• يېڭى ئىملا قائىدىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر - [ئىلمىي ماقالىلەر]

    Jul 4, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68150363.html

     

    يېڭى ئىملا قائىدىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

     

     

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى 2008-يىلى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ، ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئۆتكۈزۈشى، جۈملىدىن مەشھۇر تىلشۇناس ئالىمىمىز مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىنىڭ بىۋاستە ئىشتىراكىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە قىشمەن ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، 2009-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغانىدى. بىراق تا مۇشۇ كۈنگىچە مەتبۇئات، گېزىت-ژورناللاردا، تور بەتلىرىدە بۇ ئىملا قائىدىسى ھەققىدە چۈشەنچە كەم بولغانلىقتىن تۈزۈك رىئايە قىلىنماي كەلدى. شۇڭا مەن تۆۋەندە يېڭى ئىملا قائىدىسىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي:

    1)   پەيتونۇڭىز|پەيتونىڭىزلار|قويۇڭىز|قويۇڭىزلار

    2)   گۈلىڭىز|يىمىرىڭلەر|ئانسامبىللىق

    3)   قۇلۇپۇم|تۇلۇقۇڭ

    4)   قوللىنىش|قوللىرىم|پولويۇم|

    5)   ئالاقىسى

    6)   ئارمىيەسى|پارتىيەسى|نەزەرىيەسى|ياپونىيەسى|لۇشيەنى|مەسلىھەتى|نەسىھەتى|مەدەنىيەتى |پاجىئەسى|مەدرىسەسى|مەزەسى (دىققەت:چەت تىللاردىن كىرگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنىڭ بوغۇم ئاخىرىدىكى «ئە» تاۋۇشىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق بۇ قېتىمقى مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.)

    7)   تەلىپى|ۋەزى|كەشى|

    8)   بىكىرى(بىكار+ى)|خامىرى|كومپىسى|شىپاڭى|ماتاڭى

    9)   تونۇغانمىدى

    10) فىرازىيولوگىيە|دىيافراگما|پىيانىنو|رادىيو|تىياتىر|دىيالوگ|دىيالېكت(بۇرۇن «ئ»ئارقىلىق ئېلىنغان تاۋۇش«ي»غا نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن.)

    11) باغۇبوستان|ئەيشۇئىشرەت|دادۇپەرياد|ئۈستمۇئۈست|خىلمۇخىل|قاتمۇقات

    12) ئونبېشى|سايباغ|پاينەكباش

    13) بالىۋاقا|تەڭتۇش

    14) سىكۇنت|كىۋادرات|فىرانسىيە|ئىشتات|فىتور|كىران|تىراكتور|پىرولتارىيات|گىرامماتىكا|دىراما|

    پىروگرامما|ئىشتاپ|ئىشتانكا(چەت تىللاردىن كىرگەن سۆز بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ كېلىدىغان ئەھۋال ئۆزگەرتىلىپ ئارىسىغا ياكى ئالدىغا بىر «ئى» قېتىلىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.)

    15) ئاتا – ئانا|خۇشال ـ خۇرام| ئارقا – ئارقىدىن

    16) بىر ئادەم|8 كىشى| ئىككى تاۋۇز

    17) بىرىنچى|ئىككىنچى|ئۈچىنچى|تۆتىنچى|بەشىنچى|ئالتىنچى

    18) 1 – ئاي| 12 – قىسىم|54 مىڭ 630 سەر

    19) مەھمۇد كاشغەرى(1008-1105) |پىلاتون |نەۋايى(1441-1501)

    20) I باب|V باب

    21) 14 ى|12سى|90%ى

    22) قومۇل|لوپنور|قاراماي

     

    ______________

    «يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا لۇغىتى» ئاساسىدا يېزىلدى. مەنبە: ئۆزۈم

     


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    评论

  • يېڭى قۇرغان بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    كۆزنەك ئۇلىنىشلىرى رەتلەندى، ۋاقتىڭىز چىققاندا كۆرۈپ باققايسىز.
    reshid回复dunyakara说:
    بلوگىمغىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى، يېڭىمۇ ئەمەس. بولسا ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
    2010-07-08 10:59:29