مۈشۈك بىلەن چاشقان
قەدىمكى زاماندا، چاشقانلار كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ناھايىتى خاتىرجەم ياشايدىكەن. ئۇلار تام ئارىلىقلىرىدا ئۇۋا تۇتۇپ، ئەركىن يۈرىدىكەن. ئۇلارغا ھېچكىم چېقىلمايدىكەن.
ئۇلار كۈندۈزلىرى ئېسىل يېمەكلىركلەرنى چۈشەپ ئۇخلايدىكەن. كەچتە بولسا چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەركەت قىلىدىكەن ۋە ئۆي ئىگىلىرى ئوچۇق قويغان تائاملارغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.
گەرچە چاشقانلار ئەقىللىق ھەم ھوشيار بولسىمۇ، لېكىن بىر كۈنى بىر چاشقان دىققەتسىزلىكتىن ئۆي ئىگىسى قۇرۇپ قويغان قاپقانغا چۈشۈپ قاپتۇ.
ھەمراھىغا يەتكەن مۇسىبەتتىن چۆچۈگەن چاشقانلار توپى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپتۇ ھەم بۇ ئىشتىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىپ ، قاپقانلارغا دەسسەپ قېلىشتىن قورقۇپ، تائاملاردىن نېرى تۇرىدىغان بوپتۇ.
بىر كۈنى چاشقانلار ھويلىدا تىرناقلىرى ئۇزۇن، ھەم ئۆتكۈر بىر مۈشۈك بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. مۈشۈك ناھايىتى چاققان بولغاچقا ، بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خېلى كۆپ چاشقانلارنى يوقىتىپتۇ.
چاشقانلار مۈشۈكنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۈشۈكتىن مۇداپىئە قىلدىىغان بىرەر نەرسە ياساش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپتۇ.
بىر چاقشان:« بۇ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتەيلى، بولمىسا مۈشۈك بىزنى ئاخىر بىر كۈن يەپ تۈگىتىۋىتېدۇ ياكى ئوۋىمىزدىن چىقالماي ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيمىز!» دەپتۇ.
يەنە بىر چاشقان:« كۈندۈزى مۈشۈك ئۇخلاپ قالغاندا چىقىپ، كېچىسى ئوۋىمىزغا قايتايلى !» دەپتۇ.
لېكىن ، چاشقانلار بۇ پىكىرلەرنى مۇۋاپىق كۆرمەي يەنە ئويلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدكى ئەڭ كىچىك چاشقان مۇنداق دەپتۇ:« بىز نېمنىشقا مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويمايمىز؟ ئاشۇنداق قىلساق، ئۇ ھەركەت قىلغان ھامان بىز ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ ئۆزىمىزنى ئۇنىڭدىن قاچۇرالايمىز ئەمەسمۇ؟»
چاشقانلار ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولغان بۇ پىكىردىن كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ ھەم « چوڭلار بار يەردە ساڭا نېمە گەپ؟ چوڭلار گەپ قىلغاندا كىچىكلەر جىم تۇرۇشى كېرەك» دەپ، بۇ پىكىرنى رەت قىپتۇ. لېكىن ، چاشقانلارنىڭ ئاقساقىلى ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
بىر قىسىم چاشقانلار:« جانابلىرى، بۇنى قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسۇن؟ بىز ھەتتا مۈشۈكتىن ئۇخلاۋاتقان ھالەتتىمۇ قورقىدىغان تۇرساق، قانداقمۇ ئۇنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئاسالايمىز؟» دەپتۇ.
چوڭ چاشقان:« بۇنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار! مەن بىرقانچە قاۋۇل چاشقانلار بىلەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرەي. بۇ كىچىك چاشقانمۇ بىز بىلەن بىرگە بولسۇن!» دەپتۇ.
ئۇلار چىڭقى چۈشتە ئۆينىڭ تىپ-تىنچ بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مۈشۈك بۇ چاغدا، « چاشقانلارنى ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ.
چاشقانلار چاپلىشاڭغۇ ماي قاچىلانغان بىر قاچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ يەرنى مايلاپ قويۇپتۇ. مۈشۈك چاشقانلارنى سېزىپ قىلىپ دەرھاللا ئۇلارغا ھۇجۇم قىپتۇ.
لېكىن ، پۇتلىرى مايغا چاپلىشىپ قالغان مۈشۈك ھېچقانداق ھەرىكەت قىلالماپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر توپ چاشقان چىرايلىق شوينا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قوڭغۇراقنى تېزلىك بىلەن مۈشۈكنىڭ دۈمبىسىگە ئېلىپ چىقىپتۇ، كىچىك چاشقان ماھىرلىق بىلەن ئۇنى مۈشۈكنىڭ بوينىغا باغلاپتۇ.
ماي قۇرۇغاندىن كېيىن مۈشۈك پۇتلىرىنى مايدىن ئاجرىتىپتۇ ۋە قاتتىق غەزەپكە تولۇپ چاشقانلاردىن ئىنتىقام ئالماقچى بوپتۇ.
لېكىن، مۈشۈكنىڭ بوينىدا قوڭغۇراق بولغاچقا، ئۇ قەيەرگىلا بارسۇن، چاشقانلار ئۇنىڭ ئورنىنى بىلىۋالىدىكەن-دە، دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن مۈشۈك ھەرقانچە قىلىپمۇ قىساس ئالالماپتۇ. چاشقانلار قايتىدىن خوشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ.