانغۇچىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا 10 ئەۋلاد بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنىڭ ئاىلە شەجەرىسىنى بىلىدىغانلار بەك ئاز. بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆلىدۇ، تۇغۇلىدۇ، يەنە ئۆلىدۇ، 100 يىللار، 1000 يىللار ئۆتسىمۇ فامىلە ئۆلمەيدۇ. دۇنيادىكى مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ مەدەنىي ئەنئەنە مەۋجۇت.
       يېڭى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، تۇنجى فامىلە ئىشلەتكەن كىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى. ئايالى ماھىنۇر قاسىمى، ئوغلى ئادىل قاسىمى... ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەردىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئۈلگە ئېلىپ فامىلە قوللانغانلاردىن بىرسى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئايالى ئايىم ئەزىزى، قىزى ئارزۇگۈل ئەزىزى…سەيپىدىن ئەزىزى، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسگە راۋا كۆرگەن فامىلىنى نېمىشقا خەلقىگە راۋا كۆرمىدى. (بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تارىخچىلار غا ھاۋالە قىلىمەن)بۇنىڭدىن مەلۇماتىم يوق.
     ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان فامىلە قوللىنىپ باقمىغانمۇ؟ قوللانغان؛ -مەھمۇت كاشغەرىي. مەھمۇتنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كاشغەرىي ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ”كاشغەرىي” فامىلىدۇر. “كاشغەرىي”سۆزىنى “تەخەللۇس”دېگۈچىلەر بار. بۇ خاتا. مەھمۇت كاشغەرىي ئەگەر “كاشغەرىي” دېگەن فامىلىسى يېرىگە، دادىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويغان بولسا ئىدى، ”دىۋانى-لۇغەتىت تۈرك” ۋە ئاپتورىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايتتۇق؟ چۈنكى كىتابنىڭ ئىسمى “دىۋان لوغەتىت ئۇيغۇر” ئەمەس. مەھمۇت كاشغەرىينىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىنتايىن ئاز ۋە يېتەرسىز. ئۇيغۇرلار، قايسى دەۋردىن باشلاپ فامىلە قوللىنىشنى تاشلىۋەتتى، نېمىشقا بۈگۈنگىچە فامىلە قوللىنىشنى ئويلاپ باقمىدى؟ بۇ تارىخچىلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارغا ئائىت تەتقىقات تېمىسى.
     21-ئەسىردىمۇ فامىلە قوللانماستىن ”بىز مەدىنى مىللەت”دەپ سۆزلەپ يۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار سىنىپى تارىخ ئالدىدا كوللېكتىپ ھالدا سوتقا تارتىلىشتىن، ئۇيات ۋە نومۇس ئىچىدە قېلىشىمىزدىن قورقۇشىمىز لازىم.
    چەت ئەللىك بىر دوستۇم بىر نەچچە يىل ئالدىدا مەندىن:
    -ئۇيغۇرلاردا فامىلە يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
    -دادىسىنىڭ ئىسمى فامىلە، _ دېدىم. ئۇ كۈلدى ۋە:
    -دادىسىنىڭ ئىسمىنى سورمىدىم. فامىلە؟
    -يوق.
    -فامىلە قوللىنىشنى ئۇيغۇرلار خالىمامدۇ ياكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يول قويمامدۇ؟
      مەن جاۋاب بېرەلمىدىم. يۈزۈم قىزاردى. راستىنى ئېيتسام، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرەر ئورگان “فامىلە” ھەققىدە دۆلەتكە دوكلات يېزىپ تەلەپتە بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى فامىلە قوللىنىشنى ئىستىمىدى. بىراق، مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋايى مىللەتلەردىنمۇ كېيىنگە تىزىملىنىشىنى ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، يۈرىكىمگە خەنجەر ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلىمەن.
       بىزنىڭ يۇرتىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ چىگراسى ئىچىگە ئېلىشتا، بىزنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى قىلىشتا كۆپ كۈچ سەرپ قىلماي، بۈيۈك مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن خەنزۇ مىللىتىنىڭ فامىلە قوللىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. فامىلە ئۇ مىللەتنىڭ ماددىي، مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان تارىخى مەدەنىيىتىنىڭ بىرسى.
       بۈگۈن 1.5 مىليارتقا يېقىن نوپۇسقا ئىگە جۇڭگودا ئون مىڭدىن ئارتۇق فامىلە قوللىنىلىدۇ. جۇڭگو نوپۇس ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگودا، رەسمىي تىزىملىكتىكى ۋاڭ فامىلىلىكلەرنىڭ سانى 93 مىليون، لى فامىلىلىكلەرنىڭ سانى 92 مىليون، جاڭ پامىلىلىكلەرنىڭ سانى 88 مىليون. (ۋاڭ-پادىشاھ دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۆزلىرىنى پادىشاھ ئاىلىسىدىن كەلگەن دەپ ھېسابلىغانلار پامىلىسىنى ۋاڭ قويغان).
       جۇڭگو تارىخىي مەنبەلىرىدە، خەنزۇلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىنىڭ 5-6 مىڭ يىلغا قەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئالىم گۇ يانۋۇ جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمى فامىلىلەرنىڭ 22 ئىكەنلىكىنى، تارىخنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزى فامىلە ئەزالىرىنىڭ تامامەن يوقاپ كېتىپ فامىلىنىڭ يوقىلىشىغا، بەزى يېڭى فامىلە ئەزالىرىنىڭ پەيدا بولۇپ فامىلىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چىن شىخۇاڭ جۇگگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن باشلاپ 2000 يىللىق فېودالىزم دەۋرىدە كۆپ قېتىم خانىدانلىقلار ئالماشتى. فامىلىلەرمۇ ئالماشتى , كۆپەيدى ۋە بۈگۈنكى ھالغا كەلدى.
       بۈگۈن بىز خەنزۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇلار بىلەن بىلە ياشاۋاتىمىز. ئۇلاردا بولغان ماددىي، مەنىۋى ئۈستۈنلۈكلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما، بەزى ئارزۇلىرىمىزغا ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئېرىشەلىسەكمۇ، بەزى ئارزۇلىرىمىزغا يالۋۇرۇپمۇ، جېدەل قىلىپمۇ، ھەتتا قان تۈكۈپمۇ ئېرىشەلىشىمىز ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتىگە فامىلە قوللىنىشنى يولغا قويۇش تامامەن ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىر مەسىلە. “ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى”دا قورسىقىنىڭ تويغان ياكى تويمىغانلىغىنى قورسىقىنى بېسىپ بېقىپ بىلىدىغان “خەلق ۋەكىللىرى”لا يوق. بىلىملىك، ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان زىيالىيلارمۇ بار. ۋىجدانلىق ئۇيغۇر باشلىقلارمۇ بار. خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزسىلا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە فامىلە قوللىنىشى، ھانزۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەلكى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا، بۈگۈنكىدەك ئىسىم _ فامىلىنىڭ ئوخشاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقنىڭ ئادلىنى ئالغىلى بولىدۇ.
       بىز بىلەن ئوخشاش تىل، دىن، ئېتنىك قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ فامىلىسى بار. ئورتا ئاسىيادا رۇسلار فامىلە قانۇنىنى 30.يىللاردىلا چىقارغان. بەزىلەر “ئوپ-پوپ” فامىلىسىنى قوللۇنىشنى داۋام قىلسىمۇ، بېزىلەر مىللىي فامىلە قوللانماقتا. تۈركىيىدە بولسا فامىلە قانۇنى 1934-يىلى6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىدە قوبۇل قىلىنغان.  بۇ قانۇندىن بۇرۇن كىشىلەر؛ ئاغا، ھاجى، ئەپەندى، خوجا (ئۇستاز)، ھانىم..دېگەندەك ئۇنۋان ياكى لەقەملەرنى قوللىناتتى. يېڭى قانۇندىن كېيىن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تارىم، پامىر، جۇڭغار، گۈلتەكىن، ئاي تېكىن…ئىسىملىرىنى ئۆزلىرىگە فامىلە قىلىپ ئالغان ئاھالە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۈگۈن تۈركىيىدە ئۇيغۇر فامىلىسى بولغانلار 2 مىليوندىن ئارتۇق، ئۆزبېك فامىلىسى بولغانلاردىن 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بار. قەشقەر، تاشكەنت، ئاقسۇ، قاراقاش، پامىر… فامىلىسى بولغانلارمۇ مىليوندىن ئارتۇق.
       فامىلە بىر مىللەتنىڭ مەدىنىلىش تارىخى باسقۇچىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆلچەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
       فامىلە مەسىلىسى، ئۇيغۇر زىيالىيلار سىنىپىنىڭ چۈشىنىشىگە، ئىزدىنىشىگە، چارە تېپىشىغا تەقەززا مەسىلىلەردىن بىرى.
       100 ۋاگوننى بىر پاراۋوز سۆرەپ ماڭالايدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش دۆلەت تەشكىلاتى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پاراۋۇزى-زىيالىلار قوشۇنىدۇر. گەرچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، يۈرىكى مۇجۇۋېتىلگەن، ھەددىدىن ئارتۇق ئېھتىياتچان، بوينى مائاش سىرتمىغىدا باغلىۋېتىلگەن كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق توسالغۇ ۋە مەسىلىلەرنى يۈرىكىدە ھېس قىلىۋاتقان، مېڭىسىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان بىر قوشۇن.
       ئۇيغۇر زىيالىيلار قوشۇنى-سان ۋە سۈپەت جەھەتتە سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زورايماقتا. ئەپسۇسلىنارلىقى؛ بۇ پارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كۈچىنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ ئۆز خەلقىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تولۇق تەقدىم قىلىش يولىدا، لازىم بولغان بىرلىك ۋە جاسارەتكە ئىگە بولالماسلىقى.
       بىز ئۇيغۇرلار 21-ئەسىرلەردە، ناخشا-ئۇسسۇلدا بىرىنچى بولۇشىمىز بىلەن پەخرلىنەلەيمىز ۋە پەخىرلىنىشكە ھەققىمىز بار. ئەمما، 21-ئەسىردە، فامىلىسىزلىكتە، ئەيدىزدە، ئىشسىزلىقتا، ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشتە، ئىناقسىزلىقتا، ساۋاتسىزلىقتا، ئاجرىشىپ بالا يېتىم قىلىشتا، يوقسۇللۇقتا…ئېرىشكەن بىرىنچىلىكىمىز بىلەن پەخىرلىنىشكە ئامالسىزمىز.
       ئۈرۈمچىدىن-قارامايغا قەدەر ھەتتا ئالاتاۋ ئېغىزىغا قەدەر تۆمۈريول لىنىيىسى بويىچە سوزۇلغان مۇنبەت زېمىنلاردا 60 يىلدىن بېرى يېڭى قۇرۇلغان شەھەرلەر، سانائەت، پەن-تېخنىكا ئىنشااتلىرى ۋە يارىتىلغان ماددىي بەخت-ساادەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ شېرىك بولۇش  ياكى، پەخىرلىنىش ھەققى يوق.
      بۈگۈر، غۇلجا ئاستانادىن 50 يىل، قەشقەر شاڭخەيدىن 100 يىل ئارقىدا تۇرماقتا.
       بىر تەرەپتىن تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرى، بىر تەرەپتىن مەدىنى مىللەتلەر بەيگىسىنىڭ چاڭ-تۇزاڭلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىپ، تەقدىرىمىزگە تەن بېرىشنى، 5000 يىللىق تارىخى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مىللىي خاراكتېرىنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
    بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ، خەلقئارانىڭ شەرت-شارايىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆز خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە كېلەچەك يولىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق لايىھىلەرنى ئوتتىرىغا قويالايمىز؟ لايىھىلەرنى خەلقىمىز ئىچىدە قانداق ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز؟
    ۋاقت-داۋاملىق چۈشىنىش،سۈكۈت قىلىش،ۋىجدانى ئازاب چېكىش ۋاقتى ئەمەس.قارار بېرىش،ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىدۇر.
      فامىلە ئىشلىتىشتەك مۇشۇنداق يوللۇق بىر ھەققىمىزنى نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالمىدۇق، بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپمۇ؟ مەنچە زىت ئەمەس. ئەكسىچە قانۇنلارمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنى قوللايدۇ، شۇنھا بىز ۋە ئۈستىمىزدىكى شۇ ئباشلىقلارىمىز ئئ بۇ مەسىلىنى ھېچ قورقماستىن  ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

      كېلىڭلار قېرىنداشلار، دوستلار بۇ قېتىم بىز بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قىلايلى ۋە بۇ ئىش پۈتكەنگە قەدەر ھېچ بوشاشمايلى، بىلىدىغان تونۇيدىغان ئالىم، تىلشۇناس، زىيالىي ۋە باشلىقلىرىمىز بولسا ئۇلارنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلايلى ۋە ئاخىرى ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى...
    سىز، ئائىللىڭىز، جەمەتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز فامىلىسىز(تەگئاتسىز) قالمىسۇن!!!
      ئۇيغۇرۇڭىز فامىلىسىز قالمىسۇن!!!

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    评论

  • بۇنى ھۆكۇمەت ئورۇنلىرى قوللىمسا تەس بولدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما دىگنىڭز توغرا، زىيالىلار يىتەرلىك كۈچ چىقارمىدى.