ھايات تامچىلىرى
قەلب ئېتىزىغا پىتنە-ئېغۋا ئۇرۇقلىرىنىڭ چېچىلىشىدىن ئۈنۈپ چىققان ئاداۋەت بىخلىرىنى ئەپۇچانلىقتىن ئىبارەت خىسلەتلىك دۇرىلار يىمىرىپ تاشلايدۇ
كۆڭلۈم ئازار يىمىسۇن دىسەڭ، سەمىمىي، ئاقكۈڭۈل، ياخشى بىلەن ھەمسۆھبەت بول، كۆڭۈل ياخشىلاردىن ئازار يىمەيدۇ:ھاياتلىق يۇلى ئەگرى-تۇقاي ھەم ئۇزاق يول، ھاياتلىق يۇلۇڭودا ئېزىپ كەتمەي دىسەڭ،ئاقىل، دانا بىلەن ھەقىقى ئۈلپەت بول: باشقىلار مىنى ھۆرمەتلىسۇن دىسەڭ، ئالدى بىلەن ئۈزۈڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بول
تۇرمۇش
تۇرمۇش مۇرەككەپ بۇلدۇ، ئۇنىڭدا خۇ شاللىق، خاپىلىق،غەم-قايغۇ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردۇ. لىكىن ئادەملەرنىڭ ئاشۇ خىل تۇرمۇشقا بولغان قارشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشلەر خۇشالىقتىن شادلىنىپ، ئۈزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدۇ، خاپىلىق، غەم-قايغۇغا يۇلۇققاندا،ئۈزنى يۇقۇتۇپ پۈتۈن دۇنيادىن، كىشلەردىن ئاغىرنىپ ئۈزىنى نابۇت قىلدۇ. بەزى كىشىلەر خۇشالىققا يۇلۇقسا ئۇنىڭدىن ھەممىنى بەھىرمان قىلىپ، خاپىلىق قايغۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۈزىنى تېخىمۇ قەيسەر تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈردۇ بۇلارنى چۈشەنسىڭىز،دۇنيانى چۈشۈنىسىز
دوستىڭىز ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزغا مىننەت قىلماڭ، دوستلۇق ئۈچۈن ھەممىدىن كېچەلەيدىغانلارنى قەدىرلەڭ: بەزى ۋاقىتتا گەپلىرىڭىزنىڭ باشقىلارنى قانداق ئازاپلايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۈزۈڭىزنىڭ خۇشاللىقلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئازابى ئۈستىگە دەسسەتمەڭ
بىر قەدەمنى خاتا باسسىڭىز ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىسىز