• ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى - [ئىلمىي ماقالىلەر]

    May 7, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/63182429.html

    ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

     

     

    سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى



           سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ  رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ، ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ، دراماتورگ بولۇپ، ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1934 - يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان . 1935- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان .1937 -يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ ، شېڭشىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم-تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان. 1938-يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغاتاي گېزىتخانسىدا ئىشلىگەن . كۆچۈرگۈچى ، كوررېكتور ، مۇھەرىر ، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن .جاھانگىرلىككە قارشى ئويۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكرىتارى بولغان. تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1944-يىلى ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىرى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى ھەربى سوتىنىڭ كاتىپى ، تەنجاڭ بولغان .1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ ، مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .  1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت خەلىق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ مەركىزىي كومتېتنىڭ ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان .1946- يىلى 7 -ئايدا 7 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىمى ھاسىل قىلىپ ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .
    1947-
    يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن ، غۇلجىغا قايتىپ داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان . 1948 - يىلى ئۇ شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى » غا قاتنىشىپ ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان .«ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان . كىيىن شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى »نىڭ رەئىسى بولغان .1949-يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ 1- نۆۋەتلىك جوڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومومىي يىغىنىغا قاتناشقان . 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئەزاسى . قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان .1949-يىلى 10 -ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىگە ئەزا بولغان .1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .
    1951 -
    يىلى ج ك پ مەركىزىي كومتېت شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمى كومتېت ئەزاسى ، مىللىي ئىشلار بۆلۈمنىڭ باشلىقى ، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى بولغان ، 1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ 4- شۇجسى بولغان . 1953-يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان . 1953- يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 3- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .1954 - يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان . 1955- يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغاندا ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ،ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولغان .1958 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان .
    1972 -
    يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ موۋەققەت 1-شۇجىسى ،ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومتېتنىڭ مۇدىرى بولغان . 1973- يىلى 6 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى ،شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى ، 1- شۇجىسى بولغان . 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان .ج ك پ 8 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، 9- 10 - 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،10 - نوۋەتلىك ، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان . يازغۇچى ، شائىر ، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى - ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك « تەڭرىتاغ ئوغلى » ، بئوگرافىك ئەسەر « ئۆمۈر داستانى » (1،-2،- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا « ئاماننىساخان » ، ھېكايە ،نەسىرلىرى توپلىمى « ئەۋلىيا ئاتا » ، « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » ، « شانلىق يىللار » قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان . 500 دىن ئارتۇق روبائىي ، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان .
     
             ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى « سۇتۇق بۇغراخان » دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ،قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل ،شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان . ئۇنىڭ « ئاماننىساخان » ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان . بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى .

     

     

    مەنبە : «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر » دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.


    ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯘﻛﯘﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ئىمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى



            ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى  ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىقئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنا ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدەدۇنياغا كەلگەن.
            ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كېيىن،1950 -يىلىغىچە نەزەر-باغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان.1950-يىلى غەربى شىمال ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگەتەقسىم قىلىنغان، شۇيىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىرتەرەپتىنئۆسۈملۈكلەرفىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان،يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتېماتىكا،بىئولوگىيە،خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغاماركسىزم ئاساسلىرىپەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋپرسىتپتىنىڭ ماركسىزمئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتىگەن ۋەبۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچەئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۆركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەنتەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن.
             ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭمەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان«ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى،24تارىخنى،ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى،ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخى نى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرى نى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى، ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى،ئەپلاتۇن،ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى،ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچەخاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى،قەدىمكى يىپەك يولى،خەن ئوردىسىداباھار،مەلىكە خۇارۇڭ،تەڭرىتاغ ناخشىسى،دات باسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بېشىدا 4-قېتىم تۆزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتـئابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەتلىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان.
             مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېرورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى (بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى)ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتپتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر- غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۆك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لپكسىيە سۆزلىگەن  1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى،ئومۇمىي ئپستپتىكا،چوغلۇق،  رۇبائىيات(1)،  رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن ك


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    评论

  • ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تەرجىمىھالىنىڭ كەينى چىقماي قالدىمۇ قانداق؟