• كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 2 - [تارىخي ئەسەرلەر]

    Jul 26, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/70535304.html

     كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى 
    كاتانوف
    ئابلېز ئورخۇن نەشرگە تەييارلىغان

    زىنداننىڭ بايانى 
                                                     (مىجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 31-كۈنى)

          قەرزدار ئادەم ئۇرۇشۇپ قالسا، بۇلارنى « ياڭخا( سولاپ قويۇڭلار) » دېسە تىڭزەنىڭ بىرىنچى ئۆيىگە ئاپكىرىپ، بۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ پۇتىنى بىر كۆتەككە تىقىپ، ئىككىسىنى بىر يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويادۇ. بۇلارنىڭ غىزاسىنى ھەرقايسىسىنىڭ قۇياشى ئاپكېلىپ بېرەدۇ. بۇلارنىڭ قۇياشى بولماسا، خېنىدىن خانلىقتىن  كۈندە بىر گاخلىق بىر چىنەدىن تۈشتە ئاش بېرەدۇ. مۇئادا بۇلار ئىككىسىنىڭ جېدىلى تۈگەگەندە ئىككىسىنىڭ بىر بىرسىدە ھەققى بولماسا، بىر كىشىدىن « كىلىت پۇلى» دەپ بەش مىسقالدىن پۇل ئالادۇ. ئۇ بەش مىسقالدىن تۈگەشكەن مەلدە ( چاغدا__ ت) ، بىر كىشىدىن بىر سەردىن « بوچەن سوراپ تۈگەتكەن» دەپ ئالادۇ. يامۇلنىڭ ئادەملىرى بىر كۈللۈك يەرگە كىشى بارسا، تۇتۇپ كەلگەنىگە « خەيچەن» دەپ ئۈچ سەر پۇل ئالادۇ. بۇ « خەيچەن» دېگىنى « كېپىش پۇلى» دېگىنى. بۇ ئىككى دەگاگەر يامۇلدا تۈگەشكەندىن كېيىن « جۈجەي پۇلى» دەپ ئىككىسىدىن بەش مىسقالدىن بىر سەر پۇل ئالۇرلەر. بۇ بىر سەر پۇلنى ئالغانىغا بۇ ئىككى كىشىنى « بىر بىرسىمىزگە ئىلگىرى-ئاخىر دەگا قىلمايمىز» دەپ تۈگەشكەنىگە خەت قىلىپ قوغلاپ ئېتىشىپ قويۇرلەر. بۇلار ئىككىسى تۈگەشكەنىگە شۇ داڭزىنىڭ ئۈستۈنىگە، خەتنىڭ ئاياغىغا بۇلار ئىككۆلەن بارمىغىنى سىياغا مەنىپ( تۈگۈرۈپ__ت) بېسىپ، تەمتەك قىلىپ قويۇرلەر. بۇ تەمتەك قىلىپ قويغان داڭزىنى « جەي داڭزا( دەگا سالاتۇرغان كىتاب)» دەرلەر. جىدەل قىلغان ئادەم ، جەرز جانىبىدىن كىرگەن ئادەم، ئون بەش سەرنىڭ ئۈستۈنىدەكى پۇلنىڭ جېدىلى بولسا، شۇ پۇلنىڭ توغرىسىدىن كىرىپ سولاغان بولسا، دەگاسى سوراق بولۇپ تۈگەشىپ چىققۇچە « ئابدان تۈگەشىپ چىقتىم» دېسە، ئون سەر، ئون بەش سەر بىرلەن يامۇلدىن تۈگەشىپ چىقادۇ. مەگەر ئاندىن ئاز جېدەل بولسا، قەرز كۆتۈرۈپ قالادۇ. يامۇلغا ئالاتۇرغان پۇلنىڭ ئېتىنى بۇ دەگا قىلغان ئادەملەردىن ئالار گاختىدا « نەچچە مىسقال پۇل بېرىسەن؟» دەيدۇ. يامۇلنى بىلگەن كىشى بولسا، « بىر مىسقالدىن تولا بەرگىن» دېسە، « بىر يېرىم مىسقال» دەرلەر. بىر مىسقال دېگىنى بىر سەر دېگىنى، يېرىم مىسقال دېگىنى بەش مىسقال دېگىنى. يامۇلنىڭ يوسۇنىدا سەرنى مىسقال دەيدۇ، مىسقالنى پۇڭ دەيدۇ، يامۇلغا بىر كىرگەن كىشى ئىككىنچىلەپ كىرمەيتۇرغانغا چىقادۇ.
    مۇشلىشىپ، پىچاق سېلىشىپ، خوتۇن بىرلەن تۇتۇلۇپ دەگا قىلىشىپ كىرسە، ئانداقنى ئىككىنچى گۇندۇخاناغا سولايدۇ. بۇلارنى تالادىن يا ئاتا-ئانىسى بولسا، يا ئابدان دوستى بولسا« سولاتتۇرماي ئۆيۈمدە ساقلاپ تۇرامەن، مەن بولايمەن» دەيدۇ. « بولايمەن» دېگىنى ، قېچىپ كەتسە، ھۆددەسى ماڭا، دېگىنى. بۇلارنىڭما پۇتىغا، كېچىلىكى بولسا كۆتەك قېقىپ قويادۇ. بۇلارنىڭ دەگاسى تۈگەگەندە شۇ يوسۇندا تۈگەيدۇ.
    مەگەر ئوغرى بولسا، بۇلاڭچى بولسا، بۇلارنى بىر ئۆيگە سولايدۇ. بۇلارنىڭ پۇتىنى كېچە-كۈندۈز كۆتەكتىن ئارمايدۇ. مەگەر تارەتكە چىقار بولسا، بۇلارنىڭ قولىغا كوزا سېلىپ، بوينىغا زەنجىر سېلىپ، كۆتەكتىن بوشىتىپ تارەتكە ئاپچىقادۇ. بۇلارغا غىزا بېرەر بولسا، بۇ گۇندۇپايلارنىڭ خۇشاللىغى كەلسە، ئىشىكنى ئېچىپ، قۇياشى ئېلىپ كەلگەن غىزانى ئاپكىرىپ بۇ گۇناكەرلەر بىرلەن ئولتۇرۇپ يەپ چىقادۇ. مۇئادا بىزەرە ئادەمەتچىلىك قىلسا، گۇناكەرنىڭ ئىگەسى ئانىڭ بېشىنى ئېرىق سالدۇرۇپ  ئابدان بېقىپ ئاپكىرىپ قويادۇ. قۇياشى بىرلەن كۆرۈشتۈرگەنگە، تولا بولسا، بەش-ئالتى مىسقال، ئاز بولسا، ئىككى-ئۈچ مىسقال بىر نەرسە بەرسە، ئاندىن گۇناكەرنى كۆرسەتەدۇ. مۇئادا قولىدا بىر نەرسەسى بولماسا، يا يەيتۇرغان غىزاسى ئاز بولسا، بۇ گۇناكەرنىڭ غىزاسىنىڭ تولىسىنى يەپ بولۇپ ئاز قالغاندا بۇ گۇناكەرلەر ياتقان ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئاچماستىن تۆشۈكتىن تاشلاپ بېرەدۇ. بۇ تۆشۈك دېگەن شۇ ئۆينىڭ ئىشىگىدە قول پاتقۇدەك نان تاشلاپ بېرەتۇرغان، سۆزلەشەتۇرغان تۆشۈك تۇرادۇ. ئوغرىنىڭ ئالغان مېلىنى تولىسىنى يامۇلغا ئەپ، ئاز يېرىمىنى ئىگەسىگە ياندۇرادۇ.
    ئوغرى ئەخىرى تۈگەشسىما، ئوغۇرلۇق قىلغان گۇناسىغا تۆرت يۈز، بەش يۈز قېمىش تاياق ئۇرۇپ چىقارادۇ.
    يا بىر ئايلىق، ئىككى ئايلىق قوبۇق كەيگۈزۈڭلەر، دېسە، بۇ ئوغرىنىڭ بوينىغا « قوبۇق » كەيگۈزۈپ بازارغا چىقىرىپ قويادۇ؛ كۈندۈزى بازاردا يۈرەدۇ، كېچەلىگى كىرىپ گۇندۇخانادا ياتادۇ. قوبۇق دېگەن بىر كىشىلىگى بەش-ئالتى گەز كېلەتۇرغان پەن. ئېنىڭ قېلىللىغى بىر چى كېلەدۇ. بۇ پەن ئىككى پارچە بولۇپ ئوترىسىدا ئادەمنىڭ بوينى پاتقۇدەك تۆشۈگى بار. بىر ئاي، ئىككى ئاي بولغاندا بۇ قوبۇقنى ئوغرىنىڭ بوينىدىن ئېلىپ يەنە ئىككى-ئۈچ يۈزنى ئۇرۇپ ھېسابلىق پۇلىنى ئېلىپ چىقارادۇ.
    بۇلاڭچى ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلۈملۈك بولسا، بۇ ئىككى قىسما گۇناكەرنى ئىشكىرى ئۈچۈنچى ئۆيگە ئاپكىرىپ بۇلارنىڭ پۇتىغا كۆتەك قېقىپ قويادۇ. كېچەلىگى ، كۈندۈزلۈگى كۆتەكنى پۇتىدىن ئاجراتمايدۇ، قولىدىن كوزىنى ھەم ئاجراتمايدۇ. بۇلارنىڭ قوڭىغا ئىشتان كەيگۈزمەيدۇ، قاراڭغۇ ئۆيدە يالاڭاش يۈرەدۇ، ناۋادا تارەتكە ئولتۇرۇر بولسا، شۇ ئولتۇرغان ئۆينىڭ بىر تەرەپىسىنى ئويۇپ قويادۇ، شۇندا تارەتكە، گۇندۇخاناغا كىرگەللە گۇناكەر بولسا، تۈشەدۇ. ناۋادا بۇ ئۈچۈنچى گۇندۇخانادا ئادەم تارەتكە ئولتۇرۇپ سېسىقچىلىق بولسا، ئېنى تۆرت-بەش كۈن بولغاندا شۇ گۇناكەرلەرنىڭ بىر-بىرىسىنى بىرلە ئاپكىرىپ ئالدۇرۇپ ئاتادۇ. مۇئادا بۇ گۇناكەرلەرنىڭ قۇياشى بولماسا، خېنىدىن كۈندە ئەرتىسى بىر نان، ئاخشىمى ئىككىسىگە بىر تاباق سۇيۇق تۈگە سېلىپ بېرەر.
    مۇئادا ئۆلۈملۈككە ئۆلۈم كەلسە، ئۆلتۈرەدۇ، ئۆلۈم كەلمەسە، يا بەش ئايلىق، يا ئالتى ئايلىق ياغاچ قاپەزگە سالادۇ. بۇ قاپەزگە ئادەمنى سېلىپ بازارغا ئاپچىقىپ قويادۇ، كېچەلىگى گۇندۇخاناغا ئاپكىرىپ قويادۇ. ئاندىن ، قاپەزنىڭ قەرەلى توشسا، پارلايتۇرغان بولسا، يا ئۈچ يېرىم يىللىق دەپ پارلارلەر. بىر يىلغا يېرىم يىل قېتىلغىنى بۇ گۇناكەرنىڭ كەلمەيتۇرغاڭغا پارلانغىنى ، پۈتۈن يىللىق پارلانسا، يىلى توشقاندا يۇرتىغا يانادۇ. ئۆلۈملۈك گۇناكەرنى پارلاماسا، قاپەزگە سالماسا، تۆمۈر ھاسساغا سالادۇ. تۆمۈر ھاسسا دېگەن شۇدۇر: ئادەمنىڭ بويى ئىگىز بولسا، يۈز جىڭ تۆمۈرنى، ئۇزۇللىغى ئىككى گەز، يوغاللىغى ئىككى يېرىم سۇڭ قىلىپ سوقۇپ، بۇ ھاسسىنىڭ ئىككى بېشىنى يۇمبۇلاق-يۇمبۇلاق قىلىپ، بىر بېشىغا زەنجىر سېلىپ، بۇ زەنجىرنىڭ ئۇچىنى ئادەمنىڭ بوينىغا سېلىپ ئاتادۇ، بىر ئۇچىغا يەنە ئىشكەل قىلىپ، سىڭار پۇتىغا سېلىپ قويادۇ. بۇ تۆمۈر ھاسسىنى سالغان كىشى كۈندۈزى بازاردا يۈز جىڭ تۆمۈر ھاسسىنى كۆتۈرۈپ يۈرەدۇ، كېچەلىگى گۇندۇخاناغا كىرىپ ياتادۇ. بۇ تۆمۈر ھاسسا سالغان كىشى ياتسا ياتادۇ، قوپسا قوپادۇ، بۇ كىشىنىڭ قەرەلى توشقاندا تۆمۈر ھاسسىنى بوينىدىن ئېلىپ يەنە ئالاتۇرغان ھېساپلىق پۇلىنى ئېلىپ چىقارادۇ. بۇلاڭچى بولسا، بۇلاڭچىنى پارلامايدۇ. گۇناھى يېنىك بولسا، بەش يىللىق، ئون يىللىق تۆمۈر ھاسسا سالادۇ. يول توسايتۇرغان، ئادەم ئۆلتۈرەتۇرغان يامان بۇلاڭچى بولسا، بۇ بۇلاڭچىنى ئۆلۈمگە بۇرۇسا، خاداغا چىقارسۇن دەيدۇ. « خادا» دېگەن ئېگىزلىگى ئون بەش گەز، يىگىرمە گەز، يوغاللىغى بىر گەز ياغاچ بولادۇ. ئۇ ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئۇزۇللىغى بىر يېرىم گەز، توغرىسىغا بىر يېرىم گەز ئىككى پارچا تۆمۈرنى سوقۇپ بىرسىنى خادىنىڭ ئۇچىغا، ئۆرىسىگە بېكىتىپ، ئادەمنىڭ قوڭىدىن تىقىپ مەيدىسىدىن كۆلچەكتىن زىقنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ ئېڭىگىنىڭ ئاستىنىغا سانجىپ، ئادەمنىڭ مىيىسىدىن چىقىرىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويادۇ. قالغان بىر پارچا تۆمۈرنى ئادەمنىڭ كەينىگە، دولىسىنىڭ ئۈستۈنىگە، توغرا قويۇپ مەيدىسىدىن ئۇزۇن مىق بىرلەن كەينىدىكى تۆمۈرگە مىقلاپ تاشلايدۇ. ئىككى قولىنى قارىپ تۇرۇپ، دولىسىدىكى تۆمۈرنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىدىن مىقلاپ تاشلايدۇ. ئاندىن خادىنى ئېگىز چىقىرىپ قويادۇ، ئاندىن بۇ بۇلاڭچى خادىنىڭ تۆپىسىدە تۇرۇپ بىر كۈندە، يېرىم كۈندە جېنى چىقادۇ. بۇلاڭچىنىڭ يامان ئۆلۈمى خاداغا چىقارغىنى شۇدۇر!
    گۇندۇخانانىڭ جابدۇقلىرى شۇنداق بولادۇ: بوينىغا سالاتۇرغاننى « قوبۇق» دەيدۇ. تۆمۈر جابدۇق سالاتۇرغاننى « ئوقلۇق كىشەن» دەيدۇ. ئوقلۇق كىشەننىڭ بىر ئۇچىنى بوينىغا سالادۇ، بىر ئۇچىنى قولىغا سالادۇ. ئادەمنىڭ بوينىغا سېلىپ باغلايتۇرغان نەرسىنى « زەنجىر» دەيدۇ؛ ئادەمنىڭ ئىككى تىزىنى پۈكلەپ سالاتۇرغان نەرسىنى « تۆمۈر تىزلاق» دەيدۇ. ئادەمنىڭ ئاياغىغا سالاتۇرغان نەرسىنى « چېتىق» دەيدۇ. ئاغزىغا ئۇراتۇرغان نەرسىنى « زۈيۋازا» دەيدۇ. زۈيۋازا دېگەن كۈندە بولادۇ. زۈيۋازىنىڭ ئۇزۇللىغى بىر چى بولادۇ، كەڭلىكى ئىككى يېرىم سۇڭ بولادۇ، قېلىللىغى ئۈچ قەبەت كۆن بولادۇ. سېپى ياغاشتا بولادۇ. تېقىمىغا ئۇراتۇرغان نەرسىنى « ياغاش تاياق» دەيدۇ. گۇندا دېگىنى ئېغىرلىقى بەزىسىنىڭ ئەللىك جىڭ چىقادۇ، بەزىسى يۈز جىڭ چىقادۇ. بۇ ئۆزى چويۇندا قۇيغان بولادۇ. بۇ گۇندىنى ئىككى پارچا قۇيادۇ، ئوترىسىنى تۆشۈك قىلىپ، ئادەمنىڭ سىڭار پۇتىغا سېلىپ قويادۇ. يەنە بىر نەرسە بار، ئېنى « تۆمۈر تارقاق» دەيدۇ. ئېنى ئونجىڭ، يىگىرمە جىڭ تۆمۈردە قىلادۇ. ئىككى پارچا سوقۇپ بوينىغا سېلىپ قويادۇ. ئۇزۇللىغى بىر گەز بولادۇ، يوغاللىغى ئىككى سۇڭ بولادۇ.  قىيىن قىيناغاننىڭ بايانى
                     ( مىجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى)

    « يايى، خىيشىڭ» دېگەن نېمەلەر ياماننى، ئوغرىنى، بۇلاڭچىنى تۇتۇپ قىيناتۇرغان ئادەملەر تۇرۇرلەر. ئوغرىنى تۇتۇبالسا، گۇندۇخاناسىغا ئاپكىرىپ، كېچە بولسا، پۇتىغا گۇندۇ قېقىپ قويۇرلەر، قولىغا كوزا سېلىپ قويۇرلەر. بۇ ئوغرىنى قىينار بولسا، بەڭدىڭنى قويۇپ، بەڭدىڭنىڭ بىر ئۇچىنى تۈبۈرۈككە باغلاپ قويۇپ، بۇ ئوغرىنى بەڭدىڭگە چىقىرىپ ئۇچىسىنى تۈبۈرۈككە يۆلەپ قويۇپ، پۇتىنى بەڭدىڭنىڭ بىكار ئۇچىغا سۇندۇرۇپ قويۇپ، ئىككى قولىنى ئارقاغا قىلىپ تۈبۈرۈككە باغلاپ، ئىككى پۇتىنىڭ يوتىسىنى بەڭدىڭگە بىر پارچا چىگە ئارغامچىنى سۇغا چىلاپ ھۆل قىلىپ، بۇ ئوغرىنىڭ يوتىسىنى بەش سۇڭ يېرىنى بەڭدىڭگە قېتىپ چىگە بىرلەن بوغۇرلەر. ئاندىن بۇ ئوغرىنى يايى، جېسەكچىلەر قولىغا توقماق ئېلىپ« ئەيتقىن، ئەمدى قىيىندا ئۆلۈپ كېتىسەن» دەپ پۇتىنىڭ ئۇچىغا، ئوشۇغىغا ئۇرۇرلەر. بۇ ئوغرى ئىخرارغا كەلمەسە ، بۇ ئوغرىنىڭ ئىككى سوڭىنىڭ ئاستىنىغا پىشىق خىشنى بىر يولدا ئۈچنى قىسۇرلەر.
    بۇ ئوغرى يەنە ئىخرارغا كەلمەسە، يەنە ئۈچنى قىسۇرلەر. ئىككى تەرەپىدىن بۇ ئوغرىنىڭ ئىككى قۇلىغىنى ئىككى ئادەم سوزۇپ تۇرۇرلەر. يەنە ئوشۇغىغا توقماق بىرلەن ئۇرۇپ تۇرۇرلەر. بۇ ئوغرى يەنە ئىخرارغا كەلمەسە، يەنە ئىككى خىشنى قىسۇرلەر. بۇ سەككىز خىشنى قىسقاندا، ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچى بېشىغا يېقىن كېلۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى ئوشۇقنى ئىككى چېكىسىگە قويۇپ، قۇر پوتا بىرلەن پىشانىسىدىن قېتىپ كەينىگە چىگىپ قويۇرلەر. ئاندىن بىر ياغاچنى بۇ پوتىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ توغلام قويۇرلەر. بۇ ئىككى ئوشۇق ئادەمنىڭ بېشىغا  قويۇپ توغلام ئۇرسا، ئىككى ئوشۇق ئىككى چېكىسىگە پېتىپ ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى قېپىدىن چىقىپ قالۇرلەر. بۇ قىيىننى « توغلام قىيىنى» دەرلەر. خىش قىسقاننى « بەڭدىڭ قىيىنى » دەرلەر. بۇ ئوغرى ئېنىڭغاما ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى پۇتىنىڭ ئوشۇغىغا زەنجىرنى باغلاپ، ئارىسىغا توقماقنى تىقىپ توغلام ئۇرۇرلەر. مۇنۇڭغا ئىخرارغا كەلمەسە، زەنجىرنى ئوتتا قىزارتىپ، ئىككى يەرگە كالاك قىلىپ قويۇپ، بۇ ئوغرىنى ئاپكىلىپ ئىككى تىزى بىرلەن بۇ زەنجىرنىڭ ئۈستۈنىدە تىزلاندۇرۇپ تۇرغۇزۇرلەر. ئىككى تىزىنىڭ كەينىگە يوغان چەنزىنى قويۇپ، ئىككى ئۇچىنى ئىككى كىشى دەپسەپ ئاغىنىتىپ تۇرۇرلەر. مۇنۇڭداما ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچىغا تىرماقلىرىنىڭ ئارىسىغا قاتتىق قېمىشنى ئۇشلاپ، تۆرت سۇڭ-تۆرت سۇڭ قاقۇرلەر. ئىككى قولىنىڭ ئۇچىغا ھەم ئىككى سۇڭ قاقۇرلەر. بۇ قىيىللاردا ئىخرارغا كېلىپ قالسا، بۇ ئوغرىنى ئۇرۇپ كىشىنىڭ ھەققىنى تۆلىتىپ بېرىپ بىر ئاي، ئىككى ئاي سولاپ ئۇرۇپ چىقارۇرلەر. ناۋادا ئىخرارغا كەلمەسە، بۇ ئوغرىنى گۇندۇخاناغا ئاپكىرىپ پۇتىغا گۇندۇ سەپ قويۇرلەر، بۇ قىيىن تارتقان ئادەم قىيىندىن ساقايسا، يەنە ئاچىقىپ قىينۇرلەر. ئوغرىنى بۇ يوسۇندا قىينۇرلەر.
    كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئۆلۈملۈكنى تۇتۇبالسا، ئەگگەل ئىخرارغا كەلسە، ھېچ قىيىن كۆرسەتمەي ئابدان بېقىپ سورارلەر. مەگەر ئۆزى ئىخرارغا كەلمەسە، قىيىنغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئوغرى قىيىنىنىڭ ھەممىسىنى قىينارلەر. ئۇ قىيىندا ئىخرارغا كەلمەسە، ئايغىر ئاتنىڭ قۇيرۇغىنى ئېلىپ، ئېشىۋېلىپ، بۇ ئەشكەن قىلنىڭ ئۇچىنى ئاز يېرىنى كېسىپ قويۇپ ئاندىن بۇ ئۆلۈملۈكنىڭ زەكىرىگە تىقۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى سىرتىغا شام ياقۇرلەر. مۇنۇڭدا يەنە ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى سىرتىنى پىچاق بىرلەن تىلىپ سۇ يېغىنى قاينىتىپ قۇيۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، شۇ كەسكەن يېرىگە تۇز قۇيۇرلەر. مۇنۇڭداما ئىخرارغا كەلمەسە، تۆمۈر تارغاق بىرلەن ئارقىسىنى تارۇرلەر. ئادەمنىڭ ئىككى تىزىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى تىزىنىڭ ئاستىنىغا شىرىغىنىڭ ئۈستۈنىگە ياغاچنى ئېلىپ، بۇ كىشىنىڭ ئىككى مۈرىسىگە ئۇزۇن ياغاچنى قويۇپ، ئىككى قولىنى يېيىپ مۈرقىسىدىكى ياغاچقا تېڭىپ، ئىككى كىشى ئىككى تەرەپىدىن تىزىنىڭ ئاستىنىغا قويغان ياغاچنى ئىككى تەرەپىدىن  دەپسەپ تۇرۇپ، مۈرىسىدىكى ياغاچنى ئىككى تەرەپىدىكى ئادەم مۈرىسىگە  ئېلىپ، ئاياقتىن دەپسەپ تۇرۇپ ئادەمنى يۇقىرىسىغا كۆتۈرۈپ سوزۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، دەزمالنى قىزارتىپ ئىككى قولتۇغىغا ياقۇرلەر. بۇ قىيىللاردا ئىخرارغا كەلمەسە، بۇ ئۆلۈملۈكنى ئاپچىقىپ قەپەزگە سالۇرلەر. قەپەز دېگەن نەرسەدە ئادەم ئۆلمەيدۇ، ئۆزى قىيىن تارتادۇ. بۇ قىيىن قەپەزنى ، ئادەم ئولتۇرسا پاتقۇدەك قىلىپ، قەپەزنىڭ ئۈستۈنىنى ئادەمنىڭ بېشى پاتقۇدەك قويۇپ بۇ ئادەمنى قەپەزگە سالغاندا ، قەپەزنىڭ ئۈستۈنىدىكى تۆشۈكتىن بېشىنى چىقىرىپ ئېسىپ قويۇرلەر. ياغاچ قەپەز بۇ يوسۇندادۇر. تۆمۈر قەپەز دېگىنىنىڭ ئىچىدە ئايىغىدىما ھەم مىخ بولۇر، بۇ مىخلارنىڭ ئۇچى ئادەمنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ تۇرۇرلەر. ئۈستۈنىدىكى مىخلىرى ئادەمنىڭ بېشىغا، ئىككى مۈرىسىگە تېگىپ تۇرۇرلەر. چۆرىسىدىكى مىخلىرى ئادەمنىڭكى بەدىنىگە ھەممىسى تېگىپ تۇرۇرلەر. بۇ تۆمۈر قەپەزگە سالغان ئادەم يا ئولتۇرالمايدۇ، يا قوپالمايدۇ؛ تىزىنى تايىنىپ تۇرۇرلەر. ئۆلۈملۈكنىڭ قىيىللىرى بۇ يوسۇندادۇر: ئۆلۈملۈك سالاتۇرغان قەپەزلەر شۇ يوسۇندادۇر.
    بۇ ئۆلۈملۈك ناۋادا ئىخرارغا كەلسە، ئۆلۈم گەردىنىگـە تۈشسە، مۇنى ئۆلتۈرەر بولسا، قولىنى كەينىگە قىلىپ باغلاپ، بىر پارچا ئارغامچى بىرلەن بوزالاپ، بۇ ئادەمنىڭ بېشىغا خان ئوقىنى قىسىپ، چېرىك چىقىپ، جارۇستاننىڭ ئوترىسىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىرلەن چېپىپ ئاتۇرلەر. بۇ ئادەمنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ ئەلىپ شۇ ئۆلۈملۈكنىڭ يۇرتىغا ئاپىرىپ بۇ ئادەمنىڭ بېشىنى كىچىك قەپەزگە سېلىپ ئېسىپ قويۇرلەر. ئۆلتۈرەتۇرغان ئادەم قاشسا، ئۇرۇق قۇياشىنى ئاپكىرىپ ھەم قىينايدۇ. بۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ مەھەللىسىدىكى ئادەملەر بۇ ئۆلۈملۈك تۇتۇلماغۇچە ئۇلار ھەم قۇتۇلالم         ئوغۇل بالاغا ئات قويغانى
            مېجىت ( مۈجۈپ) ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
     
    ئوغۇل تۇقسا، يۇپ تاراپ، كىندىك ئانىسى زاكىسىغا ئالۇر. نېمە ئۈچۈن ؟ دېسە، ئانىسىنىڭ قۇرسىغىدىن يېڭى تۈشكەندە، شۇ بالىنىڭ كىندىگىنى ھەر قايداق مەزلىم كەسسە، يۇپ تاراپ سۇغا ئالسا، شۇ مەزلىم كىشىنى كىندىك ئانىسى دەرلەر. بۇ بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا ئېتىنى قويۇرلەر. بۇ بالىنىڭ ئېتىنى قويغۇچە بىر موللا، چوڭ ئادەم بولسا، شۇنداق ئادەملەر قولىغا ئېلىپ ئوڭ قۇلىغىغا ئازان ئېيتىپ، سول قۇلىغىغا تەكبىر ئېيتىپ ياخشى خۇيلۇق بولۇڭ، ياخشى سۆزلۈك بولۇڭ دەپ، ئاسماندىن تۈشكەن ئېتىڭىز پالانى بولسۇن دەپ، شۇ يوسۇندا ئات قويۇرلەر. تېخى قىرىق كۈن بولغۇچە ، بۇ كىندىك ئانىسى شۇ بالا تۇغۇلغان ئۆيدە ئاش-تاماق ئېتىپ ئولتۇرۇر. قىرىق كۈن بولغاندا، « قىرقاڭنى» دەپ بىر قۇر ئېڭىل بىلەن كىندىك ئانىسىنى رازى قىلۇرلەر. بۇ بالا، چوڭ بولغاندا، كىندىك ئانام! دەپ بۇ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەبەر ئالۇرلەر.
    ئېتىنى قويۇپ بولغاندا، شۇ كۈنى بىر قازان ئاش قىلىپ بوغۇرساق سېلىپ، بالىنى بۆشۈككە سالۇرلەر. بۆشۈككە سالادۇرغان گاختا چوڭ-چوڭ مەزلىملەردىن يەتتى مەزلىم قىشقىرىپ ئاپكىرىپ ئاش ئىچىپ بولۇپ، بۆشۈكنىڭ ئىككى تەرىپىسىدە ئۈچتىن ئالتى مەزلىم ئولتۇرۇر. بالىنىڭ بېشىدا تېخى بىر مەزلىم ئولتۇرۇر. ئايىغىدا كىندىك ئانىسى ئولتۇرۇر. تۇغقان ئانىسى ئۆرە قوپۇپ، بالىسىنىڭ ئۆمرىنى خۇدادىن تىلەپ تۇرۇر. بىر تاباق بوغۇرساقنى بالىنىڭ ئۈستۈنىدە قويۇپ بۇ ئالتى مەزلىم بىر سىقىمدىن ئېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئاستىنىدىن ، ئۈستۈنىدىن چاچار. بۇ مەزلىملەرگە ، باي بولسا ، بىر قۇردىن كىيىملىك قويار. نامرات بولسا، شۇ قايدادا قىلار. بوغۇرساقنى بىزنىڭ خەق بۆلەك گاختا قىلمايدۇ، قىلسا، ئۇششاق بالىلارغا بېرەدۇ.

                                           چەنتو خوتۇننىڭ ئاتلىرى
      خېبىر ئاخۇن، پىچان-تۇرپان، 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
     

      چىمەڭخان، مەڭشاخان، نىراخان، ئوغۇلساخان، گۇلىش خان، ھاشىخان، سەرپىخان، زەنەخان، ئەنەل خان، گۈلسىماخان، نىساخان، نىرابزا، ئايسەمەن، ئايساخان، نازىر خان، ئىمانەخان، خوشنارە، ئەبزا، ئەزمەن، زەراخان، ئوغۇلقىزخان، توقتاقىز، نىرابزاخان، ئاسماراخان، شېرىنساخان، بىزىرخان، زەمىر خان، ئانارخان، توقتا خان، مارەمخان، ئاقكەپتەر، جانارخان، سەدىرخان، خۇراخان، مەسنەخان، مەزىر خان، زەبىرسا خان، ئايۇمخان، روزا خان، خەلىچەخان، ھاياخان، ساراخان، دىلئاراخان، ھەبىزە خان، زوراخان، راباخان، خۇزىخان، بۇباياخان.

                                     چەنتو ئەركەكلەرنىڭ ئاتلىرى
         
      مەتباقى، روزىباقى، تالىپ، مەننان، ھادى، نامان، قەبىز، توقتى، شامەرەم، روزىمەت، ئەسرا، خەبىر، گېكىل، بارات، خالىت، ئاشىم، ماڭنىق، سىدىق، نەمەت، مەمەتنىياز، سەتىباقى، روزەن، سەپەرباقى، ئۇمۇرئاخۇن، كەبىر، راھمان، ئۇبرايىم، موسا، ئەيسا ئۇنۇس، ئەزىباقى، ئەھمەت، مۇجۇپ، مەيىت، ئولادى، لەيسئاخۇن، بايىزئاخۇن، سالايدىن، مۇتايدىن، غازى، داگۇت، ئويۇپ، قۇربان، ياقۇپ، مەمەت زايىت، توختا باقى، توختاسۇن، مەمەت نۇر، تۆمۈر، ھاپىز ئاخۇن، رەم شىخ، ھېلىم شىخ، ئىلىياس، زېكرىيا، ئەھەت، رەم باقى، ھېدىت، مۇتەللىپ، ئامىر، ئوسمان، ئېلى، راخمان شىخ، توخ نىياز( توختا نىياز)، سېيىت، مەمەت ئابدۇل، ئابدۇللا، يۈسۈپ، باسىت، ئەيسا، مەمەت رېھىم، سەبۇت، سېرىمساق، زەدىل، زاكىر، قاسىم، كەرەم ئۇللا، ئېبىل ئاخۇن، ئاقىپ ئاخۇن، ئىسمايىل ئاخۇن، مەسىم، ئەخمەت نىياز، ھوجراپىل، جاپپار، ئابدۇرېھىم، ئادىل، ئازىر باقى،جېلى باقى، گۆلى، مۇتتى، سادىر، ھېزىز، كەرەم باقى، ھەمەن، زاھىر، تېيىپ ئاخۇن، ئەبەيت ئاخۇن، سەمەت، تاتلىق شاھ، ماڭ نىياز، رەم نىياز، مەت روزى، پازىل، ئالماقسۇت، ھوشۇر باقى، ئازنى باقى، تۇردى باقى، بېكىلەڭ، گاجىت، سالمان، گۆسىت، نىزەڭ، سەيىد باقى، زىنابۇدۇن، بابۇدۇن، ئىمان نىياز، كامالۇدۇن، ئابۇدۇن، تۇردەڭ، ھوش نىياز، مىرازەم، ئۆلەمزە. ايدۇ. خوتۇن خەقنىڭ ئاتلىرى
                   قومۇل، ئابدۇللاكا، 1892-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

      بۈبۈ ئەيشە، بۈبۈ ھەبزە، بۈبۈ ھەمسە، خېدىستە، ھەنىسە، ھەزە بانۇ، شەمشى بانۇ، توقتا بانۇ، نەزەبى، چولپان، تەكەن، زېرى، گۈل، ھەمبەر بانۇ، قامار بانۇ، روزى بۈبى، روزى قىز، روزى بانۇ، ھەيت بانۇ، ھەيت قىز، ھېپىز تەكەن، سىلىق تەكەن، بۈبى تەكەن، مەلىكە، ئالتۇن قىز، سېكىنە، ئەيشە، ھەشە، قۇئەر، تۆمۈر قىز، تۆمۈر بۈگى، تۆمۈر تەكەن، ئوغۇلقىز، ئوغۇل بانۇ، بۈبى ئوغۇل، ئەنەل بانۇ، ئانار، ئېمىنە بانۇ، ھاجەي بانۇ، پاتمەن، سوپۇرا، ئوغۇلنىسا، ماريا، مەجەم، پەتما، زۆرا، ئەنجىر، چىلان.
    بانۇ دېگىنى ئاغىچا دېگەنگە ئوخشاش، ئىككىسى چوڭ ئاتلىرى. بۈبۈ دەپ بۈزۇرگالارنىڭ ، شېيىخلارنىڭ قىزلىرىنى ئاتايدۇ. بۈبۈلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بۈگى دەپ ئاتايدۇ.

                    
                                     ئەر خەقنىڭ ئاتلىرى
      تۆمۈر، تۆمۈرخان، چورۇق، دۇگامەت، سۈبۈر، تايىر، سۇلايمان شاھ، ئەخمەت ئاخۇن، ئىسلام، ئابدۇللا، بوسۇق نىياز، غوجام نىياز، غوجا نىياز، سۈپۈرگۈ نىياز، مەمەت نىياز، قارا باتۇر، روزىمەت، خوجامەت، ئېزىمەت، توختامەت، كۆسۆ نىياز، تۆمۈر نىياز، ئابدۇمەت، رەشىدىن، مەمەت نەزەر، ئۈسۈپ، ئۈنۈس، داگۇت، ئابۇت، ئىبرايىم، سوپا، موسا، ئايسا، ئېلى، ئىمەر، ئوسمان، ياقۇپ، نىياز، يايا، قۇربان، ئويۇپ، تۇردى، قۇلۇن نىياز، قۇلى، سالى، ناسىر، شېرۇللا، نامىتۇللا، باقى، ئىسھاق، ھەيبۇللا، خىزرا، ئىلىياس، مامۇت، غوجا مەمەت، غاپپار، جاپپار، قادىر، پەتتار، مىجىت، مۇجۇپ، سىدىق، ئابەر، ئابۇزەر، ئابۇلەس، ھېشىم، ئابۇ شېرىپ، تاجىدىن، تاجى، كېرىم، ئابدۇكېرىم، ئابدۇكېبىر، ئوشۇر، بېشىر، توختۇش، تويان، ھەيت، زايىت، زايىر، ئىسمايىل، زاكىر، ئىسكەندەر.
    قېرى ئادەمنى قىشقارسا بابام دەيدۇ، ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمنى دادام دەيدۇ، ئاندىن كىچىگىنى ئەكەم دەيدۇ، ئاندىن كىچىگىنى ئاداش دەيدۇ، تەڭ ياشلىق بولسا.

                                   چەنتونىڭ لاقاملىرى
      خېبىر ئاخۇن، پىچان-تۇرپان، 1892-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى

      ئاچا، تەلبە، تىرتەك، ساراڭ، تارتۇق، كەشكۈن، ساقال، توپچا، ساقساق، پاكار، ئارداپ، ئېگىز، لۇڭزا، شالاق، ئۇزۇن قۇلاق، يالغانچى، توقماق، چۆرلۈمە، تۆتۈر، كابا تۈكى، كاباش، سېرىق، تاز، جىرتاق، قورقاق، جىنلىق، شەيتان، پارپاق، چۆكۈرتكە، تۆكۈر، كۆتۈگە، ئېرىنچەك، ھورۇن، كاردان، بەڭگى، سوگو، قىمارۋاز، چوقۇر، سوپۇش، چىمدىق، گەتەر، تەخەي، سولغاي، ئوڭغاي، ئېگىرە، دۆڭلۈك، كەش، ھۈرمەك، كۆمۈك، تىشاڭ، ئۇنۇتقاق، ئەقىللىق، چىچەن، قورقۇنچاق، ھارامزادە، مەيكوزا، كۆلەنچى، يالاق، كەلتەك، دورداق، خاڭخوڭ، ئىنچىق، ئۈجەتچى، موككار.  تۇققاننىڭ مەزمۇنىنىڭ بايانى
                           مىجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى

      بىر ئاتىدىن تۇغۇلغاننى قېرىنداش دەرلەر، ئوغۇل بولساما، قىز بولساما. ئاتامنىڭ ئاغىسىنى چوڭ ئاكا دەرمەن، ئاتامنىڭ ئىنىسىنى مالاكا دەرمەن؛ ئاتامنىڭ چوڭ قىز قېرىندىشىنى يەڭگەم دەرمەن، ئاتامنىڭ كىچىك قىز قېرىندىشىنى ئۆكەم دەرمەن. ئۆزۈمنىڭ  چوڭ قىز قېرىندىشىمنى ئىگىچەم دەرمەن؛ كىچىك قىز قېرىندىشىمنى سىڭلىم دەرمەن. ئاتامنىڭ ئاغىسىنىڭ ، ئىنىسىنىڭ باللىرىنى بىر جەمەت دەرمەن. ئاغامنىڭ خوتۇنىنى چوڭ يەڭگەم دەرمەن؛ ئىنىمنىڭ خوتۇنىنى پاجا دەرمەن. چوڭ قىز قېرىندىشىمنىڭ ئېرىنى كۈيئوغۇل دەرمەن؛ كىچىك قىز قېرىندىشىمنىڭ ئېرىنى كىچىك كۈيئوغۇل دەرمەن. ئۆز خوتۇنۇمنىڭ ئاغىسىنى قۇداغا دەرمەن؛ ئۆز خوتۇنۇمنىڭ ئىنىسىنى قۇدىنى دەرمەن. خوتۇنۇمنىڭ ئاتىسىنى قېيىن ئاتا دەرمەن، ئانىسىنى قېيىن ئانا دەرمەن. خوتۇنۇمنىڭ چوڭ قىز قېرىندىشىنى ئۇرۇق قۇياش دەرمەن، كىچىك قىز قېرىندىشىنى پاجا سىڭىل، كىچىك پاجا دەرمەن. ئاغامنىڭ، ئىنىمنىڭ باللىرىنى قېرىندىشىمنىڭ باللىرى دەرمەن؛ ئۇلار مېنى ئاكام دەر. مېنىڭ ئاتام ئۆلۈپ، ئانام ئەرگە تەكسە، شۇ ئەرنى ئۆگەي ئاتام دەرمەن؛ ئانام ئۆلۈپ، ئاتام خوتۇن ئالسا، شۇ خوتۇننى مەن ئۆگەي ئانام دەرمەن. بىر ئەر كىشىنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ يېڭى خوتۇن ئالسا، شۇ خوتۇن باللىرىنى ئۆگەي بالا دەر؛ بىر خوتۇن كىشىنىڭ ئېرى ئۆلۈپ ئۆزى بۆلەك ئەرگە تەكسە، شۇ ئەر ئېنىڭ باللىرىنى ھەم ئۆگەي بالا دەر. كىچىك قىز بالىنى نارىسىدە دەرلەر؛ كىچىك ئوغۇل بالىنى ھەم نارىسىدە دەرلەر. چوڭ قىزنى بۆكلۈك دەرلەر، چوڭ ئوغۇلنى يىگىت دەرلەر. قىز ئەرگە تەكسە، قىزنى جۇگان دەر؛ ئوغۇل خوتۇن ئالسا، ئوغۇلنى ئۆيلەندۈرگەن دەر. خوتۇننىڭ ئېرى ئۆلسە، خوتۇن تۇل بولادۇ؛ ئەر كىشىنىڭ خوتۇنى ئۆلسە، شۇ ئەرنى بويتاق دەرلەر، ھەم تۇل دەيدۇ. تۇغقان خوتۇننى جۇگان دەيمىز، تۇغماغان خوتۇننى چۆكەن دەيمىز. بالىسىز كىشىنى تىللەسە، قىسىر دەيدۇ؛ تىللەمىسە تۇغماس دەيدۇ. ئىككى كىشىنىڭ يېشى بىر بولسا، ئۇلار بىر بىرىنى تەڭ تۈش دەر. ئېتى بىر بولسا، ئىككى ئادەم بىر بىرىنى ئاداش دەر. ئاتامنىڭ ئاتىسىنى دادام، ئانىسىنى ئانام دەرمەن. دادامنىڭ ئاتىسىنى بابام، ئانىسىنى مامام دەرمەن. ئاپامنىڭ ئاتىسىنى دادام، ئانىسىنى ئانام دەرمەن. قىزنىڭ قىز چاغدا چېچى ھەممىسى يەتتى تال بولۇر؛ ئەرگە تەكسە، بەش تال بولۇر، ئېنى چۆكەن دەر؛ بىرنى تۇقسا، چېچىنى ئىككى قىلۇر، ئېنى جۇگان دەر؛ ناۋادا تۇغماس بولسا، چېچىنى قاچان ئىككى قىلغاندا ، جۇگان دەر. قىزنىڭ چېچىنى كۆكۈلە دەر؛ چۆكەننىڭ چېچىنى سۇمبۇل چاچ دەر؛ جۇگاننىڭ چېچىنى ياڭغاق چاچ ھەم دەرلەر، سېكىلەك چاچ ھەم دەرلەر. قېرى ئەركەكنى بابا، قېرى خوتۇننى ماما دەر. بىزنىڭ ئەركەكلەر خوتۇننى ئون بەش ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە ئالادۇ. قىز ئەرگە ئون ئىككى ياشتا بارادۇ؛ بالىنى ئون بەش ياشلىق بولغان مەلدە تۇغادۇ. ئەللىكتىن ئۆتكەندە خوتۇن بالا تۇغمايدۇ. بىزنىڭ بايلار توقۇز خوتۇن ئالسا، دۇرۇست. چوڭ خوتۇننىڭ ئەگگەلكىسىنى ئۆي بېشى دەيدۇ. خوتۇن نەچچە ئەرگە تەكسە، تېگەدۇ، ھېسابى يوق. ئوغلۇمنىڭ، قىزىمنىڭ بالىسىنى مەن نەۋرەم دەرمەن؛ نەۋرەمنىڭ بالىسىنى ئەۋرەم دەرمەن؛ ئەۋرەمنىڭ بالىسىنى كۆكى نەۋرەم دەرمەن.


                  مېجىت( مۈجۈپ) ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
     
      پاتشانىڭ قىزىنى خېنىكە دەيدۇ. تەجى بەگلەرنىڭ قىز، خوتۇنىنى خېنىم دەيدۇ. ئۇلۇق بەگلەرنىڭ خوتۇنىنى ئايىم، قىزىنى خېنىم دەيدۇ. ئۇششاق بەگلەرنىڭ خوتۇنىنى ئاپپاق، قىزىنى خېنىم دەيدۇ. ئاغاچا قېرى___ قېرى بەگلەرنىڭ خوتۇنى بولادۇ. ئاپپاق ئۇلۇق موللامنىڭ خوتۇنى. قۇشناچ دېگىنى ھۈنەرمەنت ئۇستامنىڭ خوتۇنى؛ بالا ئوقۇتقان موللامنىڭ خوتۇنى ھەم قۇشناچ. ئۇششاق خەقنىڭ خوتۇنلىرىنى مەزلىم دەيدۇ. شۇ ئېيتقان سۆزلەر كۆنە تۇرپاننىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزى.
    ـــــــــــــــــ--

    مىراس» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. نەشرگە تەييارلىغۇچى :ئابلېز ئورخۇن»

    ــــــــــــــــــ

    داۋامى بار.


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ: