-
مانجۇ تىلىنىڭ يوقىلىش سەۋەبى نېمە؟ - [ئىلمىي ماقالىلەر]
Mar 26, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61138444.html
مانجۇ تىلىنىڭ يوقىلىش سەۋەبى نېمە؟
مانجۇ مىللىتى ئاكتىپ، تىرىشقاق مىللەت بولۇپ، خاراكتېرى ئوچوق، چەتتىن كىرگەن كۈلتۈرنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ كەلگەن بولۇپمۇ تارىخى ئۇزۇن، مول ۋە چوڭقۇر ئىەنزۇ كۈلتۇرىنى ئىنتايىن چوڭ بىلگەن.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ تىلى مانجۇ يېزىقى «دۆلەت تىلى»، «چىڭ تىلى» بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇزۇنغا بارمايلا مانجۇلار تاق تىللىق بولۇشتىن مانجۇ خەنزۇ تىللىق بولۇشتەك قوش تىللىق بولۇشقا ئۆتۈپ، ئاخىر يەنە خەنزۇ تىلىغا كۆچكەن. نۆۋەتتە مانجۇ تىلىنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى مانجۇ ئاقساقاللىرىلا بىلىدۇ. مانجۇلار ئانا تىلنى پەقەت ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىغىلا ئىگە. سۆزلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن. ياكى سۆزلەش ئىقتىدارى تامامەن يوق.
مانجۇلار شەنخەيگۈەن قوۋۇقىدىن كىرگەندىن كىيىن، مانجۇ - خەنزۇلارنىڭ ئۆز ئارا توي قىلىپ ئائىلە تەركىبىنى ئۆزگەرتىشى شۇنىڭدەك ئورتاق تىلنىڭ تەسىرىدىنمۇ مانجۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىغا ئۆتۈشى تىزلەشكەن. مانجۇلار شەكىللىنىش، تەرەققىيات جەريانىدا يات ئەزالارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدا مانجۇلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن توي قىلىشى ئاساسلىق ئامىل، ئۇنىڭدىن باشقا، مانجۇلارنىڭ خوشۇن ئۆزگەرتىشى،، قايتىدىن خوشۇن تەشكىللىشى، خەنزۇلارنى تولۇقلىشى، خەنزۇلارنى بېقىۋېلىشى، ئۈچ قارام بەگنىڭ خوشۇنغا كىرىشى بىلەن خەنزۇلار كۆپلەپ سىڭىپ كىرگەن، بۇ يەنە بىر ئامىل.
1644-يىلى زور بىر تۈركۈم مانجۇلار شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە كىرىپ خەنزۇلار ئارىسىدا تارتاق ئولتۇراقلاشتى، مانجۇلارنىڭ قوۋۇقتىن كىرىشتىن ئاۋۋالقى نىسبەتەن يىغىلىپ ئولتۇراقلىشىشى خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلىشىشقا ئۆزگەردى. تىل مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى مانجۇ - خەنزۇ تىللىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىگىمۇ تۈپتىن ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كەلدى. مانجۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئاساسلىق ئېقىم بولۇپ قالدى. بىر مەزگىل مانجۇلار قوش تىللىق بولغان بولسا تەدرىجىي تاق تىل- خەنزۇ تىلى ئىشلىتىشكە ئۆتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىيلوڭجىياڭنىڭ ئاز ساندىكى رايونلىرىدىكى مانجۇلار مانجۇ- خەنزۇ تىلىنى تەڭ ئىشلەتكەندىن باشقا، باشقا جايدىكى مانجۇلار ئاللىقاچان خەنزۇ تىلىغا كۆچۈپ بولغانىدى.
بېزىلەر شىنجاڭ چاپچالدىكى 20مىڭ شېۋە سۆزلەيدىغان شېۋە تىلىنى مىسال قىلىپ مانجۇ ئېغىز تىلى ئۇنچە تىز يوقالمايدۇ دېيىشىمەكتە. دەرۋەقە، ھازىرقى شېۋە تىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن مانجۇ تىلىنىڭ بىر خىل ۋارىيانتى، شېۋە تىلى بىلەن مانجۇ تىلىنىڭ پەرقى خەنزۇ تىلىىنىڭ بېيجىڭ تەلەپپۇزى بىلەن شەرقى شىمال تەلەپپۇزى نىڭ پەرقىدىن جىق تۆۋەن تۇرىدۇ. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن « مانجۇ ئېغىز تىلى»نىڭ تۇرمۇشىمىزدىن يوقالغانلىقى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئېزىدىغان مەڭگۈلۈك ھەسرەت بولۇپ قالغۇسى.
收藏到:Del.icio.us