-
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ـــــ 3 - [تارىخي ئەسەرلەر]
Jul 26, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/70535440.html
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى
كاتانوف
ئابلېز ئورخۇن نەشرگە تەييارلىغانرەمچىنىڭ بايانى
مېجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىبىرسىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسە، يا بىر نەرسە يىتكەن بولسا، « رەمچىنىكىدە رەم ئاشتۇراينىڭ» دەپ بارۇرلەر. رەمچىنىكىدە بېرىپ رەمچىگە ئېيتۇرلەر: ئەي رەمچى، ماڭا قۇرئان پېلى ئېچىپ بەرگىن، دېسە، بۇ كەلگەن كىشىنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ تۇرۇپ قولىنى قۇرئانغا باستۇرۇرلەر.
ئاندىن « پالانى ئايەت كەلدى» دەپ ، قۇرئاننى يەتتى گاراق ساناپ، ئاندىن يەتتى قۇر ساناپ، ئاندىن بىرمۇنچە سۆزلەر قىلىپ، « سېنىڭ يىتكەن مالىڭ بۈگۈن كەلمىسە، ئەرتە كېلەر! ئەرتە كەلمىسە، ئۆگۈن كېلەر!» دەپ بىر مۇنچە سۆزلەر بىرلەن دۇەا قىلىپ قويۇرلەر. ئاندىن بۇ كىشىنىڭ مالىنىڭ بېرىنى ئوغرى ئالۇرلەر، قالغىنىنى رەممال ئالۇرلەر.
رەمچى دېگەن قەللاپ تۇرۇر. ھەر كىشىنىڭ پۇل-مالىنى ئوغرى ئالسا، يا مېلى يىتسە، رەمچىنىڭ ئايلىغا بېرىپ« ماڭا چىراغ بېقىپ بېرىڭ» دېسە، بۇ رەمچى بىر چىناغا جىق سۇنى ئاپكەپ قويۇپ، بۇ سۇنىڭ ئۈستۈنىگە ئۇششاق-ئۇششاق يەتتى پاختا سالۇرلەر. ئاندىن بۇ رەمچى چىنىنى يېقىن ئاپكەپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىكى يېلى بىرلەن سۇنىڭ ئۈستۈنىدىكى پاختىنى ئاستا پۈيلەپ يۈرگۈزۈپ قويۇرلەر. ئاندىن بۇ پاختىلار يەلدە ئۇ يېنىغا، بۇ يېنىغا سۈرسە، بۇ رەمچى ئېيتۇرلەر:« مانا، سېنىڭ سېنىڭ پالىڭ تولا ئابدان كەلدى! شۇ يول بىرلەن كېلۇرلەر! تۆرت پاختا بىر يەرگە بولۇپ قالسا، مانا ئوغرى تۇتۇلۇپ قالۇرلەر.» دەپ بىرمۇنچە سۆزلەرنى قىلىپ، بۇ رەم ئاشقان سۇنى بىرەر قوبۇزدىن ئۆزى ئىچىپ قالغىنىنى تۇزلۇققا قۇيۇپ قويۇرلەر. ئاندىن بۇ رەمچى كەلگەن كىشىنىڭ قولىغا « نەنى ئاپكەلگەن ( نېمە ئېلىپ كەلدىڭ___ ت)» دەپ قارۇرلەر. بۇ كىشى ئاندىن ئېلىپ كەل؛ەەن بىر نەرسىنى قويۇپ رەمچىگە دۇگا قىلدۇرۇرلەر. رەمچى بۇ كىشى كەتكەندىن كېيىن ئەيتۇرلەر:« سېنىڭ مالىڭنىڭ بېرىنى ئوغرى ئېلىپتۇ، قالغىنىنى قاراقچى ئالدى!» دەپ دۇگا قىلۇرلەر.
ئاندىن ئادەملەرنىڭ مالىنى ئوغرى ئالسا، رەمچىنىكىدە بېرىپ« رەمچى ئاكا، ماڭا دولا سېپ بېرىڭ» دېسە، بۇ رەمچى قوينىڭ دولىسىنى ئوتتا چالا كۆيدۈرۈپ، شامالغا تۇتۇرلەر. ئاندىن دولا ئۇششاق-ئۇششاق ، يول-يول يېرىلۇرلەر. ئاندىن مۇنى رەمچى قولىغا ئېلىپ ئەيتۇرلەر: « ئەي دولا ئىگىسى، ساڭا دولا ئابدان كەلدى! يىتكەن نەرسەڭنى يىراققا ئاپىرالماس! شۇ توغرا يوللاردا توسۇلۇپتۇ! ئىستەسەڭ، تېپىلىپ قالۇر! بۇ دولا يالغان ئېيتمايدۇ! بۇ دولا دېگەن ئەپلاتوندىن قالغاندۇرلەر» دەپ بىر مۇنچالاغان سۆزلەرنى ئېيتىپ رەم ئىگىسىنىڭ « نەنى ئاپكەلگەن ؟ » دەپ قولىغا قاراپ تەمەگىر بولۇپ ئولتۇرۇرلەر. ئاندىن بۇ رەم ئىگىسى قولتۇغىدىن بىر نەرسىنى چىقارسا، دۇگا قىلىپ ئالۇرلەر. ئاندىن بۇ رەم ئىگىسى « پېرىخونننىكىدە رەم ئاشتۇرۇرمەن» دەپ ئاندا بارۇرلەر.
پېرىخوننىكىدە بېرىپ« ماڭا رەم ئېچىپ بەرگىن» دېسە، پېرىخون يەرلەرنى بىرمۇنچە سىزىپ ئاندىن بىر ئاسماڭغا قارۇرلەر، بىر يەرگە قارۇرلەر. ئاندىن ئەيتۇرلەر:« ئەي رەم ئىگىسى، سەن قورقمىغىن، ئۇلەر قولۇڭغا كېلۇرلەر! سېنىڭ كۆڭنۈڭدە بىر يەرگە ئاتاغىنىڭ بارىكەن! شۇنى قىلىۋات قولۇڭغا كەلۈرلەر! يەتتى جۈپ پۆشكەل سالساڭ، مەن دۇگا قىلىپ بېرەمەن » دېسە بۇ رەم ئىگىسى ئاپكەلگەن بىر نەرسىسىنى دۇگا قىلدۇرۇپ ئېنىڭ ئۈستۈنىگە يەتتى جۈپ پۆشكەل سېلىپ دۇگا قىلدۇرۇرلەر.
يەنە بۇ رەم ئىگىسى پېرىخوننىكىدىن چىقىپ ئەمدى نەگە باراي؟ دەپ يەنە بىر رەمچى مامىنىكىدە بارۇرلەر. ئاندىن بۇ رەم ئىگىسى « ئەي ماما، ماڭا رەم ئېچىپ بېرىنىڭ» دېسە، ئاندىن بۇ ماما، خالتىسىنى ئېلىپ بىر شىڭ تېشىنى يەرگە قويۇپ ئوننى بىر، بەشنى بىر ئۇ يەرگە، بۇ يەرگە تاشنى قويۇپ ئېيتۇرلەر:« مانا، بەشۆلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپتۇ. تاشلاپ قويىنى! دېيىشىۋېتىپتۇ! » دەپ، ئىماملارنىڭ ھەققىدە ئاتاغان بىر نەرسەڭ بولسا، دۇگا قىلدۇرىۋاتقىن، دەپ يەنە تاما قىلىپ ئولتۇرۇرلەر.
« قۇرئان » ئېچىپ رەم ئاشقان ئادەم ئەر كىشى بولادۇ، خوتۇن بولمايدۇ.پاختا بىرلەن رەم ئاشقان ئادەم خوتۇن بولادۇ، ئەر كىشى بولمايدۇ. قوينىڭ دولىسى بىرلەن رەم ئاشقان ئادەم خوتۇنما بولادۇ، ئەرما بولادۇ. رەم ئاشقان پېرىخون خوتۇن بولادۇ، ئەر كىشى بولمايدۇ. تاش بىرلەن رەم ئاشقان ئادەم خوتۇن بولادۇ، ئەر كىشى بولمايدۇ. جىن ئۇچۇراغىنى ھەم چىقارغىنى
مىجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىجىن ئۇچۇراغان ئادەمنى تەلبە دەيدۇ. بۇ تۇرپان خەلقى يا ئەر كىشىگە، يا مەزلىم كىشىگە جىن ئۇچۇراسا« بۇنى پېرىگە سالىنى» دەرلەر. « بۇ تەلبە بولۇپتۇ، پېرىخوننى ئېيتىپ كېلىپ پېرى ئويناتىنى» دەرلەر. ئاندىن بۇ تەلبە يېگەن –ئىشكەنىنى بىلمەي، كىرگەن-چىققانىنى بىلمەي كوچا-كوچادا تەلبىلىك قىلىپ يۈرۈرلەر. ئاندىن كېيىن پېرىخوننى ئەيتىپ كېلۇرلەر. پېرىخون كېلىپ بۇ تەلبىنىڭ پۇت-قولىنى بېكىتىپ بىر ئۆيگە سولاپ قويۇرلەر. ئاندىن بۇ تەلبىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئوترىسىنىكى ئۇدۇلىغا بىر پارچا ئارغامچىنى ئاپكىرىپ ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى يەرنىڭ تېگىگە كۆمۈرلەر، بىر ئۇچىنى ئۆينىڭ ئۈستۈنىدىكى لىمغا باغلۇرلەر. ئېنىڭ كېيىن بۇ ئارغامچىغا بىر ئاق ماتانى يۆگەرلەر؛ ئاندىن بۇ ئارغامچىنى بۇ يەرگە باغلاغانىنى تۇغ دەرلەر. بۇ تۇغنىڭ ئۈستۈڭكى بېشىغا يەتتى قىسما ياغلىقنى باغلاپ قويۇرلەر. بۇ تۇغ تەييار بولغاندا، تەلبىنىڭ ئىگىسى ئۇششاق يېتىملەرنى « دېپىڭلار بىرلەن كېلىڭلەر، بىز پېرى ئويناتامىز» دەپ چىرلاپ قويۇرلەر. پېرىخون بۇ چىرلاغان ئادەملەر يىغىلغاندا تۇغ تىككەن ئۆيگە كىرىپ، بىر چىنىنى قولىغا ئېلىپ چىنىنىڭ ئىچىگە كېبەك سېلىپ، ئاندىن پىياز كۆكى سېلىپ، ئېنىڭ ئۈستۈنىگە ئوت سېلىپ، بۇ پېرىخون ئۆزىنىڭ بوينىغا قارا ئارغامچىنى سېلىپ قولىدىكى چىنىنىڭ ئىچىگە سالغان نەرسىلەرنى ئىسرىق دەرلەر، بۇ پېرىخون قولىدىكى ئىسرىقنىڭ ئىسىنى چىقىرىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىغا قاراپ:« يا ئابدۇراھمانخان! مەدەت قىلغىن» دەپ ئۆينىڭ تۆرت بۇلۇڭىغا ھەر بىرسىگە يەتتى قېتىمدىن ئىسرىقنى يېقىن ئاپىرىپ تۇتۇپ ئابدۇراھمانخانغا تازىم قىلۇرلەر. بۇ پېرىخۇللارنىڭ پېرىلىرى ئابدۇراھمانخان تۇرۇرلەر. پېرىخون بۇ پېرى ئويناتۇرغان ئۆيگە تەلبىنى ئاپكىرىپ تۇغىنى تەلبەگە تۇتتۇرۇپ چۆرۈلدۈرۈپ ھايداپ قويۇرلەر، بۇ يىغىلغان ئادەملەرنى شۇ ئۆينىڭ ئىچىگە سولاپ ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ قويۇرلەر. بۇ ئادەملەر ئاندىن دېپىنى قولىغا ئېلىپ چالۇرلەر. بۇ پېرىگە ئېيتقان ناخشىنى « پېرى ناخشىسى» دەرلەر. بۇ ناخشىنى باشقا چاغدا ئېيتسا، تەلبە بولۇپ قالۇرلەر، ئاندىن يىغىلغان ئۇششاق يېتىملار دېپىنى قولىغا ئالغاندا ئېيتاتۇرغان پېرى ناخشىسى مۇشۇ دەرلەر:
ئويناڭ پىرىم ئويناڭ!ئەي شاھ پىرىم ئويناڭ!
قىزىل گۈلنىڭ غۇنچەسىدەك ، ۋاي ئېگىلىپ ئويناڭ!
ئويناڭ پىرىم ئويناڭ!ئەي شاھ پىرىم ئويناڭ!
قارا دەيدۇ، قارا دەيدۇ! ئەي شاھ پىرىم ئويناڭ!
قارا مەندە يوق دەپ ئەي، شاھ پىرىم ئويناڭ!
قارامۇقنىڭ دانىسىدەك ئەي، شاھ پىرىم ئويناڭ!
گۇنا مەندە يوق، دەپ ئويناڭ، پىرىم ئويناڭ!
« قارا مەندە يوق» دەپ ئەي، شاھ پىرىم ئويناڭ!دەپ بۇ ناخشىنى ئۇششاق نېمىلەر ئېيتۇر. ئاندىن پېرىخون بىر سائەتكەچىلىك بۇ تەلبىنى چۆرۈلۈپ ئۆز قولىغا قىلىچ ئېلىپ تەلبەگە دالىيىپ ئوينۇرلەر. ئېنىڭ كېيىن بىر سائەت بولغاندا داپ چالغانلارنى « تۈشۈرۈڭلەر!» دەيدۇ. بۇ داپنى تۈشۈرۈپ بولغاندا پېرىخون ئوتتا قىزارتقان كەتمەننى بىر قولىغا ئېلىپ، بىر قولىغا چىناغا سۇ ئېلىپ، كەتمەڭگە پۈركۈرلەر. بۇ تەلبىنى يەتتى قېتىم چۆرۈلۈپ شۇ يوسۇندا قىلۇرلەر. ئاندىن پېرى بولغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچۇرلەر. بۇ پېرىنى ھەر بىر قېتىم ئويناغاندا شۇ قايدىلىرىنى قىلىپ بىر سائەت، بىر سائەت ئوينۇرلەر. ھەر كۈندە بەش قېتىم ئوينۇرلەر. بۇ ئويۇننى ئويناپ بەش كۈن بولغاندا، بەشىنچى ئاخشىمى ئويناغاندا، بۇ تەلبىنى تۇغنىڭ تۈبىدە ياتقۇزۇپ كۆزىگە بۇ پېرىخون قىلىچنىڭ ئۇچىنى سانچىپ تۇرۇپ « ساڭا ئۇچۇراغان نەچچە جىن؟ ئۇلارنىڭ ئېتى نېمە؟» دەپ پېرىخون تەلبىدىن سورۇرلەر. تەلبە يا بىر دەپ، يا ئىككى دەپ ئېيتۇرلەر. « ئۇلارنىڭ ئېتى نە؟» « گۈل پەرى، ئاي پەرى!» دەرلەر. ئاندىن پېرىخون « شۇ جىللىرىڭنىڭ ئېتى بىرلەن قېتىپ ماڭا بەردىڭمۇ؟» دەپ قىلىچنى سانچىپ تۇرۇرلەر. ئاندىن بۇ تەلبە « بەردىم، بەردىم» دەپ توبالاپ تۇرۇرلەر. ئاندىن بۇ پېرىخون « رازى بولدۇڭمۇ» دەپ رازىلىق بىرلەن جىننى ئالۇرلەر. ئاندىن پېرىخوننىڭ يىغىۋالغان جىللىرى بۇ تەلبىدىن ئالغان جىننى باغلاپ ئالۇرلەر. بۇ تەلبىنىڭ جىنىنى ئېلىپ بولغاندا، تەلبە بولغان كىشى گاس بولۇپ قالۇرلەر. بۇ جىنىنى ئېلىپ بولغىنىغا بۇ گاسنى يەنە ئىككى كۈن شۇ قايدادا پېرى ئوينۇرلەر. يەتتى كۈن بولغاندا بۇ تەلبىنى ساقايتىپ« پېرىنى كۆچۈرەمىز» دەپ كۆچۈرۈرلەر. بۇ پېرىنى كۆچۈرگەندە كۆچۈرگەننىڭ قايدىسى بىر قوي تەييار قىلىپ قويۇرلەر. يەنە بىر ئاق ماتانى تەييار قىلىپ قويۇرلەر. ئاندىن يەتمىش پۆشكەل سالۇرلەر، ئون ئالتى جۈپ يىغاشقا پاختا يۆرگەپ، ياققا سۈرتۈپ، تەييار قىلىپ قويۇرلەر. ئاندىن پېرىنى كۆچۈرەتۇرغان مەلدە بىر ئويۇن سالۇرلەر. بۇ ئويۇننى ئويناپ تۇرۇپ يېرىمى بولغاندا تەييار قىلىپ قويغان نەرسەلەرنى پېرى بولغان ئۆيگە ئاپكىرىپ ئون ئالتى جۈپ يىغاشنى ئوتقا يېقىپ بىر جۈپتىن ئۆينىڭ تۆرت بۇلۇڭىغا تۆرت جۈپنى ياقۇرلەر. قالغان ئون ئىككى جۈپ ياغاچنى ئۈچ جۈپىنى تۇغ تىككەن يەرگە ئوت يېقىپ سانجىپ قويۇرلەر. قالغان توققۇز جۈپىنى بۇ سېلىپ قويغان يەتمىش پۆشكەلگە، ئوت يېقىپ سانجىپ قويۇرلەر. بۇ قوينى تۇغنى يۇلۇۋېتىپ تۇغنىڭ ئورنىغا بوغۇزلارلەر. ئاندىن بۇ پېرىخون ئۆيدىكى ئادەملەرنى تالاغا چىقارۇرلەر. بۇ تەلبىنى، بېشىغا ئاق بۆزنى سېلىپ، يەنە خەقنىڭ ئايلىغا سالۇرلەر. پېرىخون قولىغا قىلىچىنى ئېلىپ بىر قولىغا بىر باق قېمىشنى[ قومۇش] ئېلىپ تالاغا چىقۇرلەر. پېرىخون جىللىرى قاينىغا ماڭسا، شۇ يېنىغا يۈگۈرۈرلەر. پېرىخوننىڭ ئارقىسىدىن بۇ خەقلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرۈشۈرلەر. بۇ يۈگۈرگەن جىللار ، قاي يەردە ئەسكى تاملىق بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ تۈشۈرلەر. پېرىخون بۇ جىللىرى تۈشكەن يەرگە كېلىپ تەلبە بولغان ئادەمنى ئاپكېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ تەلبىنىڭ چۆرىسىنى ئۆيگە ئوخشاش يەرنى سىزىپ، بۇ كەلگەن خەقلەرنى سىزىقنىڭ ئىچىگە ئاپكىرىپ، « بىر دۆرە ئېيتىڭلار» دەپ ناخشى ئېيتۇرلەر. پېرىخون بىر باق قېمىشقا ئوتنى يېقىپ تەلبەنىڭ بېشىدىن ئۇ يېنىغا، بۇ يېنىغا ئىرغىتىپ تۇغقا باغلاغان يەتتى قىسما ياغلىقنى ئاپكېلىپ، ئوت يېقىپ، بۇ تەلبەنىڭ بېشىدىن بىردىن-بىردىن ئېلىپ تاشلاپ، ئوتقا كۆيدۈرۈپ سالۇرلەر.
بۇ يەتتى قىسما ياغلىق كۆيۈپ بولغاندا پېرىخون « قېچىڭلار، قېچىڭلار» دەپ قوغلاباتۇرلەر، « ئارقاڭلارغا قاراماي قېچىڭلار» دەرلەر. نېمە ئۈچۈن ئارقىسىغا قارامايدۇ؟ دېسە، بۇ پېرىدىن ئادەملەر تاراغاندا بۇ جىللارمۇ شۇنداق تارايدۇ. جىللار تاراغاندا بۇ قاشقان ئادەملەر قېچىپ كېتىپ بېرىپ، قاسى ئارقىسىغا قاراسا، بۇ تاراغان جىللار كېلىپ شۇ كىشىگە يېپىشىۋالۇرلەر. بۇ جىن يېپىشىۋالسا، شۇنۇڭغا ئوخشاش تەلبە بولۇپ قالۇرلەر. ئاندىن كېيىن بۇ پېرىخون پېرى كۆچۈرگەن يەردىن ئۆيگە يالغۇز كېلۇرلەر. بۇ پېرىخونغا پېرى ئىگەلەرى تۇغ تىككەن ئارغامچىنى، يۆرگەگەن بۆزنى، بوغۇزلاغان قوينىڭ گۆشىنى، يەتمىش پۆشكەلنى، بۇ تەلبەنىڭ بېشىغا ياپقان بۆزنى، ھەممىسىنى بىر قىلىپ تەلبە بولغان ئادەمنىڭ بىر قۇر كىيگەن كىيىمىنى قېتىپ بۇ پېرىخونغا بېرىپ دۇگا قىلدۇرۇرلەر.
بۇ كىشىنى پېرىخون دەرلەر، جىن ئۇچۇراغان كىشىنى تەلبە دەرلەر، بۇ تەلبەنى سەبەب قىلىپ ساقايتقىنىنىەتمەن باسقاننىڭ بايانى
( قۇمۇل، بوسۇق نىياز، 1892-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى)ئەگگەل يەتتى كەتمەننى بىر يەرگە دوبالاپ بۇ دۇئانى ئېيتىپ بەتلەيدۇ:
مۇندا كەلسۇن! مۇندا كەلسۇن!گە زىكرىيا، ئەلەيھى!قۇل قازاق، قۇل قازاق! پېرىلەرىم!بىسيار لەشكەرى بىرلەن خىزرى ئىلىياس گە داگۇت، گە سۇلايمان، گە جىرجىس، ئەيسا كەلسۇن، ئىبنى مەريەم، سەلگاتۇللا، ئوت تۈپ، بەتكەر دەم، دەپ قىزىتماغان سوق كەتمەننى بەتلەيدۇ. ئاندىن كېيىن يەتتى كەتمەننى ئوتقا سەپ قىزىتادۇ. قىپ قىزىل چوق بولغاندىن كېيىن بىر كەتمەننى ئوچاقتىن ئېلىپ بەدىنى ئىششىپ قالغان ئەدەمنىڭ بەل ئاغرىيدۇغان يەرگە ، قوللىرىغا، موللا ئەدەم يالاڭغاچ پۇتى بىرلەن شۇ بىر كەتمەننى دەپسەپ ئاغرىق كىشىنىڭ ئاغرىغان يەرلىرىگە باسادۇ. شۇ كەتمەن سوپ قالسا (سوۋۇپ قالسا__ ئۇدۇن) ئېنى ئوچاققا سېلىپ، يەنە بىر قىزىتىپ ئەپ، يالاڭغاچ پۇتى بىرلەن ھېلىقىدەك دەپسەپ يەنە بىر بۆلەك ئاغرىغان كىشىگە باسادۇ. يەتتى كەتمەننى ئاغرىق كىشىلەرگە شۇ يوسۇن بىرلەن باسادۇ؛ ئاغرىق ئېغىر بولسا، پۇت بىرلەن قىرىق بىر مەرتەبە باسادۇ، ئاغرىق يېڭىل بولسا، ئون بىر مەرتەبە باسادۇ، ئاندىن يېڭىل بولسا ، يەتتى مەرتەبە باسادۇ. باسقاندا بۇ بىيىتلەرنى ئېيتادۇ.
ئەي خۇداگەندە، ئاللا، ئاللا!
مىزانەم، بەر دەردى تۇ شەيى،
ئاللا، ئاللا مىزانەم،
ئەي ئاللا سويى خۇدەت،
راھىنەما، زانكىما.
گۇمراھۇم ئۇ رەھمە زانەم،
ئانا مىنكە يا سەيدىل كەرىم!
يا خىزرى ئەلەيكە سالام!
ئۈنسۈرنى، بە ھەققى!
بىسمىللاھى رەھمانىر رەھىم،
بى رەھمىتىكا يا ئەرھەممۇررايىمىن!
ئوت تۈپ ، بەتكەردەم.
دەپ بەتلەيدۇ. ئاندىن كېيىن يەتتى كەتمەننى يەنە قىزىتىپ ئاغرىق كىشىلەرنى لالۇ( زەمبىل__ تەھرىر) نۇڭ بېشىدا ئولتۇرغۇزۇپ، لالۇنۇڭ ئاستىنىغا بىر تەڭنىنى قويۇپ، ئېنىڭ ئىچىگە ئىلمان سۇ قۇيادۇ، قىش كۈنى بولسا؛ ياز كۈنى بولسا، مۇزدەك سوق سۇ قۇيادۇ. بىر قېلىن كەتمەننى، يا بىر پارچا چويۇننى، يا ئۈچ يۇپقا كەتمەننى تەڭنىنىڭ ئىچىگە سالادۇ، قىپ قىزىل قىزىتىپ.
ئىككىنچى مەرتەبە ھەم شۇنداق قىلادۇ. ئۇچۈنجى مەرتەبە يالغۇز قالغان يەتتىنجى كەتمەننى قىزىتىپ تەڭنىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئاغرىقلارنى ئومدان تەرلىتىپ ئىسسىق كاڭدا ياتقۇرادۇ. شۇل سەبەب بىرلەن ئاغرىق كىشى ساقايادۇ. ئاندىن كېيىن ئازايىم ئارباقلارنى ئوقۇپ، ئوت بىرلەن ئۇچۇغداپ كۆچۈرەدۇ. كەتمەن باسقۇچى موللا ئاغرىق ئەدەمنىڭ ئۈستۈنىگە زادەر كىشى بولسا، ئۈچ كۈندە يىگىرمە بىر ، ھەر كۈندە يەتتىدىن ئازايىم ئارباقلارنى ئوقۇتادۇ؛ گاداي ئەدەم يا بىر كۈن، يا ئىككى كۈن ئوقۇتادۇ. زادار( باي__ تەھرىر) كىشى ئوقۇغان موللاغا بىر كۈرە ئاشلىق، بەدىنىگە كىيگەن ئىگىنىنى، بىر قوي مال يا ئۆشكە بېرىپ دۇئا قىلدۇرادۇ. گاداي كىشى بولسا، ئىككى كۈرە ئاشلىققا دۇئا قىلدۇرادۇ.
ئازايىم ئارباقلارنى ھەر قايسى پېرىگە بۆلەك ئوقۇيدۇ. پېرىلەر تۆرت گۇرو بولادۇ: مۇسۇرمان پېرى، كاپىر پېرى، تەرسا پېرى، جوھۇت پېرى.1.مۇسۇرمان پېرىنى قوغلاغانى
ئەززەمتۈ ئەلەيكۇم،
باش ئاغرىتقۇچىلار!
ئەززەمتۈ ئەلەيكۇم،
كۆز ئاغرىتقۇچىلار!
قۇلاق ئاغرىتقۇچىلار!
يۈرەك ئاغرىتقۇچىلار!
قول ئاغرىتقۇچىلار!
پۇت ئاغرىتقۇچىلار!
جۈملە زايىتلەرنىڭ ھەققى،
جۈملە ئابىتلەرنىڭ ھەققى،
چار پىر مۇرسەللەرنىڭ ھەققى،
چار پىر نەبىلەرنىڭ ھەققى،
چار پىر گۆلىلەرنىڭ ھەققى،
ھەپتە خوجەلەرنىڭ ھەققى،
ھەپتە ئىسمى ئەزەملەرنىڭ ھەققى،
پەنجى قىرىقلەرنىڭ ھەققى،
جەمى نەقىپلەرنىڭ ھەققى،
بى ئەمرىھى ئەيتتىم مۇنى؛
شۇبۇ ئۇلۇقلەرنىڭ ھەققى،
كۆچۈڭلەر!كېتىڭلەر!
سىلەرنى كۆچۈرگەلى كەلدىم،
سىلەرگە ئان بەرگەلى كەلدىم،
موللا ئىسراپىل دەمى بىرلەن،
موللا شاكاكۇل دەمى بىرلەن،
مەككە مۇئەززەم ھەققى،
جايى زەمزەم ھەققى،
كۆسەر( كەۋسەر بولسا كېرەك___ ئۇدۇن) ھەققى،
بەيتۇل ئەقزا ھەققى،
سىراتۇل مۇنتەھا ھەققى،
قاپ قوسىن ھەققى.2.كاپىر پېرىنى قوغلاغانى
ئەززەمتۈ ئەلەيكۇم،
يا دۆگەلەر، يا پېرىلەر!
بۇ تەندە سىلەرگە ئورۇن يوق!
ئىپار زەپىران بىرلەن سىزگە
دۇت سالدىم، يا پېرىلەر!
كەلامى رەببانى بىرلەن
سىزگە مىچىت قەبزا قىلدىم!
تا سىلەرنى لاتا مانات
دەرلەر، يا پېرىلەر!
سىلەرنىڭ مانادىڭلارنى
قۇرۇتۇرمەن، يا دۆگەلەر!
پېرى بىرلەن زىيانداش،
كويى قاپتا قالغان داگۇت ئوغلى،
سۇلايماننىڭ دەمى راگان
قىلۇرمەن ، يا پېرىلەر!
كۆچۈر بۇتتىن بولساڭلار،
قەمەردىن كەلتۈرگۈچىلەر،
ئەقىلدىن شاشتۇرغۇچىلار!
تەڭرى __ خۇدا ئەززى جەللى!
خاس ھەققى! مايمۇنە
پېرى زەڭگىدىن بولساڭلار!
كۆچۈڭلەر يا پېرىلەر!
سۇمبۇلە پېرىدىن بولساڭلار
كۆچۈڭلەر، يا دۆگەلەر!
قۇندۇز پېرىدىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
قايتۈس پېرىدىن بولساڭلەر،
كۆچۈڭلەر، يا دۆگەلەر!
خۇرۇش پەرىدىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، كېتىڭلەر!
كۈنچىقىشتىن كۈن بېتىشقا
يۈرۈگەنلەر، يا پېرىلەر!
خۇدانىڭ يارلىغى بىرلەن
كۆشكىل، كەتكىل، ئەي مەلئۇنلار!3.تەرسا پېرىنى قوغلاغانى
ئەززەمتۈ ئەلەيكۇم، ئەي دۆگەلەر!
ئەززەمتۈ ئەلەيكۇم ، يا پېرىلەر!
كۆسسەڭلار، كۆچۈڭلەر!
كۆچمەسەڭلەر، خۇدا تەلا
ئازاب-ئوقۇبەت سىلەرگە كەلدى
بۇ تەندە سىلەرگە ئورۇن يوق!
ساچىڭلارنى يېيىڭلار!
بۇلۇڭلارغا كىرىڭلەر!
تا مەشرىقتىن تا مەغرىپقە
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
مەنزىلگاھىڭغا بېرىڭلەر!
گۈمبەزى دەگگارغا كۆچۈڭلەر!
دەريايى خاكىستانغا كۆچۈڭلەر!
دەريايى ئاتەشكە كۆچۈڭلەر!
دەريايى بارانغا كۆچۈڭلەر!
دەريايى ئاممانغا كۆچۈڭلەر!
چەشمە خارلارغا كۆچۈڭلەر!
ئاسمان زىمىنگە كۆچۈڭلەر!
تۇرلۇقلىرىڭغا كۆچۈڭلەر!
كۆچكىل، كەتكىل، ئەي مەلئۇنلار!
يۇرت يامىنى ئاچ ئەرگاھى!
بىنامازلارنىڭ ئوبالىنى
سىلەرنىڭ بوينۇڭلارغا يۈكلەرمەن،
تانابىڭلارنى تارتۇرمەن،
ئۆلگۈچە يەسىر قىلۇرمەن،
قان شاراپ ئىچىرۈرمەن،
تۈگۈنچۈگۈڭنى تۈگۈرمەن،
تېنىڭلەرنى توغۇرارمەن،
سېچىڭلارنى قىرقۇرمەن،
دۇئايى قارنامە ئوقۇرمەن،
دۇئايى قار كۈللى ئوقۇرمەن،
دۇئايى ناتەلى ئوقۇرمەن،
ئوتتەك كۆيەرسىلەر،
قورغۇشۇندەك ئېرۈرسەن.
بۇ تەندە ساڭا ئورۇن يوق!
سايەگەر سۇچىگە توغاچى،
ۋە تامغۇچى، توققۇز سايات،
يەتتى كەپتەرباز ئۆرە تۇرۇپ
تامبال كەيگەنلەرگە، گۆش يەپ
قولىنى يۇماغانلارنىڭ،
تا كۆچەرسەن؛ لاتا مانات
جۈملەسىنىڭ ئوبالىنى سېنىڭ بوينۇڭغا يۈكلەرمەن،
سىزنى دەرلەر؛
ئۇخرۇچ، ئۇخرۇچ!4. جوھۇت پېرىنى قوغلاغانى
يا دۆگەلەر، يا پېرىلەر!
قۇش ئەسەرىدىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلار ، كۆچۈڭلەر!
ئوت ئەلپەشەكتىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
يا ئەلپەزەكتىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلار ، كۆچۈڭلەر!
ئېجىرغىنىپ تۇرساڭلار،
كۆچۈڭلەر ، يا پېرىلەر!
قۇرۇشماندىن، ئېلىشماندىن
بولساڭلار، كۆچۈڭلەر!
يارىيەكتىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
سىلەرگە بۇ تەندە ئورۇن يوق!
كۆسسەڭلار، كۆچۈڭلەر!
خۇدانىڭ يارلىغى بىرلەن،
سۇلايماننىڭ ھۆكمى بىرلەن،
كۆشكىل، كەتكىل ، ئەي مەلئۇنلار!
خان سۈيۈتتىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
قامار توغىچى ئابدۇرراھمان،
جىپار ئالچىنىڭ كۆڭنىدىن
تۇغۇلغان بولساڭلار،
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
غايىپ ئوتلاردىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
غايىپ لەشكەردىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
ئازقاق-چولاقتىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
ئەرگاھ جىندىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
ئالباسقاندىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
ئۇممۈسسىبياندىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
مۇسۇرمان زىيانداشتىن
بولساڭلار، كۆچۈڭلەر!
ئېزىتقۇچىدىن بولساڭلار،
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
بۇ دۇنيانىڭ تۆرت بۇرجى،
يەتتى قىرغىقىدىن بولساڭلار،
كۆسسەڭلەر، كۆچۈڭلەر!
توققۇز مىڭ لەشكەرنى باشلاپ
رەسۇل خۇدا ئەمرى بىرلەن
پىرىمنىڭ دەسكارى بىرلەن
كۆچۈڭلەر، يا پېرىلەر!
ئازايىملار، پېرىخونلار
خۇدانىڭ يارلىغى بىرلەن
دەمى بىرلەن كۆچۈڭلەر!
سۇلايماننىڭ ھۆكمى بىرلەن،
كۆشكىل، كەتكىل، ئەي مەلئۇنلار!بۇ ئازايىم ئارباقلارنى ئوقۇغاندا موللا يۈكۈنۈپ ئولتۇرادۇ. پىچاققا ھۈرۈپ ئاغرىق ئەدەمنىڭ ھەممە نەرسەلەرىگە سۈرۈپ، پېرىلەرنى « كۆچ، ئۇخرۇچ!» دىيدۇ.
پېرى دەرلەر. بۇ خەقلەرگە جىن ئۇچۇراسا، شۇ سەبەبنى قىلۇرلەر.ـــ
مەنبە: مىراس ژۇرنىلىدى
داۋامى بار.
历史上的今天:
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 5 Jul 26, 2010كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــ 4 Jul 26, 2010كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 2 Jul 26, 2010
收藏到:Del.icio.us