-
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــ 4 - [تارىخي ئەسەرلەر]
Jul 26, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/70535605.html
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى
كاتانوف
ئابلېز ئورخۇن نەشرگە تەييارلىغان.
يېمىشنىڭ مەزمۇنىنىڭ بايانى
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى)ئەگگەل تۆرتىنچى ئايدا پىشقىنى جۈجەم بولادو. تۆرتىنچى ئاينىڭ يىگىرمىسىدە پىشقىنى ئۆرۈك بولادو. بەشىنچى ئاينى كۆرۈپ يازلىغ ئالما پىشادو. بەشىنچى ئاينىڭ ئىچىدە شاپتۇلا ھەم پىشار، قوغۇن ھەم پىشار، ئۈزۈم ھەم پىشار، چىگىلە( چىلگە___ ئۇدۇن) بۇغداي دەپ بىر قىسما بۇغداي ھەم پىشار. بۇ بۇغداينىڭ ئورنىغا قوناق تېرىسا، سەككىزىنچى ئاينىڭ ئون بېشىغىچە پىشىپ قالۇر. پىشماغان يېمىشنى بىز ھەممىسىنى خام دەيمىز. ئازاراق پىشقىنىنى << ئاران پىشىپتۇ>> دەيمىز، ئارتۇق پىشقىنىنى << يامان پىشىپتۇ>> دەيمىز.
ھايگاننىڭ مەزمۇنى
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى)ئىتنىڭ بالىسىنى كۈچۈك دەيدو. ئىنەكنىڭ بالىسىنى موزاي دەيدو، قوينىڭ بالىسىنى، يېڭى تۇققان گاختا قوزا دەيدو. ئاتنىڭ بالىسىنى تاي دەيمىز. ئۆشكىنىڭ بالىسىنى ئوغلاق دەيمىز. تۆگىنىڭ بالىسىنى پوتاچاق دەيمىز. ئېشەكنىڭ بالىسىنى تاخار دەيدو؛ ئات بىرلەن ئېشەك تۇقسا، ئۇلارنىڭ بالىسى قېچىر بولادو. قېچىرنىڭ بالىسىنى قۇلان دەيدو. توخاي ( توخۇ___ ن ت) بالىسىنى جۈجەك دەيدو. غازنىڭ، ئۆردەكنىڭ بالىسىنى جۈجەك دەيمىز. ئەركەك ئېشەكنى ھاڭغا دەيمىز، تىشىسىنى مادا دەيمىز. ئەركەك ئىتنى ئەركەك ئىت دەيدو، تىشىسىنى قانچىق دەيدو. ئىنەكنىڭ تىشىسىنى ئىنەك دەيدو، ئەركىگىنى بۇقا دەيدو. پىشقان ( پىچقان __ ئۇدۇن ) كالىنى ئۇي دەيدو. ئەركەك مۈشۈكنى ئەركەك مۆشۈك دەيدو، تىشىسىنى تىشى دەيدو، بالىسىنى ئارسىلان دەيدو. ئەركەك قوينى قوشقار دەيدو، پىشقىنىنى ( پىچقىنىنى ___ ئۇدۇن ) ئېرىق دەيدو، تىشىسىنى ساغلىق دەيدو. ئەركەك ئاتنى ئاغىر دەيمىز، پىشقىنىنى ئاقتا دەيمىز، تىشىسىنى بايتال دەيمىز. ئۆشكىنىڭ ئەركىگىنى تېكە دەيمىز، پىشقىنىنى سەركە دەيمىز، تىشىسىنى ساغلىق دەيمىز. تۆگىنىڭ ئەركىگىنى بۇرغا ( بۇغرا __ ئۇدۇن ) دەرلەر، پىشقىنىنى ئاقتا دەرلەر، تىشىسىنى ئىڭگەن دەيدو. قېچىرنىڭ ئەركىگىنى ھاڭغا قېچىر دەيمىز، تىشىسىنى بايتال دەيمىز. ئېشەكنى، قېچىرنى پىشمايدو. بۆرىنىڭ ئەركىگىنى بۆرى دەيمىز، تىشىسىنى قانچىق دەيمىز، بالىسىنى كۈچۈك دەيمىز. ئەمەلدارلارنىڭ ھەم ئالبان ياساقنىڭ بايانى
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى)لۈكچۈننىڭ ئالبانياساقىنىڭ تۆبىسىدە دورغا دەپ ئەمەلدارى بار. مىراپ دەپ ئەمەلدار بار. يەنە ئاقساقال دەپ ئەمەلدار بار. ئون بېشى، قوبۇقچى دەپ ئەمەلدارى بار. دورغا دېگەن ئەمەلدارنىڭ قىلاتۇرغان ئىشى گاڭنىڭ قاراڭغى دالىنىدا ئولتۇرۇپ يۇرتنىڭ سۇرىغىنى سۇرايدو. مىراپ دېگەن ئەمەلدار يۇرتنىڭ يەر سۈيىگە قارايدو. ئاقساقال دېگەن ئەمەلدار بۇ ھەممە يەر سۈيىگە قارايدو. قوبۇقچى دېگەن دورغىنىڭ ئادەملىرى تۇرۇر. ھەر بىر دورغىنىڭ ئىككى قوبۇقچىسى بار. بۇ قوبۇقچىنى يۇرتتىن ئالادو. ئونبېشى دېگەن مىراپنىڭ ئارقادا، ئاقساقالنىڭ ئارقادا بىردىن ئىككى كىشى خىزمەتتە ماڭادو. دورغا بولغان كىشىنىڭ يۇرت تۆبىسىدىن يەيتۇرغان رىزقىسى بىر بۆلۈم يۇرت يېرىدىن يەر تېرىپ بۇغداي يېرى تېرىپ يەيدو. بۇ يەرنى ھەم يۇرت خەلقى تېرىپ بېرەدو. سۇغىرىپ پۇشۇرۇپ بېرەتۇرغاننى دورغاغا ھەم يۇرت خەلقى بېرەدو. پىشقاندا ئورۇپ تېپىپ، بۇغداينى راستلاپ ئۇلىغى بىرلەن بۇنى ھەم تەييار قىلىپ بۇ يۇرت خەلقى ئاپكىرىپ سېڭىغا قۇيۇپ بېرۇرلەر. مىراپ دېگەن بىر بۆلۈم يەر تېرىدو. مۇنۇڭغا ھەممە يۇرت خەلقى تەييار قىلىپ ئاپكىرىپ بېرەدو. ئاقساقال دېگەن ئىككى يېرىم تاغارلىق يەر تېرىدو. بىر بۆلۈم دېگەن يەرگە ئىككى دادەن بۇغداي ئۇرۇق تۈشەدو. بىر دادەن ئون ياغاچ تۇرۇر، ئىككى يېرىم تاغارلىق دېگەن يەرگە ئىككى دادەن ئۇرۇق تۈشەدو. بۇ ئاقساقالنىڭ يېرىنى تېرىتۇرغىنىنى يۇرت تېرىپ بېرەدو. پۇشۇرۇپ ئاپكىرىپ ئېلىشنى ئۆزى ئاپكىرىۋالادو. ئونبېشى، قوبۇقچى دېگەنننىڭ يۇرت يېرىدىن بۇلۇڭدىن يېرى بار. بۇلۇڭ يەرگە بىر دادەن ئۇرۇق تۈشەدو. بۇ خىزمەت يېرىدۇر. يۇرتنىڭ يەنە يەككە دەپ ئالبانكېشى باردۇر. بۇ يەككە دېگەن ئالبانچى گەنچەي دېگەن ئالباڭغا بارادو. گەنچەي دېگەن خاننىڭ ئالبان ئىشىغا باراتۇرغىنى تۇرۇر. گەنچەي دېگەن لۈكچۈندىن قومۇلغا بارادو، قاراشەرگە بارادو، ئۈرۈمچىگە بارادو. بۇ يەككىنىڭ ئىشلەتەتۇرغان ئات ئارابىسى بۇ ھەممە يۇرتتىن بولۇرلەر. مەن ئېيتقان ئەمەلدار ھەممە يۇرتتا بار. بۇ يەككە گەنچەيگە بارغان ھەققىگە يۇرت يېرىدىن ئىككى يېرىم تاغارلىق يەر تېرىپ يەيدو. بۇلار قومۇلغا ، قاراشەرگە، ئۈرۈمچىگە بارار بولسا، خاندىن بەش سەر كۈمۈش بېرەدو. بۇلارنىڭ ئىشلەتەتۇرغان ئاتلىرى تۆرت بولۇر. بۇلار ھەممە يۇرتتىن بولۇر. لۈكچۈندە ئاتمىشتىن ئىككى سۇدا يۈز يىگىرمە يەككە بار. بۇ ئىككى سۇ دېگەننىڭ بىرىنى دېخانسۇ دەرلەر، بىرىنى سىپەسۇ دەرلەر. دېخان دېگىنى ئاش تېرىتۇرغان خەلق تۇرۇر. سىپەسۇ دېگەندە سىپە ( سىپاھ__ ئۇدۇن) ئەمەلدارلار ئولتۇرۇر. ئاندىن قالغان ئۇششاق خەلقنى ئورمىچى دەرلەر. بۇ خەق تېرىتۇرغان يېرىگە بېقىپ ئالبان قىلادو. بۇ ئورمىچى خەقنىڭ تېرىتۇرغان يېرى سۈيىنىڭ ھېسابى بىر مو دەرلەر. بىر مو دېگەن يەرگە يەتتى شىڭ ئۇرۇق تۈشەدو. بىر شىڭ ئاشلىق ئۈچ جىڭ كېلەدو. بىر جىڭ ئون ئالتى سەر كېلەدو. بۇ بىر مو يەرگە يەر ئىگىلىرى خاننىڭ سېڭىغا بەش شىڭ ئاش قۇيادو. بۇ بەش شىڭ ئاشنىڭ بۇغداي يېرى بولسا، ئۈچ شىڭ بۇغداي، ئىككى شىڭ قوناق ھىساب قىلىپ قويادو. قوناق يېرى بولسا، ئۈچ شىڭ قوناق، ئىككى شىڭ بۇغداي قۇيادو. قىرا يېرى دېگەن بۇغداي يېرى تۇرۇر. باغرى يېرى دېگەن قوناق، كەپەزنىڭ يېرى تۇرۇر. كەپەز بىزنىڭ يەردە تولا باردۇر. بۇغداي ئېشىغا قوناق قېتىۋالادو، قوناق ئېشىغا بۇغداي قېتىۋالادو. بۇ خان ئېشىنى قۇيۇپ بېرەر گاختا تۇرپان سېڭىغا ئاپپېرىپ قۇيار بولسا، مۇئادا بىرىنىڭ ئىككى مو يېرى بولسا، ۋە خاننىڭ داڭزىسىدا بىر ياغاش ئاش كېلەدو. بۇ ئاش قۇياتۇرغاللار ئىككى ياغاچ ئاش ئېلىپ كەلسە، بۇ ئىككى ياغاش ئاشنى ساڭغا قۇيسا، << ئىككى مو يېرىڭنىڭ بىر ياغاچ ئېشى تەگدى!>> دەپ باغاق خەت چىقىرىپ بېرۇرلەر. بۇ ئىككى ياغاش ئاشنىڭ بىر ياغىچىنى بىكارغا ئالۇر. بىر مو يەرگە بەش جىڭ سامان قۇيۇر. خاننىڭ يۇرت تۆبىسىدىكى ئالاتۇرغان ئالبىنى شۇدۇر.
تۇرپان دېگەننى بەش دۆبە دەرلەر. بۇ بەش دۆبىنىڭ تۇرپان تەرىپىدىكى ئىككى دۆبىنى تۇرپان چوڭلىرى سۇرۇر، لۈكچۈن تەرىپىدىكى ئۈچ دۆبىنى جۈنگاڭ سۇرۇر. دۆبە دەپ بىر پارچا يەرنى دەر. تۇرپان سۇرايدۇرغان بەگلەرگە قارايدۇرغان يۇرتلار: گولتۇرپان، يەمشى، توقسۇن، ئىلالىقتا سۇ بېشىغىچە، بۇلىيوق، چىچان، قارئۈستۇر. گاڭغا قارايتۇرغان يۇرتلار: لۈكچۈن، ئاستانە، قاراخوجا، تۇيۇق، ياڭخى، سىركىپ، شۆگە، پىچان، چوقۇتام، قارغاتۇرا، چىقتىم، بۇيېنى بۇ يەرگەچىلىك تاغ ئارقىسى، خاندو، چۇۋانقارا، يوتۇق، لەمجىن، سۇبېشى، سىڭگىم، مۇرتۇق؛ بۇلار ھەممىسى گاڭغا قارايتۇرغان يۇرتتۇر. تۇرپان خانىغا قىلاتۇرغان ئالبان تۇڭچاڭ( مىس كان ___ ن ت ) غا باراتۇرغان ئالباندۇر. بۇ تۇڭچاڭ دېگەن ئۆزى داۋانچىڭنىڭ ئۈستۈنىدىكى تۇرپان ئاتاخوجىنىڭ تېغى تۇرۇر. بۇ تاغدىن قىزىل مىس چىقۇر. بۇ قىزىل مىسنى ئالاتۇرغانغا تۇرپان خەلقىنى ئېلىپ چىقۇر. << تۇڭچاڭ ئالبىنى>> دەپ گاڭغا : " ئەللىك كىشى چىقىرىپ بېرەسەن " دەپ تۇرپان تەجىسى خەت بېرۇرلەر. بۇ ئەللىك كىشىنى ئۆز يۈرۈشىدىكى ئۈچ دۆبەگە ئۈچ پارچا قىلىپ چاچۇر. بۇ ئەللىك كىشىنى ئىككى يۈز ئادەم قىلىپ چاچۇر. ھەر يۇرت تۆبىسىگە بەشتىن ئادەم تۈشسە، يىگىرمە ئادەم دەپ ھەر يۇرتنىڭ مىراپ دورغالىرى يىغىپ ئاپكەلۈرلەر. بۇ يىگىرمە كىشىنى ئېلىپ كېلىپ << تۇڭچاڭ ئالبىنى كېلىپتۇ، داۋانچىڭغا بېرىڭلار>> دېسە، بۇ خەق بارمايدۇرغانغا ئون سەر پۇل بېرەدۇ. بۇ يىگىرمە كىشىدىن بەش كىشىنى ئېلىپ قېلىپ ، ئون بەش كىشىدىن مىراپ دورغالىرى پۇل يىغىپ ئالادو. ھەر يۇرتتىن مىراپ دورغالىرى شۇ تېرىقەدە پۇل يەپ، ئىككى يۈز ئادەم راست بولسا، يۈز ئەللىك ئادەمدىن پۇل ئېلىپ قويۇپ بېرىپ ئەللىك ئادەمنى تۇڭچاڭغا ئىۋىرىدو. بۇ تۇڭچاڭغا چىقىپ قىلاتۇرغان ئالبىنى: تاغنى چېپىپ تاشنىڭ ئارىسىدىن مىس ئىلەشلىك تاشلار چىقادو، بۇ تاشلارنى ئوتقا كۆيدۈرسە، مىسى بۆلەك، تېشى بۆلەك چىقادو. بۇ چىققان ئادەم شەر شەرىدىن يىغىلىپ كەلگەن ئادەملەر بەش يۈز ئادەم باردۇر. بۇ خەققە خاندىن ئىككى يېرىم سەر ئايلىق پۇل بېرەدۇ. بۇنى تۇڭچاڭنىڭ ئالبىنى دەرلەر.
گاڭ دېگەن ھەر يىللىغى يەر سۈيىدىن چىققان ئېشىنى ھەم يۇرتقا زور بىلەن ساتادو. بۇ گاڭنىڭ ھەر يۇرت تۆبىسىدىن يەيدۇرغان يۇرتقا بېقىپ قىرا يېرىسى ھەم بار، باغرى يېرىسى ھەم بار. لۈكچۈن تۆبىسىدە گاڭنىڭ ئىككى سۇدا ئوندىن يىگىرمە بۆلۈم يېرى بار. ھەممە باغرى يېرىدە ئارپا يۈنجۈن، تەرەك يۈنجۈن، كۈنجۈت يۈنجۈن دەپ يەنە ئون ئىككى بۆلۈم يەر گاڭغا تېرىپ بېرەدۇ. ئۇ يەنە بۇ يىگىرمە بۆلۈم قىرا يېرىنى ھەممە يۇرت خەلقى تېرىپ پۇشۇرۇپ تېپىپ، ھەر قاسى ئادەم ئۆز ئۇلىغى بىرلەن ئاپكىرىپ گاڭنىڭ سېڭىغا قۇيۇپ بېرەدو. چوقۇتام دېگەن، قارغاتۇرا دېگەن يۇرتلارمۇ بۇ گاڭنىڭ مىراسلىق يۇرتى تۇرۇر. بۇنى گاڭنىڭ پاسرا پاسرىسى دەرلەر. بۇلارنى ھەم يۇرت خەلقى تېرىپ بېرەدو. ئەرتە يازلىغى بولغاندا گاڭنىڭ يېرىنى تېرىپ بولغاندا ئاشقان ئاق قوناق، بۇغداي، تېرىق، ئارپا، كۈنجۈت، بۇلارنى بۇ يۇرت خەلقىگە زور بىرلەن ساتادو؛ بىر كۈرە بۇغداينى بەش مىسقال كۈمۈشكە ساتادو. بۇ بۇغداي ئاشلىقنى يۇرتقا بېرەر گاختى ئىككىنچى ئاي ئىچىدە بېرۇرلەر. ئوردىدىن يوسۇل( قائىدە-يوسۇنغا مەسئۇل ئەمەلدار__ ن ت) چىقىپ، مېچىت-مېچىت خەبەر قىلىپ قويۇر: << ئوردىنىڭ سېڭىنى ئاشتى! ھەر كىشى بولسا، ھەر قانداق ئاشلىق ئالسا، مېچىتلىگى بىرلەن ئىمام مەزىن بىرلە كىرىپ ئالسۇن>> دەپ خەبەر قىلۇر. بۇ مېچىت خەلقى ئورداغا كىرسە، كىشى بېشىغا بەش كۈرە قوناق، بەش كۈرە بۇغداي بېرۇرلەر. بۇغداي نەقى ( باھاسى__ ن ت) بىر كۈرە بۇغداينىڭ بەش مىسقال كۈمۈش بولۇر. بىر كۈرە ئاق قوناقنىڭ نەقى تۆرت مىسقال بولۇر. شۇنداق ھىساپ قىلىپ مېچىتلىك ئىمام مەزىننى بورۇن ( كېپىل___ ن ت) قىلىپ ئاندىن بىر ئۆيلۈك ئادەمگە ئاق، قارا بىر دادەن ئاش بېرۇرلەر. بۇ ئاشنىڭ پۇلىنى گاڭ بەشىنچى ئايدا ئالۇر.
يەنە بۇ گاڭنىڭ نەچچە تۈمەن قويى بار. بۇ قويلارنى ھەر يىلدا نورۇز، سارا ئىككى ھېيتتا ئاش تۇتۇپ يۇرت چوڭلىرى تۇتقان قويدۇر. بۇ قويلارنى ئەرتە ياز بەشىنچى ئاي بولغاندا يۇرت خەلقىگە ئاپچىقىپ ساتۇر. بۇ قوينى ئوردىدىن دورغاغا چىقارىپ بەرسە، دورغا ئاپچىقىپ مىراپ ئاقساقالغا بەرۇر. بۇ مىراپ ئاقساقاللار ئېلىپ بېرىپ ھەر ئۆيگە بىردىن قوينى زور بىرلەن كىرگۈزۈپ قويۇر. بۇ قوينى ئالغان ئادەملەر يەتتىنچى ئايدا ئىككى سەر كۈمۈش بېرەدو. ئۇ يەنە << قوي ئالمايمەن >> دېسە، بىر سەر كۈمۈشنى قويغا قېتىپ مىراپ، ئاقساقاللارغا ياندۇرۇپ بېرەرلەر. ھەر يىلدا شۇ يوسۇندا گاڭ سودا قىلۇر. يىل ئۆرۈلگەن گاختا ھەر قوتان بېشىغا بېرىپ يۈز قوي بولسا، يۈزدىن ئىككى قوي، ئىككى پارچا كىگىز زاكات دەپ ئالۇر. يۈزدىن بىر قوينى << ئوت ئۇچى>> دەپ ئالۇر. قوينى بەرمەسە ھېچكىم قۇتۇلماس.
بۇ تۇرپان خەلقى ئىككىنچى ئاينىڭ ئىچىدە باغرى يېرىنى تېرىدو. بۇ يەرنى تېرىغۇچە سۇغاراتۇرغان سۈيىنى ئاق سۈيى دەرلەر. ئىككىنچى سۈيىنى ئاق تارا سۈيى دەرلەر. بۇ ئاق تارا توقسان بەش كۈندە كېلەدو. ئۈچىنچى سۈيىنى گېجىگە سۈيى دەرلەر. گېجىگە سۈيى ئاتمىش كۈندە كېلەدو. تۆرتىنچى سۈيىنى قىر تارتىم سۈيى دەرلەر. بۇ قىر تارتىم سۈيى دېگەن خەقنىڭ يېرىنى قىر بىرلەن تەڭ سۇنى جىق سېلىپ، قاي يەر يامان بولسا، شۇ يەرنى تارتىپ ئېتىزدىكى سۇنى چىقىرىپ ئالۇر. بۇ تۆرتىنچى سۈيىنى مىراپ بىر ئايدىن بېرۇرلەر. شۇ تۆرت سۇ بىرلەن باغرى يەر سۇنى پىشۇرۇر. قىرا يېرىنى بىرىنچى ئاينى كۆرۈپ تېرۇرلەر. بۇ بۇغداينى بىر يېنىدىن تېرىسا، بىر يېنىدىن سۇ قۇيۇر. ئىككىنچى ئاينىڭ ئون بېشىغىچە قىرا يېرىنى تېرىپ بولۇر. ئاندىن ئاقتۇرما سۈيىنى ئاتمىش كۈندە ئىچەرلەر. گېجىگە ( كۆك سۈيى) سۈيىنى يىگىرمە كۈندە ئىچەرلەر. ئوتتۇز كۈندە بىر سۇ ئىچەرلەر. بۇ سۇنى دان سۈيى دەرلەر. بۇغداي بۇ تېرىقەدە پىشۇرلەر. سۇ تۆبىسىدە كېچە-كۈندۈز ئارىلماي سۇنى باشلاپ ئېلىپ يۈرەتۇرغان ئادەملەرنى كۆك بېشى دەرلەر. قىرا يېرىنىڭ سۈيىگە قارايتۇرغان بىر سۇدا سەككىز كۆك بېشى باردۇر. بۇ كۆك بېشىلار ئاقساقال مىراپكە قارايدو. قىرىنىڭ كۆك بېشىسى باغرىغا سۇ يانغاندا ، قىرىنىڭ ئىشى تۈگەگەندە قىرا سۈيىگە قاراغان ئادەملەر بىكەر بولادو. باغرى يېرىنىڭ تۆبىسىدە تۇرغان ئادەملەر باغرىدىن سۇ يانغاندا بىكەر بولادو. قىرا يېرىنىڭ ئېشىنى بۇغداي ئېلىپ بولغاندا << تۇرپانغا بۇغداي ئېشىنى قۇيۇڭلار>> دەپ كېلىپ ئاش ھايدايدو. بۇ ئاش ھايدايتۇرغان ئادەملەرنى دۇگان دەرلەر. يەتتىنچى ئايدا بۇغداي ئېشىنى ھايدايدۇ. كېلىپ ئون بىرىنچى ئايدا باغرى ئېشىنى ھايدايدۇ. بۇ ئاش قۇيغان ئادەملەر يېرىگە بېقىپ تۇرپانغا ئاپىرىپ ئېشىنى قۇيۇپ، باغاق ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئاش ھايداغان دۇگانغا باغاقنى بېرەدو.
ئاندىن بۇ دۇگان باغاقلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇرتنىڭ مىرابىغا بېرەدۇ. بۇ مىراپ باغاقلارنى ئېلىپ تۇرپان سېڭىغا بېرىپ ھېساپ قىلىشىپ ئۆتكۈزۈپ بېرەدو. كۈزلۈك ئېشىنىما ھەم شۇ يوسۇندا ئالادو. كۈزلۈك ئاشنى ئېلىپ بولغاندا بىر مو يەر تۆبىسىدىن بىر مىسقال ئىككى پۇڭدىن كۈمۈشنى خانغا ئالادو. ئۇ يەنە ئەرتە يازلىغى بولغاندا تۇرپاننىڭ سېڭىدىكى بەش يىلدىن ئاشقان ئاشنى ھەر يۇرتنىڭ مىراپ دورغىسىنى قىشقىرىپ ئاپكىرىپ << جەيلەڭ ( قەرز ئاشلىق___ ن ت) ئېلىڭلار!>> دەپ ھەر قاسى يۇرتقا بېقىپ بۇغداي، قوناق جەيلەڭ بېرەدو.
بۇ ئاش تۇرپان سېڭىدا تۇرۇپ قالغىلى بەش يىل، ئالتى يىل بولغان ئاش تۇرۇر. بۇ ئاشتىن بىر كۈرە ئاش بەرسە، ئاش ئالغان ئادەملەر ئېشى چىققاندا بىر يېرىم كۈرە ئاشنى ئاپىرىپ ئورنىغا قۇيۇپ بېرۇر. مۇنى جەيلەڭ دەرلەر. بۇ يۇرت تېرىقىسىنى شۇ يوسۇندا ئۆتكۈزۈرلەر. گاڭغا بىرسى ئات، قوي، ھەر نەرسە ئېلىپ كەلسە، خوش بولسا، بىرەر دادەن بۇغداي، بىرەر دادەن قوناق بېرۇرلەچىنگاڭغا قىلغان ئالباننىڭ بايانى
( بوسۇق نىياز، 1892-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى)شۇ زاماندا گاڭغا قىشلىغى ئۈچ ئايدا يىگىرمە بىر كۈن قومۇللۇق چانتو ئارابا قاتادو قىق ( قىغ___ ن ت ) تېشىپ. بۇ ئىشنى پۇل ئالماي قىلادو. قىشلىغى ئارابىسى يوق گادايلار يەتتى كۈندىن تۇپراق چالاپ بېرەدو ئارابىكەشكە. پۇجۇڭ خېنىم دىخانلارنى بىر ئايدا بەش كۈن ئىشلەتەدو، تۇپراقنى چالدۇرۇپ؛ ئاشلىقنى ئوردۇرادو. گاڭغا يازلىغى بۇغداي پىشقاندا ، ئون كۈن ئورساما پۇجۇڭنىڭكىدە بەختى، يەتتى كۈندە تۈگىسىما قويەۋىردۇ. ئايدا بەش كۈن، يە ئۈچ كۈن ئۆزىنىڭ ئاشلىغىنى ئورۇپ تۈگەتمەيلا، << بۇغداينى يانچىسىلەر>> دەپ گاڭنىڭ بۇغدىيىغا ھايدايدو. خەق ئالباننى پۇجۇڭغاما قىلادو، گاڭغىما قىلادو. ئالبان ئۈچۈن بىر نان، بىر ماچاڭزا بەرمەيلا قامچى بىرلەن قان چىقارغۇچىلىق ئومدانغىنە سوقۇپ ئالبانغا ھايدايدو. شۇ ئالباندىن قۇتۇلغۇمۇزنى بىز پېقىرلا خۇدادىنما سورايدىمىز، قاشقارغىما قاچادىمىز. يەنە ئۈرۈمچىگە ئۆتكەن جوياغا خەت تۇتۇپ ئۈممىت قىلىدىمىز. بۇغدايدىن بۆلەك قوناق تېرىسا، يۈز باق ( باغ__ ن ت ) خەتلەيدو، << پالانچى يۈز باق، پۆكۈنچى ئەللىك باق ، ئۆز قونىغىنى پۇجۇڭنىڭ ، گاڭنىڭ ئۆيىگە ئاپكەلسۇن>> دەپ.بىر شىڭ قوناققا ئەللەك باق، ئون شىڭغا يۈز باق ئاپكىلەدو. ئوتۇننى ئالتى كۈللۈك يەردىن ئاپكېلىپ گاڭغا بېرەدو؛ گاڭ ھايداپ قامىتىڭ ( 哈密厅قومۇل يامۇل___ ن ت)غا سالدۇرۇپ بېرەدو. قامىتىڭ گاڭدىن ئومدىناراق:___ يۈز جىڭ ئوتۇنغا بەش تەڭگە بېرەدو. شۇ ئوتۇننى بازاردا ساتسا ئون تەڭگە ئالادو. بەجىنگە يۈرۈيدۇغان گاختا گاڭ ئاشلىق يىغىۋالادو. زەدەردىن بىر تاغار، گادايدىن بەش كۈرە ئالادو. تولا زەدەر خەقتىن تۆرت تاغار، تېرىغان ئەدەمدىن ئىككى تاغار ئېلىپ، پۇلنى بەرمەيدو. مالباراندىن شۈينى باجگىر ئالادو: بىر سەردىن ئىككى مىسقال، بىر يېرىم مىسقال ئالادو، بىر بىرىگە ساتسا ئاندىن كېيىن ئات سېتىۋالغان كىشىگە خەت بېرەدو << شۈي ئالدۇق >> دەپ. ئولتۇرغان ئۆيدىن شۈينى ئالمايدو. ئالباننى گاڭنىڭ ئۆزىگەما قىلادو، پۇجۇڭغاما قىلادو. شۇنى گاڭ بىلمەيدو.
بەجىن خانغا گاڭنىڭ تارتىق قىلىپ ئاپارغىنى شۇدۇر: تېكە مۈڭۈزىدە ئاتمىش جۈپ پىچاق ساپلاپ، بۇغۇ مۈڭۈزىنى، قىرىق جۈپ ئومدان ئات، ئاتمىش جىڭ قاق قوغۇن، قوي تېرىسى، جۇبا، كۆرپە جۇبا، ئاتمىش بۈلۆ( بىلەي__ ن ت ) تاش ئاپپارادو، يولدا ئىشلەتكىلى قانچە يۈز كۈمۈش يامبو ئاپارادو. بۆلەك ئالبان يوق. ر؛ خوش بولماسا، گاڭ ئاپكىرگەن مالنى قولغا ياندۇرۇپ بېرۇرلەر. لۈكچۈننىڭ گاڭ بەگلىرى
(نايخان، لوگۇچەن، تۇرپان، 1892-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى)لۈكچۈن گاڭ بېگىمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل، ئېگىنئاياق، ئۆلۈك مالنىڭ ھېسابى ھەممىسى بولۇپ ئۈچ يۈز يامبو جېنى بار. تاغدىكى ئات، ئۆيدىكى ئاتلار، ئەللىك بەش ئېتى بار. قوي ئۈچ مىڭدىن ئاشا قويى بار. يەر سۈيى لۈكچۈندە، شەر ئىچىدە ئىككى ئوردىسى بار.
دۆلەت باغ دەپ ئۈچ بېغى بىر قاتاردا بار. بۇ باغلاردا ئۆرۈك، شاپتولا، ئانار قاتارلىق ھەممە مۆگىسى بار. ئالتى يەردە ئۈزۈملۈك بېغى بار. بەش كارىزى بار. لۈكچۈنگە تەئەللۇق كەنتلەر ، يۇرتلاردا بولۇپ بۇغداي، قوناق، پاختا تېرىيدۇغان يەر سۇلىرى تۆرت يۈز يامبولۇقچە يېرى بار. قوي، كالا، ئاتتۆگە بولۇپ ئەللىك يامبولۇقچە گەجى ( مال -دۇنيا___ ن ت ) بار. جېمى تۆرت يۈز ئەللىك يامبوغا يېتىپ بىزە ئاشسا، بەش يۈز يامبولۇقچە بار. تۆرت خوتۇنى بار. چوڭ خوتۇنىنىڭ دادىسى قارا كىشى، ئانىسى ئاق ئۇستۇخان؛ گاڭنىڭ ئانىسى يەركەنلىك قارا ئۇستۇخان. ئىككىنچى خوتۇن ئۆز جامايى( جەمەتى__ ن ت )دىن، ئۆگۈي ئاچىسى بولادو. قالغان ئىككى خوتۇنى قارا ئالبانچى. خان گاڭغا شاڭلاپ ( ئىلتىپات قىلىپ ___ ن ت ) << ئون سەككىز كىشىگە بەر >> دەپ ئوتاغات جوڭسا بەردى. قالغىنىنى ئون كىشىما، يۈز كىشىما خىزمەتكە سالسا، سالادو، گاڭنىڭ ئۆز ئىختىيارى. ئوتاغات جوڭسىنى ئون سەككىز كىشىدىن ئارتۇق ھېچ كىمگە بېرالمايدو. گاڭنىڭ يېنىدا ئوڭ قول، سول قول، ئارقىسىدا تۇرادۇغان، خان بىلەدۇرغان ئۈچ گۆزۈرى( ۋەزىرى__ ن ت ) بار. بۇلار ئۆزىنىڭ جامايىدىن. ئوڭ قول گۆزۈرنىڭ ئېتى مېنىبەك، سول قول گۆزۈرنىڭ ئېتى قابزاتبەك، ئارقىسىدا تۇرادۇغان گۆزۈرنىڭ ئېتى ئابدۇللابەك. ئوڭ قول گۆزۈرنىڭ ئۈچ يۈز يامبولۇقچە گەجى بار، قىرىق يامبو تۇغادۇغان قەرزى بار. ئوڭ قول گۆزۈرى سول قول گۆزۈرىدىن چوڭراق. ئىككىنچى گۆزۈرىنىڭما ئۈچ يۈز يامبولۇقچە جېنى بار، قەرزى يوق. ئۈچۈنچى گۆزۈرنىڭ يىگىرمە ئوتتۇز يامبوچە گەجى بار، قەرزى ھەم بار.
گاڭ بېگىمنىڭ ئېتى سۇلتان ماھمۇتخان . چوڭ ئوغلىنىڭ ئېتى پادىشا خوجام، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئېتى شاھزادە خوجام، ئۈچۈنچى ئوغلى بوباق خوجام. گاڭ بېگىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلادۇغان ئەللىك ئاتمىشچە كا( خىزمەتچى__ ن ت ) لىرى بار؛ كالار ھەممىسى ياش باللار. ئاتمىشتىن ئۆتكەن بىر كىشىسى بار. دادىسىدىن قالغان ئادىمى شۇ. بۇ ئادەمنىڭ سۆزىنى ، خوشى كەلسە ئاڭلايدۇ، خوشى كەلمەسە، ئاڭلامايدو؛ ئۆزىنىڭ خىيالىنى قىلادو. گۆزۈرلىرىنىڭما سۆزىنى، خوشى كەلسە ئاڭلايدۇ، خوشى كەلمەسە، ئاڭلامايدو، ئۆزىنىڭ خىيالىنى قىلادو. گاڭ ئۆزى ئوتتۇزغا يەتمەگەن كىشىدۇر. مەسلەتچىسى تامام ياش ئوغۇللار. بۇ خەقلەرنىڭ ئالدى قىرىق ياش، ئوتتۇرىسى يىگىرمە بەش ئوتتۇز ياش، ئۈچۈنچىسى يىگىرمە ئون ئالتى ياش. ھەرقانداق چوڭ ئىش بولسا شۇلار بىرلە قىلادو.
لۈكچۈن شەرىنىڭ يېنىدا سۈپە سۈيى دەپ بىر ئۆستەڭ سۈيى بار، تۆرت تۈگۈرمەن تاشلىق سۇدۇر. يەنە شەرنىڭ بۇينىدا دىخانسۈيى دەپ بىر ئۆستەڭ سۈيى بار. بۇ ئىككى سۇدا، توغانساقتىن باشلاپ يەر باغلىرى لۈكچۈڭگە تەبە يەرلەر كۆكىرەدۇ. لۈكچۈن كارىزى، دىغاركارىز، تۇيۇق، ياڭخى، ياڭخى كارىزى، سۇ بېشى كەنت، ئاچاتۇرا، قاراخوجا ئەسكى شەرى بىرلە___ بۇ ئەسكى شەرنى دەقيانۇسنىڭ شەرى دەيدۇ___، ئاستانە، قاراخوجا كارىزى، ئاستانە كارىزى، سىڭگىم، قاراخوجا سۇبېشى، پىچان، چىقتىم، شۆگە، قاباتۇرا، لەمجىن، لەمجىن ئاستانە، چۇبۇغانقىر، خاندو، ئامانشەر، چىگەبۇلاق. لوپما قېدىمدىن لۈكچۈنگە تەبە ئىدى، بۇ يۇرتلار ھەممىسى گاڭغا قارايدو. شۇ مەلدە لوپنى گاڭ مېنىڭ دەيدو، بۇلتۇردىن باشلاپ لوپقا خەنزۇلار شەر سېلىپ لوپنى بىزنىكى دەيدو. كورلا شەرىنىڭ خەنزۇلىرىما لوپنى بىزنىكى دەيدو. شەرنى لوپتا قاراشەرنىڭ خەنزۇلىرى ساپتۇ.
گاڭبەك ئۈچ يىلدا بىر بەجىنگە بارادو. بۇنىڭ بەجىنگە بېرىشىغا بىر يىل قالدى، ھېچ ئىلاجى يوق بارادو. بەجىنگە خانغا ئېلىپ كىرەدۇغان نەمەلەر: يېشىل توققۇز يۈز جىڭ كىشمىش ئۈزۈم، توققۇز تاغار قوغۇن قېقى، لۈكچۈندە قىلغان توققۇز بۆز ياغلىق، توققۇز خالتادا يانتاق شېكىرى، توققۇز يولبارس تېرىسى، توققۇز بۆرە تېرىسى، توققۇز سۈلەيسۈن، توققۇز تۈلكى، توققۇز ئالتۇن غىلاپ پىچاق، توققۇز كۈمۈش غىلاپ پىچاق، توققۇز ئەجدەر گۈللۈك كىمخاپ، خوتەندىن كەلگەن توققۇز يولبارس سۈرەتلىك زىلچە ئاپپارادو.
گاڭ ئىشنى ئۆزى قىلماي ئىشكىرى ئۆيدە ئولتۇرادو. ئىشنى ئۈچ گۆزۈرى قىلادو، ئالباننىما ئۇلار سالادو. ئادەمنىڭ بېشىنى گاڭ ئالالمايدو؛ گاڭ تۇرپانتىڭ ( تۇرپان يامۇلى___ ن ت ) دىكى دالويىغا قاراپ بېشىنى ئالغىلى قورقادو.
بۇ ئىشلەرنى مەن ئۆزۈم گاڭنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇپ ئوبدان بىلىپ خەتلەپ ئالدىم. تۇرپانغا مەن كەلگىلى بىر ئايدىن بىزىر ( بىراز___ ن ت ) ئاشتى. ( بوسۇق نىياز، قومۇل، 1892-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى)
بىيىتنى بىر يىگىت پۈتۈپ پۇڭ تۆلەپ بىر ئاشنا ( ئاغىنە___ ن ت ) كىشىنىكىدە ئەپكىرىدو. ئېنى ئەپكىرگىنىنى كىشى تۇيمايدو. بىيىتنى كىز ( كىگىز ___ ن ت ) ئاستىنىغا سۇقۇپ قويادو. << پالانى يەردە ئىشىم بار>> دەپ، تالاغا چىقادو. ئۆي ئىگىسىگە ئېيتادو: <<ئۆيۈڭۈزلەرنى قار بېسىپ قالماسۇن>> دەپ ئۆيدىن قاچادو. ئۆي ئىگىسى ئارقىسىدىن قويلاشادو: << بىزنىكىدە قار تاشلاپتۇ بۇ ئوغرى>> دەپ. مەگەر تۇتۇۋالسا، ئۈزىگە قازاننىڭ كۆگىسى ( قارىسى__ ن ت ) نى سۈرەدو. ئاندىن ياقارى ( ياغلىشاڭغۇ كىر___ ن ت ) بىرلەن ياق سۈرەدو، ئاندىن كېيىن قويەۋىردو. كۆزى كۆگە بولغان كىشى ئۆيگە بېرىپ چوڭ بىر ئۆينى ئومدان جابدۇيدۇ. مەگەر تۇتالماغان بولسا، شۇ كىشى مىلىس ( ئولتۇرۇش، مەشرەپ___ ن ت )نى ئۆزى قىلىپ بېرەدو. كۆزى قارا بولغان كىشى بىسات ( كۆرپە__ ن ت )لارنى سېلىپ ئومدان چۈمۈيدۇ( تەييارلىق قىلىدۇ). ئاندىن كېيىن كەندىر بىرلەن قوماش قورۇدو قازانغا. ئېكىن( ئاندىن كېيىن ___ ن ت ) شۇنداق ئارپا بىرلەن قورۇدو. بۇغداي بىرلەن ھەم قورۇدو، دادۇزى بىرلەن ھەم قورادو. تاقسا( تەخسە___ ن ت ) لارغا تىزىپ راسلايدو. ئاندىن كېيىن ئىككى يىگىت ئۆيلەردىكى ياش يىگىتلەرنى، ياش جۇگانلارنى، ئوترا ياشلىق بولغان ئادەملەرنى ئەللىك ئاتمىش ياشقا كىرگەن قېرى ئويۇنچىلارنى چىرلايدو. خوتۇنلار بولۇپ يەتمىش سەكسەن كىشى يىغىلادو.
بىر مىلىسكە ئوتتۇز قىرىق كىشىما يىغىلادو. مىلىس قىلادوغان ئۆيدە يوقىرى يېنىدا خوتۇنلار ئولتۇرادو، تۆبەن يېنىدا ئەرەنلەر ئولتۇرادو. مىلىس قىپەرگەن كىشى سىركايەلەرگە چاي قۇيۇپ ھەممە خوتۇنلارغا چاي تۇتادو، ئاندىن كېيىن ئەرەنلەرگە چاي تۇتادو. چاينى ئىچىپ كېتىپ ئىككى ئەر كىشى داپ سوقۇپ ناخشا ئېيتادو. مىلىس قىپەرگەن كىشىنىڭ خوتۇنى بىر ياغلىقنى پوتا قىلىپ بىر كىشىگە پوتا سالادو. شۇ ئەر كىشى ئورنىدىن قوپۇپ يەنە بىر خوتۇن كىشىگە پوتا سالادو. شۇ خوتۇن تۇرۇپ يەنە بىر ئەر كىشىگە سالادو. ئۈچ مەرتەبىدىن تازىم قىلىپ چۆرۈلۈپ ئوينايدو شۇ يوسۇن بىرلەن. شۇل زاماندا بىر ئەر كىشى بىر خوتۇن كىشى ئۇسۇل ئوينايدو. ئىككى خوتۇن بولساما ھەم ئوينايدو. ئىككى خوتۇن ئۇسۇلنى ئومدان ئويناسا ، بىر مەسەلچى قوپۇپ بىيىت ئېيتادو. بىر تاقسادا تۆرت چوتىنى ( كاكچا__ ن ت ) تىزىپ ئوڭ قولىغا كۆتۈرۈپ بۇ بىيىتنى ئېيتىپ قولى بىرلەن شۇ ئىككى خوتۇننىڭ بېشىدىن ئۆرىدو:
يۇقارىدىن غاز كېلەدۇ،
چىغ بىرلەن ئارالاپ
يار ئىككى كۆزى بىرلەن
بىزگە قارالاپ
ئاقسۇرى بەلكىم
سېرىق سۇ باغلاپ.
قاقشال ئەي قاقشال
چارباغدا يوغان باقشال.
ئۇسۇل ئويناغان ئىككى جۇگان
گۈلزەپەرگە ئوخشار
قىقاس.
ئىبلىسۇن جەردىيدى
قۇرۇغى يەر دىيدى
تۈلكە تۈمەن مىڭ بېگىدى
قۇرۇغى مىڭنىڭ بېگىدى.
قۇشقاچ چېقىمچىدى
تورغاي بېقىمچىدى
چاشقان چوماقچىدى.
مۈشۈك ئېلىپ قاچماقچىدى.
يوقۇر چىقتىم ئورپاڭغا،
تۆۋەن تۈشتۈم پورپاڭغا.
كىشى بېشىم ئاندا قالدى
قوشۇق سالدىم يۇمدانغا
قىقاس
ئۈنمىگەن چىغ تۈۋىدىن
تۇغمىغان توشقان چىقتى.
پۇتىمىغان چوماق بىرلەن
ئۇرىۋىدىم غاز غۇرغۇي بولدى.
ئۆزۈم تەنھا قىياق بىرلەن
توشقۇنۇمنى بوغۇزلۇدۇم
ئالتى پاتمان يېغى چىقتى
چېتىغا پەردىگەن قىستۇرۇپتۇ،
ئاغزىغا سۆيەمدىكىن؟
قىزىل باش ئانا كىرسە
قارا باش چىقامدىكىن؟
قىقاس!
شۇ بىيىتلەرنى ئېيتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇسۇلچىلار توختايدو. شۇ بىيىتلەرنى ئېيتىپ ئۇسۇلنى ، يازدا بولسا، تاڭ ئاتقۇچە ئوينايدو، قىشتا بولسا، توخۇ چىرلاغۇچە ئوينايدو. كىزنىڭ ئاستىنىغا سۇقۇپ قويغان بىيىت مەشۇقنۇڭ مەزمۇنى شۇنداق بولادو:
ھاق تەئالا رەھمىتى
ياغدۇردى شۈتتە ( شۇ يەردە__ ن ت ) قار.
رەھمىتى پەزلىنى
قىلدى بىزگە ئاشكار.
دىلبىرىم، بۇ نامە بىرلەن
قارلىق ھەم تاشلادۇق.
شۇ كۆڭۈلنۈڭ خوشلۇغىدىن
شۇ ئويۇننى باشلادۇق.
چىن چاجۈشتە ئاراقنى( ھاراق__ ئۇدۇن)،
خوندا گەزەكنى راسلادۇق.
غازنى توققۇز، قوينى ئوتتۇز،
ھەممىنى تەڭ راسلادۇق.
چالغىلى قالۇن، سەتەر،
بەربات، راباپنى راسلادۇق.
ناغمىچى لازىم دېسە،
سازەندىنى راسلادۇق.
قار يېغىپ بۇ يەردە
ئالەم ئۈزىنى قىلدى ئاق.
ئۆي ئىچىدە ئىچىمىز پىشىپ
بولدۇق بىدىماق.
خەت ئېلىپ بارغان كىشىنى
پەم بىرلەن بەك تۇتسىلا،
ئېنىڭ قاشقا ئوسما قويۇپ
پەرداز بىرلەن ياندۇرسىلا.
خەت ئېلىپ بارغان كىشى
ئۆيگە كەلسە سالامەت يېنىپ
شۇل كىشى گەزەك بېرۇر،
جابدۇق( تەييارلىق__ ن ت ) قىلۇر ئاتنى چېپىپ.كۆك مىلىس( كۆك مەشرىپى___ ئۇدۇن)نىڭ
بايانى
كۆك مىلىسنى، قىش بولسا، بىر قاباقنىڭ ئىچىگە ئوچاقتىن كۈل ئالادو. ئېنىڭ ئۈستۈنىگە بىزە تۇپراق قۇيادۇ. تۇپراق كۈلنۈڭ ئارىسىغا بىر تۇتام بۇغداينى كۆمۈپ قويادۇ. قاباقنى ئىسسىق يەردە، قازاننىڭ بېشىدىكى كاڭدا قويادو.بۇغداي يەتتى كۈڭەچە ئۈنۈپ ئېگىز بولادو. ئاندىن كېيىن كۆك ئۈندۈرگەن كىشى ھەممە خەقلەرنى چىرلايدو. قارلىقنىڭ مىلىسىگە ئوخشاش مىلىس ئوينايدو. مىلىس تۈگەگەندە بىر تاقساغا كۆكنى قويادو. كۆكنى چوڭ تاقساغا سالادو. ئېنىڭ يېنىغا بىر كىچىك تاقسادا دادوزا قويادو. ئېنىڭ يېنىغا كەندىر قومىچىنى قويادو. ئېنىڭ يېنىغا ئارپا قومىچىنى قويادو. ئېنىڭ يېنىغا بۇغداي قومىچىنى قويادو. ئېنىڭ يېنىغا ئۈزۈم قويادو. كۆك بۇلارنىڭ ئوترىسىدا تۇرادۇ. بىر بىيىتچى بۇ نەرسەلەنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بۇ بىيىت مەشۇقنى ئېيتادو:
گۈل زىمىستاندا ئۈنەر،
سەبزى باھارنىڭ ئەگگىلى.
ياخشىلارنىڭ مىلىسىدىن
سەبزى ئۈندى قىشلىغى.
قىشلىغى ئۈنگەن چىچەكنىڭ
تەرىپى نازۇك تۇرۇر.
سۇغۇرۇپ كۆل ئاشقىلى
ئالغان كىشى ئاشىق تۇرۇر.بۇ چىچەكنىڭ تەرىپىنى
مەي بىرلەن نامە ئەيلىدىم.
بۇ چىچەكنى سىزگە مەن
تارتۇق قىلىپ تۆپە ئەيلەدىم.بۇ چىچەكنىڭ سۆزلەرى
شوشۇڭدىدۇر، شوشۇڭدىدۇر.
كۆتەرسە ئېغىرلىقتىن
بويلىرى پەلەكتىدۇر.بۇ چىچەكنىڭ سايەسىدە
راھەتلىنىپ ئولتۇرسا،
ھەردەم كۆڭۈللەر
خوشال بولۇپ ئاچىلۇر.مۇز ئۈستۈنىدە ئۈندۈرىۋىدىم
بۇ دانە بۇغداينى،
كۆتەرگىلى ئەر بارمىكىن
بۇ تۇرغان بۇغداينى.سۇغارغىلى ئەر بولسىكەن
بۇ تۇرغان بۇغداينى،
كۈندۈز يات قىلۇرمەن
ئۈستۈن خۇدانى.بىر تام، تامدا چىچەك
تامدىن ئېگىز بارمۇ چىچەك؟
كۆرگەلى كۆكلە چىچەك،
كۆتەرگىلى ئېغىر چىچەك.شۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلۇغىدىن
بۇ ئويۇننى باشلىدۇق.
چىن چاجۈشتە ئاراقنى،
خوندا گېزەك راسلادۇق.غازنى ئوتتۇز، قوينى ئوتتۇز،
ھەممىنى تەڭ راسلادۇق.
چالغالى قالۇن سەتەر،
بەربات ، راباپنى راسلادۇق.نەغمىچى لازىم دېسە، سازەندىنى راسلادۇق.
كۆك ئېلىپ بارغان كىشى،
كەلسە ئامانزېمىن يېنىپ،
بۇ كىشى جابدۇق قىلۇر،
ئۆز خېچىرنى ئۆيدە چېپىپ.
گەللاھۇ ئەلەم بىسسەگاپ. ئادەمنىڭ تېنىنىڭ بايانى
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى)ئادەمنىڭ بېشىدىكى نەرسەلەرنىڭ ئېتى شۇدۇر: يىك، توقۇباق، كۆزنىڭ چانىقى، دىماغ، ئىڭەك، بۇرۇن تۆشۈكى، قۇلاق، قۇلاقنىڭ تۆشۈكى، قۇلاقنىڭ كۆمۈرچىگى، مىيە، تىشلەر. تىشلەرنىڭ ئارىسىدا بار: ئوتتۇرانچى تىشلەر، ئېغىز تىشلەر، ئارا تىشلەر، ياستىق گۆش. ئۈستۈنىدە تېخى ئۈستۈن ئىڭەك بار. شۇ ئىڭەكتە بۈدۈرچەك بار. تىلنىڭ كەينىدە كىچىك تىل بار. ئادەمنىڭ قولىدىكى نەرسەلەرنىڭ ئېتى شۇدۇر: تۆش، قوبۇرغالار، مۈرە بېشى، دولا، مۈشۈك، جىنەك، بىلەك، بېغىش، ئۆگەلەر. ئادەمنىڭ ئايىغىدىكى نەرسەلەرنىڭ ئېتى شۇدۇر: سۆجە، يوتا، تىز، لىپەك، قاقشىراق، ئوشۇق، سوڭ، پۇتئۈزى، ئۈزەڭگىلىك، پۇتئۇچى. ئادەمنىڭ بويىدىكى نەرسەلەرنىڭ ئېتى شۇدۇر: سىرت، يۇلۇن، ئومۇرتقا، ئوڭارتقى، قوبۇرغالار. كىچىك قوبۇرغىنى يېتىم قوبۇرغا دەيدو. قان ئاقاتۇرغان تومۇرى ھەم بار. قۇرۇق تومۇرنى سىڭىر دەيدو. تېخى بويدا: ئەمچەك، كىندىك بار. بوينىڭ ئىچىدە بار: يۈرەك، بۆرەك، ئۆپكە، بېغىر، تال، قۇرساق، ئۈچۆگەلەر، دوسۇن، كارنەي، قىزىل ئۆڭەنچەك، كەككىرتەك، بەل.
مىيە قابىغى، ئۆگە، كۆز ئويمىنى، بۇرۇن كېمىرچىگى، تىش تۈبى، كۆكۈس، مىدە، دولا، ئېلىك، يوغان ئېلىك، قوش ئېلىك، تىگمەن تېشى، توبۇق، يوتا، ئوشۇق، قول، ئالاقان، شاپانچى، ئۆگە، بەل، سۆجە.قومۇللۇقنىڭ ئاغرىقلىرى
( ئابدۇللاكا، قومۇل، 1892-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى)شۈتتە قومۇلدا ھەر نۆچۈك ئاغرىقلار بولادو: نېمىشە باش ئاغرىدۇغىنىما بار. مەيدە ئاغرىدۇغىنىما بار. مەيدىسى ئاغرىپ ئۆلەدو، يەل چانچىپ ئاغرىيدو. تىشىما ئاغرىيدو. يامان ئاغرىغان تىشىنى بىز يۇلۇۋاتىدىمىز. چىچەك ئاغرىق تولا بولادو. قارا چىچەكما قايسى يىللاردا چىقسا، شۇ گاختا خەق تولا ئۆلەدو. بەزگەك ئاغرىقما بار. كۆز ئاغرىغىما تولا بولادو. يىگىتلەرنىڭ چوچاق ئاغرىغىنىما تولا بولادو. يىرىڭ ئاققىنىنى سوق دىيدىمىز، قان ئاققىنىنى ئىسسىق دىيدىمىز. تۇقمىسى شىشىپ ( ئىششىپ__ ن ت ) قالغىنىنى بىز بۆرەك ئاغرىغى دىيدىمىز. ئەدەم تۇقمىسىنى بىز تاش دىيدىمىز. بەدەن ئاغرىغىنىما بار. خوتۇنلارنىڭ كۆتىدە چىققان ئاغرىقنى ئۇچۇق دىيدىمىز. باللارنىڭ، چوڭ ئەدەمنىڭ قۇرسىغىما ئاغرىپ ئىچى يۈرۈپ كېتەدو. ئۆزۈمۈزما يەردىن ماتاۋالغان ( كولىۋالغان___ ن ت ) ئوت دورالار بولادو.
باش ئاغرىغىنىڭ بايانى
( نايخان، تۇرپان لوگۇچەن، 1892-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى)باش ئىسسىق سەبەپتىن ئاغرىسا، قىزىل گۈلنى نىلۇپەر بىرلە يۇسا، يە ئېزىپ ئۈچۈرسە، يە ئېزىپ بېشىغا چاپسا، يە بۇرنىغا تارتسا، باش ئاغرىقى يوقاپ كېتەدو.
ئىڭەك تۈشكەننىڭ بايانىگۈلنىڭ سۈيى بىرلە غارغارا قىلسا، ئېڭىگى ئورنىغا كەلگەي. ھەر كىم ئاغۇ ( ئوغا__ ن ت ) بەرگەن بولسا، ئادەمنىڭ سۈيدۈگىنى ئۈچۈرسە، دەرھال شىپا تاپۇر. يە ئادەمنىڭ پايتىمىسىنى سۇغا چىلاپ سىقىپ ئۈچۈرسە، شىپا تاپقاي.
بېغىر، يۈرەكنىڭ ئاغرىغىنى
ھەر كىمنىڭ باغرى، يۈرىكى سۇس بولسا، تائامغا ئىشتىھاسى بولماسا، سۇنى تولا ئىچكۈسى كەلسە، ئۇسسىلىغى قانماسا، ئول كىشىنىڭ تىلى يىرىك بوپقالادو، ئۆزى سېرىق بولادو. ئاڭا ئۈجمە غورىسىنىڭ سۈيىنى ئۈچۈرسە ، ئاچچىق ئانار سۈيى بەرسە، ساقايادو.
ئىچى ئۆتكەننىڭ بايانى
ئادەمنىڭ ئىچى سۈرۈپ ئۆتكەن بولسا، سوقتىن بولسا، توخۇنىڭ تۇقۇمىنىڭ ئېقىنى تۆكۈپ سېرىغىغا بىر دانە جوز ( جويۇز___ ن ت )نى سوقۇپ سېلىپ قوينىڭ قۇرۇق ( قۇيرۇق__ ن ت ) يېغى بىرلە قۇيماق قىلىپ يېسە، ئىچى توختار. يەنە زىرىنى، سېرىق كوچىنى، ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ يېسە، ئىچى توختايدو. ئىسسىقتىن ئىچى سۈرسە، ئاچچىق ئانار سۈيى، ئۈزۈم غورىسىنىڭ سۈيى، ئالما سۈيى ئىچسۇن.
مەزلىم كىشىنىڭ ئاغرىغىنىڭ بايانى
مەزلىم كىشىنىڭ بەچەدانىدا يەل بولسا، ئىپار، قالامپۇر، بۆرىنىڭ ئۆتى، قارغا ئۆتى، قىزىل قوينىڭ ئۆتى، بارچىنى قوشۇپ شىشەدە ساپ قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئېرى بىرلە مۇجامەت قىلسا، پەرزەنت بولۇر. يەنە بەچەدان ئۆرۈلگەن بولسا، ئۆردەك ئۆتى بادام ماغزى بىرلە قوشۇپ شىشەدە ساپ قىلىپ ئاندامىغا قويسۇن، ھەر كۈنى تازا سۈت ئىشسۇن، ھېمىشە ھەيزدىن پاك بولۇر. ئاندىن غۇسلى قىلىپ ئېرى بىرلە ياتسا، پەرزەنت بولۇر.
ئەگەر بەچەداندا قان كېلىپ قالسا، خۇلۇنجان، بۆرە ئۆتى، قارا قارغا ئۆتى، بۇلارنى يۇمشاق يانچىپ شىشەگە سېلىپ، ئاندىن سوڭ ئىشكە باشلاسۇن.خوتۇننىڭ كۈچسىزلىگى
خوتۇننىڭ سۈتى سوغالسا، ئۆشكە سۈتىنى كەڭرۆ ( كەڭرى__ ن ت ) پۇشۇرۇپ يېسە، قۇگگەت ( قۇۋۋەت__ ن ت ) كەلگەي. ئەگەر كىشى زەر ( زەھەر__ ن ت ) بەرگەن بولسا، ئوغلاقنىڭ قېنىنى ئۈچۈرسە، ساقايادو. تېبىپنىڭ خېتى
( نايخان، تۇرپان لوگۇچەن، 1892-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى)تەنجىندىن كەلگەن تېبىپ نايەتتە ( ناھايىتى__ ن ت ) ئۇستا. ھەر قايداق ئاغرىققا داگا قىلۇركەن. باش ئاغرىغى، كۆز ئاغرىغى، بۇىۇن(؟؟؟ __ ئۇدۇن) ئاغرىقى، بۇرۇڭغا يەل تۈشكەن، ھەر قايداق ئوتتۇز يىل بولغان، مەرەز كېسەلگە، قول ئاغرىغىغا، مۈرە ئاغرىغىغا، ئۇچا ئاغرىغىغا، يۆتەل، پۇت ئاغرىغى، قۇرساق ئاغرىغى، ئىت تىشلەگەن، بۇرۇندىن قان كەلگەن، ئاغزىدىن قان كەلگەن، قوڭىدىن قان كەلگەن، تىش ئاغرىغى، قۇلاق ئاغرىغى، بوغۇز ئاغرىغى، گەردەن ئاغرىغى، ھەر قىسما ئاغرىق بولسا، داگا قىلادو. كىچىك بالىنىڭ ئاغرىغىغا ھەم داگا قىلادو. چىچەك چىققاڭغا، سۈت كېسىلى بولغانغا، ئاغرىق كىچىك بالاغا، كىچىك بالا يۆتەلسە، تاز بولسا، يەنە بۆلەك يارا ئاغرىق بولسا، ئورۇغداپ قالغان بالاغا، ئىچى سۈرۈپ قالغان بالاغا، ئۇسساپ تولا تەشنى بولغان ئاغرىققا، يۈرەك ئاغرىغىغا، بېغىر ئاغرىققا، ئۆپكە ئاغرىققا، ئۈچۆي ئاغرىغىغا، بۆرەك ئاغرىققا، تال ئاغرىققا، پورداققا، ئوتتا كۆيگەن ياراغا، ئوت توشۇپ كەتكەنگە، ياراقانغا، ئىستىسقاغا، يەنە بۆلەك ئۇششۇققا، سۆزى چىقماغان بالاغا، قان ئالادۇرغان كېسەللەرگە داگا قىلادو؛ باشتىن قان ئالادو، قىرپالدىن قان ئالادو، ھىجامەت قويادو، سۇرۇل ھەم قويادو. مەزلىم كىشىنىڭ كېسىلىنى ھەم بىلەدو. ئەمچەك ئاغرىغى، بىر كىشىگە ئاشىق بولسا، بىر بىرسىگە كۆيۈپ ساراڭ بولۇپ مەجنۇن بولۇپ قالسا، يە جىن ئۇچۇراسا، يە چاشقان تىشلەسە، چاچ قارا بولادۇرغانغا، مەزلىم كىشى باش ئاقارماسقا، تۇغۇت ئاغرىغىغا، تۇغۇپ ئېشى ( ھەمرىيى__ ن ت ) تۈشمەگەنگە، كۆكسى ئىششىغانغا، كۆكسى ئىششىپ تېشىلگەنگە، دېمى تۇتۇلغانغا، چىللە كېسەلگە، ئەر كىشى ئوردادا تاياق يېگەن كېسەلگە، ئىت تىشلەگەن، يولبارس تىشلەگەن، بۆرە تىشلەگەن، چايان چاققانغا، ئېشەك چاققانغا، پۇت، قول، بەل سىڭغانغا، كېكەشكە، جېمى ئاغرىققا داگا قىلادو. بۇ ھۆكۈما تۆرت ئەۋلاد ھۆكۈما ئىكەن. بۇ كىشىما ئۆزى نايەتتە ئۇستا تېبىپ ئىكەن. ھەر قايداق ئۇلۇق ئوتتۇز، قىرىق يىل بولغان كېسەلگە دارى قىلادۇرغان ئىكەن. ھېچ كېسەل قېچىپ قۇتۇلمايدو. ئۆزى تەنچىللىك ھۆكۈما ئىكەن.
چىچەك كېسىلى
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى)چىچەك دېگەن كېسەل ئىككى يىلدا، ئۈچ يىلدا بىر كېلەر. بۇرۇن كەلگەندە ئەگگىلىدە ئۇششاق باللار تولا ئۆلسە، ئېخىرى ياخشى بولار. ئەگگىلىدە تىنچ كەلسە، ئېخىرىسى يامان ئۆلەر. كىچىك باللارغا بۇ چىچەك چىقار گاختا بەش ئالتى كۈن بالدىر بويىنى قىزىتار؛ بويى قىزىپ يەتتى كۈن بولغاندا بىرەبىر كۆرۈنەر. سەككىزىنچى كېچىسى ھەممىسى ئۆرلەپ چىقار. بۇ چىچەك چىققان بالىنى قاراڭغۇ يەرگە ئاپكىرىپ كىشى كۆرمەيدۇرغان جايغا ئاپكىرىپ باقۇر. چىچەك چىقىپ ئۈچ كۈن بولغاندا شۇ ئېشىكنىڭ ئايلىغا ئوت يېقىپ قويۇر. ئېنى ئىسرىق دەرلەر. ئۇ ئوتنى كۆرۈپ ئادەملەر بۇ ئۆيگە كىرمەسلەر. بۇ چىچەك كۆرۈنۈپ بەش كۈن بولغاندا سۇغا ئالۇر. يەتتى كۈن بولغاندا چىچەك ئۇي يېغى بولۇر. سەككىزىنچى كېچىسى تۈن يېرىمىدا چېكىرلەر. بۇ بالاغا ئاندىن ئارام بولۇر. ئون بىر كۈنگەچە قارا قوماش بولۇپ تۆكۈلۈپ ساقايۇر. بۇ چىچەك ئابدان كەلسە، ئون ئىككى كۈندە ساقايۇر، ياماللاپ قالسا، بۇ چىچەك ساقايغاندىن كېيىن ئون تۆرت، ئون بەش كۈن بولغاندا بۆلەك يالاڭ چىچەك دەپ بىر چىچەك چىقۇر. بۇ چىچەك چىققاندىن كېيىن ساقايغان بالا ئاجىزلاپ كۈندىن كۈنگە يامان بولار؛ ئېخىر ئون يەتتى كۈن بولغاندا ئۆلەرلەر. بۇ يالاڭ چىچەك چىقسا، ھەرگىز ساقايماس. يامان چىچەك كەلسە، يالاڭ چىچەك تولا بولۇر. شۇ ئۇچۇرىدىن يامان چىچەك دەرلەر.
تۇغۇلۇپ قىرىق كۈن بولغان باللارنىڭ ئوڭ قولىنىڭ مۆرىسىگە پىچاق ئۇرۇپ ئاز ئاز جىراپ ئاپكەلگەن چىچەك تۇقۇمىنى يانچىپ خېمىر قىلىپ شۇ بالىنىڭ مۆرىسىنىڭ كەسكەن يېرىگە سۈرۈپ تېڭىپ قويار. بۇ چىچەك ئالتى كۈن بولغاندا ئۈنۈپ چىقار. بېرىپ توققۇز كۈندە چېكىلەر. بۇ تېرىغان چىچەك ئوندىن تولا بولماس. ئېنىڭ ئۈچۈن ئۆلمەي بالالار ساقايۇر. ازنى ئۆچۈتكىنى( ئۆچۈتمەك____ مازاق قىلماق، مەسخىرە قىلماق ت)
( مېجىت ئاخۇن، تۇرپان، 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى)ئايدىڭ كۆلدە غاز ئوينار،
چىبىن بىرلەن تاز ئوينار.
تاز چىبىننى قوندۇرماس،
چىبىن تازنى تىندۇرماس.تاز كېلەدۇ قورققۇدەك،
بوينى خارازنىڭ ئوقىدەك! ( خاراز___ جۇۋاز)
بېشىدىكى چەشكىسى،
توڭ قارغانىڭ پوقىدەك!تازغا چىقارغان بىيىت
( نايخان، تۇرپان لوگۇچەن، 1892-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى)تازنىڭ بېشىدا بۇرنى،
باغلاپتۇ قىزىل قۇرنى.
تاز دېمەڭلار تاز دېمەڭلار!
تاز خۇدانىڭ بەندىسى!
بېلىگە تەسبى ئېسىپتۇ،
بۇرنىغا ئات خەيىسى!ھۈپۈپۈپ ئەمالۇھۇم،
ئىننەلەزىنە قاشقا تاز!
سەن قولۇڭنى ئاشقا تىقساڭ،
مەن تېپۇرمەن باشقا، تاز!تازىم، تازىم ئەرتە كەل!
چېغىرىڭنى ئالغاچ كەل! ( چېغىر__ ھاراق)
چېغىرىڭنى ئىچىنى،
تاز باشىڭغا چىچىنى!تاز، تاز تۇمباڭ تاز،
ئىت كۆتىنى يىلداڭ تاز.
ئىت تاز، پىت تاز،
كۆزۈمدىن يىت تاز.بىر تاز كۆتىنى يىرت تاز،
ئىككى تاز شىللىلىرى سىركە تاز،
ئۈچ تاز تامام خەق ئۆچ تاز،
تۆرت تاز تۆمەت تاز،
بەش تاز بېشى يامان تاز،
ئالتى تاز ئالدىرىغان تاز،
يەتتى تاز يېتالماغان تاز،
سەككىز تاز سەك تاز،
توققۇز تاز توڭۇز历史上的今天:
كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 5 Jul 26, 2010كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ـــــ 3 Jul 26, 2010كۈنچىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ــــ 2 Jul 26, 2010
收藏到:Del.icio.us