-
ئانا تىل ھەققىدىكى كەچۈرمىشلەر - [ئىلمىي ماقالىلەر]
Apr 26, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62682185.html
ئانا تىل ھەققىدىكى كەچۈرمىشلەر
شىنۇاڭ يۈشۇ
( زاڭزۇ)
1بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر جۈپ جۇڭگولۇق ئەر- خوتۇن دوستۇم بولىدىغان، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ناھايىتى كېلىشكەن 14 ياشلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. دوستۇم ھەر قېتىم ئوغلى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، ھامان چاقچاق ئارىلاش: "مەن ئامېرىكىلىق ئوغلۇمنىڭ ئاتىسى" دەيتتى. روشەنكى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى. دوستۇم مېنى ئوغلى خۇاغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن خۇانى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە ئۇ سېپى ئۆزىدىن ئامېرىكىلىق بالىغا ئايلانغان بولۇپ، چىرايىدىن مەندىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى. ئۇ ئېغىز ئاچتى:
- مەن نېمە ئۈچۈن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىمەن؟- بۇ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان تۇنجى سۆزى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئامېرىكىچە تەلەپپۇزدا راۋان ئېيتىلغانىدى.
- چۈنكى بۇ سېنىڭ پەخىرىڭ!
خۇا مېنىڭ مۇنداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، بېشىنى ساڭگىلىتىپ خېلى خىيال سۈرگەندىن كېيىن دېدى:
- مەن ئامېرىكىلىق، جۇڭگو شۇنچە قالاق تۇرسا، مەن نېمە ئۈچۈن ئارقىغا چېكىنىمەن؟
- چۈنكى سېنىڭ قېنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن، ئۆز قېنىنى ئۇنتۇماقچى بولغان ئادەم "بىچارە" بولۇپ قالىدۇ، ئاتا- ئاناڭ سېنى بىچارە بولۇپ قالمىسۇن دەپ، ساڭا ئانا تىلىڭنى ئۆگىتىپ قويماقچى بولۇۋاتىدۇ.
- ھە، مۇنداق دەڭ؟ ئۇنداقتا مېنىڭ خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىشىم زۆرۈر بولسىمۇ، سىزدىن ئۆگەنمەسلىكىم كېرەك ئىدى، چۈنكى سىز زاڭزۇ مىللىتىدىن تۇرسىڭىز؟ - ئۇ يەنىلا تەن بەرمىگەندەك قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ گېپىمگە ئىشەنگەنلىكىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دېدىم:
- توغرا، مەن زاڭزۇ، لېكىن سېنىڭ مىللىتىڭنىڭ تىلىنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرى غەرب مەدەنىيىتىدە يوق، ھېچبولمىغاندا بۇنى مەن ياخشى بىلىمەن: مەسىلەن: تاڭ سۇلالىسى شېئىرلىرى، سۇڭ سۇلالىسى بېيىتلىرى، يۇەن سۇلالىسى نەغمىلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا مەن خەنزۇتىلىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللىتى ئايرىلمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە پەزىلىتىگە قاراش كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!2
بىر قېتىم بېيجىڭدا، مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بالىسىغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇ چاغدا بېشىم تازا قاتقان بولسا كېرەك، پۈتۈنلەي ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدىم.
- جۇڭگولۇقلار شۇنچىلىك كۆپ، شۇڭا ھەممە ئادەم خەنزۇچە سۆزلىشىشى كېرەكقۇ؟ ھازىر چەت ئەلدە جۇڭگولۇقلار كۆپەيدى، بىز ئادەم سانى جەھەتتە خېلى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيمىز، ئەلۋەتتە جۇڭگو تىلىنى دۇنيا تىلى قىلىپ تىكلەش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز چەت ئەلگە چىقساق ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىكەنمىز- يۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلار جۇڭگوغا كەلسە خەنزۇتىلىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىكەن؟! بۇ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش!- ئۇ كەينى- كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە رەددىيە بېرەلمىدىم، يەنە ئۇنىڭ مەنسىتمەسلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى مېنى تەمتىرىتىپ قويدى. كېيىن ياخشى بولغىنى، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن تىللاش سۆزلىرىنى ئۆگىتىشتىن باشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاستا- ئاستا ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ھەۋىسىنى قوزغىدىم، چۈنكى ئۇ چەت ئەل تىلىدا ئادەم تىللىغاندا ئۆزىنى ناھايىتى خۇشال ھېس قىلاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا زادى جاۋاب بېرەلمەيتتىم، شۇڭا ئۆزۈمنى گويا ئۇنىڭغا بىر نېمىگە قەرزداردەك ھېس قىلاتتىم. مەن بۇ مەسىلىلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بېرىش كېرەكلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن سوراپمۇ باقتىم، بىراق رازى بولغۇدەك جاۋاب ئالالمىدىم.3
تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتا- ئانىسى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتكەن فرانسىيىلىك بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۇ شىزاڭنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، داڭدار لامالارنى ئۇستاز تۇتقان بولۇپ، ئۆلچەملىك زاڭزۇ تىلىنى ئۆگىنىۋالغان، لېكىن بىز پاراڭلاشساق ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق. مەن تېخى ئۇنى ئىنگلىزچىلا بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، كېيىن ئۇنىڭ ئىتالىيان تىلى، رۇس تىلى ۋە گېرمان تىلىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ تىل بىلىدىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم.
- سىز فرانسۇز تىلىنىمۇ بىلەمسىز؟
ئۇنى "بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بېرەمدىكىن دەپ قاپتىمەن، چۈنكى ئۇ ماڭا ئوخشاش ئۆز يۇرتىدا ئەمەس، ياقا يۇرتتا ياشىغاچقا، تەبىئىيكى ئۇنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش شارائىتى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا فرانسىيىگە بېرىش پۇرسىتى كەلمىگەنىدى. ئۇنىڭ جاۋابى مېنى چۆچۈتىۋەتتى، ئۇ گويا مېنىڭ سوئالىم ناھايىتى ئەدەپسىزلىك بىلەن سورالغان سوئالدەك، ماڭا گۆلىيىپ قاراپ قويۇپ دېدى:
- سىز نېمىلەرنى ئويلايدىغانسىز، فرانسۇزچىنى ئەلۋەتتە بىلىمەن، جاھاندا فرانسۇز تىلىنى بىلمەيدىغان بىرەر فرانسۇز بارمىدۇ؟!
"فرانسۇز تىلىنى بىلمەيدىغان بىرەر فرانسۇز بارمىدۇ؟!" نېمە دېگەن چىرايلىق جاۋاب، ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. مەن بۇنىڭ سۆزىدىن بىر ئاز قىزغانغاندەكمۇ بولدۇم. "فرانسىيە يوقالسىمۇ، فرانسۇز تىلى يوقالمايدۇ" دېگەن سۆز بار، بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز! ئۇ ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:
- ئۆيدە ئەزەلدىن فرانسۇزچە سۆزلىشىمىز، ئىنگلىزچە سۆزلەشمەيمىز، فرانسۇز ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق.
ئۇ مەن بىلەن شىزاڭدىكى ئىشلار ھەققىدە سۆزلەشكەندە، بىر، ئىككى ئېغىز زاڭزۇچە سۆزلەپ قوياتتى، ئۇ ماڭا زاڭزۇچە سۆزلىگەندە، مەن ئىنگلىزچە جاۋاب بېرەتتىم. كېيىن مېنىڭ باشقىلار بىلەن زاڭزۇ تىلىدا سۆزلەشكىنىمنى ئاڭلاپ، مەندىن قىزىقىپ سورىدى:
- مەن سىزنى زاڭزۇچە بىلمەيدۇ، دەپ يۈرۈپتىمەن، چۈنكى سىز شىزاڭدا چوڭ بولمىغان، بىراق سىز بىلىدىكەنسىزغۇ، نېمىشقا ماڭا دېمىدىڭىز؟
- مەن زاڭزۇچىنى تازا ياخشى بىلمەيمەن، ئادەتتىكى ئىشلار ئۈستىدىلا سۆزلىشەلەيمەن، لېكىن مەن بىر چەت ئەللىك بىلەن زاڭزۇچە سۆزلىشىشنى خالىمايمەن، چەت ئەللىكنىڭ زاڭزۇچە سۆزلىگىنىنى ئاڭلىساملا قورقىمەن!
ئۇ مېنىڭ بۇگەپلىرىمنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قىزىقىپ، نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپلا كەتتى.
- چۈنكى،- دېدىممەن جاۋاب بېرىپ،- سېرىق چاچلىق، كۆك كۆز بىرسىنىڭ ئاغزىدىن ئۆلچەملىك زاڭزۇ تىلىنى ئاڭلىغىنىمدا، خېلىدىن بېرى تارقىلىپ كېلىۋاتقان:"ناھايىتى ئۇزاق يىللاردىن كېيىن، زاڭزۇلار ئۆز تىلىنى ئۇنتۇلۇپ كېتىپ، چەت ئەللىكلەر ئۇلارغا زاڭزۇ تىلىنى ئۆگىتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ" دېگەن سۆز كاللامغا كىرىۋالىدۇ، شۇڭا سىز ماڭا زاڭزۇچە سۆزلىگىنىڭىزدە، ماڭا خۇددى يۇقىرىقى گەپ ئەمەلگە ئاشقاندەك تۇيۇلۇپ، ناھايىتى ئازابلىنىمەن ھەم قورقىمەن.("جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى" دىن)
历史上的今天:
يوقالغان تىللار ۋە ئانا تىلىمىز Apr 26, 2010جاھالەت ئىچىدە قالغان شىنجاڭ « 1 » Apr 26, 2010قەشقەر شەھرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى Apr 26, 2010ﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ Apr 26, 2010随机文章:
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ Apr 27, 2010يەنە ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە Apr 22, 2010ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى Apr 12, 2010
收藏到:Del.icio.us