• (2)مەڭگۈلۈك ئۇدۇم --- دوپپا - [ئىلمىي ماقالىلەر]

    Mar 28, 2010

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/61233040.html


    (2)مەڭگۈلۈك ئۇدۇم --- دوپپا

     

    ---- دوپپىدىكى ھېكمەت ۋە خىسلەت

     

    ئابدۇشۈكۈر كېرىم كۆك (رەسسام)

     

     

     

    بۇنىڭغا بەزىلەر قەبرە دېسە، يەنە بېزىلەر يەر دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئېنىق پىكەر بىرلىكى شەكىللەنمىدى. مەيلى يەر دەيلى، مەيلى قەبرە دەيلى، بۇ ئىككىسىنى ئەمەلىيەتكە سەل يېقىنلاشقان دېيىش مۇمكىن.. بۇ كېزەكتىكى گۈل نۇسخىسى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى ئوخشاش شەكىلدە بولىدۇ. بەزىسى دۆڭلۈك شەكىلدە كەلسە، بەزىسى كۆۋرۈك شەكلىدە كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە دېمەكچى؟ ئەجدادلىرىمىز: سېنىڭ ھاياتلىق تەقدىرىڭ، دەيدۇ. ياراتقۇچىنىڭ قۇدرەت كامالى بىلەن ئانىدىن يېڭى جان دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئادەم تۇغۇلدى، يەرگە چۈشتى. بىر دۆڭ – بىر كۆۋرۈك. بىر دۆڭ بىر كۆۋرۈك – سېنىڭ ھاياتلىق مەنزىلىڭ. سەن بەسىدە بەخت-ساادەتلىك بولىسەن، بەسىدە خارابلىشىسەن، بىر چىقىسەن، بىر چۈشىسەن؛ بىر چىقىسەن، بىر چۈشىسەن؛ دۇنيا مانا مۇشۇنداق دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ. بىر چىقىپ، بىر چۈشۈش سېنىڭ تەقدىرىڭدۇر، دەيدۇ. نەپىس سەنئەت ئەسەرلىرىدە بادام شەكىللىك ئادەم سۈرەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ئەسەرلەر يۇقىرىقى كۆزقاراشنى مۇەييەنلەشتۈرىدۇ. مەن بۇ رەسساملىقتىن تۇغۇلغان پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىلىپ تۇرۇپتىمەن، نۇرغۇن كىشى قارشى چىقىدۇ. ئەمما مەن قارشى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارشى ئەمەسمەن. قارشى پىكەر مېنىلا ئەمەس، بەلكى ئاۋام خەلقنىمۇ تەربىيىلەيدۇ. مۇلاھىزە-مۇھاكىمە ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىيىمىگە ئۆزىمىز باھا بېرەيلى.
    چىمەندوپپا
    چىمەندوپپا كۆكلەم (ھاياتلىق)قا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھاياتنىڭ كۆكلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ دوپپىدا ئوتتۇرىدىن چىققان دەرەخ غولىدەك پور رەڭلىك بىر شەكىل بار. ئۇنىڭدىن ئۇزۇن شاخچىلار چىقىپ تۇرىدۇ. ھەربىر ئۇزۇن شاختا بادام شەكىللىك يوپۇرماقتەكبىر شەكىل بار. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ دوپپىنىڭ تالاسى ۋە كېزەكتىكى گۈللەرنى گۈللەرنى بىرلەشتۈرۈپ چوڭ تەرەپتىن كۆزەتسەك بىر تال مايسا شەكلى پەيدا بولىدۇ، بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ مايسا كۆكلەشنى بىلدۈرسە، چوڭ شاخ ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر بۇنى يوپۇرماق ئىكەنغۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەجدادلىرىمىز بىزگە دېمەكچى، چۈشەندۈرمەكچى بولغان نەرسە دەل بادامسىمان يوپۇرماقتۇر. ئۇ بىر قارىسا يوپۇرماققا، بىر قارىسا بادامغا ئوخشايدۇ. بىز بۇ شەكىلنى بادامدوپپا بايانى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق قارىشى بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلغىنىمىزدا، بۇ شەكىلنى ئانىنىڭ سۈرىتى دەپ جاۋاب بېرەلەيمىز. چۈنكى ئانىسىز ھاياتلىق بولمايدۇ.                                            كېرىيە تەلپىكى
       كېرىيە تەلپىكى – ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك باش كىيىمى، يەنى كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئۈستىگە قىيپاش قادايدىغان، يەرلىك خاسلىققا ئىگە بولغان، تەڭرى سۈپەتلىرى چۈشۈرۈلگەن، زىننەت بۇيۇمۇ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە باش كىيىمىدۇر.
       بۇ تەلپەكنىڭ تەگ دىئامېتىرى 10چم ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى 5-6 چم ئەتراپىدا، ئۈستىنىڭ دىامېتىرى 3-4چم ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈستى تەرەپكە كۈمۈشرەڭ ياكى يۈشىلراق رەخت، 5-6چم ئېگىز جايىغا قارا قوزا كۆرپىسى، بۇغداي كۆرپىسى ۋە بەسىدە قوپالراق توقۇلغان توقۇلمىدىن تىكىلىدۇ. كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن يېقىشلىق ۋە چىرايلىق. بىز ئادەتتە بۇ تەلپەكنى يان تەرەپتىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇنىڭ پەقەت زىننەت بۇيۇمى ئىكەنلىكىنىلا كۆرەلەيمىز. ئەمما ئۈستى تەرەپتىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئەتراپى قارا، ئوتتۇرىسى قۇياش رەڭ بىر نەرسىنىڭ يالتىراپ تۇرغىنىنى بايقايمىز. مانا بۇ ئەجدادلىرىمىز ئۇقۇمىدىكى كۆكتەڭرى بىلەن كۈن تەڭرىنىڭ سۈرەتلىرىدۇر. كېرىيە ئاياللىرى بۇ ئېتىقاد بەلگىسىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد خاس زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە بېشىغا قاداپ كەلگەن.
                             ئېگىز تۇماق (يېڭىسار تۇمىقى)
       بۇ تۇماقمۇ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئېتىقاد شەكلىنى ئالغان قەدىمىي باش كىيىمىزدۇر. بۇ تۇماقنىڭ ئەڭ ئىگىزلىرى 30چم ئەتراپىدا بولۇپ، قارا قوزا ۋە ئاق قوزا كۆرپىسىدىن تىكىلىدۇ. بۇ تۇماق ئادەتتىكى كۆرپە، قوناق كۆرپە، بۇغداي كۆرپە قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. قارا كۆرپىدىن تىكىلگەن تۇماقنىڭ ئۈستى يۇمىلاق ئاق تېرە ياكى ئاق كۆرپىدىن، ئاق كۆرپىدىن تىكىلگەن تۇماقنىڭ ئۇلىمىسى يۇمىلاق قىزىل رەختتىن تىكىلىدۇ. بۇ تۇماقلارنى ئۈستى تەرىپىدىن كۆزەتكىنىمىزدە قارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاق قۇياش، ئاق كۆرپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل قۇياشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ تۇماقلاردىمۇ ئوخشاشلا كۈنتەڭرى بىلەن كۆكتەڭرى سۈپەتلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەرەنچە، ئايالچە قاما تۇماقلاردىمۇ بۇ خىل شەكىللەر كۆرۈلىدۇ. تۇماقتىكى بۇ ئىپادىلەر دوپپىدىكى تەڭرى ئۇقۇمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
                       گۈزەللىك ۋە دوپپا كىيىش قائىدىسى
    تەبىئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتىنى ھېس قىلالماسلىق، تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت تۇنجى ئۇستازنى دوست تۇتماسلىق --- نادانلىقنىڭ بېشارىتىدۇر. ئويلاپ كۆرەيلى، قانداق كەشپىيات تەبىئەت دۇنياسىدىن مۇستەسنا بارلىققا كەلگەن؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتتا تەبىئەت دۇنياسىغا مۇراجىەت قىلماي تۇرالمايمىز. شۇڭا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەش، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىلىش ۋە چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۈر.ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئۇقۇملىرى ۋە ئۇلار ياراتقان جۇلالىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا گۈزەللىك جەھەتتە قىل سىغمايدۇ. بىراق بىز تەبىەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن مەھكەم بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان دوپپىدىكى سىر-ھېھمەتنى چۈشەنمەسلىكتىن بەزىبىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويدۇق. ئاددىيسى دوپپىنى قانداق كىيىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە خىلمۇ-خىل قاراش بار. توغرا، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قارىشى بار. ئەمما گەپنى پاكىتلىق، ئىلمىي قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ جەھەتتە ئۇزۇن يىللىق كۆزىتىش، ماتېرىيال كۆرۈش،  جەمئىيەتتە تەكشۈرۈش ۋە كەسپىي سېزىمىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويىمەن:
    1. دوپپىنىڭ تۆت قىرلىق لايىھىلىنىشى قانداقتۇر ھازىرقى بازار ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى دوپپا يېقىنقى دەۋردە ئىجاد قىلىنغان باش كىيىم ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل-پاراسەتلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىدىندۇر. ئەينى زامانلاردا ئەجدادلىرىمىز ئادەم بېشىنىڭ تۆت قىرلىق-تۆت تەرەپلىك كېلىدىغانلىقى، تۆت تەرەپنىڭ --- ئادەمنىڭ تۆت تەرىپى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت تۆت تەرەپ قارىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن دوپپىنى تۆت قىرلىق قىلىپ لايىھىلىگەن ھەم دوپپىنىڭ تۆت قىرىنى باشنىڭ، بەدەننىڭ تۆت تەرىپىگە كەلتۈرۈپ كىيىشنى بەلگىلىگەن.
    2.دوپپىنىڭ تۆت قىرىنى ئادەمنىڭ تۆت تەرىپىگە توغرىلاپ كىيىشنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرى بار: ئۇيغۇر دوپپىلىرىغا شامانىسم ئېتىقادىدىن قېپقالغان ئېستېتىك قاراش – چۈشەنچە بويىچە كۆك تەڭرى ۋە كۈن تەڭرىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگە-سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن. كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتى تۆت تەرەپتىن ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولۇشى، ئالدى تەرەپتىكى كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتىنىڭ خۇددى تاج شەكلىدە پېشانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئەينى زاماندا بولسا، كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتىنى پېشانىگە كەلتۈرمەيمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ كۈن تەڭرى-دە! ئەمەلىيەتتىمۇ كۈن تەڭرىنىڭ سۈرىتى باشنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە توغرا كېپقالسا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە توغرا كەلمەيدۇ. ئېستېتىك ئاڭنىڭ ئىپتىداىي مەنبەسىدىن ئالغاندا، كۈن تەڭرى چوقۇم پېشانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىشى ۋە تۆت تەرەپ ئېنىق بولۇشى لازىم.
    3. تۈز سىزىق، تۈز بەتكە بۇلۇڭنى زورلاپ كەلتۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. گەرچە دوپپىنىڭ توقۇشى يۇمىلاق توقۇلغان بولسىمۇ، تۆپە تەرەپ تۆت قىرلىق بولغىنى ئۈچۈن كۆرۈش سېزىمىدە دوپپىنىڭ قانداقتۇر بىر يېرى قولاشمايۋاتقاندەك، دوپپىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا يوچۇق قالغاندەك سېزىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بەزى كىشىلەر يېڭى دوپپا كەيگەندە دوپپىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا بوشلۇق پەيدا بوپقالىدۇ. مانا بۇ دوپپىنىڭ خاتا كىيىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
    4. رەسساملىق نۇقتىسىدىن نەپىس سەنئەتتىكى قاىدە-قانۇنىيەتلەر تەبىەتنىڭ گۈزەللىك قانۇنىيىتىنىڭ نەزەرىيىۋىلەشكەن ئىنكاسىدۇر. بىز تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ مۇەييەن قانۇنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ تەبىئەت دۇنياسىدا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىراي، ئوپخشاش ئاۋاز، ئوخشاش شەكىل، ئوخشاش رەڭ تۈسى، تەكرار سىزىق، تەكرار نۇقتا، چەكسىز ئۇزۇن سىزىقلار مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا بىزگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان دەرەخ يوپۇرماقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ، تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئاساسىدۇر. گۈزەل سەنئەت پېشۋالىرىمىز گۈزەللىك توغرىسىدىكى تارىخىي خاتىرىلىرىدە بۇنى نەزەرىيە ۋە شەكىل جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق دەلىللەپ بەرگەن. ئەمەلىي تۇرمۇشتا تەكرار نەرسىلەرنىڭ يېقىمسىز كېلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئوخشاشلا دوپپا كىيىشىمىزدە تەكرارلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. “دوپپىنى قانداق كىيىش كېرەك؟” دېگەن مەسىلىدە، بېزىلەر: دوپپىنىڭ قىرىنى پېشانىگە كەلتۈرۈپ كىيىش كېرەك، دەيدۇ. بۇ خىل دوپپا كىيىش ئېگىز قاڭشىرىمىز ۋە ئىككى قۇلاق تەرەپتە تەكرارلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەكرارلىق گۈزەل سەنئەتنىڭ گۈزەللىك قاىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. گۈزەل سەنئەتتە تەكرارلىق گۈزەللىكنى بۇزىدۇ، دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ دوپپىنىڭ قىرىنى پېشانىمىزگە كەلتۈرۈپ كەيسەك بىر چىرايلىق ئوبرازىمىزنى بۇزىدۇ، خاسلىق يوقىلىدۇ. بۇنداق كىيىلگەن دوپپا كىشىگە جايىنى تاپالمىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمما دوپپا كىيىشنىڭ توغرىسى – قاڭشىرىمىزنى بىر تىك سىزىق دەپ ھېسابلىساق، بۇ تىك سىزىققا دوپپىنىڭ قىرىنى ئەمەس، يۈز (بەت) قىسىمنى ئۇدۇل كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. دوپپا شۇنداق كىيىلگەندىلا گۈزەل سەنئەت ئىلمىدىكى گۈزەللىك قاىدىسىگە چۈشىدۇ ھەم دوپپىنى توغرا كىيگەن بولىمىز. بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئىشتا قانۇنىيەت ئۆلچەمدۇر.
                   باش كىيىملىرىمىزنى تاپايلى
    كىمنىڭ قانداق كىيىم كىيىشى شەخس نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ خاھىشىدىكى ئىش. ئەمما چوڭ توپ – مىللەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مەسىلە.
    زامانىۋىلىشىش، يەر شارىلىشىش دولقۇنى دۇنيادىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ھادىسىسىنى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى. نەتىجىدە ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇنيا خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئىستېمال ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى-دە، باشقا نۇرغۇن ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ئۇلارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى. بىزدەك مەدەنىيەت جەھەتتە بىرقدەر ئاجىز مىللەتلەردىمۇ يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىق ئادەتلەردە زور ئۆزگىرىش، ئاينىش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىز بۈگۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرىمىزنى پەقەت ھازا، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ كۈنلىرىدىلا كىيىپ، باشقا چاغلاردا تاشلىۋېتىپ بارغىنىنى، كىيگەندىمۇ كىيىش قاىدىسى بويىچە توغرا، يارىشىملىق كىيمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، توغرىسى كىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ھەتتا مەدەنىيەت ئېڭى ئاينىغان بەزىبىر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئار-نومۇس، ھايا دېگەندەك گۈزەللىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي نېگىزىنى ئۇنتۇپ يېرىم يالىڭاچ بولۇۋالىدىغان، ھىندىستان، پاكىستان ئاياللىرىنى دوراپ، بۇرۇن، كىندىكىنى تېشىپ ھالقا سېلىۋالىدىغان قىلىقلىرىنىمۇ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق. بىر چىرايلىق دوپپا كىيىپ، ياغلىق ئارتىۋالغانلارنى مەتۇ، سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەتتا شۇنداق كىيىنگەنلەرمۇ ئۆزىچە خۇدۈكسىرەپ قالىدىغان مەنىۋى بىنورماللىق ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. دوپپا كىيگەنلەرنىڭمۇ ئۆلچەملىك كىيىش قاىدىسى بويىچە كىيەلىگەن-كىيەلمىگەنلىكى، ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ دوپپىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ كىيىۋېلىشى، ھەتتا سەبىيلەردىمۇ جىنس پەرقى پەرقلەندۈرۈلمىگەن ھالدا دوپپا كىيىپ چىقىشنىڭ سادىر بولۇشى ماھىيەتتە يالغۇز دوپپا ھەققىدىكى تونۇش-چۈشەنچىنىڭ ئومۇملىشىشىلا ئەمەس، بەلكى دوپپىنى بەلگە قىلغان مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىشىدۇر.

     

    دوپپا بىزگە نىسبەتەن مىللىي سالاھىيەتنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى. مىللەت ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى، بەلگە-بايراق سۈپىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن مىللەتتۇر. بىر قاراشتىلا كىملىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگۈچى ئاشۇ ئەنئەنىمىزنى، سالاھىيەت بەلگىمىزنى تاشلىمايلى، توغرا يوسۇندا تېپىۋالايلى! (تامام)


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ: