• دىۋاندىكى "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسىغا ئېنىقلىما

    Jul 12, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69020854.html

     

    دىۋاندىكى "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسىغا 
    ئېنىقلىما
    ٭
    نۇسرەت تۇردى، ئابلىز ئورخۇن

    مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مىللەت 
    تەۋەلىك مەسىلىسى "تۈركى تىللار 
    دىۋانى" تەتقىقاتىدا ئىزچىل تۈردە 
    مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. گەرچە 
    بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزدىن ئىبراھىم 
    مۇتىى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ 
    قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ تىل ۋە باشقا 
    نۇقتىلاردىن قىلغان بىر يۈرۈش 
    تەتقىقاتلىرى بىلەن مەزكۇر مەسىلىنى 
    ھەل قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي ئاساسلار 
    بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىمۇ، بىراق 
    ئىلىم ساھەسىدە يەنىلا بۇ ھەقتىكى 
    قىسمەن تالاش–تارتىشلار توختاپ 
    قالمىدى. تارىخىي نۇقتىدىن 
    قارىغاندا، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ 
    قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن 
    بولۇشتەك ئالاھىدە سالاھىيىتى ئۇنىڭ 
    مىللىي تەۋەلىك مەسىلىسىنى بىۋاسىتە 
    تۈردە قاراخانىيلار خانلىقىنى كىمنىڭ 
    قۇرغانلىقىدىن ئىبارەت تېخىمۇ چوڭ 
    بىر تارىخىي مەسىلىگە باغلاپ 
    قويغانلىقتىن، مەزكۇر مەسىلە نوقۇل 
    "دىۋان"شۇناسلىق داىرىسىدىن 
    ھالقىپ كەتتى.

    ھالبۇكى، ئەڭ بىۋاسىتە تارىخىي 
    يازمىلارنىڭ كەم بۆلىشى بۇ ھەقتىكى 
    تۈرلۈك قىياسلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى 
    ئۈچۈن يەنىلا يېتەرلىك بوشلۇق 
    قالدۇرۇپ ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ 
    مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ 
    كەلدى. بولۇپمۇ، مەھمۇد كاشغەرى 
    تىلىدىكى "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسى بىلەن 
    مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆزى ۋەكىللىك 
    قىلىدىغان "خاقانىيىلىكلەر" ياكى 
    "خاقانىيە تۈركلىرى" نىڭ قارمۇ–
    قارشى قويۇلۇشى بىرقىسىم 
    كىشىلەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ 
    مىللىي كىملىكىنى ئۇيغۇردىن 
    ياتلاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم 
    ئاساسلاردىن بولۇپ قالدى. دەل شۇ 
    ۋەجىدىن بىزدىمۇ بۇ نۇقتىدا 
    داۋاملىق ئىزدىنىپ كۆرۈش ئىستىكى 
    تۇغۇلدى. بىز تۆۋەندە "دىۋان"نىڭ 
    1– تومىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس 
    قىلغان بۇ ھەقتىكى بىرقىسىم 
    تونۇشلىرىمىزنى "ئۇيغۇر" 
    ئاتالغۇسىنى چۆرىدىگەن ھالدا 
    بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

    "دىۋان" نىڭ كىرىش سۆز قىسمى ۋە 
    باشقا جايلىرىدا "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسى 
    بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان 
    مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ.

    رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان 
    قەبىلە پەچەنەك، ئاندىن قالسا 
    قىپچاق، ئوغۇز، يېمەك، باشقىرت، 
    باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز 
    قەبىلىلىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن 
    جايغا يېقىنلاشقان. بۇ قەبىلىلەرنىڭ 
    ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن 
    شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپتە سوزۇلغان. 
    ئاندىن چىگىل، توخسى، ياغما، 
    ئوغراق، چارۇق، چۇمۇل، ئۇيغۇر، 
    تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر. خىتاي 
    ––– چىن دېمەكتۇر. ئاندىن 
    تابغاچ، بۇ ماچىن دېمەكتۇر. بۇ 
    قەبىلىلەر جەنۇب بىلەن شىمال 
    ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ.
    ----- 1– توم 38– بەت

    ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە، 
    لېكىن ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان يەنە 
    بىر خىل شىۋىسىمۇ بار. ئۇيغۇرلار 
    كىتابنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلگەن 
    24 ھەرپتىن ئىبارەت تۈركى يېزىقنى 
    قوللىنىدۇ. كىتاب ۋە خەت–
    چەكلىرىنى شۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ. 
    ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە 
    ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ 
    بار. رەسمىي خەت–چەك ۋە 
    ھۆججەتلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. بۇ 
    يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان 
    ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار 
    ئوقۇيالمايدۇ. مەن يۇقىرىدا شەھەر 
    خەلقلىرى توغرىسىدا سۆزلىدىم.
    ----- 1– توم 40– بەت

    ئۇيغۇر. بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ 
    بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى 
    زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن 
    پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان 
    ئىكەن.

    ... زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە 
    يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا 
    قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. 
    ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى 
    لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. 
    ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، 
    كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن 
    ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا 
    ھەيران قاپتۇ ۋە " ئىنان خۇژۇرەند 
    --- بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، 
    ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ 
    يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ 
    قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، 
    قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ 
    يېيەلەيدۇ" دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ 
    بۇ ئەل "خۇژۇر" دەپ ئاتىلىپتۇ...
    ----- 1– توم 152– بەت

    بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ 
    خەلقى ئەڭ ئەشەددى كاپىرلار، ئەڭ 
    ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر: 
    سۇلمى، بۇنى زۇلقەرنەين سالدۇرغان، 
    قوچۇ، چانبالىق، بېشبالىق، ياڭى 
    بالىق.
    ----- 1– توم 153– بەت

    يوقۇرىقىدەك بايانلاردىن سىرت، 
    مەھمۇد كاشىغەرى بىرقىسىم 
    سۆزلەملەرنى ئىزاھلاش، 
    چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن يەنە 
    مۇنداق جايلاردا "ئۇيغۇر" 
    ئاتالغۇسىنى تىلغا ئالىدۇ.

    ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ 
    تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك 
    خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەين شۇ 
    كېچىلىك ھۇجۇمدىن كېيىن تۈرك 
    خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن.
    ----- 1– توم 123– بەت

    ئۈسمى تارىم __ ئۈسمى تارىم. 
    ئىسلام ئېلىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ 
    بارىدىغان دەريا. بۇ دەريا شۇ يەردە 
    قۇمغا سىڭىپ بارىدۇ.
    ----- 1– توم 175– ، 176– 
    بەتلەر

    تۈكەنە ئۆتۈكەن. تاتار (موڭغۇل) 
    دالاسىدىكى بىر يەرنىڭ نامى. 
    ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن.
    ----- 1– توم 186– بەت

    ئارامۇت. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن 
    جايلاشقان بىر تۈرك قەبىلىسى.
    ----- 1– توم 187– بەت

    ...بۇ يەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، 
    غەرب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال 
    تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇب 
    تەرىپى ھىند دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ.
    ----- 1– توم 461– بەت

    بۈگۈر بۈگۈر. كۇچا شەھىرى بىلەن 
    ئۇيغۇر ئېلى ئارىلىقىدىكى تاغ 
    ئۈستىگە قۇرۇلغان قەلئە. بۇيەر 
    چېگرا.
    ----- 1– توم 468– بەت

    بالىق ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك ۋە 
    ئۇيغۇر تىللىرىدا شەھەر، قەلئە. شۇڭا 
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ 
    شەھەرلىرىدىن بىرى "بەش بالىق" 
    دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ "بەش شەھەر" 
    دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە 
    بىر شەھرى "ياŋئى بالىķ" دەپ 
    ئاتىلىدۇ، بۇ "يېڭى شەھەر" دېگەن 
    بولىدۇ.
    ----- 1– توم 492– بەت

    چوماق ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمان 
    بولمىغان ھەممە خەلق 
    مۇسۇلمانلارنى "چوماق ئېرى" 
    دەيدۇ. بۇ "مۇسۇلمانلاردىن بىر 
    ئادەم" دېگەن بولىدۇ.
    ----- 1– توم 495– بەت

    تارىم. ئۇيغۇرلار چېگىرىسىدىكى "
    كۇچا" دېگەن يەرنىڭ يېنىدىكى بىر 
    جاي. بۇ يەر "ئۈسمى تارىم"مۇ 
    دېيىلىدۇ.
    ----- 1– توم 514– بەت

    كۈسەن. "كۇچا" دەپ ئاتىلىدىغان 
    شەھەرنىڭ يەنە بىر نامى. بۇ شەھەر 
    ئۇيغۇرلار چېگىرىسىغا جايلاشقان.
    ----- 1– توم 526– بەت

    پەچكەم ئۇرۇپ ئاتلارغا،
    ئۇيغۇرداقى تاتلاقا
    ئوغرى ياۋۇز ئىتلارقا
    قۇشلار كەبى ئۇچتىمىز

    ئاتلارغا بەلگە تاقاپ،
    ئۇيغۇردىكى تاتلارغا،
    ئوغرى، ياۋۇز ئىتلارغا،
    خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتۇق.
    ----- 1– توم 630– بەت.
    ٭
    يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇمكى، 
    مەھمۇد كاشغەرى قارىماققا "ئۇيغۇر" 
    بىلەن ئۆزىنى ياكى ئۆزى ۋەكىللىك 
    قىلغان خاقانىيىلىكلەرنى كەسكىن 
    پەرقلەندۈرگەندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا، 
    مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ 
    ۋەكىللىكىدىكى "خاقانىيە تۈركلىرى" 
    راستىنىلا بىزنىڭ ئىستېمالىمىزدىكى 
    بىر مىللەتنى بىلدۈرىدىغان "ئۇيغۇر" 
    بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ؟ بىز ئۆگىنىش 
    جەريانىدا مۇشۇ بايانلار تۈپەيلىدىن 
    خېلا قايمۇققان ئىدۇق. بىراق، 
    چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا 
    ئەگىشىپ مەسىلىنىڭ ئۇنداق 
    ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا 
    باشلىدۇق. شۇنداقلا، يۇقىرىقى 
    دىۋاندا قەيت قىلىنغان بايانلارغا 
    ئاساسلىنىپ مەھمۇد كاشغەرى 
    ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ 
    قارىغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن ئەجەللىك 
    خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى 
    بايقىدۇق. چۈنكى، مەھمۇد 
    كاشغەرىنىڭ ئىستېمالىدىكى "
    ئۇيغۇر" ئاتالغۇسى بىزنىڭ 
    چۈشەنچىمىزدىكى "ئۇيغۇر" دىن 
    پەرقلىنەتتى.

    مەھمۇد كاشغەرى "ئۇيغۇر" 
    ئاتالغۇسىغا ئەڭ بىۋاسىتە ھالدا "بىر 
    ئەلنىڭ ئىسمى" دەپ ئىزاھات 
    بېرىدۇ. ئۇ يەنە "ئەل" سۆزىنى 
    ئىزاھلاپ "مەملىكەت" دەپ 
    چۈشەندۈرىدۇ. بىز يەنە ئۇنىڭ "
    ئۈسمى تارىم. ئىسلام ئېلىدىن ئۇيغۇر 
    ئېلىگە ئېقىپ بارىدىغان دەريا. بۇ 
    دەريا شۇ يەردە قۇمغا سىڭىپ بارىدۇ. 
    "(بۇ جايدا "ئىسلام ئېلى" ياكى 
    قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن "ئۇيغۇر 
    ئېلى" نى دىنىي نۇقتىدىن قارمۇ– 
    قارشى ئورۇنغا قويىدۇ.) "بۇ ئەلدە 
    بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ 
    ئەشەددى كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا 
    مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر: سۇلمى، 
    بۇنى زۇلقەرنەين سالدۇرغان، قوچۇ، 
    چانبالىق، بېشبالىق، ياڭى بالىق. " 
    "چوماق ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمان 
    بولمىغان ھەممە خەلق 
    مۇسۇلمانلارنى "چوماق ئېرى" 
    دەيدۇ. بۇ "مۇسۇلمانلاردىن بىر 
    ئادەم" دېگەن بولىدۇ. " قاتارلىق 
    بايانلىرىدىن "ئۇيغۇر" بىلەن "ئۆز" 
    ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كۈچلۈك 
    دىنىي پەرق ياكى دىنىي ئاڭدىن 
    ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي 
    تۇرالمايمىز. بۇنىڭدىن سىرت، 
    مەھمۇد كاشىغەرى ئىسلامغا ئېتىقاد 
    قىلمىغان "ئۇيغۇر" قاتارلىقلارنىڭ 
    تىلى توغرىسىدا توختۇلۇشنى "پايدا 
    يوق" دەپ قارىغان بولسىمۇ 
    ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى "ساپ تۈركچە" 
    دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا "ئۆز ئارا 
    سۆزلىشىدىغان بىر خىل شېۋىسىمۇ 
    بار" دەپ كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ جايدا بۇ 
    بىر جۈملە چۈشەندۈرۈشتىن نېمىنى 
    ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن؟ بىزنىڭچە، 
    مەھمۇد كاشغەرى بۇ جايدا ئېيتقان 
    "ساپ تىل" سۆزسىزكى خاقانىيە 
    تۈركلىرى بىلەن "ئۇيغۇر" لارغا 
    ئورتاق بولغان ئەدەبىي تىلنى 
    كۆرسىتىدۇ. بۇ سىڭقۇ سېلىنىڭ ئۆز 
    تىلىنى "تۈرك ئۇيغۇر تىلى" ياكى 
    بىۋاسىتە "تۈرك تىلى" دەپ ئاتىغىنىغا 
    تولىمۇ ئوخشىشىدۇ. مۇبادا مۇنداق 
    ئورتاق تىل بولمىسا مەھمۇد 
    كاشغەرى ئېيتقان "بىر خىل شېۋە" 
    نىڭ بۆلىشى مەھمۇد كاشغەرى 
    ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدا 
    بىزنىڭ ئىبراھىم مۇتىى باشلىق ئۇستاز 
    تىلچىلىرىمىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى 
    ۋە خاقانىيە تىلى ياكى "دىۋان" 
    تىلىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 
    چىقارغان يەكۈنىمۇ بىزنىڭ بۇ 
    قارىشىمىزنىڭ، تېخىمۇ دۇرۇست 
    قىلىپ دېگەندە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ 
    قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

    مەھمۇد كاشغەرى "... زۇلقەرنەين 
    ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك 
    خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ 
    ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ 
    قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن 
    قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى 
    ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ 
    شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. 
    زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە " 
    ئىنان خۇژۇرەند --- بۇلار باشقىلارغا 
    موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى 
    تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ 
    قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، 
    قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ 
    يېيەلەيدۇ" دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ 
    بۇ ئەل "خۇژۇر" دەپ ئاتىلىپتۇ... " 
    دېگەن نەقىل ياكى رىۋايەتمۇ 
    بىزنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشمىزنى 
    قوزغايدۇ. چۈنكى، مەھمۇد 
    كاشغەرىنىڭ تىلىدىكى "تۈرك 
    خاقانى" قاراخانىيلار بىلەن 
    مۇناسىۋەتلىك ئىدى. زۇلقەرنەين 
    ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا "ئۇيغۇر 
    خاقانى" ئەمەس، بەلكى "تۈرك 
    خاقانى" ئۇنىڭغا قارشى قوشۇن 
    ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىمۇ مەھمۇد 
    كاشغەرىنىڭ نەزىرىدىكى "ئۇيغۇر" 
    بىلەن "خاقانىيىلىكلەر" نىڭ ياكى 
    قاراخانىيلار خان جەمەتى 
    ئوتتۇرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە 
    مۇناسىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ.

    مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئىپادىلىگەن 
    "تۈرك" ئۇقۇمى تولىمۇ ھەرىكەتچان 
    ئۇقۇم، كىشىنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ 
    قويۇشى مۇمكىن. لېكىن، بىز زەن 
    قويۇپ كۆزەتسەك، شۇنداقلا "دىۋان" 
    يېزىلغان مۇھىت ۋە تارىخىي دەۋرگە 
    بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلساق، ئېھتىمال 
    بۇ مەسىلىنى بىر قەدەر 
    مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلالىشىمىز 
    مۇمكىن. مەھمۇد كاشىغەرى "تۈرك" 
    ئۇقۇمىنى مۇنداق بىر قانچە 
    قاتلامدىن ئىستېمال قىلىدۇ.

    1. كەڭ مەنىدىكى "تۈرك" ئۇقۇمى. 
    بۇ بارلىق تۈركىي تىللىق قەۋملەرنى 
    ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەھمۇد 
    كاشىغەرى بۇ ئۇقۇمنى ئۆز 
    نەزىرىدىكى "دىۋان"نىڭ بولغۇسى 
    ئوقۇرمەنلىرى ئەرەبلەرگە قارىتا 
    ئىشلەتكەنلىكى چوقۇم. ئۇ مۇشۇ 
    نۇقتىدىن ئوغۇز، قىپچاق، ئۇيغۇر...
    قاتارلىق بارلىق تۈركىي تىللىق 
    قەبىلىلەرنى ساناپ ئۆتىدۇ.

    2. تار مەنىدىكى "تۈرك" ئۇقۇمى. بۇ 
    ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان 
    خاقانىيىلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى 
    ئوغۇزلار بىلەن كەسكىن تۈردە 
    پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ. "
    ئالما. ئوغۇزچە. تۈركلەر بۇنى "
    ئالمىلا" دەيدۇ. "ئوغۇزلار بىر ئىشنى 
    قىلسا "ǝتتى" سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. 
    تۈركلەر "ئىلدىķ" دەيدۇ. "بǝن 
    مەن. بǝن باردىم --- مەن 
    باردىم. ئوغۇزچە. تۈركلەر "مǝن" 
    دەيدۇ. "...

    مەھمۇد كاشىغەرى تىلىدىكى "تۈرك" 
    بىلەن "ئوغۇز" نى كەسكىن 
    پەرقلەندۈرۈش خاھىشى بىرتەرەپتىن 
    ئۇلارنىڭ تىلىدىكى پەرق 
    تۈپەيلىدىن تۇغۇلغان بولسا، يەنە 
    بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدىكى 
    ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدە ياشىغۇچى 
    ئەرەبلەر ئەڭ بىۋاسىتە 
    ئۇچرىشالايدىغان تۈركىي قەۋممۇ 
    ئوغۇز تۈركلىرى ياكى بىز ئاتاپ 
    كۆنگەن سالجۇق تۈركلىرى 
    بولغانلىقىدىندۇر. 11– ئەسردە 
    سالجۇق تۈركلىرى زور بىر سىياسىي 
    كۈچ سۈپىتىدە ئابباسىيلار 
    خەلپىلىكىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ھەل 
    قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى. 
    مۇشۇنداق سىياسىي مۇھىتتا يېزىلغان 
    "تۈركى تىللار دىۋانى"دا مۇقەررەر 
    يوسۇندا ئوغۇز تۈركلىرىگە ۋە 
    ئۇلارنىڭ تىلىغا تېگىشلىك ئورۇن 
    بېرىلىشى چوقۇم. ئۆز نۆۋىتىدە 
    شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش 
    كېرەككى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ 
    نەزىرىدە ئۆز دەۋرىدىكى "ئۇيغۇر" 
    بىلەن "خاقانىيىلىكلەر"نىڭ تىلى بىر 
    تىل بولغاچقا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىزاھ 
    بېرىلمىگەن. دەل شۇ ۋەجىدىن 
    مەھمۇد كاشىغەرى "زامان ۋە ماكان 
    ئىسىملىرى بىلەن مەستەرلەرمۇ شۇ 
    قاىدىلەر بويىچە تۈزىلىدۇ. خاقانىيە 
    تۈركلىرى بىلەن باشقا تۈركلەر، ئوغۇز 
    تۈركمەنلىرى بىلەن باشقىلار 
    ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇ نۇقتىدا پەرق 
    بار"، دەپ كۆرسىتىپ، تىل جەھەتتىن 
    پەرقلەندۈرىدۇ. ھەمدە ئوغۇزلارنىڭ 
    تۈپ ئۇرۇقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ 
    ئىشلىتىدىغان تامغىلىرىنى بىرمۇ–بىر 
    ساناپ ئۆتۈپ، "كىشىلەر بۇ 
    قەبىلىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بىلىشكە 
    موھتاج بولغاچقا، مەن ئۇلارنى بىرمۇ
    –بىر يېزىپ چىقتىم"، دەيدۇ. بۇ 
    جايدا "كىشىلەر" دەپ شۈبھىسىزكى، 
    ئەرەبلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتاتتى. بىز 
    يەنە "دىۋان"نىڭ 1– تومىنى 
    ئۆگىنىش جەريانىدا "ئوغۇز" 
    ئىبارىسىگە بېرىلگەن تەبىردىكى "
    زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى 
    شۇلاردىندۇر" دېگەن قۇرلارنى 
    كۆرگەن چاغدا ئىنتايىن قايمۇققان 
    ئىدۇق. بىراق، بىز ئەينى چاغدىكى 
    "دىۋان" يېزىلغان باغداتنىڭ 
    سىياسىي مۇھىتى ۋە "دىۋان"نىڭ 
    كىم ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى 
    بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، 
    مەزكۇر "زامانىمىز سۇلتانلىرى"نىڭ 
    قاراخانىيلار خانلىرىنى ئەمەس، 
    بەلكى ئەينى دەۋردە ئابباسىيلار 
    خەلىپىلىكىنىڭ سىياسىي، مەمۇرىي، 
    ھەربىي ئىشلىرىدا مۇھىم رول 
    ئويناۋاتقان سالجۇق تۈركلىرىدىن 
    چىققان سۇلتان ياكى ھاكىمىيەت 
    ئىگىلىرىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى قىياس 
    قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

    دېمەك، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ 
    تىلىدىكى "ئۇيغۇر" ئاتالغۇسى بىلەن 
    "ئوغۇز" ئاتالغۇسىنى ئۆزى ۋەكىللىك 
    قىلغان "تۈرك" ياكى "خاقانىيە 
    تۈركلىرى"دىن پەرقلەندۈرۈش 
    ئېھتىياجى، ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. 
    بىزنىڭ ئېرىشكەن ھاسىلاتىمىز شۇكى، 
    مەھمۇد كاشغەرى تىلىدىكى "
    ئۇيغۇر" ئاتالغۇسى دىن، جۇغراپىيە 
    ۋە سىياسەت كاتەگورىيەسىدىكى 
    ئۇقۇم بولۇپ، ئېتنىك ئۇقۇمى 
    قاتارىدا ئىستېمال قىلىنمىغان، يەنى 
    "ئۇيغۇر" نى ئۆزىگە يات مىللەت 
    ياكى قوۋم دەپ قارىمىغان، بەلكى 
    يات دىندىكىلەر، بىر خانلىق نامى 
    دەپ تونۇغان، خالاس.

    2008– يىل 10– ئاي
     )
    (بۇ ماقالە بېيجىڭدا ئېچىلغان 
    مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان، "
    بۇلاق"نىڭ 2009– يىللىق 1– 
    سانىدىن ئېلىندى.)
    ٭


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    评论

  • ھازىرقى پاكىستانلىقلارمۇ دىننىي سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ھىندى قېنىدىن بولغانلىقىنى رەت قىلىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولسىمۇ، دىننى پەرق سەۋەبلىك، بۇنى كۆپ پەش قىلمىغان.
  • ياخشى تېما ئىكەن داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.